You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » تۈركىيە نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟

تۈركىيە نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلىدۇ؟

رودىئون ئەبىگخاۋسەن Rodion Ebbighausen (Deutsche Welle تۈركچە پروگرامما خادىمى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇۋەلى غېنى

گېرمانىيە پروفېسسورى سۇزاننا شرودېرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان بۇ ئېغىر بېسىمىغا سۈكۈت قىلىشىغا تاشقىي سىياسەتتە يالغۇز قالغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى ئاساسلىق رول ئويناماقتا.   

خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئەڭ كۆپ غەرب دۆلەتلىرى ئىنكاس قايتۇرماقتا. ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى قوغدىغان تۈركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرى بولسا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە سۈكۈت قىلماقتا. فىرانكفورت دۈنيا ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور دوكتۇر سۇزان شرودېرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۆزنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئويلىغانىلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ.

گېرمانىيە مۇتەخەسسىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش داۋا قىلغان پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە بىر بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلاشغانلىغى ئۈچۈن  تۈركىيە بىر سىياسىي تاللاشقا مەجبۇر قالدى. نەتىجەدە خىتاي بىلەن  سىياسى بىر ئىتتىپاقداش تۈزدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە سىياسى مۇناسۋىتىنى ئامال بار ياخشى تۇتماقتا».

ئىسلام دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتۇر سۇزان شرودېردىن سورىغان سوئاللىرىمىز ۋە ئۇنىڭ بىزگە بەرگەن جاۋابلىرى:

DW: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلىرىدا يولغا قويغان كۆزىتىش ۋە قايتا تەربىيىلەش سىستېمىسى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن ئاشكارىلاندى. ئىنسانلار بۇ سىستېمىگە قانداق قارىماقتا؟

شروتېر: خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن مۇستەبىت ھۆكۈمەت بولۇپ ھەر قانداق ئۆكتىچىلەرنى قەتئى نەزەر باستۇرىدۇ. خىتاي پەقەت ئۇيغۇر قارشى چىققۇچىلارنى ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق ياكى دېموكراتىيىلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىمۇ نىشانغا ئالماقتا. مەسىلەن، ئىلگىرى فالۇنگۇڭ ھەرىكىتى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇلدى، دالاي لامانىڭ تىبەتتىكى ئەگەشكۈچىلىرىمۇ بۇ بېسىمنىڭ نىشانى بولىغان. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر قارشى چىققۇچىلارغا يۈز بەرگەن ئىشلار ھەرگىزمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئىسلاھ ئۈچۈن قۇرۇلغان لاگېرلار 20-ئەسىردىكى كوممۇنىست خىتاي تارىخىدىكى  قارشى پىكىردىكىلەرنى قورقۇتۇپ ئىنسانلارنى  كومپارتىيە بىلەن بىر سەپكە كىرىشكە مەجبۇرلايدىغان ئەڭ ئ‍ۈنۈملۈك ۋاسىتىدۇر. خىتاينىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرگە قارشى تۇرغانلار مۇشۇ شەكىلدە يوق قىلىنغان.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا  قىلغانلىرىنىڭ ئاساسى نېمە؟

خىتاي رەھبەرلىكى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى شەكىللەندۈرشى،  بۇ قاتتىق باستۇرۇش ئۈچۈن سەۋەبتۇر. بۇنىڭدىن باشقا شەرقى تۈركىستاندا پەقەتلا بىر سىياسىي خاراكتېردە بۆلگۈنچىلىك ھەركىتى بولماستىن  بەلكى مۇسۇلمان خاراكتېردىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىمۇ بار. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت ب د ت ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. مەسىلەن، 2014-يىلى 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكىگە ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى ئۇيغۇر رادىكاللىرى ئېلىپ باردى. خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بۇ خىل ھۇجۇملار بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللانغان تەدبىرلىرىنى ئاقلىدى. ھازىرغا قەدەر ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن مەقسىتىگە يەتتى.

قاتتىق نازارەت ۋە كۆزىتىش ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلار ھېچقانداق ھەرىكەت قىلالماقتا. بۇ ئۇسۇللار كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شەكىلدە قارشىلىق كۆرشىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مەقسىدىگە يەتمەكتە.

 ئىسلام دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇمغا قارشى ئاۋازلىرىنى چىقارمايدۇ؟

ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇم ئەڭ كۆپ غەرب ئەللىرى تەرپىدىن تەنقىد قىلىنماقتا. بىر قانچە يىل ئىلگىرى ، تۈركىيە ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىدى. ھەتتا ئەردوغان 2009-يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز قىلغان. ئەردوغان ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاپ  ئۇلارنىڭ تۈركىيىدىكى سىياسى رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلغان. ۋە ئۇلارغا پاناھلىق ھەققى بىرىپ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت بەرگەن. ئەردوغانغا نىسبەتەن بۇنداق قىلىش پان-تۈركچى ياكى ئۈممەتچى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئېدى. ئەمما بۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 2017-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتتىق قوللۇق قىلىشنىڭ ئۇچۇرىنى بەردى. بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇلارنىڭ نامايىش ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. ھەتتا بەزىلىرى قولغا ئېلىندى. ئەردوغان ھەتتا بۇ يىل يازدا خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىنى ماختىدى.

ئەردوغاننىڭ سىياسىتىدىكى بۇ بۇرۇلۇشنى نېمىگە باغلايسىز؟

بۇنىڭ ئىككى كونكرېت سەۋەبى بار. بىرىنچى، تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلاشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە سىياسەتتە تاللاش ئىچىگە كېردى ئاخىرى خىتاي بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا قارار بەردى. شۇنداقلا، تۈركىيە ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى سودا مۇناسىۋەتكە جىددىي ئىھتىياجى بار. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى تەرەققىيات تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھالبۇكى خىتاي ئەردوغاننىڭ ئۆكتىچىلەرگە بېسىم سىلىش سالماشلىقىغا پەرۋا قىلمايدۇ.

باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق؟

ئىرانمۇ خىتاينىڭ ئېتنىك مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلمايدۇ. خىتاي ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خېرىدارى. بۇنىڭدىن باشقا ، خىتاي ئىراننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي لاھىيەلىرىنىڭ شېرىكى سۈپىتىدە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرماقتا. پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئىقتىسادىي سەۋەبلەر بىلەن خىتاينى تەنقىد قىلمايدۇ. ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانمۇ خىتاينىڭ ئېتنىك مىللەتلەر سىياسىتىنى ماختىدى. باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئىلان قىلدى. بۇ دۆلەتلەردە يەنە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت،  قوللانغان پوزىتسىيەدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.

ئىسلام دۆلەتلىرى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، ھەتتا ئۇلار غەرب ئەللىرى تەرپىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن تەنقىدلەنمەكتە. مىسىر، دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى، پاكىستان، ئىران ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇشۇ ئەھۋالدا. خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى بىلەن ھېچقانداق كارى يوق. خىتاي بىلەن ھوقۇقىڭىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم سودا قىلالايسىز.

يازمىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىنى بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇيالايسىز: ?Türkiye Çin’in Uygurlara baskısına neden sessiz kalıyor

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top