You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خىتاينىڭ ۋەھشىي يۈزى: شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى

خىتاينىڭ ۋەھشىي يۈزى: شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى

دوكتور گۈلسەدا ئاجەت ئىنجە (تۈركىيە توكات غازى ئوسمانپاشا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىمى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئويغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەتىجە قاسىم

تەھرىر: مىھراي ئوسمان

قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇزۇن تارىختىن بۇيان دۇنيانىڭ ناھايىتى كۆپ رايونلىرىدا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلار يۈز بەرگەن. «ئەرمەنى زۇلۇمى»، «يۇنان زۇلۇمى»، «سىرپ قىرغىنچىلىقى» ئۇزۇن يىللار ئىنسانلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن نەتىجىلەندى ۋە دۇنيا تارىخىدا قارا داغ بولۇپ قالدى. كۈنىمىزدە بولسا بۇلارغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق يۈز بەرمەكتە. تەخمىنەن 70 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان زۇلۇمى بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاچچىق ئۆرنەكلىرىنى تەشكىل قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، مۇھىم كۆمۈر ۋە نېفىت مەنبەلىرى بولغان ۋە ھەم خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان چىقىش ئېشىكى بولغان بۇ رايوندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي زۇلۇمى داۋام قىلماقتا. خىتايلار تەرىپىدىن رايوندىكى خەلقلەرنىڭ دىنىنى ياشىشى، تىللىرىنى قوللىنىشى، ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ياشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە.ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئەسلى مەقسىتىنىڭ رايوننى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردىن تازىلاش، ئۇلارنى يوق قىلىش ئىكەنلىكى ئوچۇقتۇر.

ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2013 تە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسەن، خىتاينىڭ رايوندا ئومۇملاشقان كەمسىتىلىش، دىننى پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان بېسىم ۋە ئېغىرلاشقان بىر مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئىپادىلەندى. ئەمما خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدىكى ئورنى، خەلقئارا سىياسىتىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى بۇ رايوندا يۈزبەرگەن زۇلۇملارنىڭ سەل قارىلىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئاۋۋال خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە پۈتۈن خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىدۇر. تۈركىيە تەرىپىدىن نۇرغۇن خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا بۇ تېما كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشكە تىرىشسىمۇ بۇ تىرىشچانلىقلار يېتەرلىك بولمىغان. بۇ مەزمۇندا ئاۋۋال ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە ئىمكان قەدەر تېز ئادا قىلىشى كېرەك، ئەكسىچە بولغاندا ئىگىسىز كۆرۈنگەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئېرىقداش ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياشىغان زۇلۇمى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ داۋاملىشىدۇ، رايوندىكى بىرمۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئۆلۈپ تۈگىگىچە… شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ شددىتىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىزمەتنىڭ باشقا بىر مەقسىتى خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش نۇقتىسىدىكى كەمچىلىكلىرىنى ئىپادە قىلماقتا. شۇنداقلا بۇ ئازابلارنىڭ ئەڭ قىسقا زاماندا تۈگىشى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىكلەرنى كۆرسىتىشمۇ بۇ خىزمەتنىڭ باشقا بىر مەقسىتىدۇر.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق

كىرىش سۆز

ئۇزۇن تارىخلاردىن بۇيان نۇرغۇن مەدەنىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان ۋە ھەر مەزگىل پەرقلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇلغان « ياۋرو-ئاسىيا» ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ بىرلەشكەن ناھايىتى مۇھىم بىر رايوندۇر. بۇ ئەھۋال،مۇھىم بىر سىياسەت ئالىمى زىبىڭنىۋ كازىمىرىز بىرزىنىسكىي تەرىپىدىن 1977-يىلى نەشر قىلىنغان ئىنگلىزچە ئىسمى “The Grand Chessboard: American Primacy And Its Geostrategic Imperatives” بولغان ۋە «بۈيۈك شاھمات تاختىسى» بولۇپ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان كىتابىدا ئېنىق ئىپادىلەنگەن. بىرزىنىسكىي بۇ يەردە ياۋرو-ئاسىيانى ئۈستىدە بۈيۈك ئويۇنلار ئوينىلىۋاتقان بىر شاھمات تاختىسىغا ئوخشاتقان ۋە بۇ يەردە بۈيۈك دۆلەتلەرنىڭ، ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ماس ھالدا ئويۇن قۇرغانلىقىنى ۋە باشقۇرۇشلىرىنى تىلغا ئالغان. ياۋروپانىڭ شەرقىدىن ئاسىيانىڭ ئاخىرىغىچە سوزۇلغان بۇ ناھايىتى قىممەتلىك رايونلار ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ مۇھىم بىر ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتىدۇ (كۇلەبى، 2006). ياۋرو-ئاسىيا شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا سىياسىتىدە ئاكتىپ بولۇشنى ئارزۇ قىلغان كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە دۇنيا سىياسىتىدە ئەڭ ئاكتىپ دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ بولغان بىر رايون بولغان. ئامېرىكا قوشما شىتات دۆلەتلىرىدىن قالسا ئەڭ بۈيۈك ئىقتىساد ۋە يادرو كۈچ قوبۇل قىلىنغان دۆلەتلەر (خىتاي، ھىندىستان، پاكىستان…) بۇ رايوندا مەۋجۇتتۇر. ھەتتا، دۇنيا سىياسىتىدە تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي، ھىندىستانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ زىچ نوپۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بۇ رايوندا تەسىرلىرى خىلىلا كۈچلۈك (چوبانئوغلى، 2019؛ 46).

ياۋرو-ئاسىيانىڭ مۇھىملىقىنى پەقەت دۇنيادىكى ئورنى دەپ قاراش توغرا بولمايدۇ. رايون، نۇرغۇن پەرقلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان پەرقلىقلار بىلەن تولغان بىر رايون. بۇ پەرقلىقلارمۇ مۇھىم تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەن. دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەت پەرقلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىدىن تەركىب تاپقان. پەقەت بۇ گۇرۇپپىلارغا ھەر دۆلەتنىڭ كۆزقاراشلىرى پەرقلىق بولۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم  دۆلەتلەر پەرقلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىر گەۋدە دەپ ئېتىراپ قىلىپ، بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ خەلقلىرىنى قوغدىغان بولسا، بەزى دۆلەتلەر بولسا بۇ پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ھەق تەلەپلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسىغا ئىگە بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى نوپۇسى ئىچىدە نۇرغۇن پەرقلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىدىن تەركىب تاپقان. پەقەت خىتاي بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بىر بۆلۈمگە ناھايىتى قاتتىق قوللۇق قىلماقتا. شۇنداقلا خىتاي، پەرقلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ياشايدىغان بەزى رايونلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىپ تۇرۇپمۇ، بۇ رايونلارنىڭ بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشاش يەرلەردە بۇ ھوقۇق تولۇق بېرىلمەيدۇ ھەتتاھوقۇق ناھايىتى ئېغىر دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان، ياۋرو-ئاسىيا دەپ ئاتالغان رايوننىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر يېرىگە جايلاشقان. بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. تارىختىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بەلگىلىك يىللاردا (1933-1944) مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ ئۆز جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلسىمۇ، 1949 دىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي خىتاي ھاكىمىيىتىگە كىردى. خىتاي ئۇنىڭدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستانغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرگەن ۋە 1955 تىن ئېتىبارەن رايون خىتايغا تەۋە بەش ئاپتونوم رايونىدىن بىرى بولغان. خىتاي مەنبەلىرىدە «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە «شەرقىي تۈركىستان» ئىسمى بىلەن داۋام قىلغان (كوچاك؛ 2007، 11). شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى، لېكىن خىتاي رايوننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولۇشتەك رېئاللىقىغا پەرۋاسىز قاراپ رايونغا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ نوپۇسنى مەقسەت قىلغان ۋە تۈرك مەۋجۇتلۇقىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا. شۇنداقلا رايون خىتاي ھاكىمىيىتىگە كىرگەندىن باشلاپ ناھايىتى ئېغىر ھوقۇققا دەخلى- تەرۇزغا دۇچ كەلمەكتە. 1955 تە خىتايغا تەۋە قۇرۇلغان ۋە پايتەختى ئۈرۈمچى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق كومىتېتى» دەپ ئاتالغان بىر ھۆكۈمەت ۋە پەرقلىق ساھەلەردە قۇرۇلغان 15 مىنىستىرلىق بىلەن باشقۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئوخشاش تارىختا رايون ئۆز ئىچىدە بەش ئايرىم ۋىلايەت، سەككىز مەمۇرىي ئۆلكە ۋە ئون بەش شەھەرگە ئايرىلغان. بۇ شەكىلدە ئاپتونوم رايوننىڭ باشقۇرۇشى ئاسانلاشتۇرۇلدى.

بۇ تەتقىقاتتا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى ۋە خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ بارلىق زوراۋانلىق ۋە بېسىمغا قارشى سۈكۈتتە قېلىشىنى ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىكلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

1. شەرقىي تۈركىستان (ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى)

1.1. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى

شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ھازىرغىچە نۇرغۇن دۆلەتلەر قۇرۇلدى. ھونلار بۇلارنىڭ بېشىدا كېلىدۇ ۋە رايوندا ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال خىتاي نۇقتىسىدىن سەلبىي قوبۇل قىلىندى ۋە خىتاي ۋە ھون دۆلىتى رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەقسىتىدە پات-پات توقۇنۇشۇپ تۇراتتى. بۇ مەقسەتتە خىتاي ھون دۆلىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ھونلارغا تەۋە نۇرغۇن بەگلىكلەرنى ھەرخىل ۋەدىلەر بىلەن ئۆزىگە باغلىغان ۋە ھونلارغا قارشى پارچىلا-باشقۇر سىياسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجرا قىلغان. دەرۋەقە ھون دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدا خىتاينىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ھون دۆلىتى ۋەيران بولغاندىن كىيىن رايوندا نۇرغۇن تۈرك دۆلەتلىرى قۇرۇلغان ۋە قاراخانىيلار بەگلىكى مەزگىلىدە مۇسۇلمان بولغان رايون كېيىنچە مۇسۇلمان- تۈرك بەگلىكلىرىنىڭ ئولتۇراق يېرى بولۇشقا داۋام قىلغان.

رايون يۈز يىللاردىن بېرى خىتاي ۋە تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر رىقابەت مەيدانى بولغان ۋە خىتاي 1755 دە رايوننى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلغان. خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق تۈزۈمى، زۇلۇملىرى ۋە قىيناشلىرى بۇ مەزگىلدىن ئېتىبارەن باشلانغان. بۇ زۇلۇملار داۋاملىشىۋاتقاندا خىتايغا قارشى يېڭى دۆلەتلەر قۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ بۇ دۆلەتلەر ئۇزۇن مەزگىللىك بولمىغان. ئاخىرى 1876-يىلى خىتاي مانجۇ دۆلىتى تەرىپىدىن تامامەن كونترول ئاستىغا ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستان 1884 دە، «يېڭى مۇستەملىكە»، «يېڭى چېگرا»، «يېڭى قازىنىلغان يەر» مەنىسىدىكى شىنجاڭ ئىسمى بىلەن خىتايغا باغلانغان. (چالىشكان، 2005؛ 315). 20. ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلار بولمىغان. يېڭى ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە قوزغىلىشلارغا سەھنە بولغان. بۇ قوزغىلىشلار نەتىجىسىدە، 1993 دە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغان بىراق سوۋىت رۇسىيەنىڭ تەسىرىدە قىسقا ۋاقىتتا ئاخىرلاشقان. سوۋىت رۇسىيە ئۆز ئىچىدىكى پەرقلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرىغا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئۆرنەك بۇلۇش خەتىرى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇشىغا قارىشى چىققان ۋە قۇرۇلغان دۆلەتنى ئاغدۇرۇلۇشىنى قوللىغان.

1944-يىلى بۇ قېتىم ئىسمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولغان بىر دۆلەت ئېلان قىلىنغان. پەقەت بۇ دۆلەتنىڭ لىدىرى SSCB نىڭ تەشكىللىگەن بىر سۈيقەست نەتىجىسىدە يوق قىلىنغان. (vatanbir.org) ۋە بۇ دۆلەتمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان. خىتايغا پايدىلىق سىياسەت قوللانغان رۇسىيە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا قارشى چىقمىغان، ھەتتا 1949 دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىنى قوللىغان. بۇ قوللاشتىن كىيىن 1955 تە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىسمى بىلەن خىتايغا باغلانغان بەش ئاپتونوم رايوندىن بىرى بولغان (چالىشكان، 2005؛315). بۇ تارىختىن ئېتىبارەن رايوننىڭ تەقدىرى خىتاينىڭ قولىغا قالغان ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى رايون خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان. خىتاينىڭ بارغانسېرى قاتتىقلاشتۇرغان سىياسىتى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان رايونى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىنسانلىق پاجىئەسى بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. پەقەت خەلقئارا ئاممىسى بۇ زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلماقتا ۋە ھېچقانداق بىر ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي (ئېتنىك ئاسسىمىلياتسىيە) سىياسىتىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىلىق سىياسەتشۇناس پىروفېسسور، ئوۋېن لېتىمور تەرىپىدىن ئاسىيانىڭ قەلبى دەپ تەرىپلەنگەن شەرقىي تۈركىستان شۇنداقلا تۈركلۈكنىڭ يۇرتى، تۈرك مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرىنىڭ مەنبەسىدۇر. مىلادىدىن بۇرۇن 200- يىلىدىن ئېتىبارەن رايونغا تۈركلەر يەرلەشكەن. شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن چېگراداش بولغان. بۇنىڭغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان. شىمالدا رۇسىيە؛ غەربتە غەربى تۈركستاننى تەشكىل قىلغان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان؛ جەنۇبتا ئافغانىستان، پاكىستان،ھىندىستان ۋە تىبەت؛ شەرقتە، خىتاي (گەنسۇ، چىڭخەي ۋە ئىچكى موڭغۇل ئۆلكىسى) بىلەن شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن قوشنا ئىدى (ئۆزدەر، 2013؛ 68).

خالفورد ماكىندەر تەرىپىدىن دۇنيانىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە تارىخى دەپ  ئېتىراپ قىلىنغان، مول تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئىگە غايەت زور كۈچ بولغان ياۋرو-ئاسىيا (دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئوقى) بۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە (ئىشچان، 2002؛ 104). شۇنداقلا ماكىندەرنىڭ خېئاردلاند نەزەرىيەسى بويىچە ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى، بولۇپمۇ بۇيەرنىڭ مەركىزى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلغان بىر كۈچ پۈتۈن دۇنيانى كونترول قىلالايدۇ. شەرقىي تۈركىستان بولسا جۇغراپىيەلىك سىياسىي نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا- ئاسىيانىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ قولدىن كەتكۈزۈپ قۇيۇشنى خالىمايدىغان بىر رايوندۇر (ئەردوغان، 1999؛ 230). شۇنداقلا رايون، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈك بولغان شۇنداقلا ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ماكانى بولغان ۋە مۇھىم بىر تىجارەت ئېغىزىغا جايلاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادا جۇغراپىيەلىك سىياسىي نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر ئورۇنغا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان ئوخشاش ۋاقىتتا يىپەك يولىنىڭمۇ مەركىزىگە جايلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ دۇنياغا ئېچىلغان ئىشىكى بولۇپ، رايون خىتاينىڭ ياۋرو- ئاسىياغا ھۆكۈمدار بولۇشىنىڭمۇ ئاچقۇچى (ئەھمەتبەيئوغلى، 2011).

ئۇيغۇرلار ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيەلىك ئورنى جەھەتتە نۇرغۇن جەھەتتە(سىياسىي، ئىقتىسادىي….) ناھايىتى مۇھىم. ئەمما، رايوننىڭ مۇھىملىقى پەقەت دۇنيادىكى ئورنىدىن كەلگەن ئەمەس. شەرقىي تۈركىستاندا ناھايىتى مۇھىم يەر ئاستى بايلىقلىرى مەۋجۇت. زور مىقداردا نېفىت، ئالتۇن ۋە مىس زاپىسىغا ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە زور مىقداردا يۇڭ ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. (باتچارىيا، 2003؛ 366). بۇ مۇ زىچ نوپۇسقا ئىگە خىتاي سىياسىتى ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك.

سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان پۈتۈن بۇلاردىن سىرت، نېفىت، ۋولفرام (قۇرال سانائىتىدە قوللىنىدىغان مۇھىم بىر ماددا)، ئالتۇن، كۈمۈش، پىلاتىنا، كۆمۈر، ئۇرانغا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك خام ماددىلار ۋە مىسلىسىز يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارغا ئىگە بىر دۆلەتتۇر. پۈتۈن خىتايدا چىقىرىلغان 148 خىل ماددىنىڭ 124خىلى بۇ رايوندىن چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،خىتاينىڭ نېفىت زاپىسىنىڭ يۈزدە 25 نى، تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بولسا يۈزدە 28 نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ رايون ناھايىتى بۈيۈك نېفىت بازىسىغا (قاراماي رايونى، قۇمۇل- تۇرپان رايونى، تەكلىماكان چۆلى) ئىگە. پۈتۈن بۇلاردىن باشقا شەرقىي تۈركىستان 17،4 تىرىليون كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە. (ئەخمەت بەيئوغلى، 2011؛ چوبانوغلى، 2019؛ 13). ئىگە بولغان پۈتۈن بۇ مەنبەلەر ئەسلىدە خىتاينىڭ دىققىتىنى تامامەن رايونغا تارتىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان مەلۇماتلاردۇر.

گەرچە شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئومۇمىي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئىمكانقەدەر نېيتراللاشتۇرۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئۇ ئىنتايىن ئېغىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قوللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىمۇ ئوخشاش سۈرئەتتە ئاشماقتا. بۇ خىتاينى چەتئەل مەنبەلىرىگە بېقىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. بىراق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول يەر ئاستى بايلىقلىرى خىتاينىڭ بۇ بېقىنىشچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

شەرقىي تۈركىستان كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتايغا نىسبەتەن تەھدىت دەپ قارىلىدۇ. بۇ تەھدىتكە قارىتا نوپۇس سىياسىتىنى قوللانغان خىتاي، خىتاي پۇقرالىرىنى بۇ رايونغا قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. خىتاينىڭ يەنە بىر مەقسىتى، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش، بۇ رايوننى پۈتۈنلەي خىتاي دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىپ چىقىش. خىتاينىڭ يولغا قويغان نوپۇس سىياسىتى بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. بۇ ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ توغرا ئوقۇش ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليونغا يېقىن بولسا، خىتاي نوپۇسى 200 مىڭدىن، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى (ساين ۋە كوچاك، 2017 ؛ 13). 1949- يىلى نوپۇسنىڭ يۈزدە 75 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار، يۈزدە 11 پىرسەنتىنى قازاقلار، يۈزدە 5 پىرسەنتىنى باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرى تەشكىل قىلغان بولسا بۇ نىسبەت 1953 نوپۇس تەكشۈرۈشىدە، يۈزدە 75 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار، يۈزدە 6 پىرسەنتىنى خىتايلار شەكلىدە تەشكىل قىلغان (ئاكچام، 2017). شەرقىي تۈركىستاندا 2010-يىلى خىتاينىڭ  ئاخىرقى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە رايوننىڭ نوپۇسى تۆۋەندىكى شەكىلدىكىدەك كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئالدىنقى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە دۆلەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە نوپۇسنىڭ مىللەتلەر بىلەن بولغان نىسبىتى يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن. جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتى ۋە مەجبۇرىي كۆچمەنلەر سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتكەن. يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، 1944-يىلى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان تۈرك نوپۇسى ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي  نوپۇسىغا قارشى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالىدۇ. ئامىل شۈبھىسىزكى خىتاينىڭ نوپۇسى ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ تەسىرى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ يەنە بىر ئامىلى خىتاينىڭ رايوندىكى تۈركلەرگە قارشى قاتتىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى.

2. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى 1949-يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن بولغان. بۇ كۈندىن باشلاپ، خىتاي تۈركلەرگە بولغان بېسىمىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشقا باشلىدى. بۇ تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئاپتونومىيەلىك ئورۇنلارنىڭ مۇستەقىللىقى خىتاينىڭ ئەندىشىسىگە ئۇچرىدى. چۈنكى خىىتايغا قاراشلىق نۇرغۇن ئاپتونوم رايون بار. بۇ ئورۇنلارنىڭ مۇستەقىللىق مۇساپىسىگە كىرىشى خىتاي ئەسلا خالىمايدىغان تەرەققىيات بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئەندىشىگە قارىماي، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل مىللەتچىلىرىنى مۇستەقىللىق ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇردى (ستوبدان، 1998 ؛ 403). مۇستەقىللىق تەشەببۇسىغا قارىماي، يېتەرلىك قوللاش بولمىغاچقا، بۇ تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىز بولدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل تۈرك يۇرتى بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. 11-سېنتەبىردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى يېڭى ئۆلچەمگە ئېرىشتى. 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇملار پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا پاسسىپ ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ تەسىرى دۇنيانىڭ باشقا چېتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئەجەللىك بولدى. 11-سېنتەبىر ئىسلام ۋە تېرورلۇق دېگەن سۆزنىڭ ئوخشاش بىر جۈملىدە كۆپ قوللىنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن،خىتاي ئامېرىكىنى ئەڭ كۈچلۈك قوللايدىغان ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ناھايىتى رازى بولغان دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلەش، ئامېرىكىنى قوللاشتىن كۆرە، «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا تۈركلەرگە قىلىنغان ۋەھشىيلىكنى كۆرسىتىش ۋە بۇ ۋەھشىيلىكنى ئاقلاش. بۇ ۋاقىتتىن كېيىن، خىتايدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كىملىكىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇم ھازىر ئىسلام ئەقىدىسىنى ئاساس قىلدى. يەنە بۇ جەرياندا 40 مىڭ ئەسكەر «تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلدى. ئۇ رايوندا يولغا قويغان سىياسەتلەرگە ئازراق قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى تېرورچى ۋە ئاشقۇن دەپ باھالىدى (ئاۋجى، 2018; 6). 11-سىنتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان چەكلەش ۋە توساقلارنى خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي دىنغا قارىتىلغان بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى، ئۇيغۇر  خەلقى بۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ ئازاپ تارتتى ۋە داۋاملىق تارتىۋاتىدۇ (شەن، 2016; 569). قىسقىسى، 11-سېنتەبىر خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي قوزغىلاڭچى ئۇيغۇرلار بىلەن بازا تەشكىلاتى تەشكىلاتىنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ۋە بۇ تىرىشچانلىقنى ئامېرىكا قوللىدى. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تېرورلۇق تىزىملىكىگە بىر قىسىم ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىنى قوشتى.

«2009-يىلدىكى ۋەقەلەر» دەپ ئاتالغان نامايىش ۋە خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۇلارغا قىلغان زوراۋانلىق ئىنكاسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى رايونغا يۈزلەندۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم رايونغا قاراتتى (مازلۇمدەر، 2010; 11). لېكىن،خىتاي خەلقئارا ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرمىدى ۋە ئۈنۈمسىز قالدى. خىتاي بۇ ئىنكاسلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تېمىدا ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تالاش-تارتىش شۇكى، بۇ رايون «خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى»، شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلار »ئىچكى مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك. »(تاناي، 2016). لېكىن بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرگەن ھەر قانداق مەسىلە يەنىلا مىللىي مەسىلە بولالمايدۇ. 1949-يىلى كومپارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كىيىن، خىتاي پۈتۈن دۇنيانى ۋەھىمىگە سالىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. كوممۇنىزمنىڭ كىشىلەرگە بولغان رەھىمسىز پوزىتسىيەسى ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماشىنا ئادەم قىلىدىغان ماتېرىيالىزملىق پوزىتسىيە ئادالەتسىز ۋە رەھىمسىز باشقۇرۇشنى ئاشكارىلايدۇ. 1949-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق داۋام قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرى دىن، تىل، نوپۇس ۋە ئائىلە قۇرۇلمىسى جەھەتتە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئاساستا داۋام قىلماقتا.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان شىددەتلىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى يوقىتىشقا باشلىدى. مەسىلەن، 1949-1952 ئارىلىقىدا 2 مىليون 800 مىڭ، 1952-1957 ئارىلىقىدا 3 مىليون 500 مىڭ، 1958-يىلدىن 1960-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 6 مىليون 700 مىڭ، 1961-يىلدىن 1965-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 13 مىليون 300 مىڭ، جەمئىي 26 مىليون 600 مىڭ كىشى خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ھاكىمىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق نەتىجىسىدە قازا قىلغان (ئارىكان، 2012). ھايات قالغانلار قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1) شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتايدىكى بەش ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى. لېكىن، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھوقۇققا ئاساسلانغان، قانۇندىن كەلگەن ئاپتونومىيەنىڭ تەلىپى بولغان ھەق ۋە ھوقۇقىنى تولۇق بەرمىدى. ئۇنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىق بولۇشقا باشلىدى.

2) خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان قوش يۆنىلىشلىك كۆچمەنلەر سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى. تەرەپلەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئېلىپ بېرىلغان بۇ كۆچۈشتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش قىز-ئوغۇللار خىتايغا يۆتكەلگەن، ئەرلەردىن تەركىب تاپقان خىتاي نوپۇسى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، تۈرك قىزلىرى بىلەن خىتاي ئەرلەر ۋە خىتاي قىزلىرى بىلەن تۈرك ئەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھقا كاپالەتلىك قىلىنغان ۋە نوپۇس ئۆزگىرىشى مەقسەت قىلىنغان. بۇ ئەھۋال رايوننىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3) شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن نوپۇس ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن خىتايلار دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇلارغا دۆلەت ياخشى پۇرسەتلەرنى بەردى، دېھقانچىلىقتا قوللاشقا ئېرىشتى ۋە باج كەچۈرۈم قىلىندى .

4) نوپۇس ئۆزگەرتىش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۈركلەر ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق مىللەت بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركلەر دۆلەت قوللىغان خىتايلارنىڭ يېنىدا ئىشسىزلىق، مائارىپ مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. تۈركلەر ئۇنىۋېرسىتېتتىن كېيىن خىزمەت تاپالمايدۇ ۋە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلىشى كېرەك. بۇ كەسكىن ئىشسىزلىق دۆلەتتە ئوغرىلىق قاتارلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

5) خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتىنىڭ بىرى، 1979-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان تۇغۇت چەكلەش. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا يېزىدا ئىككى، شەھەرلەردە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر بالىلىق بولۇشىغا يول قويىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشنى چەكلەيدۇ (ئۆزتۈرك، 2013 ؛ 70). بۇ قانۇنغا رىئايە قىلمىغانلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېغىر بېرىلىدۇ. نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن بوۋاققا ھامىلدار بولغان ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىنىڭ قانچە ئاي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇنىڭغا قارىماي تۇغۇلغان بوۋاقلار دوختۇرخانىلاردا ئۆلتۈرۈلىدۇ.

6) شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئىقتىساد. بۇ رايوندا يېڭىدىن ئېچىلغان زاۋۇتلاردا، باشقا كۆچمەنلەر رايونىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا خىتاي كۆچمەنلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىزمەت تېپىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە ئېلىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7) خىتاي دۇنيادىكى ئاساسلىق يادرو دۆلىتىنىڭ بىرى. يادرو قوراللىرىنى سىناش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى يادرو سىنىقى سەۋەبلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر. كەمتۈك تۇغۇلغان بالىلار، كەڭ تارقالغان راك كېسەللىكلىرى رايون دۇچ كېلىۋاتقان باشقا سەلبىي تەرەققىياتلاردۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ساغلاملىق سىستېمىسى ياخشى بولمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېخىمۇ ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

8) خىتاينىڭ قىلغان يەنە بىر زىيانكەشلىك ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى چەكلەش. مەجبۇرىي خىتاي مائارىپى تۈركلەرنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى توسىدۇ. مائارىپ تىلىنى خىتايچە قىلىش ئارقىلىق، خىتاي يەنە ئانا تىلدىكى مائارىپنى توسۇۋاتىدۇ ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولغان مائارىپنى بۇ مەنىدىكى ياخشى كوزۇر سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەقلىق مائارىپ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار تۈرك بالىلىرىنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

9) خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ھەر بىر پۇقرانىڭ دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ھوقۇقى. لېكىن، بۇ ھوقۇق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بېرىلمىگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ھەممىسى دېگۈدەك مۇسۇلمانلار، دىنىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. مەمۇرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، ئىسلام ئۇسۇلى بويىچە ئۆلۈكلەرنى دەپنە قىلىش ۋە ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن دىنىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى چەكلەنگەن. جامائەت ۋە جامائەت نامىزى ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى پۈتۈنلەي ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئىسلامنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇندى. بۇ يەردە، خىتاي يەنە ئۆزىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى دىن ئارقىلىق نامايان قىلدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ پاسسىپ تەسىرى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاش. خىتايدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە ئورگانلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئاپتونوم دۆلەتلەر ئۆز تەبىئىي بايلىقىنى ئىشلىتىشى كېرەك بولسىمۇ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى داۋاملىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، مەلۇم مەنىدىن ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان.

3. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان مەسئۇلىيىتى

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇرغۇن جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتىدا تىلغا ئېلىنىشى كېرەك بولغان ۋە ھەرگىز مەسىلە چىقمايدىغان بىرىنچى مەسىلە، خىتاينىڭ 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى. شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان  تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ھوقۇققا پۈتۈنلەي دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن بەزى دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ رايوننىڭ «خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسىمى» ئىكەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى «خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى» دەپ قاراش كېرەكلىكى (تاناي، 2016) ئەلۋەتتە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاقلىمايدۇ. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلاشقا ھېچقانداق ئاقلاش يېتەرلىك ئەمەس.

باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي سادىر قىلغان ئوچۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇنىڭدا نۇرغۇن ئامىللار رول ئوينايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنى خىتاينىڭ ب د ت نىڭ دائىملىق ئەزاسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بۇ ئورۇننى كۈچەيتىدۇ. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى كۈچەيتىدىغان يەنە بىر نۇقتا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بار. دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق سۈكۈت قىلىشنى خالايدۇ، چۈنكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا قارشى چىقىشى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (قانات، 2013; 19). خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، خىتاي مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويغان تەكشۈرۈش سىياسىتى (سايىن ۋە كوچاك، 2017 ؛ 20). خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تورغا چىقىش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەيدۇ ۋە چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنى توسىدۇ، شۇڭا دۇنيا جامائەت پىكىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمى ئالدىدا زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنداقلا يۈز بېرىۋاتقانلارغا ئىنكاسسىز قالغان پەقەت دۆلەتلەرلا ئەمەس، خەلقئارالىق جەمئىيەتمۇ ئۆزلىرىدىن كۈتكىنىنى ئورۇندىيالمىدى. خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇش مەقسىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەرىكەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئالدىدا سۈكۈت قىلدى. بەزى تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىنى تەكىتلىدى، ئەمما بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەيىبلەشتىن ھالقىپ كېتەلمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ رايوندىكى ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «رايوندىكى ۋەقەلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە قايغۇرغانلىقى ۋە ۋەقەلەرنى ئەيىبلىگەنلىكى» ۋە ئەيىبلەشتىن ھالقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى (شېن، 2009 ؛ 111).

شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار  تارتقان زۇلۇمغا ئەڭ كۆپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بۇ تەشكىلات ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتى (OIC) يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتالمىدى. بۇ دەۋرنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەتتىن ئىسلامئوغلۇ ئۆزىنىڭ رايوندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ كۆپلۈكىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ مەۋجۇتلۇقنى نامايان قىلىدىغان مۆلچەرلەنگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلالمىدى.

دۆلەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، يەنى خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. لېكىن، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇڭا جىددىي تەدبىر قوللىنىش كېرەك. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن كېلىپ چىققان تەدبىرلەرنى تىلغا ئېلىش پايدىلىق.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاساسلىقى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن تەرەپلەردە خەتەرگە دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئالدى بىلەن بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى جىددىي ھەل قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يۈكلىنىدۇ. ھۆكۈمىتى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. نوپۇس ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى تېزدىن توختىتىپ، رايوننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قايتىدىن ئورنىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ نوپۇس سىياسىتىنىڭ يەنە بىر باسقۇچى بولغان قاتتىق تۇغۇت چەكلەش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئادىتىنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر خىتاي بۇ يولدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى داۋاملاشتۇرسا، مەسئۇلىيەت بۇ نۇقتىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ.

خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەقسەتتە قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن زور مەسئۇلىيىتى بار. بۇ نۇقتىدا، ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ب د ت ئەڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسال خەلقئارالىق تەشكىلات، بەختكە قارشى شەرقىي تۈركىستانغا ھەرىكەت قىلالمىدى. بۇنىڭدا ھەر خىل ئامىللار رول ئوينايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى ۋە رەت قىلىش ھوقۇقى. ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىرىلغان قارارنى قوللاپ بېلەت تاشلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسلىق ھوقۇق بېرىلگەن ب د ت UNSC نىڭ بۇ مەسىلىدە ھەرىكەت قوللىنىشى تولىمۇ مۇھىم. لېكىن، ب د ت دا قارار چىقىرىش مېخانىزمى سەۋەبىدىن، مۇدىرىيەت شەرقىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.

خەلقئارا قانۇنلاردا، ب د ت دا رەت قىلىش ھوقۇقى سەۋەبىدىن قۇلۇپلانغان ئەھۋال ئاستىدا، ب د ت دا يولغا قويغىلى بولىدىغان يەنە بىر تاللاش بار. بۇ تاللاش 1950-يىلدىكى 377-نومۇرلۇق قارار بىلەن ئاشكارىلانغان «تىنچلىق بىرلىكى» قارارى. ئەگەر خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بولسا، ب د ت نىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئارىسىدا رەت قىلىش ھوقۇقى سەۋەبىدىن قارار چىقىرىلمىسىلا، ب د ت ئومۇمىي مەجلىسى ئەزا دۆلەتلەرگە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىش ئۈچۈن قوراللىق كۈچ ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قارار خىتاينىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش بىلەن قۇلۇپلانغان سىستېمىنى باشقا ئۇسۇل بىلەن باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا 377-نومۇرلۇق قارار يولغا قويۇلسا، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرىنى توختىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ قەدەم تاشلىنىدۇ. بەختكە قارشى، بۇ ئۇسۇل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىلمىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنىڭ بىرى خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنىڭ ئاساسى. بۇ توختاملار دۆلەتنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ (بالچىك، 2015 ؛ 112). بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 1948-يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى تەكشۈرۈلۈشى كېرەك.خىتاي 1983-يىلى بۇ توختامغا ئىمزا قويۇپ تەرەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان (دېر ۋە كېسكىن، 2012 ؛ 12). ب د ت ئومۇمىي مەجلىسى ئىمزالىغان بۇ ئەھدىنامىنىڭ بەزى ماددىلىرى تۆۋەندىكىچە (ب د ت، A / RES / 3/260:)

1- ماددا، توختام تۈزگۈچى دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەيلى تىنچلىق ياكى ئۇرۇش ۋاقتىدا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشنى ئۈستىگە ئالغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى جىنايەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

2- ماددا، بۇ ئەھدىنامە، مىللىي، ئېتنىك، ئىرق ياكى دىنىي گۇرۇھنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئا) گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش؛

ب) گۇرۇپپا ئەزالىرىغا ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش؛

س) گۇرۇپپىنىڭ ياشاش شارائىتىنى قەستەن ئۆزگەرتىش؛ گۇرۇپپىنىڭ فىزىكىلىق مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش ئۈچۈن ھېسابلىنىدۇ.

د) گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛

ئى) گۇرۇپپىغا تەۋە بالىلارنى باشقا گۇرۇپپىغا مەجبۇرىي يۆتكەش؛

3- ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر جازالىنىدۇ:

ئا) ئىرقىي قىرغىن قىلىش؛

ب) ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەمكارلىشىش؛

س) ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىۋاسىتە ۋە ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلىش؛

د) ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇرۇنۇش؛

ئى) ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاتنىشىش؛

4- ماددا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ياكى ئۈچىنچى ماددىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى، مەيلى ھوقۇق بېرىلگەن باشقۇرغۇچى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ياكى شەخسىي شەخسلەر بولسۇن، ئاساسىي قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ.

8- ماددا، توختام تۈزگۈچى دۆلەتلەر ب د ت نىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش زۆرۈر دەپ قارىسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئەھدىنامە قايسى قىلمىشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قىلمىشلارغا قانداق جازا يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يەتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قىلغان ۋەھشىيلىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. شۇڭا كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈش، تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي كۆچۈشى قاتارلىق ھەرىكەتلەر شەخسلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئەھدىنامە بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قاراش كېرەك.

شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قوللىنىشقا تېگىشلىك باشقا تەدبىرلەر (R2P قوغداش مەسئۇلىيىتى) ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئارىلىشىش. بۇنىڭغا ئاساسەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 6-ۋە 7-بابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرنى ب د ت ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە مىللىي تازىلاش قاتارلىق جىنايەتلەردىن قوغداش ۋە پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. خەلقئارا قانۇندا R2P دەپ ئاتالغان بۇ ئۇقۇمغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش ياكى مىللىي تازىلاش جىنايىتى بىلەن قوغدىيالمىسا، ئۇنداقتا باشقا دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇ كىشىلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار (باتلېر، 2015 ؛ 252). كوممۇنىست خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئويلاشقاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۇقرالارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى بالدۇرراق ئادا قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق. خىتاي كۆپ قېتىم ئۇيغۇرغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى. بۇ نۇقتىدا خەلقئارا جەمئىيەت قوغداش مەسئۇلىيىتىنى بالدۇرراق ئادا قىلىشى كېرەك. لېكىن، بۇ رايوندا R2P نى يولغا قويۇشتا تەلەپ قىلىنغان شەرتلەر شەرقىي تۈركىستاندا باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما R2P ئىلتىماسى يوق، ھەتتا تىلغا ئېلىنمىغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھەل قىلىش تەكلىپى بولغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەت ھېچقانداق قارارنى كۈتمەي تۇرۇپ دەرھال كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئارىلىشىشى كېرەك. ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئارىلىشىشى سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن بۇ ئۇقۇم خەلقئارا قانۇندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتايىن ئۈمىدۋار. ئىنسانپەرۋەرلىك ئارىلىشىش «دۆلەت چېگراسىدىكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى توختىتىش ئۈچۈن، ئارىلاشقان دۆلەتنىڭ رۇخسىتىسىز كۈچ ئىشلىتىش ياكى كۈچ ئىشلىتىش تەھدىتى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئەمەس» (بۇچانان، 2003). كىشىلەرنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يەردە، بىر دۆلەت ياكى ئىتتىپاقنىڭ پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىگە ئارىلىشىدىغانلىقى، قارارنى كۈتمەي تۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈنگە قەدەر بۇ تاللاشنى يولغا قويالايدىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى بىر گۇرۇپپا دۆلەت بارلىققا كەلمىدى.

خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە، نەزەرىيە جەھەتتىن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم تەرەققىياتلار بولدى. لېكىن، قوللىنىش نۇقتىسىدا، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە يۆتكىگىلى بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن تەرەققىياتلار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېتەرلىك چارە تاپالمىدى. بەختكە قارشى، بۇ قاتمال ھالەتكە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستان. خەلقئارا جەمئىيەت يىللاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. گەرچە بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كىشىلىك ھوقۇقتىن مۇھىم ئەمەس. لېكىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقتىن، ئۆز مەنپەئەتىنى  ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى.

خۇلاسە

تارىختىن بۇيان ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ھازىرمۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كەلمەكتە. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن ۋە خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان، شۇنىڭدىن باشلاپ، يەنى يەتمىش يىل ئەتراپىدا خىتاينىڭ زۇلۇمىنى باشتىن كەچۈردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ بېسىمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ (خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى؛ 2004 ؛ 5). ئەمەلىيەتتە، شىزاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستان بىردىنبىر سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن رايون (amnesty.org).

شەرقىي تۈركىستان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئەمما بەختكە قارشى بۇ رايون خەلقى ئۈچۈن ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە چوڭ ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن ئېرىشمەكچى بولغان رايون. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى رايوندىن چىقىرىۋېتىشنى تاللىدى. بۇ يۆنىلىشتە، خىتاي ئىنتايىن قاتتىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قوللاندى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر  رايوندىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلدى. بۇ رايوننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بۇ قاتتىق سىياسەتلەر ئالدىدا ئۇزۇن يىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا.

خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكى ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن، خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەۋجۇتلۇقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىنى توسىدۇ. لېكىن، خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەۋجۇتلۇقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشىنى توسىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋەزىپە تۈرك دۇنياسىغا چۈشىدۇ. تۈركىيە بۇ مەسىلىدە ئەڭ كۆپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان دۆلەت، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن پەقەت تۈركىيەنىڭ ئىنكاسى كۇپايە قىلمايدۇ.

خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قەدەملەرنى تاشلاشقا بولسىمۇ، دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بۇ قەدەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنى قوللانمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئىسلام جۇغراپىيەسى دېيىشكە بولىدىغان ساھەلەردە ئىنتايىن ئېغىر زىيانكەشلىكلەر داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستان بۇ جۇغراپىيىلەردىن ئەڭ كۆپ زىيانكەسلىككە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇمكىن قەدەر بالدۇرراق تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

مەنبەلەر:

“Çin İşkencesinde Doğu Türkistan”، ﷟HYPE//www.vatanbir.org/dergi/26/cin-iskencesinde- dogu-turkistan (Erişim Tarihi: 01.04.2019).

2010 Doğu Türkistan İnsan Hakları Raporu”، MAZLUMDER Dış İlişkiler Komitesi، ﷟HYPER/mazlumder.org/tr/main/yayinlar/yurt-ici-raporlar/3/mazlumderden-dogu-turkistan-insan- haklari-rap/625. (Erişim Tarihi: 01.04.2019).

Ahmetbeyoğlu، A. (2011). “Orta Asya Satrancında Doğu Türkistan’ın Önemi” Türk Yurdu Dergisi، Yıl 100، No. 287.

Akçam، M. (2017). Doğu Türkistan ve Uygur Türkleri: Unutulan Akrabalık،https://www.stratejikortak.com/2017/01/uygur-turkleri.html. (Erişim Tarihi: 05.04.2019).

Arıkan، M. “Çin Zulmü Doğu Türkistan’ı Acıma- sızca Eziyor”، ﷟HYP://www.gokbayrak.com/haberler/kizilcin-zulmu-dogu-turkistani-acimasizca-eziyor. (Erişim Tarihi: 05.04.2019).

Avcı، E. (2018). “Doğu Türkistan Sorunu،” Bilge Adamlar Stratejik Araştırma Merkezi، BİLGESAM Analiz، Doğu Asya ve Pasifik No. 1391.

Balçık، E. (2015). “Şiddet ve İnsan Hakları: Suriye Örneği”، Güvenlik Çalışmaları Dergisi، 17 (3): 97-117.

Bedirhan، Y. (1999) “Türk Tarihinde İpek Yolu Hakimiyeti ve Çin’in Türkistan’ı İlk İstila Projesi”، Sayı. 4: 237-256، ﷟HYPER/dergisosyalbil.selcuk.edu.tr/susbed/article/view/968. (Erişim Tarihi: 05.04.2019).

Bhattacharya، A. (2003). “Conceptualising Uyghur Separatism in Chinese Nationalism”، Strategic Analysis،27 (3)http://www.idsa.in/system/files/strategicanalysis_abhattacharya_0903.pdf&a=bi&pagenumber=1& w=100 (Erişim Tarihi: 06.04.2019).

Birleşmiş Milletler Genel Konsey 1950 Tarihli 377 Sayılı Karar (G/RES/377)،http://www.un.org/en/sc/repertoire/otherdocs/GAres377A(v). (Erişim Tarihi: 06.04.2019).

Birleşmiş Milletler Genel Kurul 1948 Tarihli 260/3 Sayılı Karar، (A/RES/3/260)، ﷟Htp://www.un-documents.net/a3r260.htm. (Erişim Tarihi: 06.04.2019).

Birleşmiş Milletler Genel Kurul 2005 Tarihli 60/1 Nolu karar A/RES/60/1 ﷟Htp://www.un.org/womenwatch/ods/A-RES-60-1-E.pdf (Erişim Tarihi: 06.04.2019).

Buchanan، A. (2003)Reforming the International Law of Humanitarian Intervention، (Ed. J.L. Holzgrefe ve Robert O. Keohane)، Humanitarian Intervention: Ethical، Legal، and Political Dilemmas، New York: Cambridge University Press.

Butler، S. (2015). “Separating Protection from Politics: The UN Security Council، the 2011 Ivorian Political Crisis and the Legality of Regime Change”، Journal of Conflict & Security Law، 20(2).

Castets، R. (2003)، “The Uyghurs in Xinjiang – The Malaise Grows”، China perpectives،http://chinaperspectives.revues.org/648?&id=648. (Erişim Tarihi: 06.04.2019).

China: No One is Safe: Amnesty International Briefing، https://www.amnesty.org/en/documents/asa17/002/1996/en/.(Erişim Tarihi: 06.04.2019).

Conventional on the Prevention and Punishment of the Crime of Genocide، 1948، (A/RES/3/260)،https://treaties.un.org/doc/publication/unts/volume%2078/volume-78-i-1021- english.pdf (Erişim Tarihi: 06.04.2019).

Çalışkan، A. O. (2005). “Siyasette Liberalleşme Yok: Doğu Türkistan Sorunu”، (Ed. Fatma Sel Turhan)، Küresel Güçler، İstanbul: Küre Yayınları.

Çobanoğlu، S. (2019). “Avrasya، Çin ve Doğu Türkistan”، TASAM، Türk Asya Stratejik Araştırmalar Merkezi، ﷟HYPERLwww.tasam.org/tr-TR/Icerik/51338/avrasya_cin_ve_dogu_turkistan. (Erişim Tarihi: 07.04.2019).

Değer، K.& Keskin، M. (2012). “Çin’in Doğu Türkistan Politikası ve Azınlık Hakları Bağlamında Hak İhlalleri”، Barış Araştırmaları ve Çatışma Çözümleri Dergisi، 1(2): 11-29.

Doğu Türkistan’da Yaşanan Olayların Sebebi ve Sonuçları، ﷟HYP://turksam.org/dogu- turkistan-da-yasanan-olaylarin-sebebi-ve-sonuclari. (Erişim Tarihi: 07.04.2019).

Erdoğan، B. (1999). “ABD’nin Orta Asya Siyaseti”، (Ed. Mim Kemal Öke)، Orta Asya Türk Cumhuriyetleri، İstanbul: Alfa Yayınları.

Hayit، B. (1975). “Turkestan Zwiirschen Russland und China”، Çev: Abdulkadir Sadak، İstanbul: Otağ Yayınevi.

İnayet، A. (2010). Türkistan Sorunu، ﷟H

İşcan، İ. H. (2002). “Küresel Değişimin Getirdiği Yeni Stratejilerle Enerji Güvenliği Sorunu ve Türkiye”، Avrasya Etüdleri، No. 22.

Kanat، K. B. (2013). “Uygurlarda Umutsuzluk ve Rejime Karşı Yabancılaşma Var”، Gökbayrak Dergisi، 20 (113): 15–20.

Kulebi، A. (2018). İhmal edilmiş seçenek: Türk Avrasyacılığı. ﷟HYP://savunmavestrateji.blogcu.com/ihmal-edilmis-secenek-turk-avrasyaciligi-ali-kulebi/478945. (Erişim Tarihi: 07.04.2019).

Öksüz، E. (1998). “Konuşma”، (Ed. Yücel Hacaloğlu)، İçinde، Doğu Türkistan’da Çin’in Sömürge Politikası، Ankara: Türk Yurdu Yayınları.

Özder، A. (2013). “Avrasya Kavramı ve Önemi”، İstanbul Üniversitesi، Avrasya Enstitüsü Avrasya İncelemeleri Dergisi (AVİD)، 2(2): 65-88.

Öztürk، G. A. (2013). “Uluslararası Çatışma Bölgeleri: Doğu Türkistan ve İnsan Hakları İhlalleri” Barış Araştırmaları ve Çatışma Çözümleri Dergisi، 1(1): 29-67 ﷟HYPERLINK ”httptr/dergi/index.php/bacad،1(1) (Erişim Tarihi: 08.04.2019).

People’s Republic of China-Gross Violations of Human Rights in the Xinjiang Uighur Autonomus Region”، http://www.amnesty.org. (Erişim Tarihi: 08.04.2019).

Sayın، Y. & Koçak، G. (2017) “Müslüman Dünyanın Bir Sorun Alanı Olarak Doğu Türkistan Meselesi ve Çin Halk Cumhuriyeti’nin İzlediği Politikalar”، Journal of Ottoman Civilization Studies، 3(4): 10-24.

Stobdan، P. (1998). “China’s Central Asia Dilemma”، Strategic Analysis، 22 (3): 399-408.

Szadziewski، H. (2013). “Doğu Türkistan’daki Uygurlara Uygulanan Dini Baskı”، Gökbayrak Dergisi، 20 (111).

Şen، F. (2009). “Uluslararası Tepkiler Açısından Şincan Uygur Sorunu”، Ortadoğu Analiz، 1(9): 107–115.

Tanay، Y. (2014). “Doğu Türkistan’ın Demografik Yapısı ve Çin’in Gizlediği Gerçekler”﷟HYPE//www.oncevatan.com.tr/dogu-turkistanin-demografik-yapisi-ve-cinin-gizledigi-gercekler- makale،32047.html (Erişim Tarihi: 08.04.2019).

Tanay، Y. (2016). “Doğu Türkistan Asla Çin Toprağı Değildir.” ﷟HYPE//www.uyghurcongress.org/tr/?p=12793 (Erişim Tarihi: 08.04.2019).

Uluslararası Af Örgütü. (2004). “Çin Halk Cumhuriyeti: Uygurlar Çin’in “Terörle Savaş” Adına Uyguladığı Baskıdan Kaçıyor”

Uygurlara ”Çin işkencesi“: Doğu Türkistan’da neler oluyor? ﷟HYPs://tr.euronews.com/2019/01/05/uygurlara-cin-iskencesi-dogu-turkistan-da-neler-oluyor. (Erişim Tarihi: 08.04.2019).

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Çin’in Vahşi Yüzü: Doğu Türkistan Zulmü ve Uluslararası Toplumun Sorumlulukları

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top