You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » خەلقئارا قانۇن نۇقتىئىنەزەرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي سىياسىتىگە بىر نەزەر

خەلقئارا قانۇن نۇقتىئىنەزەرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي سىياسىتىگە بىر نەزەر

مانولىيا پاكئەر

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرېھىم پاراچ

قىسقىچە مەزمۇنى: شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تارىخى جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنىڭ تەرەققىياتى خەلقئارا كۈنتەرتىپنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلانماقتا ۋە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەدەنىيەتكە ئىگە ئىككى جۇغراپىيەنىڭ ھەق تەلەپلىرى ۋە پىكىرلىرى خەلقئارا سىستېمىنى تەشكىل قىلغان باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن تالاش-تارتىشلارغا سەۋەپ بولماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈچ ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بەزى كۈچلەر ئۆز مىللىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلسا، يەنە باشقا كۈچلەر خەلقئارا ھوقۇق، بىلىم ۋە تېخنىكا تەرەققىي قىلغان بۇ دەۋرىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرمىدى. خىتاينىڭ بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا ھوقۇق نېزامنامىلىرىغا قارشى جاۋاپكارلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىتاي، شەرقىي تۈركىستان، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى، خىتاي ئاساسى قانۇنى.

كىرىش

تەڭپۇڭسىز كۈچ كۈچ ئىشلىتىشتىن كىلىپ چىققان ئادالەتسىزلىك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ قانۇن نامىدىن ئېلىپ بېرىلغىنىدەك، خەلقئارالىق قانۇن تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەك بولغان بۇنداق ئىلگىرىلەشكە دۈچ كەلگەن خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونى _ خەلقئارا ۋە خىتايغا نىسبەتەن «شىنجاڭ»، تارىخىي مەنبەلەردە «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاينىڭ خەلقئارا سىستېمىدا قانداق خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، «سۆھبەتداشلار»نىڭ ئاساسى قانۇنى قايسى ھۆرلۈكنى ئېلىپ كىلىپ، قايسى جاۋابكارلىقنى ئارتقانلىقىنى، ئۆزلىرى تەۋە بولغان ياكى ئۆز ئارا ئېلىپ بارغان كىلىشىملەر بىلەن خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىنىڭ بۇ ئارتىسلارغا قانداق مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى بىلىش، ئېغىرلاۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئوبىكتىپ ۋە كونكېرت ئۇسۇلدا باھالاشنىڭ بىردىن بىر يولىدۇر.

بۇ مەقسەتكە ئاساسەن، بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى«خىتاي ئاساسى قانۇنى»، «1954 قۇراللىق توقۇنۇشتا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش لاخەي ئەھدىنامىسى»، ۋە «1977- يىلىدىكى خەلقئارالىق بولمىغان قۇراللىق توقۇنۇشلاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قوغداشقا ئائىت 1949 جەنۋە ئەھدىنامىسىدىكى قوشۇمچە 2- كىلىشىمى»، «1944 جەنۋە ئەھدىنامىسى»، « جەنۋە ئەھدىنامىسى قوشۇمچە 1- نۇمۇرلۇق كېلىشىم» قاتارلىق بۇ ئەھدىنامىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بولغان «3- ماددا» كۆزدە تۇتۇلۇپ، (3- ماددىدا، خەلقئارالىق بولمىغان بەزى قۇراللىق توقۇنۇشلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدىكى بەزى قائىدە ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان) خەلقئارا سەھنىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كېلىشىملەرنى ۋە خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى تۇتقا قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە تارىختىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋەقەلەرنى دەلىل قىلغان ئاساستا تەتقىقات ئېلىپ بارىمىز.

ئەۋەل شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىنى بىلىش، خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئويلاشقان ھالدا ئارتىسلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، ئىجرا قىلغان سىياسەتلىرىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ ئارىلىشىش زۆرۈرلۈكىنى خەلقئارا قانۇن _ ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى نوقتىسىدىن باھالىشىمىزغا ئورۇن ھازىرلايدۇ. بۇ يەردىكى ئۆلچەم، مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق ياكى خەلقئارالىق ئەمەسلىكىدە. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايۇننىڭ خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى بىر ئاپتۇنۇم رايون بولۇشى ۋە خىتاي بىلەن بۇ ئۇيغۇر رايۇنى ئارىسىدا ئۇزۇن ۋاقتتىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن كىلىشەلمەسلىك ۋە توقۇنۇشلار خىتاي چېگراسى ئىچىدە يۈز بەرگەن بولغاچقا، ئىچكى مەسىلە دەپ قارالغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ مەسىلىنى خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە دىيەلمەيمىز. ئەمما ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق (كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى، ئەركىنلىكنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنغۇدەك دەرىجىدە بوغۇلىشى، ھېچ قاچان توختاپ باقمىغان ئۆلتۈرۈش ۋە ئاممىۋى قىرغىنچىلىق) ئەسلى مەسىلە دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسىدىن ھالقىپ خەلقئارا تەسىرگە ئىگە بولغان، خاراكتېرى ئېنىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىنىڭ ئاساسلىق كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق (ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش) تەلەپلىرى، مەسىلىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا ناھايتى موھىم بىر دەلىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. گەرچە خىتاينىڭ قارشى ئىنكاسلارنى «قارشىلىق» سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى «تېرورلۇق» ئېنىقلىمىسى بىلەن تونىشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى «خەلقئارالىق خاراكتېردىكى توقۇنۇش» دەپ تونۇشىمىزغا توسالغۇ بولسىمۇ ، ئېغىرلىق دەرىجىسى بىلەن كۆپ تەرەپتىن قاراپ چىقىشقا بولىدىغان بۇ مەسىلىگە بىر تەرەپلىمە باھا بىرىشكە بولمىغانلىقى ئۈچۈن «خەلقئارالاشقان» ئۇقۇمىنى ئىشلىتىش ئەڭ موۋاپىق بولغان بولىدۇ.

نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا، قۇراللىق ئىچكى توقۇنۇش ئاساسىي جەھەتتىن خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولمايدۇ. بۇ توقۇنۇشلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولمىغان قۇراللىق توقۇنۇشلار» دەپ ئىپادە قىلىنماقتا. بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇندىكى بىرەر قۇراللىق توقۇنۇشنىڭ خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولماسلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇ قۇراللىق توقۇنۇشلارغا پۈتۈنلەي بىپەرۋا ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭلاشقا «خەلقئارالاشقان قۇراللىق ئىچكى توقۇنۇش» ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققان. (http://dergiler.ankara.edu.tr/dergiler/38/2080/21543.pdf )

دۆلەتلەر مەيلى مىللىي، مەيلى خەلقئارالىق سەۋىيەدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ تولۇق جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىچكى توقۇنۇشنىڭ خەلقئارالىشىشى موشۇنداق نەتىجىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولسىمۇ، ئەمما «دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ قوبۇل قىلىنغان مەسىلىنى خەلقئارالاشقان شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. (http://dergiler.ankara.edu.tr/ dergiler/38/2080/21543.pdf Erişim: 30.07.2017) خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىگە بولغان ئىمتىيازىغا، يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ۋە ئوتتۇرىدىكى توقۇنۇشلارغا باشقا تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئارلىشىشىنى «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىق» دەپ قاراپ، خەلقئارا ياكى دۆلەت ھالقىغان تەسىر كۈچلەر تەرىپىدىن «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلىشىنى قەتئى شەكىلدە رەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارانىڭ ئارلىشىشى، بولۇپمۇ ھەربىي ئارلىشىش جەھەتتە ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر ئېلىپ بېرىلغان ئجرائاتلارغا قارىماستىن، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئوخشاش مۇستەقىللىقىدىن كىلىپ چىققان «دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق» پىرىنسىپى (ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 2 _ 7 ماددىسى) ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 2 _ 4 ماددىلىرىغا ئاساسەن كۈچ ئىشلىتىش ياكى ئۇرۇش ئېچىش (51- ماددىدا تىلغا ئېلىنغان ھەقلىق مۇداپىئە بۇنىڭ سىرتىدا) نى چەكلەش سەۋەپلىرى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىى باھانىلەر بىلەن قوللاشقا ئىرىشكەن پاكىتلار يوللۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى مەيدانغا كەلتۈردى ۋە كەلتۈرمەكتە. (http:// akademikperspektif.com/2014/03/19/dogu-turkistan-sorunu-ve-uluslararasi-insancil-hukuk/ Erişim 30.07.2017)

خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

خىتايلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ھونلار دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا تۇركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ شەرقىي ھونلار دەۋرىدىلا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىتىبارەن شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئىشغالى ئاستىدا قالغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە بولغان جەريان ئىچىدە بۇ يەردە ئۈچ قېتىم ئازاتلىقنى قولغا ئالغان مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان. بىرىنچى قېتىملىقى ياقۇپخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان «قەشقەرىيە» دۆلىتى (1865 _ 1877) ئىدى. بۇ دۆلەت ياقۇپخاننىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئۆز تەسىرىنى يوقاتقان. 1878- يىلى زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي قوشۇنى تۈركىستاننىڭ شەرقىگە ھوجۇم باشلىغان ۋاقىتتا روسلارمۇ غەرىپ تەرەپتىن خىتايغا ياردەم بەرگەن. 1881- يىلى موسكۇۋادا خىتاي مانجۇ دۆلىتى بىلەن چار روسىيە ئىمزالىغان «ئىلى كېلىشىمى» دىن كىيىن 1882- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن قىسمى خىتاي بىلەن روسىيە ئارىسىدا بۆلۈشۈلۈپ، غەربىي تۈركىستاننى روسىيە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق رايۇنلىرىنى خىتاي ئىشغال قىلدى. خىتاينىڭ چېگراسى ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى قىسمىغىچە كىڭەيگەن بولۇپ، ئۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، روسلارغا بۆلۈپ بىرىش شەرتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزىۋالدى ۋە 1882- يىلى روسلار بىلەن بۆلۈشتى. روسلار پۈتۈن غەربى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغىچە يىتىپ كەلدى. خىتاي بىلەن روسلار ئارىسىدا ئىمزالانغان «ئىلى كېلىشىمى» نەتىجىسىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ 100 مىڭ كوۋادىرات كېلومېتىر زىمىنىنى روسىيەگە بۆلۈپ بىرىپ، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنى قولغا كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى قولدىن كەتتى.

1884- يىلى خىتاي مانجۇ دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ 19- ئۆلكىسى دەپ ئىلان قىلىپ، ئىسمىنى «يېڭى چېگرا»، «يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان زىمىن» مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» غا ئۆزگەرتتى ۋە ئۆز چېگراسىغا قوشتى. 1911- يىلى خىتايدا مانجۇ ھۆكۈمرانلىقى غولاپ چۈشكەندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان يەنە خىتاينىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ قولىغا ئۆتتى. مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىلىشى بىلەن قانات يايغان مىللىى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغۇلۇپ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى» ئىلان قىلىندى. بۇ جۇمھۇرىيەت دەسلەپ ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما رايۇندىكى خەلقئارالىق تەسىر كۈچلەرنىڭ ئارلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇزۇن داۋاملىشالمىدى ۋە بىر يىلدىن كىيىن يىقىلدى. بۇنىڭ بىلەن سىتالىننىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن خىتاي ۋالىيسى بۇ تۇپراقنى تەكرار ئىشغال قىلدى. 1934- يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىشىنى چەكلەپ، «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاشنى يولغا قويغان بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا ئۈچۈنچى مىللى مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، 1949- يىلى خىتاي-روس ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. «يالتا يىغىنى» دا ئېلىنغان قارار بويىچە شەرقىي تۈركىستان بىلەن تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسى «روسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلە» دەپ قوبۇل قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خىتايغا بىرىۋىتىلدى.

شۇنداق قىلىپ خىتاي كوممۇنېست ئارمىيەسى 1949- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن يەنە قايتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ كەلدى ۋە ئۇرۇش قىلمايلا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچىنچى قېتىم خىتايدا ھاكېمىيەت ئالمىشىپ، كوممۇنېستلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى. 1884- يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان 1955- يىلىدىن ئىتىبارەن خىتايلار تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» سالاھىيتى بىلەن كوممۇنېست ھاكىمەتنىڭ قولىغا ئۆتتى. 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۇيغۇرلار بىر يىل پۇت دەسسەپ تۇرالىغان ئىككىنچى مىللىي مۇستەقىل دۆلىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» نى قۇرغان ۋە 1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى يەنە قايتىدىن ئۈچىنچى مىللىى مۇستەقىل دۆلىتى بولغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى» نى قۇرغان بولسىمۇ، 1949- يىلى خىتاي ۋە روس ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى يۈز بەرگەن كوممۇنېست خىتاي ئىشغالى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە ھالەتكە ئېلىپ كەلدى. رەسمىي شەكىلدە خىتاي خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن (1884) شەرقىي تۈركىستان 1955- يىلىغىچە خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى، 1955- يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» دىيىلىپ بۈگۈنگە كەلمەكتە.

تەتقىقاتىمىزنىڭ تېمىسى بولغان ئىككى رولنىڭ تەسىرلىشىشىنى كۈچەيتكەن نوقتا شۇكى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىتراتېگىيەلىك مەركىزى ئورنى ، تەبئى بايلىقلىرى، ئىنتايىن موھىم بولغان ئېنىرگىيە تېرانسىپورت لېنىيەسى ۋە سودا يوللىرىنىڭ (يىپەك يولى) ئۈستىدە بولىشى نەتىجىسىدە ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنىشى بولغان بىر رايۇن بولۇش ئەۋزەللىكىنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. تارىختىن بىرى ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خىتاي، ھىندى، ئىران، تۈرك ۋە يۇنان مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولغا ئىگە ئىدى. شەرقىي تۈركىستان غەربىي تۈركىساندىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن پاكىستان، ھىندىستان، كەشمىر، تېبەت، موڭغۇلىيە، روسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدۇ. بولۇپمۇ تارىختىن بىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا ناھايتى موھىم بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى رايۇن سۈپىتىدە قوللۇنۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندا 122 خىل كان بايلىقى بار بولۇپ، خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا بۇلار خىتايدىكى كان بايلىقى تۈرلىرىنىڭ %81.3 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ يەرنىڭ نېفىتلىك كۆلىمى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ جەمئى نېفىتلىك كۆلىمىدىن كۆپ بولۇپ، پەقەت بۇ رايۇننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىم ۋادىسىدىكى زاپاس نېفىت مىقدارىلا 50 مىليۇن توننا ئىكەنلىكى شىۋىتسىيە ۋە ياۋرۇپا بىرلىكى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. شىۋىتسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ جايدىكى تەبئى گازنىڭ زاپاس مىقدارى 8 تىرلىيون كۈپ مېتىر («ۋال كوچىسى» ژۇرنىلىغا ئاساسلانغاندا 2.5 تىرلىيۇن كۈپ مېتىر) ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، سىرىتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى رەسمىى سىياسەت ھالىغا كەلتۈردى ھەمدە بۇ جاينىڭ سىتراتېگىيەلىك موھىم ئورنىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا بۇ يەردە ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر خىل بېسىم سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. بۇ رايۇننىڭ تەبئى بايلىق ۋە سىتراتېگىيەلىك ئورنىدىن بۇ يەردىكى تۈركلەرنىڭ پايدىلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە، خوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان سىياسەتلەرنى قوللانماقتا. ھېلىھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇلغان بىر ساندۇققا ئوخشاش بولۇپ، سىرىتقى دۇنياغا ئېچىۋىتىلمىدى. بۇ يەردىكى خەلقنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرىدە يالغۇز قېلىشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارالىق ئاخباراتلار ۋە ھاۋا يوللىرى پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى بۇنىڭ نەتىجىسىدۇر.

خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا ۋەقە پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەر – شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارشى خىتاي سىياسەتلىرى:

1. شەرقىي تۈركىستان «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» ئىكەنلىكى داۋاسى.

بىلگىنىمىزدەك خىتايچىدا «شىنجىياڭ»، ئىنگىلىزچىدا «سىنكىياڭ» دىيىلىدىغان بۇ ئىسىم خىتايلار تەرىپىدىن 1884 – يىلى قويۇلغان بولۇپ، خىتايلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ غەربىدىكى پۈتۈن رايۇننى «غەرپ دۆلەتلىرى» مەنىسىدە «لەنشىيۈ» دەپ ئاتايتى.

تارىختا نۇرغۇن تۈرك خانلىقلىرى قۇرۇلغان ۋە تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەيلى تەبئى ئالاھىدىلىك، مەيلى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت نوقتىسىدىن بولسۇن، خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پەرىقلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. كېلىمات شارائىتى، يەر شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى نوقتىسىدىن خىتايلار بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان، ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئەسلا خىتاي جۇغراپىيەسى ئىچىدە بولالمايدۇ.

قەدىمكى خىتاي مەنبەلىرىدە، تارىختا شەرقىي تۈركىستان رايۇنىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە خىتايلارنىڭ ھېچ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىغا، كۈنىمىزدە خىتايلارنىڭ «شىنجاڭ» ئىسمى بىلەن ئاتاپ، «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان بۇ جاينىڭ «تۈركىستان» ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىمىز . بۇنىڭغا مەنبە كۆرستىدىغان بولساق، مىلادىي 339 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە رايۇنلىرىنى ئايلىنىپ چىققان مەشھۇر راھىپ فاشىيەن خاتىرىسىدە «بۇ يەردە بىرەرمۇ خىتاينى ئۇچراتمىغىنىنى» تىلغا ئالىدۇ. يەنە بىر خىتاي ساياھەتچى راھىپ تاڭ شۈەنزاڭنىڭ بايانلىرىمۇ راھىپ فاشىيەننىڭ دىگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبىك ۋە سالار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرك ئىرقىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان تارىخى ۋە مەدەنىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر ھەقىقەتتۇر. ھەتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈنجۇڭسەن 1924 – يىلى يېزىپ ئىلان قىلغان مەشھۇر «سەن مىن جۇيى» ناملىق كىتابىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدە توختۇلۇپ، «مۇسۇلمان تۈركلەر» دەپ ئاتىغان.

قاراخانىيلار دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئالىم مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدىمۇ «تۈركىستاننىڭ شەرقتە خىتاي چېگراسىدىن، غەرپتە قىپچاق ۋە پەچەنەك ياشايدىغان رۇم چېگراسىغىچە» ئىكەنلىكىنى يازغان. بۇنىڭدىن باشقا «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيتى» ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان خىتايدىن باشقا پۈتۈن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە «تۈركىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستان» سۆزلىرىنى ئۇچرىتىمىز.

نوپۇس سىياسىتى

كوممۇنېست خىتاي دۆلەتنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان تارىخىي ۋە مىللىي خاراكتېرىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە يولغا قويۇۋاتقان ئۈچ ۋەكىللىك سىياسىتى «مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشنى تەشۋىت قىلىش ۋە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان خىتاي خەلقىنىڭ ئاساسى مەنپەئەتىنى قوغداش» نى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، ئاپتۇنومىيە سىياسىتى _ ئىلغار مەدەنىيەت دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان خىتاي مەدەنىيتىگە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ سىڭىپ كىتىشىنى، موقۇملۇق نامى بىلەن خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىچكى موقۇملۇققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرى ۋە تەشەببۇسلار تېرورلۇق ھەركەتلىرى دەپ قارالماقتا ۋە ئەڭ قاتتىق شەكىلدە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا تەرەققىيات پىروگراممىسى ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى دائىرىسىدە خىتاي مەدەنىيتى بۇ رايۇندا «ئىلغار مەدەنىيەت» دەپ تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىرگە، تۈرك نوپۇسىنى ئەڭ ئاز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىدە ئېلىپ بېرىلىش ئىھتىمالى بولغان «ئومۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇش» تا غەلبە قىلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە مىللىى قۇرۇلمىسىنى پىلانلىق بىر شەكىلدە ئۆزگەرتىشكە باشلىدى ۋە بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن كۆپلەپ خىتاي مىللىتىدىن بولغانلارنى بۇ يەرگە يەرلەشتۈرمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس سىتاتىستېكىسى رەسمىي شەكىلدە خىتاي ئىشغالى (1949) دىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا بىلدۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستان نوپۇسى 4 مىليون 333 مىڭ بولغان ۋە بۇ سانغا 0 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغانلار كىرگۈزۈلمىگەن، شۇنداقلا ھېچبىر كىشىنىڭ قولىغا نوپۇس دەپتىرىمۇ بىرىلمىگەن ئىدى. بېيجىڭ دائىرلىرى تۈركلەرنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ئارقىلىق كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي نوپۇسى ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوق قىلىشنى ئۆز سىياسىتى قىلغان. خىتاي كوممۇنېستلىرى نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى ئۆز پايدىسىغا ماس ھالەتتە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان بولۇپ، 1985 – يىلىدىن باشلاپ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان ۋە بۇ سەۋەپتىن ئۆلگەن ئايال ۋە بالىلارنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. بۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىپ كەلمەكتە.

2003 – يىلىدىن بىرى «ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكەش» سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بولسا، ياش ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىش تېپىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋەدىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق مۇتلەق كۆپ سانلىق بولغان خىتاي نوپۇسى ئىچىدە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. بولۇپمۇ 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى «تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش، تېخىمۇ ياخشى ئىش پۇرسىتى» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى، ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. 2006- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بۇ سىياسەت نەتىجىسىدە ئۆز رازىلىقى بولمىغان 240 مىڭ ئۇيغۇر قىزى مەجبۇرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن. خىتاينىڭ بۇ پىلانىدا 1 مىليون ئۇيغۇر قىزىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى مەقسەت قىلغانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر، ئۆزلىرى ئىشلەيدىغان ئورگانلاردىن مۇراجىئەت ئىسپاتى ۋە تونۇشتۇرۇش ئىسپاتى ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەكسىچە كوممۇنېست خىتاي دائىرلىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن خىتايلارغا ھەر تۈرلۈك ئىمتىياز ۋە قۇلايلىقلارنى يارتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دائىرلىرى بۇ كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتمەستىن، مۇستەملىكە قىلىنغان بۇ رايۇندا مەڭگۇ قېلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى يارىتىپ بەرگەن. شەرقىي تۈركىستاندا بۇ كۆچمەنلەر ئەڭ ياخشى ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەر ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن خىتاي كۆچمەنلەرگە قارىغان ئەڭ ناچار ئىش ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە. خىتاي كۆچمەنلەر بولسا يۇقىرى مائاش بىلەن تەبئىى گاز ۋە نېفىت قۇدۇقلىرىدا، دۆلەت يۆلەيدىغان شىركەتلەردە ھەتتا مەكتەپلەردە خىزمەت قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كۆچمەنلەرگە مۇنبەت دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بىرىلىپ، بۇ رايۇندا بۇ كۆچمەنلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇلماقتا.

مائارىپ – تىل

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ياۋرۇپادا بەرگەن دوكىلاتىدا «مائارىپ ھوقۇقى»غا ئائىت قانۇنى كاپالەتلەر يەر ئالغان. ئىككىنچى دوكىلاتىدا بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىق تىلىنى سىستېملاشتۇرۇش ۋە دۆلەت مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى يېزىلغان. ئىككىنچى دوكىلات سۇنۇلغان ۋاقىتتا بىر ھۆكۈمەت ۋەكىلى «ياۋرۇپا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومتېتى» غا «شەرتكە چۈشكەن ئەھۋالدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرسلىك كىتاپلىرىنىڭ تەمىنلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۈچىنچى دوكىلاتتا، ھەر خىل سەۋىيەدىكى مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 13 مىليون 640 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تۆتىنچى دوكىلاتتا بولسا، يەسلىلەردە يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى دىيىلگەن. ئەمما بۇ رايۇندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆتمۈشىگە دائىر مەلۇماتلارنىڭ بىرىلىشى چەكلىنىش بىلەن بىرگە چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ دەرسلىك كىتاپلىرىدا بولىشىمۇ مەنئى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ چەتئەل مائارىپ ئورگانلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشىمۇ چەكلەنگەن. خىتاي ئاساسى قانۇنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئاپتۇنۇم رايۇن» ئىكەنلىكى ۋە بۇ رايۇندا ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتايچە بىلەن ئوخشاش رەسمىى بىر تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا ۋە ئۆز تىلىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى چەكلەنمەكتە.

خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئۆز تىلىدا ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ پۈتۈن ئاخبارات ۋە نەشىرىيات ئورۇنلىرى بىردەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئورگىنى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىناتتى. 1980- يىلىغىچە مەكتەپلەردە ماۋزىدۇڭ ئەسەرلىرى پىرىنسىپلىرى يادىلاتقۇزىلاتتى. 1980- يىلىدىن كىيىن مەكتەپ دەرسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھازىرلىنىشىغا رۇخسەت بىرىلگەن بولسىمۇ، كىتاپلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. پەقەت ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى بەزى قىسىملار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئىدى. بۇلار 1978- يىلىدىكى دىڭشىياۋپىڭنىڭ خىتايدا ئەركىنلىكنى يولغا قويۇش ۋە سىرىتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. 1990- يىللاردىكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاكىتىدىن كىيىن خىتاي يەنە بۇ رايۇندىكى سىياسەتلەرنى قاتتىقلاشتۇرۇپ دەسلەپ ئونۋېرىستېتلاردا، كىيىن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەتتا باشلانغۇچ ۋە يەسلى مەكتەپلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىدى. دەسلەپتە پەقەت ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى بەزى قىسىملارغا رۇخسەت قىلغان بولسا، كۈنىمىزدە بۇ رۇخسەتنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى مەتبۇئاتلاردىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. خىتاي دەسلەپتە خىتايچە ئۈگۈنۈشنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇر قىلمىغان ئىدى. 1990- يىللاردىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئۆز تىلىدا ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىش بىلەن بىرگە ئالى مەكتەپ مائارىپىدا ئىككى يىل مەجبۇرى خىتايچە ئۈگۈنۈش شەرت قىلىندى ۋە بۇنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن ئالى مەكتەپ دەرسىنى باشلاشقا رۇخسەت قىلىندى.

دىن

خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 36- ماددىسىدا «ھەر قانداق بىر خىتاي گىراژدانى دىنغا ئىشىنىش ۋە ئىشەنمەسلىك ھوقۇقىغا ئىگە، دۆلەت ئۇلارنىڭ نورمال دىنى پائالىيەتلىرىنى قوغدايدۇ، ھېچكىمنىڭ دىن باھانىسى بىلەن جەمئىيەت ئىنتىزامىنى بۇزۇشىغا، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە دەخلى قىلىشىغا ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ پىروگراممىسىغا قارشى تەشەببۇستا بولىشىغا، دىنىي ئىتىقاد، دىنىي جامائەت ۋە دىنى پائالىيەتلەرنىڭ تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دىيىلگەن.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 36- ماددىسىدا دىنىي ئەركىنلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. دىنىي ئىتىقاد، جامائەت ۋە پائالىيەتلەر تاشقى دۇنيادىن ئۈزۈپ تاشلانغان. دىنغا ئىتىقاد قىلغۇچىلار 1966- يىلىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بىۋاستە باستۇرۇلغان. بەزى ئەھۋاللاردا دىنىي باستۇرۇش بىۋاستە مىللى باستۇرۇشقا باغلانغان. ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، دىنىي ئىتىقادىدىن ۋاز كەچمىگەنلەر ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىلىپ، يالغۇز قالدۇرۇلغان. چۈنكى ھاكىمىيەتنى تەشكىل قىلغان كوممۇنېستىك پارتىيە تەرىپىدىن ھەرقانداق خىزمەتچىنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىشى چەكلەنگەن ئىدى. بارلىق دىنىي مەكتەپلەر تاقىلىپ، 1990- يىلى 2- ئايدىن كىيىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز بولغان جۈمە خۇتبىسى ئوقۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى. مىڭلىغان دىنى خادىملار، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلغانلار تۇتقۇن قىلىندى.

خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ۋە «ئاپتۇنۇم رايۇن» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئىتىقاد خىتاي كومپارتىيسى تەرىپىدىن «زەھەر»، دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەھدىت» دىيىلىپ، ھەتتا «كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئامىل» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنماقتا. ئىبادەتخانىلار بولسا بۇ تەھدىتلەرنىڭ يوشۇرۇن نوقتىسى دەپ قارىلىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى چەكلەنمەكتە. چۈنكى خىتاي دائىرلىرىگە نىسبەتەن دىنغا ئىتىقاد قىلىش دىگەنلىك ھەرگىزمۇ دىنىي ئەركىنلىك دىگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسلىدە بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان دىن ۋە دىنىي ئىتىقادقا بىر-بىرىدىن پەرىقلىق باھا بىرىلگەن. «دىنى ئەركىنلىكنىڭ بولماسلىقى» نىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئېنىق بىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ھالبۇكى «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 9- ماددىسىدا «ھەر قانداق كىشىنىڭ پىكىر، ۋىجدان ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى» بەلگىلەنگەن.

1984- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى ماقۇللانغان ۋە 1984- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى يولغا قويۇلغان «مىللىى چېگرالارغا ئىگە بولغان ئاپتۇنۇم رايۇنلار قانۇنى» نىڭ 18- ماددىسىدىمۇ 1982- يىلىدىكىدەك «مىللىي ئاپتۇنۇم رايۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورگانلار ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنى ئىتىقادى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك» لىكى ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، دىن، ئىتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە، ھەتتا ۋەز ئېيتىش، مەسچىتلەردە جامائەت بولۇپ ئىبادەت قىلىش، ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئالارنى قىلىش، مۇقەددەس كىتابلاردىكى بەزى ئايەتلەرنى ئوقۇش ،ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىلاردا ئىبادەت قىلىشى قاتارلىقلار قاتتىق چەكلەنگەن. ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىبادەت قىلغانلىقى بايقالسا خىزمەتتىن قوغلاش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش، نازارەت ياكى تۈرمە جازاسى بىرىلگەن. ئاياللارنىڭ دىنى ئىبادەتلەرگە قاتنىشىشىغا، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ دىنى تەلىم تەربىيە ئېلىشىغا ۋە ئىبادەت قىلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمىغان. شەخسلەرنىڭ دىنى مەكتەپ ياكى كۇرس ئېچىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنى مەكتەپ ياكى كۇرسلاردا ئوقۇشى چەكلەنگەن. ھەتتا دىنىي تەلىم ئالغانلىقى ياكى ئىبادەت قىلغانلىقى بايقالغانلارنىڭ جازالانغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر رەسمىى ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان. غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، 1996- يىلى مەخپىى قارار ئېلىنىپ، دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان مۇسۇلمانلارغا قاتتىق چەكلىمىلەر قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن خەلق بۇ چەكلىمىلەرگە قارشى قوزغۇلۇشقا مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە 1997- يىلى «قەدىر كېچىسى» كۈنى مەسچىتكە كەلگەن بىر ئايال ۋە باشقا ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. بۇنىڭغا قارشى قوزغالغان خەلق خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان. بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقتا 300 مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن، ئونمىڭلىغان مۇسۇلمان تۇتقۇن قىلىنغان. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا پۈتۈن دۆلەت تەۋەلىكىدە داۋاملاشقان تۇتقۇن جەريانىدا 17 مىڭ كىشى «خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا يوللانغان.

ساياھەت ئەركىنلىكى

«ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگۈتۈش كومتېتى ئەھدىنامىسى» نىڭ 5- ماددىسىدىكى كاپالەتلەرگە قارىماستىن، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغان بولۇپ، بۇ چەكلىمە داۋاملاشماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەھدىنامىنىڭ 5- ماددىسىدىكى «بىر يەردىن ئايرىلىش ھوقۇقى» مۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ھەممىدىن موھىمى يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كۆچۈشمۇ قەتئىى چەكلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 2017- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنىش بىلەن بىرگە، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەرمۇ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان. چەتئەلدە چىققاندىن كىيىن قايتىپ كىتىشنى ئويلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئالدىنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نۇرغۇنلىغان چەكلىمىلەر توسۇپ تۇرماقتا.

يادرو سىنىقى ۋە موھىت مەسىلىسى

خىتاينىڭ «يادرو تەتقىقاتى مەركىزى» ۋە «ئاتوم سىناق مەيدانى» شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي بۇ يەرگە «يادرو بومبا سىناق بازىسى» قۇرۇش قارارىنى سوۋىت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن 1958- يىلى ئېلىپ، 1960- يىلى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ «يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى» نىڭمۇ بۇ رايۇندا ئىكەنلىكىنى Quisk ژۇرنىلى 1988- يىلى ئىلان قىلغان. 1964- يىلى 10 ئاينىڭ 16- كۈنى ھېچقانداق قوغداش تەدبىرى ئېلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا تۈنجى قېتىملىق ئاتوم بومبىنى پارتلاتقان. 1964- يىلى باشلىغان يادرو سىنىقىنى تاكى 1996- يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان خىتاي، بۇ 32 يىلىدا 22 قېتىم يەر ئاستىدا، 23 قېتىم ھاۋادا سىناق ئېلىپ بارغان. ئېلىپ بېرىلغان بۇ سىناقلار بۇ رايۇننىڭ موھىتى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولماقتا. رادىئاتسىيە نەتىجىسىدە 210 مىڭ كىشىنىڭ راك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كىسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. شۇنداق بولسىمۇ تېخىچە رادىئاتسىيەنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرى تۈگۈتىلگىنى يوق.

11- سىنتەبىردىن كىيىنكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي تەسىرى

2001- يىلى 9- سىنتەبىر ئامېرىكىدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان ھوجۇمنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاقىۋىتى غەرپلىكلەردە يېڭى بىر تونۇش پەيدا قىلدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ تونۇش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق كۆرەشلىرىنى زورلۇق بىلەن باستۇرۇشتىكى ئاساسى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ئافغانىستاندا قوزغىغان «رادېكال ئىسلامچى تېرورىستلارنى ئىزدەش» ھەركىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئوخشاش مەقسەتتە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا، ئۇلارنى جازالىشىغا سەۋەپ بولدى. 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن يەرشارىلاشقان «تېرورغا قارشى كۆرەش» سىتراتېگىيەسىگە بولغان تونۇش بارلىققا كەلدى ۋە خەلقئارا سىستېمىدىكى تەسىر كۈچلەرمۇ بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. رايۇن خاراكتېرلىك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نى تايانچ كۈچ سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. 11- سىنتەبىردىن كىيىن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خىتاي ئۆزىنى يوللۇق كۆرسىتىدىغان تەشۋىقات ۋە ماتېرياللارنى تەييارلاپ تارقاتتى. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «تېرورغا قارشى كۆرەش» دەپ سۈپەتلەپ، 1990- يىلىدىن باشلاپ ئۆزىگە قارىتىلغان سەلبىى ئىنكاسلارغا قارشى ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى. بۇنداق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە 2002- يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ب د ت نىڭ تېرولۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى دىققەت مەركەزلەشكەن ئاساسلىق نوقتا «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش» ھەرىكىتىدۇر. «پۈتۈن خەلقلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگۈلەش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ بەلگىلەنگەن ب د ت نىزامنامىسىغا ئاساسلانغاندا، «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقى» دۆلەت ياكى شەخىسكە بىرىلگەن ھوقۇق بولماستىن، بەلكى خەلققە بىرىلگەن ھوقۇقتۇر. مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقى تىلغا ئېلىنغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ ئەلۋەتتە. بىراق ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە دەل ئەكسىچە خەلقئارا قائىدە-نىزاملار دەسسەپ ئۆتۈلۈپ «تېرورىزىم» خاراكتېرىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

2005 – يىلى تۈنجى بولۇپ خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان مەخپىى ۋە ئاشكارا قانۇنلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، بۇ رايۇننىڭ ۋەزىيتى توغرىسىدا رەسمىى شەكىلدە بىر دوكىلات تەييارلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ئېنىقلانغان ھۆججەتلىرى، يەرلىك قانۇنلىرى، قانۇنلۇق گېزىتلەر ۋە بۇ رايۇندا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت قاتارلىق موھىم مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان بۇ دوكىلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاياق-ئاستى قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللىكتىپ يىغىلىشلىرىغا، يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى ئاشكارا ئىپادىلىشى قاتارلىقلارغا يول قويۇلماي، قەتئىى چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ دوكىلاتتا يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىى كىملىكلىرىنىڭ ئاساسى بولغان دىنى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ياكى تۈپتىن يوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى ناھايتى ئېنىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ دوكىلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كومپارتىيە سېكىرتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ «شىنجاڭدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەڭ موھىم ۋەزىپىسى _ دىننى كونترول قىلىش ۋە يتەكلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىقتىسادى قۇرۇلما، زىمىن پۈتۈنلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىنى قوغداش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەركىزى ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ» دىگەن سۆزى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جىسمانى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان يىغىلىش ۋە قوزغىلاڭلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسى خەلقئارا سەھنىلەردە، بولۇپمۇ 2001- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كىيىن «رادېكال ئىسلام تېرورلىقى» نامىدا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ئامېرىكا خىتايغا قارشى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نى قۇرۇپ، دەسلەپ خىتايچىنى ئاساس قىلغان ھالدا تېبەتچە، موڭغۇلچە ۋە ئۇيغۇرچە رادىيو پىروگراممىلىرىنى ۋاشىنگىتوندىن تارقاتتى. ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇچرىشىشلىرىدا دائىم دىگۈدەك شەرقىي تۈركىستان ۋە تېبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

1982- يىلىدىكى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى) نىڭ سالاھىيتى

شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى) خىتاي كوممۇنېستلىرى كونتروللۇقىدىكى ئالتە رايۇن ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ (1 مىليون 600 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق) بولغان بىر رايۇن بولۇپ، مەمۇرىى سالاھىيتى 1955 – يىلى بەلگۈلەنگەن ۋە بۇ رايۇندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ قارالغان. بۇ سالاھىيەتكە ئاساسەن 1982- يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئاساسى قانۇنىنىڭ بەزى ماددىلىرىدا ئاپتۇنۇمىيە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەزى ھوقۇقلارنىڭ بىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاساسى قانۇن تېكىستلىرىدە «باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش مەنئىى قىلىنىدۇ» دىگەن ئىبارىلەرمۇ يەر ئالغان. قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ 1982- يىلىدىكى بۇ ئاساسى قانۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كەڭرى كاپالەتلەر ۋەدە قىلغان بولۇپ، بۇرۇنقى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا سېلىشتۇرغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاپتونۇمىيە ھەققىدە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىلگەن. بۇ ھال ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئاساسىي قانۇندا ئىلگىرلەشلەر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 4- ماددىسىدا «مىللەتلەر باراۋەرلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايۇنلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش ئۈچۈن «ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرىنى» قۇرۇش تەكىتلەنگەن. 4- ماددىنىڭ ئاخىرقى پاراگىرافى 121-119- ماددىلىرىدا «ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ۋە يېڭىلاش ھوقۇقىغا ئىگە» ئىكەنلىكى، «مىللىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، داۋاملاشتۇرۇش، تەنقىدلەش قاتارلىقلاردا مۇستەقىل باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە» ئىكەنلىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن . ئەمما مىللىي يادىكارلىقلار ۋەيران قىلىندى، ئىلىم-پەن، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە نەتىجە ياراتقانلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى چەكلەندى، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش ۋە خىزمەتكە قوبۇل قىلىنشتا خىتايچە بىلىش ئالدىنقى شەرت قىلىندى، «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ئارقىغا چۆرۈۋىتىلدى.

خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 59-65-114- ۋە 116- ماددىلىرىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ۋەكىلى بولۇش» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ۋە «ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتلەر <رايۇننىڭ مىللىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش> قا ھوقۇقلۇق» ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قارار چىقىرىش، رول ئېلىش، چەتئەل ئالاقىسى، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ئۇلار بىلەن كىلىشىم تۈزۈش ياكى تەكلىپ بىرىش ھوقۇقى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا قاتناش، ئاممىۋىي ۋە ھەربىي ئايرودروم، تاموژنا قاتارلىقلار ئورگانلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىمۇ يوق. ئەمما خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىگە بىۋاستە قاراشلىق بولغان «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» (بىڭتۈەن) بۇ رايۇندا يىتىشتۈرگەن مەھسۇلاتلارنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتكە مەسلىھەت سالماستىن ئېكىسپورت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 117-، 118- ماددىلىرىدا «ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرى مالىيەنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە» ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن بولۇپ، «رايۇننىڭ پۈتۈن كىرىمى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغانلىقى، يەرلىك ئىقتىسادى پىلان دۆلەت پىلانى تەرىپىدىن تەڭشىلىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان. ئەمما 1949- يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە پۈتۈن ئىقتىسادىي بايلىقلار خام ئەشيا سۈپىتىدە خىتاي مەركىزىگە توشۇلدى. 1980- يىللارغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن ئاساسەن خام ئەشيا توشۇش بىلەن كۈپايىلەنگەن بىر ئىقتىسادى سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسا، 1980- يىلىدىن كىيىن سېۋىت ئىتتىپاقىدىكى قوشنا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئېلىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى يېڭى بىر پىلان تۈزۈپ چىقىپ، خام ئەشيالارنى رايۇن ئىچىدە پىششىقلاپ ئىشلەشكە باشلىدى ۋە چەكلىك بولسىمۇ چەتئەلنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئېچىۋىتىلدى. ئەپسۇس سىستېمىدا ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى. بۇ يەردە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار خىتاي مەركىزىگە ئېلىپ كىتىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باھا پىچىلىپ كەلدى.

خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 120- ماددىسىدا «ئاپتونۇم رايۇنلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يەرلىك ئىھتىياجلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا «جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش» ئۈچۈن «يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەشكىللەش» كە بولىدۇ» دىيىلگەن. ئاپتۇنۇم رايۇن ھۆكۈمەتلىرىگە بىرىلگەن بۇ ھوقۇق يەنە ئاساسىي قانۇندا يەر ئالغان ماددىدا چەكلەنگەن ئىدى. چۈنكى، شۇنىڭغا ئوخشىغان يەنە بىر ماددىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنداق بىر كۈچ تەشكىللەش ئۈچۈن «دۆلەت مەجىلىس كېڭىشى» نىڭ رۇخسىتى بولىشى كىرەك ۋە دۆلەتنىڭ ھەربىي سىستېمىسىغا ئۇيغۇن بولىشى شەرت قىلىنغان.

ئەمەلىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىجرائاتقا قارايدىغان بولساق «ئالاھىدە سالاھىيەت» كە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ۋە باشقا ئاپتونۇم رايۇنلارغا (تېبەت، موڭغۇلىيە، مانجورىيە) بىرىلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى ئەمەلىيەتتە بىرىلمىگەن بولۇپ، «ئاساسي قانۇن جىنايىتى» سادىر قىلماقتا. ئاساسىي قانۇندا تىلغا ئېلىنغان «ئاپتونۇمىيە» چۈشەنچىسى بولسا پەقەت قۇرۇق سۆزدىن ئىبارەت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقى بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن «خىتاي كوممۇنېست پارتىيەسى رايۇن سېكىرتارى» تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا. ئاپتونۇم رايۇن رەئىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ۋە ئىمزا قويۇش ھوقۇقى يوق. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپتونۇمىيە ئورگانلىرى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن سودا توختامى تۈزۈش ھوقۇقىمۇ يوق. بۇ رايۇندا «ئاپتونۇم رايۇن ھۆكۈمىتى» بىلەن ئوخشاش سالاھىيەت ۋە ھوقۇققا ئىگە بولغان يەنە يەتتە تۈرلۈك دۆلەت ئورگىنى بار بولۇپ، بۇلار ھەتتا «ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت» تىنمۇ ئارتۇقراق ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا ئىگە. يىغىپ ئېيتقاندا ئىقتىسادىي نوقتىدىن كەڭ ئىمتىياز ۋە ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، «ئاپتونۇم رايۇن ھۆكۈمىتى» گە مەلۇم قىلماستىن چەتئەلدىكى شىركەتلەر بىلەن سودا توختامى تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق. ھۆكۈمەت ۋە باشقا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنى تامامەن كومپارتىيە كونترول قىلىدۇ. يول يورۇق ۋە كۆرسەتمىلەر خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بىرىلىدۇ ۋە ئىلان قىلىنىدۇ. ئۆز ئىتىقادى ۋە مىللىي مەجبۇرىيەتلىرىگە ئىگە بولۇش چەكلەنگەن. بولۇپمۇ 2003- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئىشلەتكەن ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى، پىروفېسسور ۋە يازغۇچىلار خىزمەتلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغان. بۇ دەپسەندىچىلىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئەزگۈچى قانۇن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي سىياسىتىنى مەنبە قىلغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ئاساسىي قانۇنىدا تىلغا ئالغان يۇقۇرىدىكى ماددىلارغا مەسئۇل بولسىمۇ، ئەمما سىياسەت ۋە مەنپەئەت سەۋەبىدىن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھېچ بىرىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. ئەھۋال موشۇنداق تۇرسىمۇ، ئۇيغۇرلار يەنە ئاساسىي قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بىرىلىشىنى خىتاي دائىرىلىرىدىن تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە جازا سۈپىتىدە ھەر خىل قاتتىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. كۈنىمىزدە خەلقئارا قانۇن سىستېمىسى ئۇ دەرىجىدە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دائىرىسىدىكى ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە تەشەببۇس بۇ زامانىۋىي دەۋىردە ھەل قىلىنماي قالماسلىقى كىرەك. شۇنداقلا خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان «ئاپتونۇمىيە قانۇنى» دا بەلگۈلەنگەن ھەق-ھوقۇقلاردىكى خىتاينىڭ جاۋاپكارلىقى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىشى كىرەك.

«كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» غا ئاساسلانغاندىكى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ ئاپتونۇمىيەسى)

1945- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ۋە 1948- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ماقۇللانغان «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دا تۆۋەندىكى شۇ قۇرلار تىلغا ئېلىنغان:

«ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ قەدىر-قىممىتى، باراۋەر ۋە ئايرىلماس ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئىتراپ قىلىنىشى، ھۆرلۈك، ئادالەت ۋە دۇنيا تېنچىلىقىنىڭ ئاساسىي بولۇشى ئۈچۈن،
ب د ت ئەھدىنامىسىدا، كىشىلەرنىڭ تەبئىي ھوقۇقىغا، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ۋە ئىززىتىگە، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قۇلايلىق يارىتىش، تېخىمۇ كەڭ ھۆرلۈك ئىچىدە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتى بەرپا قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن،
ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى ھەممە كىشى ئوخشاش شەكىلدە چۈشىنىش _ يۇقىرىدىكى ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئىنتايىن موھىم ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ب د ت ئومۇمىي يىغىنى ئىنسانىيەت جەمىيتىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى بىلەن بۇ خىتابنامىنى ئەسلا ئۇنۇتماي، مائارىپ ۋە تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق بۇ ھەق-ھوقۇق ۋە ھۆرلۈككە ھۆرمەت قىلىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،
بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان مىللىي ۋە خەلقئارا تەدبىرلەر ئارقىلىق مەيلى ئەزا دۆلەتلەر خەلقى ياكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان دۆلەت خەلقلىرى بولسۇن، بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە ۋە پۈتۈن خەلق ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق غايىسى سۈپىتىدە بۇ كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى ئىلان قىلىندى»

ئەپسۇس بۇ خىتابنامىدە دىيىلگەننىڭ ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى «تۆۋەن تەبىقە ئىنسانلار» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، يىللاردىن بىرى خىتاي مۇستەملىكىسى تەرىپىدىن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان پەسكەشلەرچە مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

خىتابنامىنىڭ 4- ماددىسىدا (قۇللۇق ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش)« ھېچكىمنى قۇل قىلىشقا بولمايدۇ، ھېچكىمنى مەجبۇرى ئىشلىتىشكە ياكى ئىشلەشكە زورلاشقا بولمايدۇ …» دىيىلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەر «كوللىكتىپ» نامىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئىشلىتىلمەكتە.

خىتابنامىنىڭ 5- ماددىسىدا (ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ھوقۇقى) «ھەر بىر شەخىسنىڭ ئەركىنلىك ۋە بىخەتەر ياشاش ھوقۇقى بار» دىيىلگەن بولسىمۇ ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى چەكتىن ئاشقان قورقۇتۇش ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى نەتىجىسىدە ئەركىنلىك ۋە بىخەتەر ياشاش موھىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. پات-پات خەلقئارا كۈنتەرتىپتە ئەكىس ئىتىپ تۇرۇۋاتقان خەۋەرلەر بۇ ئەھۋاللارنى دەلىللىمەكتە.

خىتابنامىنىڭ 7- ماددىسىدا «ھەر قانداق بىر كىشىنى دۆلەت ياكى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن جىنايەت ھىساپلانمايدىغان قىلمىش ياكى سەۋەنلىكى تۈپەيلى جازالاشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ جىنايىتىگە لايىق جازادىن ئېغىر جازا بىرىشكە بولمايدۇ» دىيىلگەن بولسىمۇ، ئەسلا جىنايەت ھىساپلانمايدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەتتا بالىلارمۇ ئېغىر جازالارغا ئۇچۇرىماقتا. يۈز بەرگەن رېئال ئەھۋالنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى شەھەرلەر ئارا پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن توپ مەستانىلىرىگە قارىتىپ ئوق چىقىرىلغان بولۇپ، ۋەقەدىن كىيىن 70 ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم. خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرى بۇ قىلغانلىرىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن 2017- يىلى 2- ئايدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھوجۇمنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى. بۇ ھاكېمىيەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىشلارنى مۇجىمەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە. يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە جىنايەت ھىساپلانغان قىلمىشنىڭ جازاسى ئاممىۋى قەتلىئام بولماقتا. ھېچقانداق سەۋەپ بۇ ئەھۋاللارنى قانۇنلاشتۇرالمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ جاۋاپكارلىقلىرى قايتا ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خىتابنامىنىڭ 8- ماددىسىدا «ھەرقانداق كىشى شەخسى ۋە ئائىلىۋى ھاياتىغا، ئۆي ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە» دىيىلگەن بولسىمۇ ئەمما، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەسى توسالغۇغا ئۇچۇرىماقتا. ھەر بىر خىتاي ساقچى سوت قارارى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۆزى خالىغان يەردە خالىغانچە ئاقتۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
خىتابنامىنىڭ 9- ماددىسىدا «ھەر بىر شەخىس چۈشەنچە، ۋىجدان ۋە دىن ئەركىنلىكىگە ئىگە» جۈملىسى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما قىزىل كوممۇنېسىت خىتاي دائىرىلىرى دىنى ئىتىقات ۋە پائالىيەتلەرنى بىردەك نەزەردىن ساقىت قىلىپ، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ھەر تۈرلۈك جازالار بىلەن جازالاپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەلىك ۋە مىللىي روھىغا ئەسلا ھۆرمەت قىلمىدى. «شىنجاڭ» نى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشنى «پانتۈركىسىزىم» دەپ قارىماقتا.

خىتابنامىنىڭ 10- ماددىسىدا «ھەر قانداق بىر شەخىس پىكىر ۋە ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دىيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن كوممۇنېست قىزىل خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان تۇپراقنىڭ ئەسلى ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك، ئىنقىلاب ھەرىكىتى» دەپ ئاتاپ كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە لوپتىكى تۈرمىغا مىڭلىغان كىشى سولانغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىلان قىلغان 1992- يىلى 11- ئايدىكى دوكىلاتتا، ئۇيغۇر، قازاق ۋە بۇ يەردە ياشىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇلۇپ، ھېچقانداق سوت قارارى يوق ئەھۋالدا قولغا ئېلىش، تۇتۇپ، تۇرۇش ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جەنۋە خىتابنامىسى 3- ماددىسىنىڭ ئەھمىيىتى

خىتابنامىلەردە ئورتاق بولغان 3- ماددىدا بەلگۈلەنگەندەك، خەلقئارالىق بولمىغان بەزى قۇراللىق توقۇنۇشلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىدىدىكى بەزى چەكلىمە ۋە قائىدىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش كىرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ يەردىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان نوقتا شۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى توقۇنۇشتا يۈز بىرىپ كىلىۋاتقانلارنى نەزەرگە ئالغاندا، شۇ ماددىلارنىڭ ئاپئاشكارا دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدا خىتاي كوممۇنېستلىرىنىڭ جاۋاپكارلىقى بارلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. 1949 جەنۋە خىتابنامىسىنىڭ 1- 3- ماددىسىدا «ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشمىغانلار، قۇرال تاشلىغانلار ۋە كېسەللىك، يارىلىنىش، تۇتقۇنلۇق ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا قالغانلار ئىرقى، رەڭگى، دىنى، جىنسى، تۇغۇلىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئايرىمچىلىققا ئۇچۇرىماستىن، ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەپلەر بىلەن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە تۆۋەندىكى مۇئامىلىلەرنىڭ قىلىنىشى قاچان، قەيەردە بولسا بولسۇن قەتئىي چەكلىنىدۇ.»
«ھاياتىغا، جىسمانىي ساغلاملىقىغا، كىشىلىكىگە زىيان سېلىش، باسقۇنچىلىق، ھەرخىل شەكىلدە ئۆلتۈرۈش، مىېيىپ قىلىش، رەھىمسىز مۇئامىلە، قىيناش ۋە زۇلۇم قىلىش، گۆرۈگە ئېلىش، ئىززەت-ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىش، ھاقارەت قىلىش، غۇرۇرىغا تېگىدىغان مۇئامىلىلەر، «مەدەنىي دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان، ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە بولغان دائىملىق بىر سوت تەرىپىدىن سوتلانماي تۇرۇپ بىرىلگەن ھەرقانداق قاماق ۋە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى» قاتارلىقلار.

ھەر خىل ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئەھدىنامىلەر

بۇ ھۆججەت 1969- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى تىلغا ئېلىشتىن باشقا، خىتابنامىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە قارشى جىنايەتلەر: «ئادەم ئۆلتۈرۈش، يوقۇتۇش، قۇل قىلىش، قىيناش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار كەڭ كۆلەمدە ۋە سىستېمىلىق شەكىلدە ھەر قانداق بىر كوللىكتىپقا قارىتىلغان بولسا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ» غانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئاخىرىدا، ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە تۆتكە ئايرىغان ماددىنىڭ سەككىزىنچىسىدە، ئاخىرقى ئىككى ماددا خەلقئارالىق بولمىغان قۇراللىق توقۇنۇشلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتلەر بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن «توقۇنۇشقا قاتناشمىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش ۋە قىيناش، ئۆرپ-ئادەت ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك دەپسەندىچىلىك، يېزا ۋە كەنتلەرنىڭ ئوققا تۇتۇلىشى، پۇقرالار توپىغا ھوجۇم قىلىش، دىنىي ئورۇنلار ۋە مائارىپ ئورۇنلىرى سەنئەت ۋە تارىخىي ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىپپەت-نۇمۇسىغا تېگىش جىنايەتلىرى» بىكىتىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەھدىنامىلەر: ھەر خىل ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقۇتۇشقا ئائىت كىلىشىم (1966)، ئاياللارغا قارىتىلغان ھەر خىل ئايرىمىچىلىقنى يوقۇتۇشقا ئائىت كىلىشىم (1979)، قىيناش، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى ھاقارەتلىك مۇئامىلىلەر ۋە جازالارغا قارشى كىلىشىم (1984)، بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى كىلىشىمى (1989)

كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىنىشىغا دائىر قوشۇمچە نۇرغۇنلىغان ئۆلچەم ۋە قائىدىلەرنى بىكىتكەن بولۇپ، بۇ ئۆلچەم ۋە قائىدىلەر تىلغا ئېلىنغاندا ب د ت نىڭ قەغەز يۈزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قانچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ «كىلىشىملەر»، «مەشغۇلات قائىدىلىرى» ۋە «پىرىنسىپلار» ھەر قايسى دۆلەتلەر قاتناشقان شەرتنامە بولمىغان بولسىمۇ، دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن شەرتنامىدۇر. بۇلارنى ئىجرا قىلىشتا بۇ ئۆلچەملەرگە رۇئايە قىلىش قىلماسلىق يەنىلا تارتىشىلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر.
دىن ۋە ئىتىقاتنى ئاساس قىلغان ھەر خىل يەڭگىللىك ۋە ئايرىمچىلىقنى يوقۇتۇشقا ئائىت خىتابنامە (1981)، تەرەققىيات ھوقۇقى خىتابنامىسى (1986)، مىللىي، ئېتنىك، دىنىي ۋە ئاز سانلىقلار تىلىغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىتابنامە (1992)، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ئائىت خىتابنامە (1998).

ئاخىرقى سۆز

خىتاي خەلقئارا سەھنىدە كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورۇنغا، شۇنداقلا دۇنيا سىياسىتىدە موھىم ئورۇنغا ئىگە. خىتاينىڭ ب د ت قارار چىقىرىش ئورگىنىدا بولىشى، دائىمىي ئەزالىق سالاھىيتى بىلەن بىرلىككە كىلىنگەن قارارغا قارشى رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بىرىلىشى ئۇنى موھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ئىمتىيازلىرىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى، ئۇ قوللانغان كونكېرت قىلمىشلارنىڭ قانۇنىي ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىقلاردىكى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كىرەك. ئۇنىڭ كۈچلۈك ئورنى ۋە رەت قىلىش ھوقۇقى، ب د ت نىزامنامىسى «8- بۆلۈم، تېنچلىقنىڭ تەھدىتى، بۇزۇلۇشى ۋە ھوجۇم قىلىش قىلمىشلىرى» دائىرىسىدە ئارلىشىشى ياكى ئالدىنى ئېلىشنى تەسلەشتۈرمەكتە.

خەلقئارانىڭ مەجبۇرىيتى، كىلىشىملەر، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئېلىنغان قارارلار، ئاگاھلاندۇرۇشلار خىتاينى توختۇتۇشتىن ئاجىز كەلمەكتە. خىتاي ئورۇندىشى كىرەك بولغان ھەرقانداق قارارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئۆزى بىلگىنى بار. ئۇ كىلىشىملەرگە قېتىلغان ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك كىلىشىملەرنىڭ بەلگۈلىمىلىرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ يەردە بىز خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتا «خىتاي ھەتتا ئۆزنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتىمۇ ئارقىغا چىكىنمەكتە» دىيەلەيمىز. بۇ ئەھۋال «ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشماسلىق ۋە ئاساسى قانۇن دەپسەندىچىلىكى» خاراكتېرىگە ئىگە. خىتاي ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا چۆرۈپ، ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى ھەقلىق كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە. پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈن خەلقئارا تۈزۈم ۋە ئەدىلىيە مىخانېزىمىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر بولماقتا.

ماقالىنىڭ تۈركچە ئەسلى نۇسخىسى: Uluslararası hHukuk Bakımından Çin’in Uygur Özerk Bölgesinindeki Politikasına Bir Bakış

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top