You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئېسىت، مەلىكە! – سەلىمە ئا. كامال

ئېسىت، مەلىكە! – سەلىمە ئا. كامال

ئېسىت، مەلىكە!

سەلىمە ئا. كامال

– مەلىكەنىڭ ئانىسى ھەر جۇمە كۈنىدە ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدۇ. قۇرۇق بارمايدۇ. كىچىك چىپار خالتىدا دان ئېلىپ بارىدۇ، يەنە كىچىك چۆگۈندە سۇ. ئاناقەبرە ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. ئۇزاق دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭ دۇئاسى تۈگىگىچە قۇشلار ئولۇشۇپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ئانا چىپار خالتىنى ئېچىپ ئۇلارغا دان چاچىدۇ: قىزىم ئۈچۈن!-دەپ  پىچىرلايدۇ. چۆگۈندىن سۇ چېچىپ، قەبرىنى سۈپۈرىدۇ… گۆركارلارنىڭ ياردىمىدە قەبرىگە تېرىغان گۈللەرنى سۇغارغاندا، تارام-تارام كۆز ياشلىرى قوشۇلۇپ كېتىدۇ…

 –  مەلىكەنىڭ بالىلىقتىكى دوستى، يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس ئاپپاي بىلەن سۆھبەت خاتىرەمدىن.   

1990-يىل 7-ئاي.

 سېنى ئەسلەيمەن

   بۇلبۇللار سايرىسا گۈلشەنلەر ئارا،            شاماللار ئويناتسا سۇمبۇل چاچىمنى،

   ئويغىنىپ ھەرتاڭدا سېنى ئەسلەيمەن .       كەلدىمۇ يايرىم دەپ سېنى سورايمەن.

ئامرىغىم ئىشقىڭدا كۆيگەن گۈلۈڭمەن،         مۇھەببەت رىشتىسى سەندە بولغاچقا،

     ياڭرىتىپ ناخشامدا سېنى كۈيلەيمەن.       تەلمۈرۈپ ھەرتاڭدا  يولۇڭغا قارايمەن.

  بۇلۇتلار ئۈزۈشەر ئاينى ئەگىشىپ،

       يۇلتۇزلار ئوينىشار كۆزىنى قىسىشىپ،

               سەن كەتتىڭ، مەن قالدىم ئۆستەڭ بويىدا،

             خوش! دېگەن سۆزلەرىڭ ھېلىمۇ يادىمدا!


60-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان «سېنى ئەسلەيمەن»نىڭ قىزغىنلىقى تاكى 2000-يىللارغىچە ئۆچمىدى. ناخشىدىكى جۇدالىق ھەسرىتى، ۋاپادارلىققا يۇغۇرۇلغان مىسكىن قۇرلار ياشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرەتتى، يىغىلىشلىرىدا ئومۇمىي خورغا ئايلىنىپ كېتەتتى. شۇ يىللاردا يەنە زىيالىلار، ئەدىبلەر… ئىشقىلىپ ئىلغار پىكىرلىك، خاس ئىدىيىلىك نۇرغۇن پىشقەدەملەر، بولۇپمۇ شىماللىقلار جەنۇپقا، تەكلىماكان-تارىم بويلىرىدىكى قاتنىشى قولايسىز، ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى قىيىن، تۇرمۇشتا نامرات رايونلارغا «ئىدىيە ئۆزگەرتىش»كە سۈرگۈن قىلىندى. يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ئاۋامنى سەركىسىز قالدۇرۇش مەقسىدىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىنكى قەدەمدە يەنى 68-، 69-يىللىرى بارلىق مەكتەپلەرنى تاقاپ، قولىغا قېرىنداش ئالغانلىكى ئوقۇغۇچىنى «زىيالىي ياش» نامىدا يېزىلارغا ھەيدىگەندە، «تارىم ناخشىسى»-يەنە بىر نادىر ناخشا سۈرگۈندىكىلەرگىمۇ، كۈندۈزى ئون سائەتلەپ ئېغىر ئەمگەك قىلغان ياشلارغىمۇ تەسەللى، ئۈمىد بېغىشلىدى:

تارىم ناخشىسى

مەن تارىم بويىغا كەتتىم، كۆيۈشكەن دوستلار خوش ئەمدى.

بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسكەن، ئارزۇلۇق كۆڭۈللەر خوش ئەمدى.

مەن تارىم بويىغا بېرىپ، ھارماي-تالماي ئىشلەيمەن،

ئەگەر كەلسەڭ تارىمغا گۈل-چېچەككە  ئورايمەن.

بۇ ناخشا تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرسەھنە- سورۇنلىرىدا ياڭراپلا قالماي، فىنلاندىيە، گېرمانىيەلەردە ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي خەلقئارالىق فېستىۋاللاردا دۇنياۋى ناخشا چولپىنى دىلبەرنىڭ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنى روك ئۇسلۇبىدا ئورۇنلاپ خەلقئارادا نام قازانغان پەرھات خالىقنىڭ ئورۇندىشىدا ياڭرىماقتا. بۇ ئىككى ئۆلمەس ناخشىنىڭ تېكىستىنى شائىرە-مەلىكە زىياۋۇدۇن يازغان. مۇزىكىسىنى داڭلىق كومپوزىتور ئىسكەندەر سەيپۇللا ئىشلىگەن.

مەن 1972-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىگە كەلدىم. شۇ يىللاردا مەلىكەنىڭ ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىدىم. بەزىلەر پىچىرلىشىپ، باش چايقاپ، ئېچىنغان قىياپەتتە ئۇنىڭ نامىنى ئاتىسا، بەزىلەر ئۈن قاتماي سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئۇنىڭ ئىسمى چىققاندا بىرەر كىشىمۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلمايتتى. مەن مەلىكە ئىسىملىك قىزغا قىزىقتىم. ئەمما، ھېچكىم مەندەك بىر يېڭى كەلداخۇنغا مەلىكەنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» گە ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىنلا زاۋۇت باسما زاۋۇتىنىڭ نابۇر ئىشچىسى، كۇچارلىق پ  ھەدە ماڭا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى:

-مەلىكەنىڭ چېچەنلىكتە باشلانغۇچ  مەكتەپتىلا داڭقى بار ئىدى. كېيىن ئۇ ئوقۇپ، مەدەنىيەت نازارىتىگە قاراشلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىدى. مەن بۇ يەردە ئىشلىدىم. ئۇ ناھايىتى ياش ئىدى، بەك چىرايلىق قىز ئىدى،- پ ھەدە كۆز يېشىنى ئېقىشىغا قويۇپ بەرگەن ئىدى شۇ كۈنى.

مەن پ ھەدىدىن مەلىكەنىڭ ياش بېشىغا كەلگەن بەك ئېغىر، بەك قورقۇنۇچلۇق، بەك ۋەھشىي قىسمەتنى ئاخىرى ئاڭلىدىم. نېمە ئۈچۈن شۇنچە ياش قىز بۇنداق پاجىئەگە گىرىپتار بولدى؟

ئۇ-ھوقۇقدارمىدى؟ شۇ يىللاردىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ شوئارى: «كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلارنى يوقىتىش» ئىدى. ياق! مەلىكە ھوقۇقدار ئەمەس، بىر شائىرە، بىر سەنئەتكار، يېتۈك بىر ئېلانچىك، رىياسەتچى ئىدى.

ئۇ-كىشىلىك خاراكتېردە چۈشكۈنلەشكەنمىدى-يا؟ ياق! مەلىكە غورۇرلۇق، ھايالىق بىر قىز. ئىزدىنىش-ئىجاد ئېتىش يولىنى بالدۇرلا تاللىغان، شۇ يولدا ئىزچىل تىرىشىۋاتقان، كۆزگە كۆرىنىۋاتقان قىز ئىدى. 1-مىسال:

– دادا،دادا! گېزىتكە مېنىڭ تېپىشمىقىم چىقىپتۇ…!

– قانداق تېپىشماق؟ قايسى گېزىت؟

مەلىكە دادىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمەي تۇرۇپ، پوپكىسىدىن رەتلىك قاتلانغان «شىنجاڭ گېزىتى»نى چىقاردى. زىياۋۇدۇن ئاكا مەلىكەنىڭ ئانىسى بىلەن «سەككىز  ياش» دېگەن ئەسكەرتىش بىلەن بېرىلگەن، ئۆز قىزىنىڭ نامىدىكى تېپىشماقنى شادلىق، سۆيۈنۈشتە ئوقۇشتى:

 «ئىگىسى ياراتتى بىر تال قۇتىنى،

ئىچىگە سىغدۇردى تۆگە پۇتىنى.

كىم تاپسا ئەگەر بۇ تېپىشماقنى،

     گېزىتكە چىقارسۇن جاۋاپ خېتىنى».

– قانداق قۇتا، قۇتىنىڭ ئىچىگە سىغقان قانداق تۆگە پۇتى؟ ئېيتىپ بەرگىنە قىزىم.

– ياق،سىز چوڭ ئادەم بولغاندىكىن ئويلاپ تېپىڭ. جاۋابىنى گېزىتكە چىقىرىڭ!

… ئىككى يىل ئۆتكەندە بىرەيلەن بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابى «ياڭاق» ئىكەنلىكىنى تاپتى، گېزىتتە جاۋابىنى ئېلان قىلدى.(1)

سەككىز يېشىدا تېپىشماق تۈزۈپ، چوڭلارنى قايىل قىلغان مەلىكە تەپەككۇر قىلىشقا، ھەممە يېڭىلىقلارغا سوئال قويۇشقا ئادەتلەنگەن بىر ئۆسمۈر ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىمتىھان مەيدانىدا چوڭلار بىلەن رىقابەتكە چۈشكەن. 2-مىسال:

مەلىكە ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان يىلى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى قىزىل بىناسىدا «كادىر يېتىشتۈرۈش مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى» مەيدانىغا كىردى (ئۇنى 20ياشلاردىكى مەھەللىلىكى خاسىيەت باشلاپ كىرگەن) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلار ئىدى. مەلىكە ئۈچىنچى بولۇپ قەغىزىنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى. نەتىجە چىقتى: 98نومۇر، ئەلا. مەلىكە شۇ چاغدا ئەمدىلا ئون ياشتا ئىدى.

…ئوقۇتقۇچىلار مەلىكەنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئاتا-ئانىسىغا كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، تەپەككۈرگە تايىنىپ جاۋاپ بېرىلىدىغان 50 نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابى زور قىزىقىش قوزغىغان ئىدى:

-قىزىڭلار دەرسلىكلەردىن باشقىمۇ ماتېرىيال كۆرىدىغان ئوخشىمامدۇ؟

-ھەركۈنلۈك گېزىتنى قالدۇرماي ئوقۇيدۇ. بىزنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، «قۇللار»، «شۇنداق بىركۈن كېلىدۇ»…دېگەنگە ئوخشاش كىتاپلارنى ئوقۇپ، خاتىرە يازىدۇ. رومانلاردىكى مەزمۇن كىچىك بالىغا ئېغىر كېلەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمىز.

مەلىكە «كادىر يېتىشتۈرۈش مەكتىپى»دە ئوقۇدى. ئوقۇشى تۈگىمەيلا «مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى» سەنئەت فاكولتېتىغا ئەۋەتىلدى.(2) ئۇ 13 يېشىدا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى»دە سەنئەت سەھنە رىياسەتچىسى (يەنى شۇ زاماننىڭ تىل ئادىتى بويىچە ئېيتقاندا ئېلانچىك) بولدى.

– بەزىدە بىرەر ناخشىچى ياكى بىرەر ئۇسسۇلچىغىمۇ مۇنچىلىك قىزغىنلىق، قايىللىق ئىپادىلىمەيدىغان كۆرۈرمەنلەر مەلىكەنىڭ بېشى كۆرۈنۈپ بولغىچە،گۈلدىراس ئالقىشلار بىلەن كۇلۇبلارنى كۆتۈرىۋېتەتتى. چۈنكى ئۇ شۇنچىلىك لاتاپەتلىك ئىدىكى، كىشىگە سەھنىگە مېڭىپ ئەمەس، قۇشتەك ئۇچۇپ چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. يۈزىنى كۆرۈرمەنلەر تەرەپكە قىلىپ، تۈپتۈز مۈرىلىرىنى ماس ھالدا تەۋرىتىپ، ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن سەھنىگە چىقىپ كەلگىنىدە، بۇلبۇلدەك خۇش ئاۋاز، ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا نومۇر سەنئەتكارنى ئېلان قىلغاندا، خۇددى گۈزەل بىر ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك،كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە ماگنىتتەك جەلپ قىلىۋالاتتى. سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇپ، شۇ ساھەدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن، مەلىكەنىڭ يېقىن دوستى، ساۋاقدىشى تۇرسۇنئاي يۇنۇس ھەدە ماڭا مەلىكەنىڭ كەسپىي ھاياتىنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى.

«مەلىكەنىڭ نومۇر ئېلان قىلىشلىرى—ئېلانچىكلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان نەمۇنىلىك نومۇرلار قاتارىدا تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىشلىرىغا ئېرىشىپ تۇردى…بۇ—1957-يىلى… ئىدى.»(3)

مەلىكە سەھنىدە ئەنە شۇنداق جەزبىدار سەنئەتكار. ئەمما ئۇ ئۈستى-بېشىدىكى سەنئەت زىننەتلىرى—سەھنە كىيىمى ۋە بويۇملىرىنى يەشكەندىن كېيىن، يەنە باشقا بىر مەلىكەگە ئايلىنىپ، ۋۇجۇدىدىن جاسارەت، قەيسەرلىك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئوتقا –يالقۇنغا ئوخشايدىغان خاراكتېرىنى يوشۇرۇپ قالالمايتتى:«…1959-يىل، فۇجىيەن. ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە ئەسكەرلەر بارگاھىغا بارغان باشقا ئارتىسلار گۈمبۈرلەپ ئېتىلغان توپ ئاۋازلىرىدىن چۆچۈپ قۇلىقىنى تۇتسا، مەلىكە توپچىلارنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ نازۇك تېخنىكىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەڭ قويدى. سىناپ ئېتىپ كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە بېرىلگەن ئىككى سىنارەدنى ھودۇقماي، توپ زاپچاسلىرىنى باشقۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاتقاندا، ئۆمەك ئەزالىرى تاڭ قالدى. جەڭچىلەرمۇ جاسارەتلىك ئۇيغۇر قىزىدىن مەمنۇن بولدى…»(4). بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا «ئۇنىڭ نەسەبى ئۈستىدە بايان بېرىشنىڭ ۋاقتى يەتتى» دەپ ئويلىدىم:

مەلىكە زىياۋۇدۇن ئەسلىدە بىر جەڭگىۋار جەڭچىنىڭ پۇشتى. يەنى، 1930-يىلى قۇمۇل خەلقىگە ئاتامان بولۇپ، قۇتۇلۇش قوزغىلىڭىغا يېتەكچىلىك قىلغان، قىسقا مۇددەتتە تاكى قەشقەرگىچە يۈرۈش قىلىپ، مۇستەملىكىچى شىڭ شىسەينى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن، نەچچە مىڭ كىشىلىك  قوشۇننىڭ سەركىسى –خوجانىياز ھاجىم(خوجانىياز پالگان) نىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ تومۇرىدا ئوقچۇپ تۇرغىنى قومانداننىڭ قېنى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بۇ قىز ھەربىي ئەسلىھەلەر ئالدىدا ۋۇجۇدىدىكى ئەجدادىنىڭ جىسمىغا مىراس قىلغان قەيسەر، جەڭگىۋار خارەكتېرىنى تىزگىنلىيەلمىگەن بولسا كېرەك.

مېنىڭ داداممۇ بىر ئازادلىق جەڭچىسى. قولىغا مىلتىق ئېلىپ، دۈشمەننى چەنلەپ ئېتىش بەختىگە ئېرىشكەن كىشى. ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا ھەسرەت ئىچىدە ياشىدى. پىغانى ئۆرلىگەندە ،قولىنى تىزىغا يېنىك، رېتىملىق  ئۇرۇپ:

 ئەجەپ بىر زامان بولدى،

ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ.

يۈرەكتىكى زەرداپ سۇ،

قانغا ئۆرۈلەي دەيدۇ …

دېگەندەك ھەسرەتلىك ناخشىلارنى ئېيتاتتى. ئاۋازى بەك مۇڭلۇق، جاراڭلىق ئىدى. ئاتىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى پەرزەنتلەرنىڭ بىرىدە بولمىسا، يەنە بىرىدە تەكرارلىنىدىكەن. بىزنىڭ قېرىنداشلار ئىچىدە ناخشىنى خۇددى دادامدەك جاراڭلىق ئېيتالايدىغانلىرى، ھايات قىيىنچىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەندە، خۇددى جەڭچى دادامدەك لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، بېشىنى تىك تۇتىدىغانلىرى بار بولدى. دېمەك، نەسەب ياكى ئىلمىي، تىببىي ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا، خوجانىياز پالگاننىڭ جىسمىدىكى قورقۇمسىزلىق، باتۇرلۇق گېنى جىنىس جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، مەلىكەنىڭ خاراكتېرىدە ئەكسىنى تاپقان.

مەلىكە بۇ يىللاردا يەنە بالا ۋاقتىدىكىدەك تېپىشماق ئىجاد قىلىشتىن خېلىلا ئالغا كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئىشتىياق باغلىدى. ئارقا-ئارقىدىن«كۆرەك تەسىراتى»، «مەخپىي سىر»، «دوستلۇق شەنىگە»، «نۇرلۇق بوستان»، «كېلىپ قىسقىن گۈلۈڭنى»، «سېنى ئەسلەيمەن»…قاتارلىق نەچچە ئونلىغان نەسىر ۋە ناخشا تېكىستلىرىنى يازدى. ئۇ بۇ چاغدا تېخى 20 ياشقا توشمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقى يېزىش ۋە ئەدەبىيات پېشىۋالىرىمىزنى تونۇش، قەدىرلەش بىلەن تۇتىشىپ كەتتى. 1964-يىلنىڭ باھار مەزگىلىدە ئۇ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق كاتتا تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ، شائىر ئەرمىيا ئېلى داموللا (نىمشېھىد) بىلەن قازاقلارنىڭ داڭلىق ئاقىنى ئىسماغۇلنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئەدەبىيات، شېئىرىيەت توغرىسىدا ھەمسۆھبەت قۇرغان. شۇ كۈندىكى سۆھبەتتە مەلىكە ئەلىشىر نەۋائىيىنىڭ پادىشاھ سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئايالى ۋاپات بولغاندا ئوۋ ئۈستىدىكى پادىشاھقا ئۆلۈم خەۋىرى ئۈچۈن يازغان بىر مىسرا شېئىرىنى ۋە پادىشاھنىڭ جاۋابىنى ئۇستاز ئەرمىيا ئېلىدىن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا ئۇزاققىچە سۈكۈتكە چۆككەن ئىدى:

سەرۋىنىڭ سايىسىدا سولدى گۈل نە ئەتمەك كېرەك؟

سەبرىدىن تاۋۇت ياساپ، گۈلدىن كېپەن ئەتمەك كېرەك!

بىر كېچىلىك مۇڭدىشىش زىياۋۇدۇن ئاكىنىمۇ شاد قىلدى. ئەتىسى سەھەردە ئەرمىيا ئېلى داموللا ئەدەبىيات ئاشىناسى مەلىكەگە ئاتاپ بىر كوبلېت شېئىرنى يازغان قويۇن دەپتىرىنى مەلىكەگە تەقدىم قىلدى:

دۇرمىكىن- ياقۇتمىكىن، يا تاڭدىكى چولپانمىكىن،

ئون قوياشنىڭ نۇرى بالقىيدۇ بۇ قىزنىڭ چېھرىدە.

«پېشىۋايىم!» دەپ مېنى، تۇتتى قولۇمدىن ئەركىلەپ،

ئەركىلەتتىم مەنمۇ «كەل!» دەپ يۈز ئاتانىڭ مېھرىدە.(5)

مەلىكە ئەنە شۇنداق قىز ئىدى. ئەنە شۇنداق تىنىمسىز ئىدى. ئەنە شۇنداق ئىزدىنىش-ئۆگىنىش سەپىرىدە ئىدى.

ئۇ دۇنيانى مېھر-مۇھەببەت بىلەن سۆيىدىغان قىز ئىدىكى، ئۇلانبايدا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىرجەرەن بالىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى قۇچاقلىغانچە ئۈچتاشتىكى  ھويلىسىغا ئېلىپ كەلگەن. مەلىكە جەرەن بالىسىنى تازىلاپ، تۈكلىرىنى پارقىرىتىۋېتەتتى. بېشىنى سىلايتتى. قوسىقىنى تويغۇزاتتى. جەرەن بالىسى بوتا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ مەلىكەنى كۈتەتتى.

ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئابرويى، يېزىقچىلىق ساھەسىدە، بولۇپمۇ «سېنى ئەسلەيمەن» قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ ئاھاڭغا سېلىنىپ، خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كېتىشى، غۇنچە چاغلىرىدىكى گۈزەللىكى… نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بۇ كۈنلەردە ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئۇنىڭغا كۆز تاشلاپ، چىن كۆڭلىدىن ئاشىق بولغۇچىلارمۇ بار ئىدى. شۇنداقلا، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقلارنىڭ غىدىقلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان خاراكتېرلىك كەسپداشلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ نەتىجىلىرىگە ھەسەت قىلغۇچىلارمۇ، تەڭتۇشلار ئارىسىدا يالغان ئاشىقلارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دەل مۇشۇنداق ھەم گۈزەل، ھەم ئەندىشىلىك كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان مەلىكەنى ئاپەتلىك، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ قارا بورىنى ئەڭ ئاۋۋال سوقتى.

سەھنىنى شادلىق باغچىسىغا ئايلاندۇرۇپ،مىڭلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان مەلىكەنىڭ ئۈستىدىن يېزىلغان چوڭ خەتلىك قارىلاش گېزىتلىرى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تام-دەرۋازىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن چاپلاندى. ئېگىز بىنالارنىڭ دەرىزىلىرىدىن كىملەردۇر ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلاپ يازغان پاش قىلىش ۋەرەقىلىرىنى توپ-توپى بىلەن تاشلىدى…«بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىدىيىسى بار…يازغانلىرىدا مۇددىئا توغرا ئەمەس…ئاددى-ساددا بولمىدى، ياساندى، تاراندى…». مۇشۇنداق تۇتامى يوق بۆھتانلار بىلەن ئۇ ھەر كۈنى ئۆيدىن مەجبۇرىي ھەيدەپ چىقىلدى. نازۇك بوينىغا سىم ئاسقۇچتا ئېسىلغان «بۇرژۇئازىيەنىڭ ۋەكىلى—مەلىكەنى يوقىتايلى!» دەپ يېزىلغان ئېغىر تاختاي ئېسىلىپ، بېشىغا گېزىت قەغەزلىرىدىن ياسالغان ئېگىز قالپاق كىيگۈزۈلۈپ، كوچىمۇ-كوچا سازايى قىلىندى. ئۇزۇن چاچلىرى «تۆرت كونا» دەپ كېسىۋېتىلگەن، ئۇ سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن ھەممىدىن كۆڭۈل قويۇپ تارايدىغان چېچىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ئەشۇ كۈنى خەلقىمىزنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى، 1955-يىلدا ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۇلگەن «خەلقئارا سەنئەت فېستىۋالى» دا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن پاشا ئىشان بىلەن بىللە سازايى قىلىندى. پاشا ئىشاننىڭ چېچى مەلىكەنىڭكىدىنمۇ بەتتەر ئىدى. سەھنىلەردە «ئۇيغۇر بۇلبۇلى» بولۇپ تۇنۇلغان كۈنلەردە ئۇزۇن، قۇڭۇر چاچلىرىنى ئىككى قىلىپ ئۆرۈپ، بىرىنى كۆكرىكىگە تاشلاپ،مەردانە قەدەملەر بىلەن سەھنىدە پەيدا بولىدىغان بۇ سەنئەت پېشىۋاسىنىڭ چېچى يۇڭدالغاندەك ئۇزۇن-قىسقا، قالايمىقان كېسىۋېتىلگەن، نۇرغۇن كىچىك بۆلەككە ئايرىلىپ، ھەربىرىگە بىر پارچىدىن رەڭدار، ئەسكى بۇقۇشلار چىگىلگەن. خۇددى بىر ئالۋاستىغا ئوخشىتىپ قويۇشقان ئىدى. مەلىكە بۇ كۆرۈنۈشكە چىداپ تۇرالمىدى. ئۆزىنىڭ دىلى ۋە تېنى ئازابلانغان شۇنچە كۈنلەردىن بۇيان كۆزىدىن تامچە ياش چىقارمىغان بۇ قەيسەر قىز پاشا ھەدىنى قۇچاقلاپ بۇقۇلداپ يىغلىدى.

– جىن-شەيتانلارنىڭ سۆزلىشىشىگە، يېقىنلىشىشىغا رۇخسەت يوق، نېرى تۇر!

ئۇلار شۇنداق دەپ پاشا ئىشاننىڭ قولىغا بىر ئەسكى داس بىلەن تاياقنى تۇتقۇزۇپ: ھە، باشلا! دەپ بۇيرۇشتى.

– داڭ، داڭ، داڭ! مەن جىن-شەيتان پاشا بولىمەن. مەن سېرىق ناخشا ئېيتتىم. مەندىن ئىبرەت بولسۇن، داڭ، داڭ!

ماۋزېدۇڭنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ، ئالدانغانلىقىنى بىلمىگەن «قىزىل قوغدىغۇچى»لار ئۇلارنى ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ كوچىلىرىدا سازايى قىلغىچە، نەچچە رەت نۆۋەت ئالمىشاتتى، ئەمما مەلىكە بوينىنى قىيىپ كېتىۋاتقان سىم ئارغامچا دەستىدىن پۈكۈلۈپ-پۇتلۇشۇپ مېڭىشقا مەجبۇر. تاكى كەچ كىرگىچە. كوچىدا ئادەم قالمىغاندىلا ئاندىن «جىن-شەيتان»لارنى ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ ئەكىلىپ تاشلىشاتتى…

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. 1969—يىلى10-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 10 دا مەلىكە زىياۋۇدۇن رەسمىي قولغا ئېلىندى(6)

تۇنجى سوراق:

– سەن خوجانىيازنىڭ نەۋرىسى، شۇنداقمۇ؟

-شۇنداق!

-بۇ تارىخىي مەسىلەڭنى نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۆزلىكىڭدىن تاپشۇرمىدىڭ؟ چوڭ داداڭنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟

-بىلىمەن. شىڭ شىسەي زۇلمىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوماندانى.

-ئاغزىڭنى يۇم، ئۇ بىر باندىت!

-ئاغزىڭنى سەن يۇم! بوۋامنىڭ نامىغا داغ تەككۈزۈش-ھاقارەتلەشكە ھېچ ئاساسىڭ يوق…

مەلىكە نىڭ ئاغزىغا ئەشمە سىمنى تىقىپ، گەجگىسىدىن تارتىشتى. جاۋغايلىرىدىن قان چىققۇچە…ھەركۈنى سوراق، ھەركۈنى تاياق…

ئاخىرى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كونسېرت بېلىتىنى ساتىدىغان «پوك-پوك» لەقەملىك، ئاتالمىش «قىزىل قوغدىغۇچى» سوراقخانىدا پەيدا بولدى:

-مېنى تونىغانسەن…ساڭا كۆيۈپ دېمىگەن ياخشى سۆزۈم قالمىدى. ئەمدىغۇ قولۇمغا چۈشكەنسەن؟

قىيناشلار-خورلاشلار «پوك-پوك»نى پۇخادىن چىقىرالمىدى.(7)

مەلىكەنى تۈرمىدىن يۆتكەپ «شىنخۇا باسما زاۋۇتى»(ئورنى ھازىرقى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ كەينىگە، خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىدۇ)غا كەلتۈردى. ئۇ چاغدا بۇنداق مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى «جۈنخۇي» يەنى «ھەربىيلەر كومىتېتى»نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن بولۇپ، مەلىكەدەك ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ تۆھمەت قۇربانلىرى زىيالىيلار، نى-نى مۆتىۋەرلەر، ئالىملار تۈزۈك ساۋادى يوق، تەلۋە ئەسكەرلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.

«…مەلىكە نەزەربەنت ئاستىدا قولىغا سېخ-ئىشخانىلارنى، تەلۋە ئەسكەرلەرىنىڭ ياتاقلىرىنى سۈرتىدىغان ئۇزۇن ساپقا ئورنىتىلغان دەسمال(خەنزۇچە—توبا) بىلەن يۇندا چېلىكىنى، سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈپ، ھەركۈنى ئوننەچچە سائەتلەپ تازىلىق قىلىپ، كەچتە سوئال-سوراققا تارتىلدى. ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن سالاملىشىشى، سىرتقا چىقىشى مەنئىي قىلىندى:

-سەن شېئىرلىرىڭدا زەھەرلىك ئىدىيە تارقاتتىڭ!

-سەن باندىتنىڭ پۇشتى. ئىقرار قىلىشىڭ كېرەك!

-سەندە بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسى بار، تاپشۇر!

خارلىق، ئاچلىق، ھوقۇقسىزلىق ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بۇ گۈزەلنى مۇكچەيتىۋەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى، ئۆيدىن ئايرىلغىنىغا توپ-توغرا سەككىز ئاي بولغان 1970-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى داق سېمونتنىڭ ئۈستىدە پۈتۈن بەدىنى تالانغان، ئاغزىغا كۈندۈزى ئۆزى ئىشلەتكەن ئۇزۇن  ساپلىق دەسمال چىڭداپ تىقىلغان بىر جەسەتنى بايقىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرى ھېلىمۇ يېرىلىپ كەتمىدى(8).

بۇ – تېپىشماقچى بالا مەلىكە، چوڭلار بىلەن ئون يېشىدا بىلىم بەيگىسىگە چۈشكەن ئەقىللىق مەلىكە، راۋان ھەم تاتلىق تىلى بىلەن، نازاكەتلىك خۇلقى بىلەن سەھنىلەردىن «ئوت چىقىرىۋېتەلەيدىغان» سەنئەتكار مەلىكە، ئاز ئەمما ساز يازىدىغان شائىرە مەلىكە، نىمشېھىد ئەرمىيا داموللامنى ئۇستاز تۇتقان ئەقىدىلىك مەلىكە، توپنى دەللەپ ئاتالايدىغان مەرگەن مەلىكە، ھاياتنى ئاجايىپ قىزغىن سۆيىدىغان گۈزەل مەلىكە ئىدى… شۇ كۈنى ئۇنىڭ تىتىلغان گەۋدىسى پاسكىنا تاغارغا تىقىلىپ، ھېچقانداق تەرگەۋسىز چوڭقۇر يەر تەكتىگە كۆمۈۋېتىلدى.

«ئۈچ خىتاي ئەسكەر…»،«ياق، بىر موڭغۇل ئەسكەرمىش…» ئەسكەرلەر ئالماشتۇرۇلدى، گۇمانلار كوچا پاراڭلىرى سۈپىتىدە ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلدۇرۇلدى…

دەل شۇ كۈنلەردە ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتتە خارلانغان ئۇستازى ئەرمىيا ئېلى داموللامنىڭ جەسىدىنىڭ قوناقلىقتا ئىتقا يەم قىلىۋېتىلگەنلىكىدىن مەلىكە ھەر ھالدا خەۋەرسىز كەتتى. بۇ—ئاللاھنىڭ ياش يوپۇرماق، ياش غۇنچە بەندىسىگە قىلغان بىردىنبىر رەھمىتى بولسا كېرەك …

بىر ياش، تولىمۇ ياش سەنئەتكار سىياسىي مەھبۇس سۈپىتىدە زەربىگە ئۇچرىدى، ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ زىمىندا داۋاملىشىۋاتقان ئەجدادىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئەۋلادىدىن ئۆچ ئېلىش سىياسىي سۈيىقەستىنىڭ داۋاملىشىشى  ئىدى.

مەلىكەنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى—شۇ دەۋردىكى نۇرغۇنلىغان نادىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلىرىنىڭ بىر پاكىتى بولۇپ تارىخ يۈزىدە قالدى. «تارىم ناخشىسى» بىلەن «سېنى ئەسلەيمەن» مەلىكەنىڭ ۋە ئاشۇ بەختسىز ئۇيغۇر  ياشلىرىنىڭ بوغۇلغان، تۇنجۇققان چۇقانلىرىنى، ھېچكىمگە دېگىلى بولمايدىغان سىرلىرىنى، ياشلىق باھارنىڭ تۇنجى پەلەمپەيلىرىدىلا بەربات قىلىۋېتىلگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، مۇرادسىز قالغان ئازابلىق مۇھەببەتلىرىنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، يارىدار قەلبلىرىنىڭ پىغانلىق تىۋىشلىرىنى بىزگە ھېلىمۇ ئەسلىتىپ تۇرماقتا…

بۇ يازمىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ  چېكىتىنى قويۇپ بولغان ئىدىم. ئىچىمدە دېيەلمىگەن يەنە نۇرغۇن گەپلىرىم قالغاندەك بىئارام  بولدۇم. تۆرت يوپۇرماق، غۇنچىلىرىمنىڭ كەچمىشىدىن ئابدۇنىياز كامال بىلەن روشەنگۈل شاۋكەت جەڭ مەيدانىدا دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ قۇربان بولغانلىقى ئۈچۈن بەختلىك سىلەر. ئەمما، زىخرۇللامدەك قەھرىمانلار روھىي زەربىلەر دەستىدىن باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىلگەن بولسا، مەلىكەدەك نادىرلار زۇلۇمغا قارشى ئىسيانچى ئاتىلاردىن ئۆچ ئالغۇچى نامەرتلەرنىڭ ئاياق ئاستىدا خورلاندى. تۇيۇقسىز ئېسىمگە كۆلتېكىن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى جۈملىلەر كېلىپ تۇرۇۋالدى. قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان بۇ ھەسرەتنى  يەنە تەكرار يازدىم. ئەمما پەرق شۇ ئىدىكى، ئۇلار تاشقا ئويۇپتىكەن، مەن كومپيۇتېرنىڭ يۈزىگە:

بەگ بولىدىغان يىگىتلىرىمىز قۇل بولدى.

خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى .

 


مەنبەلەر:

(1) ئابدۇرېھىم ئابدۇللا:  «سېنى ئەسلەيمەن» -«شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى»، 1982-يىل 2-سان 101-بەت.

(2) يۇقىرىقى ئوچېرىك  164-بەت.

(3) «كارۋان ئىزى»، «قەمبەر خانىم» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، يازغۇچى، ژورنالىست تۇرسۇنئاي يۇنۇس بىلەن سۆھبەت خاتىرەمدىن. 1990-يىل

ئەسكەرتىش: بۇ خانىم مەلىكە زىياۋۇدۇن ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ، بىر كىتاپ يازغان، ئەمما نەشىر قىلدۇرالمىغان.

(4) ئابدۇرېھىم ئابدۇللا:  «سېنى ئەسلەيمەن» -«شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى»، 1982-يىل 2-سان 167-بەت.

(5) يۇقۇرىقى ئوچېرىك  171-بەت.

(6) ئابدۇرېھىم ئابدۇللا:  «سېنى ئەسلەيمەن» -«شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلى»، 1982-يىل 2-سان  175—176-بەتلەر.

(7) «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتى—مەلىكە زىياۋۇدۇن»، ئارا تۈرك تور بېتى، 2013-يىل 3-ئاي 10-كۈن بېتىدىن.

قوشۇمچە: بۇ ئۇچۇر ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ «سېنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئوچېرىكدىمۇ «ئارا تۈرك تورى»دىكى بىلەن ئوخشاش.

(8) پاتەم ھەدە بىلەن سۆھبەت خاتىرەمدىن. 1974-يىل 10-ئاي. ئۈرۈمچى.


«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى قالپاق كەيدۈرۈش، سازايە قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش. سۈرەتتىكى «كۈرەش قىلىنغۇچى» ئەينى چاغدىكى خىتاي رەئىسى ليۇ شاۋچىنىڭ ئايالى ۋاڭ گۇاڭمېي. 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top