ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئېتىقاد قارىشى
دوتسېنت دوكتور ئەخمەت ئاق (قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەھمەد
1. كىرىش سۆز
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك يىل ئىلگىرى ياشىغان بولسىمۇ ، يەنىلا ماختىلىدىغان ئۇلۇغ بىر ئىسلام ئالىمى. ئۇ ئىسلامنى توغرا چۈشىنىش ۋە تارقىتىشقا زور تۆھپە قوشقان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۇلۇغ تۈرك ئالىمى ئىمام ماتۇرىدىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ئۇستازى. باشقىچە ئېيتقاندا ، ئىمام ماتۇرىدىنىڭ كۆز قارىشى ۋە شۇ ۋەجدىن ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولغان ماتۇرىدىلىك كۆز قاراشلىرى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەبۇ ھەنەفى ئەھلى سۈننەتنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە كۆز قارىشىنى ياخشى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ماقالىدە ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئەقىدە كۆز قاراشلىرى ئاددىي ۋە قىسقا ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
2. ئىسمى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ئىسمى نۇمان ، دادىسىنىڭ ئىسمى تابىت. لىكىن ، نۇمان دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىبنى ھەجەر ئەل-ھەيتامى (1504-1567) بۇ قاراشلارنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: « نۇمان بىر سۆز سۈپىتىدە بەدەننى تىرىك ساقلايدىغان قاننى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر ئۇنى روھ مەنىسىدە ئىشلەتكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ، ئۇلار ئەبۇ ھەنەفىنىڭ فىقھىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە ئۇنىڭ روھىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. نۇمان سۆزىنىڭ يەنە بىر مەنىسى خۇشپۇراق گۈل ياكى قىزىل گۈل. بۇ ئىمام ئەزەمنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ساھەدىكى گۈزەللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نۇمان دېگەن ئىسىمنىڭ سۆز يىلتىزى «نىئمەت» بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا نېئمىتى دەپ قارىلىدۇ.
3. لەقىمى
ئىمام ئەززامنىڭ لەقىمى ئەبۇ ھەنەفى. ئىبنى ھەجەر ئەل ھەيتامىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، «ھەنەفى» ، «ھەنىف» سۆزىنىڭ مۇئەننەسى. ئۇ مۇسۇلمان ۋە ئىبادەت قىلغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە مايىللىق مەنىسىدىمۇ قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇنىڭ ھەممادتىن باشقا ئوغۇللىرىمۇ يوق ، قىز بالىسىمۇ بولمىغان. شۇڭلاشقا ، ئەبۇ ھەنەفى لەقىمى ئۇنىڭ ھەنەفى ئىسىملىك قىزى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئىبادەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغانلارنىڭ ياكى ھەقىقىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دادىسى / ئاقساقىلى مەنىسىدە بىرىلگەن دېيىشكە بولىدۇ.
4. ئۈنۋانى
ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ئۈنۋانى ئىمام ئەزەم ، يەنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىمام دېگەن مەنىدە. مۇستاپا ئۇزۇنپوستالجىنىڭ قارىشىچە ، بۇ ئۇنۋان ئۇنىڭغا نەقىل بىلەن بىرگە ئىجتىھاد ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ ئىسلام ڧىقھىنى سىستېمىلاشتۇرغان ۋە زامانداشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن بېرىلگەن.
5. تۇغۇلۇشى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى مىلادىيە 699-يىلى كۇفادا تۇغۇلغان ، بۇ ھىجرەتنىڭ 80- يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ تۇغۇلغاندا ئابدۇلمەلىك ب. مەرۋان ئەمەۋىي خەلىپىسى ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا ، ئۇ ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇپ 67 يىلدىن كېيىن ، شۇ دەۋردىكى ئىلىم-پەن مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان كۇفادا تۇغۇلغان. لىكىن، مەنبەلەردە ئۇنىڭ قايسى تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.
6. نەسەبى
ئىبنى ھەجەر ئەل ھەيتامىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ نەسەبى نۇمان بىن سابىت بىن زۇتا بىن ماھ ئىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئەبۇ ھەنەفىنىڭ بوۋىسى زۇتا ئەسلىدە كابۇلدىن بولۇپ ، ئۇلار ئۇ يەردىن نەساغا ، ئۇ يەردىن دادىسى تۇغۇلغان تىرمىزغا ۋە ئۇ يەردىن ئەنبارغا كۆچۈپ كەلگەن. ئىمام ئەزەمنىڭ دادىسى سابىت مۇسۇلمان دادىدىن دۇنياغا كەلگەن. لىكىن، ئۇنىڭ نەسەبى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار بار. گەرچە ئۇنىڭ ئەرەپ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانلار بولسىمۇ ، بۇ قاراش توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئەجەم ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ تېمىدا ئوسمان كەسكىئوغلۇ: «ئۇنىڭ ئاتا-ئانا يۇرتى تۈرك ئىلىدۇر. تۈرك بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئىرانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايان ئەرەب بولمىغانلارنى پارس دەپ ئاتايدىغان ئادەتتىن كەلگەن. بۇ سۆزنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى سەۋەپلىك نۇرغۇن تۈرك ئۆلىمالىرىغا ئەجەم دەپ تامغا ئۇرۇلغان » دەپ ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ئەسلى تۈرك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
7. ئائىلىسى
ئەبۇ ھەنەفى مۇسۇلمان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. مەلۇمكى ، ئۇنىڭ پەقەت ھامماد ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ، ئۇنىڭ نەسەبى ئۇنىڭ بىلەن داۋاملاشقان ، ئۇنىڭ باشقا بالىلىرى يوق. نەۋرىسى ئىسمائىل بەرگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا ، ئەبۇ ھەنىفنىڭ دادىسى سابىت ھەزرىتى ئەلىنى زىيارەت قىلىپ ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالغان. مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تەكشۈرۈلگەندە ، ئەبۇ ھەنەفىنىڭ تەقۋا بىر ئائىلىدىن كەلگەنلىكى مەلۇم.
8. خاراكتىرى ۋە ئەخلاقى
مەنبەلەردە ، ئەبۇ ھەنەفى راستچىل ، تەقۋا بىر ئالىم ، كېچىدە ئىبادەت قىلىپ كۈندۈزدە روزا تۇتىدىغان بىر ئىخلاسمەن ، زاھىد ، مەرت ، قانائەتچان ۋە ئىشەنچلىك كىشى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بولۇپمۇ سودا ئەخلاقى توغرىسىدا نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇ ئۇنىڭ ھەمراھى ھافس بىن ئابدۇراخماننى بىر مالنى سېتىشقا ئەۋەتىدۇ. لىكىن، ئۇ مالنىڭ كەمچىلىكىنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئۇ مۈلۈكنىڭ پۇلىنى سەدىقە سۈپىتىدە تەقسىم قىلغان ئىكەن. ئۇ ھەر يىللىق كىرىمىنى يىغىپ ، تالىپلار ۋە ئۇستازلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى ، يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالاتتى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى ئورۇنلايتتى. ئاندىن ئېشىپ قالغان پۇلنى ئۇلارغا تەقسىم قىلاتتى. يەنە كېلىپ ئۇ كۆپ ئويلاپ ئاز سۆزلەيتتى ، پايدىسىز ۋە قۇرۇق سۆزلەرنى ياقتۇرمايتتى ، ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ، سوئاللارغا ئىخچام جاۋاب بېرىدىغان ناھايىتى ئەقىللىق مۇجاھىد ئىدى. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئەزەلدىن ھېچكىمگە «مېنىڭ قارىشىم ئەڭ توغرا» دېمىگەن. ئەكسىچە ، ئۇ «ئۆزىنىڭمۇ پىكىرى بار ئىكەنلىكى ، ئەمما ئۇ تېخىمۇ ياخشى پىكىرى بولغان كىشىگە ئەگىشىدىغانلىقىنى» بايان قىلغان. ئىمام ئەزەم ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىغان ۋە ھەمىشە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىدىغان بىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مىجەزىمۇ ئىنتايىن سەزگۈر ، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئۇ ھەمىشە چىرايلىق ۋە قىممەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ ، كىيىنىشكە ئەھمىيەت بىرەتتى ۋە خۇشپۇراق ئشلىتەتتى. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئوتتۇرا بويلۇق ، سەل بۇغدايئۆڭ ، چىرايى چىرايلىق ، ئىپادىلىشى ئىنىق ، سۆزلىرى بىردەك ۋە راۋان ئىدى. شۇڭلاشقا ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ياخشى ئىپادىلەيتتى. ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ ھەيۋىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلايتتى ، سوئال سورالمىغۇچە سۆزلىمەيتتى ، زۆرۈر بولمىغان ۋە قۇرۇق ئىشلاردىن ساقلىناتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ئۆز ئىلمىگە ئەمەل قىلىدىغان ئۇلۇغ ئالىم سۈپىتىدە ئۈلگە بولالايدىغان ياخشى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۈيۈك ھەنەفىي ئالىملىرىنىڭ بىرى بولغان ئەبۇل يۇسر ئەل-پەزدەۋىگە كۆرە ، «ئەبۇ ھەنەفى ئەقىدە ئىلمىنى ئۆگەنگەن ، مۇتەزى ۋە پۈتۈن بىدئەت ئەھلى بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە دەسلەپتە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىلىمنى ھەمراھلىرىغا ئۆگەتكەن. ئۇ بۇ تېمىدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن كىتابلارنى يازغان ۋە ئۇلار بىلەن بىدئەتچىلەر ۋە بۇزۇقلارنى ۋەيران قىلغان ». مەلۇمكى ، ئەبۇ ھەنەفى باسراغا يىگىرمە قېتىمدىن ئارتۇق بېرىپ ئۇ يەردىكى بۇزۇق مەزھەپلەر بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ، ئاندىن فىقھىغا قايتا باشلىغان.
ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، «كىشىنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىشكە تېرىشىشى ئۆزى ئۈچۈن نۇرغۇن بىلىم توپلىغاندىن تېخىمۇ ياخشى. فىقھىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىنى ، شەرىئەتنى ، سۈننەتلەرنى ، چەك-چېگرانى ، ئۈممەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىختىلاپلىرىنى بىلىشتۇر ». شۇڭلاشقا ، ئۇ دىنىي پرىنسىپلارنى ياخشى بىلىشتىن باشقا ، يەنە قېرىنداشتەك ياشاش ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرەتتى.
9. ئىلىم تەھسىلى
ئەبۇ ھەنەفى قۇرئاننى كىچىك ۋاقتىدا يادلىغان ۋە قىرائەت ئىلمىنى يەتتە قارىينىڭ بىرى بولغان ئىمام ئاسىمدىن ئۆگەنگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا ، ئىمام شابى بىلىمنىڭ سودىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كىيىن ئۇ ئىلىم ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇستاز ھەمماد بىن سۇلايماننىڭ يېنىدا ئون سەككىز ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە ناخىۋ ، فىقھى ، كەلام ، تەپسىر ، ھەدىس ، ئەدەبىيات ۋە شېئىر قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇستازى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇستاز بولغان.
10. ئۇستازلىرى
ئىبنى ھەجەر ئەل ھەيتامى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ تەخمىنەن 4000 ئۇستازدىن دەرس ئالغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئەبۇ زەھرانىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئەبۇ ھەنەفى ھامماد بىن ئەبۇ سۇلايماندىن باشقا ، مەككىنىڭ ڧىقىھ ئالىمى ئاتا بىن ئەبى رەباھ (114/733) ، ئابدۇللاھ بىن ئابباسنىڭ قۇلى ئىكرىمە (105/723) ۋە ئابدۇللاھ بىن ئۆمەرنىڭ ئازاد قىلىنغان قۇلى نافى (117/ 735 ) نۇرغۇن ئۇستازلاردىن دەرس ئالغان.
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ئەسلى ئۇستازى ، ھەمماد بىن ئەبۇ سۇلايمان (120/737) ، ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئىبراھىم ئەن-نەھائى (96/714) ۋە ئەمىر بىن شەراھىل ئەل-شائبى (104/722) . ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ئۇستازى ھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ئىلىملىرى ساھابىلەرنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالىرىدىن بولغان ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ (ر.ئە) ۋە ئابدۇللا ب مەسئۇد (ر.ئە) نى ئاساس قىلغان. بۇ ئىككى ساھابىنىڭ ئۇستازلىرى شۈبھىسىزكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام).
11. ئوقۇغۇچىلىرى
ئەبۇ ھەنەفى تەخمىنەن 30 يىل دەرس بەرگەن ۋە تۆت مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرگەن. ئۇ ئوقۇغىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى دەرسكە قوبۇل قىلغان. ئۇ تەربىيلىگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار باش قازىيلىق ۋە مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىگە يەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بەلخ ، سەمەرقەنت ، خوراسان ، ئىراق ، سۈرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ پەرقلىق جايلىرىغا بېرىپ ، ئۇ يەرلەردە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا تېرىشقان.
زەيلابىدىن ئاجىماماتوف ئەبۇ ھەنەفى ۋە ئۇنىڭ فەرغانا ۋادىسىغا بولغان تەسىرى ناملىق دوكتورلۇق تەتقىقاتىدا ئەبۇ ھەنەفىدىن دەرس ئالغان ئون ئىككى ئوقۇغۇچىسى ھەققىدە تولىمۇ ك كۆپ نەقىل كەلتۈرىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەت ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەنلا كۇپايە قىلىمىز. ئۇنىڭ بىر قىسىم داڭلىق ئوقۇغۇچىلىرى:
– ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ (113-182 ھىجرى / 731-798 مىلادى)
– مۇھەممەد بىن ھەسەن شايبانى (132-189 ھىجرىيە / 749-804 مىلادى)
– زۇڧەر بىن خۇزەيل (110-158 ھىجرىيە / 728-775 مىلادى)
– ھەسەن بىن زىياد لۈئلۈئى (116-204 ھىجرى / 734-819 مىلادى)
– ۋەكى بىن ئەل-جەرراھ (129-197 ھىجرى / 746-812 مىلادى)
– ئەبۇ مۇتئى ئەل-بەلخى (ھىجرىيە 195 / مىلادى 814).
– ئەبۇ مۇقاتىل ھافس بىن سالم ئەس-سەمەرقەندى (208/823)
12. ئەسەرلىرى
ئەبۇ ھەنەفىنىڭ بروكېلماننىڭ قارىشىچە 21 پارچە ، فۇئات سەزگىننىڭ قارىشىچە 19 پارچە ئەسىرى بار. لىكىن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەبۇ ھەنەفىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەبۇ ھەنەفىگە مەنسۇپ دەپ قارالغان «ئەل-ئالىم ۋەل-مۇتەئەللىم» ، «ئەل فىقھۇل-ئەكبەر» ، «ئەل-فىقھۇل-ئەبسات» ، «ئەل-ۋاسىييە» ناملىق ئەسەرلەر ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇنىڭ er-Risâle ila Osman el-Betti ئىسىملىك ئەسىرى ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان. قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ شۇ دەۋرنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئەسەرلەرنىڭ ئادەتتە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەسەرلەر مۇستافا ئۆز تەرىپىدىن «ئىمام ئەزەمنىڭ بەش ئەسىرى» نامىدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ۋە 1981-يىلى ئۇلارنىڭ ئەرەبچە تېكىستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
ئىمام ئەزەمنىڭ بۇ بەش ئەسىرىدىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن ھەر خىل رىۋايەتلەر ئوسمانلى ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولغان بەيازىزادە ئەھمەد ھىلمى ئەفەندى تەرىپىدىن el-Usûlü’l-münîfe نامىدا بىر يەرگە توپلانغان ۋە كېيىنچە ئوخشاش ئاپتور تەرىپىدىن Isâretü’l-merâm نامىدا ئىزاھلانغان. «Usûlü’l-münîfe» ناملىق بۇ ئەسەر پروفېسسور دوكتور ئىلياس چەلەبىنىڭ تەتقىقات ۋە ئىزاھاتلىرى قوشۇلۇپ «ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ ئىتىقادى قاراشلىرى» (بەيازىزادە) نامىدا مارامارا ئۇنۋېرسىتىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ۋەخپىسى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.
ئەبۇ ھەنەفىگە مەنسۇپ دەپ قارالغان ئەسەرلەردىن يەنە بىرى «ئەل-مۇسنەد» ئىسىملىك ھەدىس توپلىمى. لىكىن، بۇ ئەسەرمۇ ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان ئەمەس ، بەلكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرگەن ۋە ھۆكۈم چىقارغاندا دەلىل كەلتۈرگەن ھەدىسلەر بىلەن ساھابىلەر ۋە تابىئىنلەردىن ئاڭلىغان بايانلار ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن رەتلىنىپ تۈزۈلگەن. el-Haskefî رىۋايەت قىلغان ئەبۇ ھەنەفىگە مەنسۇپدەپ قارالغان «ئەل مۇسنەد» 1981-يىلى قاھىرەدە ئىككى توم شەكلىدە نەشر قىلىنغان.
13. ۋاپاتى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى مىلادىيە 767-يىلى باغداتتا 70 يېشىدا ۋاپات بولغان ، بۇ ھىجرەتنىڭ 150-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. گەرچە ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق بىلىنمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سىياسىي كۆز قارىشى سەۋەپ بولغان دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا تەخمىنەن ئاتمىش مىڭ ئادەم قاتناشقان دېيىلگەن. ئۇنىڭ جەسىتى ۋەسىيىتى بويىچە ئۆزىنىڭ ھالال كىرىمى بىلەن سېتىۋىلىپ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولسۇن دەپ ئىئانە قىلغان باغداتتىكى ھەيزۇران قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.
14. ئىماننىڭ ئېنىقلىمىسى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، «ئىمان تىل بىلەن ئېتىراپ قىلىش ، قەلب بىلەن دەلىللەشتۇر»، ئىماننىڭ ئورنى قەلبتۇر. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «ئەل-فىقھۇل-ئەبسات» ناملىق كىتابىدا جىبرىئل ھەدىسىنى دەلىل كەلتۈرۈپ ئېتىقادنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «ئىمان ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ، مۇھەممەد (ئە.س) نىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، كىتابلىرىغا ، پەيغەمبەرلىرىگە ، ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلىشكە ، تەقدىرگە ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھتىن كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر». «ئەر-رىسالە» ناملىق ئەسىرىدە ، ئىمان ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا ، ئۇنىڭ بىر ۋە شېرىكى يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ، ۋە ئاللاھتىن كەلگەن ھەممە نەرسىنى قوبۇل قىلىش دەپ تەسۋىرلەنگەن.
15. ئاللاھقا ئىشىنىش
ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىردۇر. ئۇ تۇغۇلمىغان، ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ. ئۇ ئۆزى ياراتقان ھىچبىر نەرسىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن باشقا ، ھايات ، ئىلىم ، قۇدرەت ، ئاڭلاش ، كۆرۈش ۋە ئىرادە قاتارلىق زاتى ۋە ڧىئىلى سۈپەتلىرىمۇ بار. ئەبۇ ھەنىفىگە كۆرە: « (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ. » دېگەن مەنىدىكى ئىخلاس سۈرىسى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى ھەققىدە نەقلىي دەلىللەردىن باشقا نۇرغۇن ئەقلىي دەلىللەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم ئەقلىي دەلىللەر تۆۋەندىكىچە:
1) ئەقىل، خۇددى دولقۇنلۇق ۋە بوران-چاپقۇنلۇق دېڭىزدا لىق يۈك قاچىلانغان پاراخوتنىڭ كاپىتانسىز مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغاندەك، ھەرخىل ھالىتى ۋە پەرقلىق ئەھۋاللىرى بولغان بۇ ئالەمنىڭمۇ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان سەنئەتكارى، ياراتقۇچىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە ھەر شەيئىنى بىلگۈچىسى بولمىسا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىمكانسىز دەپ قارايدۇ. ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، بوران-چاپقۇنلۇق دېڭىزدا بىر پاراخوتنىڭ كاپىتانسىز مەنزىلىگە يېتىشى قانداق ئىمكانسىز بولسا، بۇ دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى بولماي تۇرۇپ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشىمۇ شۇنداق ئىمكانسىز.
2) ئەقىل ، يېڭى تۇغۇلغان بىر بالىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۇسۇلدا دۇنياغا كىلىشى يۇلتۇزلار ۋە تەبىئەتنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس ، شۈبھىسىزكى ھىكمەتلىك ياراتقۇچى بىر زاتنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
3) بۇ ئالەم توختىماي ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆزگىرىش بولسا بىر ئۆزگەرتكۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بوش بىر يەرگە سېلىنغان مۇستەھكەم بىنا ئۇنى قۇرغان بىر ئۇستىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەندەك ، بۇ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن بىر ئۆزگەرتكۈچىنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ دەل ئاللاھتۇر.
4) پۈتۈن بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ ، كىشىلەر ئالەمدىكى نىزام ۋە تەرتىپكە قاراپ ، ئەقلىنى ئىشلىتىپ بۇ ئالەمنىڭ بىر ياراتقۇچىسى بارلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ، ئاسمان ، يەر ۋە باشقا مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئويلانغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كېلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن ، ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى توغرىسىدىكى ئەقلىي دەلىللەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى ئالەمنىڭ نىزامى ۋە تەرتىپى توغرىسىدىكى دەلىل دېيىشكە بولىدۇ.
16. ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ كۆرۈلۈشى
ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە كۆرۈلىدۇ. مۆئمىنلەر ئۇنى جەننەتتە ئۇلار بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇساپە بولمىغان ، تەڭداشسىز ۋە ئۇلۇغلانغان ھالەتتە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.
ئەبۇ ھەنەفى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا تىلغا ئېلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىسنىمۇ دەلىل سۈپىتىدە سۇنىدۇ: ئۇنىڭ قارىشىچە ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « سىلەر رەببىڭلارنى ئون تۆتىنچى كېچىدە ئاينى كۆرگەندەك كۆرىسىلەرئۇنى كۆرۈشتە ھەقسىزلىككە ئۇچرىمايسىلەر ۋە قىينالمايسىلەر ». ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇ: «نۇرلۇق چىرايلار قىيامەت كۈنى رەببىگە قارايدۇ» ۋە «ياق ، ئۇلار قىيامەت كۈنى رەببىنى كۆرۈش نېمىتىدىن مەھرۇم» دېگەنگە ئوخشاش ئايەتلەرنىمۇ دەلىل قىلغان بولۇشى كېرەك ئىدى. لىكىن، بۇنىڭ قايسى ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىدۇق.
17. پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشنى جىبرىل ھەدىسىدە تىلغا ئېلىنغاندەك ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ، بارلىق پەيغەمبەرلەر (ئاللاھنىڭ سالات ۋە سالىمى ئۇلارغا بولسۇن) كىچىك ۋە چوڭ گۇناھلاردىن ، كۇڧۇرلۇق ۋە ناچار ئەھۋاللاردىن خالىيدۇر. ئەمما ئۇلارنىڭمۇ نۇقسان ۋە خاتالىقى يۈز بەرگەن. ھەزرىتى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىسى ، ئۇنىڭ ئەلچىسى ، پەيغەمبىرى ۋە ئۇنىڭ تاللانغان پاك قۇلىدۇر. ئۇ ئەزەلدىن بۇتلارغا چوقۇنمىغان ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىق ۋاقىتمۇ ئاللاھقا شىرىك قوشمىغان. ئۇ چوڭ ياكى كىچىك ھىچقانداق گۇناھ ئىش قىلمىغان.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى ئەبۇ بەكرى سىددىق ، ئاندىن ئۆمەر ئەل-فەرق ، ئاندىن ئوسمان بىن ئاففان زۇن-نۇرەين ، ئاندىن ئەلىيۇل-مۇرتازا. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن. چۈنكى ، ئۇلار ھەققىدە نازىل بولغان: «ئەڭ باشتا ئىمان ئېيتقانلار ھەممەيلەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلار. ئاللاھقا يېقىن بولغانلار ئۇلاردۇر. ئۇلار نائىم جەننەتتىدۇر » ئايەتلىرى بۇنىڭ دەلىلى. شۇڭلاشقا ھەر بىر تەقۋادار مۆمىن ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار توغرا يولدا بولغان ، ھەققانىيلىقتىن ئايرىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ھۆرمەتلەيمىز. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پەقەت ياخشىلىق بىلەن يات ئېتىمىز.
شاپائەت
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە : «پەيغەمبەرلەرنىڭ شاپائىتى ھەقىقەتتۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان مۆئمىنلەرگە ۋە چوڭ گۇناھ سادىر قىلىپ جازاغا لايىق كىشىلەرگە شاپائەت قىلىشىمۇ ھەق ۋە ئېنىق ». ئەبۇ ھەنىف ئۆزىنىڭ «ئەل-ۋەسييە» ناملىق كىتابىدا بۇ تېمىدا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبىرىمىز (ئە.س) نىڭ شاپائىتى ، گەرچە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان تەقدىردىمۇ ، جەننەت ئەھلى بولغان ھەر بىر مۆئمىنگە ھەقتۇر». ئۇندىن باشقا ، ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن قىيامەت كۈنى كىمگە شاپائەت قىلىدىغانلىقى سورالغاندا ، ئۇنىڭ «چوڭ گۇناھ ۋە خاتالىق سادىر قىلغانلارغا» دەپ جاۋاپ بىرىشى شاپائەتنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.
18. مۆجىزە ۋە كارامەت
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى ۋە ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرى ھەقىقەت. ئەبۇ ھەنەفى، ئۇنىڭغا ھەيسەم بىن ھەبىب ئەس-سەيراف ئامىر ئەش-شابىنىڭ ئىبنى مەسئۇد (ر.ئە) دىن تۆۋەندىكى رىۋايەتنى بايان قىلغانلىقىنى قەيىت قىلغان: «ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مەككىدە ئاي ئىككىگە بۆلۈندى ». بۇنىڭدىن باشقا ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، مىراجنىڭ خەۋىرىمۇ ھەقىقەت. ئۇنى رەت قىلغانلار كاپىر بولمايدۇ ، لىكىن ئازغۇن بىر بىدئەتچى بولىدۇ.
19. ئىماندىكى مۇستەسنا
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، ئىمان ئېيتقام كىشى قانچىلىك گۇناھكار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇ «مەن ھەقىقىي مۆئمىن» دېيىشى كېرەك ، ئۇنىڭ ئىمانىدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، «مەن ئىنشائاللاھ مۆئمىن» دېيىش ئىماندا گۇمان پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس. چۈنكى ئىماندا شەك بولمايدۇ. چۈنكى ، مۇئمىن ھەقىقىي ئىمان ئېيتقۇچى ، كاپىر بولسا ھەقىقىي ئىنكار قىلغۇچىدۇر. ئەمەلىيەتتە ، ئاللاھ تائالا: «ئۇلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەردۇر» ۋە «ئۇلار ھەقىقەتەن كاپىرلاردۇر» دەيدۇ.
20. ئەمەل بىلەن ئىماننىڭ مۇناسىۋىتى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاغا ئىمان ئېيتىش مەجبۇرىيىتى بار. پەرز ئەمەللەر ئىمان ئېيتقانلارغا بۇيرۇلغان. ئاندىن ئۇ پەرزلەرنى ئىمان بىلەن بىرلىكتە ئورۇنداش ئەمەل بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار» ، «كىمكى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىپ ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا …». قۇرئاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئايەتلەر بار. ئۇ ھالدا ، ئەمەل قىلمىغان كىشى ئۇنىڭ تەستىقىدىن ۋاز كەچكەن بولمايدۇ ۋە ئماندىن چىقمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، كىشىلەرنىڭ تەستىق جەھەتتە ئاز ياكى كۆپ تەستىق قىلغۇچى بولمايدىغانلىقى ، ئەمما ئەمەل جەھەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى ، تەستىق يەنى ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، مۆئمىنلەرنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەزى ئەمەللەردىن كەچۈرۈم قىلىنىشى بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى. چۈنكى مۇئمىن ئىبادەتتىن كەچۈرۈم قىلىنغاندا ، ئۇنىڭ ئىمانى يوق بولدى دېيىشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ھەيزدار ئايال نامازدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ، ئۇنىڭ ئىمانى يوق بولدى ياكى ئىمانىدىن ۋاز كىچىشى بۇيرۇلدى دېيىش جائىز ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا ، ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، جانابى ئاللا ئۇ كىشىگە: «مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى تاشلاپ ، ئاندىن ياخشى بولۇپ قالغاندا قازا قىل» دەپ بۇيرىغان. ئەمما ئۇ «ئىماننى تاشلاپ كىيىنچە قازا قىل» دېمىگەن.
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، «ئەمەللەر پەرزلەر ، پەزىلەت (پەرز بولمىغان ئەمەللەر) ۋە ئاسىيلىق ، يەنى گۇناھلار دەپ ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ، «پەرزلەر ئاللاھنىڭ ئەمرى ، ئىرادىسى ، مۇھەببىتى ، رازىلىقى ، قازاسى ، قۇدرىتى ، ئىلمى ، ئېرىشتۈرۈشى ، يارىتىشى ۋە ئۇنى لەۋھۇل-مەھفۇزدا يېزىشى بىلەن بولىدۇ. پەزىلەت (پەرز بولمىغان ئەمەللەر) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بولغان ئەمەل ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا ، پەرز بولغان بولاتتى. قانداقلا بولمىسۇن ، پەزىلەت تۈرىدىكى ئەمەللەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ، مۇھەببىتى ، رازىلىقى ، قازاسى ، قۇدرىتى ، ئىلمى ، ئېرىشتۈرۈشى ، يارىتىشى ۋە ئۇنى لەۋھۇل-مەھفۇزدا يېزىشى نەتىجىسىدە بولىدۇ. گۇناھلار ئاللاھنىڭ ئەمرىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ، بەلكى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ، رازىلىقى ۋە ئېرىشتۈرۈشى بولماستىن ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، قازاسى، تەقدىرى، ياردەم قىلماي تاشلاپ قويۇشى، ئىلمى ۋە لەۋھۇل-مەھفۇزدا يېزىشى بىلەن بولىدۇ.
21. ئىماننىڭ ئىشىشى ۋە ئازىيىشى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، ئىمان ۋە ئەمەل ئايرىم نەرسىلەردۇر. ئەمەل ئىماننىڭ بىر قىسمى ئەمەس. شۇڭلاشقا ، ئىمان ئاشمايدۇ ھەم ئازايمايدۇ. ئاسمان ئەھلى ۋە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشقا تېگىشلىك ئىشلار جەھەتتە ئاشمايدۇ ياكى ئازايمايدۇ. لىكىن ، ئۇ جەزملەشتۈرۈش ۋە تەستىق جەھەتتە ئاشىدۇ ۋە ئازىيىدۇ. بۇنىڭدىن تۆۋەندىكى يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ: ئىمان ئېيتىشقا تېگىشلىك خۇسۇسلار ئوخشاش. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئىمان ئاشمايدۇ ۋە ئازايمايدۇ. ئامما ، ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىدۇ.
22. ئىماندىكى باراۋەرلىك
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، مۆئمىنلەر ئىمان ئېيتىشقا تېگىشلىك نەرسىگە ئىمان ئېيتىشتا باراۋەر. لىكىن ، ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى ئورۇنداشتا ، يەنى ئەمەللەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، مۆئمىنلەر ئىماندىن باشقا ئىشلاردا ، يەنى سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا بىر-بىرىدىن ئۈستۈن بولالايدۇ. شۇڭلاشقا ، مۆمىنلەر ئارىسىدىكى ئۈستۈنلۈك پەقەت تەقۋا بىلەنلا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئاللاھ تائالا: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەممىدىن ئۈستۈن بولغىنىڭلار ئەڭ تەقۋا بولغىنىڭلاردۇر» دەپ بۇيرۇيدۇ.
23. ئىمان بىلەن ئىسلامنىڭ مۇناسىۋىتى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، ئىمان تىل بىلەن ئېتىراپ قىلىش ۋە قەلب بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر. ئىسلام بولسا ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا تەسلىم بولۇش ۋە بويسۇنۇشتۇر. لۇغەت جەھەتتە ئىمان بىلەن ئىسلامنىڭ پەرقى بار ، ئەمما ئىسلامسىز ئېتىقاد ، ئېتىقادسىز ئىسلام بولمايدۇ. بۇ ئىككىسى مەلۇم نەرسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا ئوخشايدۇ.
24. چوڭ گۇناھ مەسىلىسى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان كىشى ئۇنى ھالال دەپ قارىمىغان ئەھۋال ئاستىدا دىندىن ۋە ئىماندىن چىقمايدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن مۆمىندۇر. لىكىن ، ئۇ قىلغان يامانلىقلىرى سەۋەبىدىن گۇناھكار مۆمىن بولىدۇ. يەنە ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، «مۆمىنگە گۇناھى زىيان يەتكۈزمەيدۇ ۋە ئۇ دوزاخقا كىرمەيدۇ دېيەلمەيمىز. دۇنيادىن مۆمىن ھالىتىدە ئايرىلغاندىن كېيىن ، گەرچە ئۇ گۇناھكار بولسىمۇ ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دېيەلمەيمىز. گۇناھلار مۆمىنگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ دېمەيمىز. گۇناھكار دوزاخقا كىرمەيدۇ دەپمۇ ئېيتمايمىز. دۇنيادىن ئىمان بىلەن ئايرىلغان ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كاپىر بولۇشتىن باشقا چوڭ ۋە كىچىك گۇناھلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلماي تۇرۇپ مۆمىن سۈپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ، ئۇنى دوزاختا ئازابلايدۇ ، خالىسا ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى جازالىمايدۇ.
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى گۇناھ سادىر قىلغان مۆئمىننىڭ كاپىر بولمايدىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن دەلىل ئىسپاتلارنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ قېرىنداشلىرى: « ئى ئاتىمىز ، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تىلىگىن. بىز ئەلۋەتتە گۇناھكار ئىدۇق. » دېيىشتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار گۇناھكار ، ئەمما ئۇلار كاپىر ئەمەس. ئۇندىن باشقا ، ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «ئاللاھنىڭ سىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى ئۈچۈن …» دېدى، «گۇناھ» نىڭ ئورنىغا «كۇپۇرلۇق» دېمىدى. ئوخشاشلا ، ھەزرىتى مۇسا كوپتنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق گۇناھ سادىر قىلغان ، ئەمما ئۇ كاپىر ئەمەس ئىدى.
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆزى بىلەن جەڭ قىلغان دەمەشق خەلقىنى مۆمىن دەپ چاقىرىشى بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر ئىسپات. ئەگەر گۇناھ سادىر قىلىش مۆئمىننى ئىماندىن چىقىرىدىغان ئىش بولسا ، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن كېيىنكى گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى دەپ قارالغان قاتىللىق قىلمىشىنى قىلغانلارنى ھەزرىتى ئەلى كاپىر دەپ قارىشى كېرەك. ھالبۇكى ، ھەزرىتى ئەلى دەمەشق خەلقىنى «ئەل-باغىييە» ، يەنى ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلار دەپ ئاتىغان ، ئەمما ئۇ ئۇلارنى كاپىر دەپ ئاتىمىغان.
ئەبۇ ھەنەفى شىرىكتىن باشقا گۇناھلارنى چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئايرىغان. لىكىن ، بۇلارنىڭ ئوخشاش دەرىجىدىكى گۇناھ ئەمەسلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، ئۇ ھەتتا كىچىك گۇناھلاردىنمۇ ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
25. مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ۋەدىسى
Va’d ئاللاھ ئاخىرەتتە ياخشىلىق قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشنى كۆرسىتىدۇ ، Vaîd بولسا يامانلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشنى كۆرسىتىدۇ. ئەبۇ ھەنەفى بۇ دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاخىرەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ ، يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھ تەرىپىدىن جازالىنىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇ «ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك قوشقانلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا ، ئۇ خالىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» دېگەن ئايەتكە ئاساسەن ، شېرىك قوشاشتىن باشقا گۇناھلارنى ئاللاھ كەچۈرۈشى مۇمكىن دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، نەتىجىدە ئاللاھ مۇكاپاتلاش ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ ، ئەمما جازالاش ۋەدىسىدىن قايتىشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ جازالاش ۋەدىسىدىن قايتىشى مۆمىنلەرگە رەھمەتتۇر. چۈنكى ھەممىگە قادىر ئاللاھ رەھىمدىللەرنىڭ ئەڭ مېھرىبانىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا ، ئىلاھىي شاپائەتكە ئېرىشەلمىگەن مۆمىنلەر دوزاخقا گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقاندىن كېيىن جەزمەن جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى دەلىل كەلتۈرىدۇ: « كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر » ، « سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ ». ۋە «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ . كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ ».
26. تەقدىر ۋە ئىنساننىڭ ھەرىكەتلىرى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ، بىلىمى ۋە تەقدىر قازاسى بىلەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئۇلۇغ ئاللاھ: «بىز ھەممە نەرسىنى تەقدىر بىلەن ياراتتۇق» دەيدۇ. بۇنڭ بىلەن بىللە، ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، كىشىلەر ھەرىكىتىدە ئەركىن ئىكەن. ئىمان ئېيتىش ۋە كۇپۇرلۇق قىلىش كىشىلەرنىڭ ئۆز تاللىشى. دېمەك ، ئاللاھ كۇپۇرلۇقنى خالىغانلارغا كۇپۇرلۇق ، ئىماننى خالىغانلارغا ئىمان نىسىپ قىلىدۇ ۋە شۇنداق يارىتىدۇ. نەتىجىدە ، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى مۇنداق قارايدۇ: گەرچە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولسىمۇ ، ئىنسانغا مەلۇم مىقتاردا تاللاش ھوقۇقى ، يەنى قىسمەن ئىراە بىرىلگەنلىكى ئۈچۈن ، قىلغان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.
27. ئاخىرەتكە ئىشىنىش
ئاخىرەتنى بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشلىنىدىغان مەڭگۈلۈك ھايات دەپ بىلىمىز. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قەبرىدە ئازابلىنىش ، نەكىر-مۇنكەر مەسىلىسى ، ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلىش ، ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىلىشى ، جەننەت ۋە دوزاخ قاتارلىق تېمىلارغا بولغان كۆز قارىشىنى قىسقىچە تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەش مۇمكىن:
28. قەبرە ئازابى ۋە قەبرىدىكى سۇئال-سوراق
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، قەبرىدە مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك پەرىشتىلەرنىڭ سوئال-سوراق قىلىشى ھەقىقەت. قەبرىدە روھنىڭ جەسەتكە قايتۇرۇلىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەت. بارلىق كاپىرلار ۋە ئىسيانكار مۆمىنلەرگە ئۈچۈن ، قەبرە ئازابى ھەقتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ تېمىدا نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر مەۋجۇت.
ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، تۆۋەندىكى ئايەتلەر قەبرە ئازابىغا دالالەت قىلىدۇ: «قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، بۇنىڭدا شەك يوق. شۈبھىسىزكى ، ئاللاھ قەبرىدىكىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ » ، «بىز ئۇلارنى ئىككى قېتىم جازالايمىز» ۋە «زالىملارغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئازاب بار» دېگەندەك ئايەتلەردە قەبرە ئازابى مەقسەت قىلىنغان.
ئىمام ئەزەم، قەبرە ھاياتى ۋە قەبرىدە كاپىرلار ۋە ئىسيانكار مۆمىنلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت بولىدىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ھەدىس-شەرىفلەرنى دەلىل كەلتۈرىدۇ. بەيازىزادە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ بۇ تېمىدا تۆۋەندىكىدەك رىۋايەتنى بايان قىلىنغانلىقىنى خاتىرلىگەن. بۇ رىۋايەتتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مۇئمىننى قەبرىگە قويغاندا ، بىر پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «پەرۋەردىگارىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ «ئاللاھ» دەيدۇ. «پەيغەمبىرىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ «مۇھەممەد» دەيدۇ. «دىنىڭ نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ «ئىسلام» دەيدۇ. ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى كىڭىيىدۇ ۋە ئۇ كىشى جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. ئەگەر ئۆلۈكلەر كاپىر بولسا ، پەرىشتە ئۇنىڭدىن: «پەرۋەردىگارىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ بىر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك «ھە! بىلمەيمەن» دەيدۇ. پەرىشتە: «پەيغەمبىرىڭ كىم؟». دەپ سورايدۇ. ئۇ خۇددى بىر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك «ھە! بىلمەيمەن» دەيدۇ. پەرىشتە: «دىنىڭ نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ بىر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك «ھە! بىلمەيمەن» دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسى تارىيىدۇ ۋە ئۇ دوزاختىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. ئاندىن پەرىشتە ئۇنى جىن ۋە ئىنساندىن باشقا ھەممە نەرسە ئاڭلايدىغان بىر زەربە بىلەن ئۇرىدۇ. بۇ سۆزلەردىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغان ئىكەن.
29. ئەمەللەرمىڭ يېزىلىشى ۋە ئوقۇلىشى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە ، دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى ئەمەل دەپتىرىگە خاتىرىلىنىدۇ. ھېساپ كۈنى ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەل دەپتىرىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇنى ئوقۇيدۇ ، يەنى ئۇلار قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ، «ھەممىگە قادىر ئاللاھ «قەلەم» نى يېزىشقا بۇيرۇغان، «قەلەم»، «مەن نېمە يازاي، ئى رەببىم» دەپ سورىغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «قىيامەت كۈنىگىچە بولىدىغان ئىشلارنى ياز» دېگەن. ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە، «ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى دەپتەرگە خاتىرىلەنگەن. چوڭ ياكى كىچىك ھەممە نەرسە يېزىلغان» ۋە «كىتابىڭنى ئوقۇ! بۈگۈن، نەپسىڭ ئۆزۈڭدىن ھېساپ ئېلىشقا يېتىدۇ» قاتارلىق ئايەتلەر ئەمەللەرنىڭ يېزىلىدىغانلىقى ۋە ئاخىرەتتە ھېساپ كۈنى ئوقۇلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
30. جەننەت ۋە دوزاخنىڭ يارىتىلغانلىقى
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفىنىڭ قارىشىچە، جەننەت ۋە دوزاخ ھەقىقەت بولۇپ ، ئۇلار ئۆز ئەھلى ئۈچۈن يارىتىلغان، جەننەت ئەھلى جەننەتتە، دوزاخ ئەھلى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۆمىنلەر ئۈچۈن: «ئۇلار جەننەت ئەھلى ۋە ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ». كاپىرلار ئۈچۈن «ئۇلار دوزاخ ئەھلى ۋە ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەن ئايەتلىرى بۇنىڭ ئوچۇق دەلىلى.
خۇلاسە
ئەبۇ ھەنەفى نۇمان بىن سابىت مىلادىيە 699-يىلى كۇفادا تۇغۇلغان، بۇ ھىجرەتنىڭ 80- يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ھىجرەتنىڭ 150-يىلى، يەنى مىلادىيە 767-يىلى باغداتتا ۋاپات بولغان. ئۇ، ئەڭ چوڭ ئىمام دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان «ئىمام-ئەزەم» دېگەن ئۈنۋان ۋە ئەبۇ ھەنەفى دېگەن لەقەم بىلەن تونۇلغان. ھەنەفى مەزھىپى ئۇنىڭ لەقىمى بىلەن ئاتالغان. گەرچە ئۇنىڭ مىللىتى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ تۈركلەردىن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
باي ۋە مۇسۇلمان بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي ، يەنە سودا بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇمەييە ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىرىنىڭ قازىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە كۇفەدىكى ھەمماد بىن سۇلايماندىن 18 يىل ئىلىم ئالغان. ئۇنىڭ ئۇستازى ھامماد بىن سۇلايمان ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇدەررىسلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن ئەبۇ ھەنەفىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ۋە ئىمام مۇھەممەد ئەل شەيبانى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ھازىرغىچە يەتكۈزۈلگەن.
ئىمام ئەزەم نەقىل بىلەن بىرلىكتە ئەقىلگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي ، ئەقىل-نەقىل تەڭپۇڭلۇقىنىمۇ قۇرۇپ چىققان. ئەبۇ ھەنەفى ئۆزىنىڭ ئىتىقادى قاراشلىرىنى ئەقىل ۋە نەقىل خاراكتېرلىك ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىمان قەلب بىلەن تەستىقلاش ۋە تىل بىلەن ئىقرار قىلىشتۇر. ئىماندا بۇنىڭ سىرتىدا قېلىش جائىز ئەمەس. قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزى ، مەخلۇق ئەمەس. بەندىلەرنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ياراتقان ئاللاھتۇر، بەندىلەر ئۇنى ئىرادە قىلىدۇ ۋە ئورۇندايدۇ. دېمەك ، بەندە ئورۇنلىغۇچى ، ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر. ئۇ يەنە پەيغەمبەرلىك ئورنىنىڭ توغرا ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەر بىر كىشىنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شاپائەت قىلىش ۋە مىراج قاتارلىق ئىشلاردىن باشقا ، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ كۆرۈلۈشىمۇ ھەقىقەتتۇر.
ئىمام ئەزەم ئىلىم-پەندىكى ئوكيان ، باشقا ئۆلىمالار بولسا كۆلچەك دەپ قارالغان. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇسۇل ۋە فۇرۇدا ئۇنىڭ مەزھىپىنى تاللىغان. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى پۇتۇمنىڭ ئاستىغا قويسام ، مېنىڭ بېشىم ئاسمانغا تاقىشىدۇ دېگۈدەك دەرىجىدە كەمتەرلىك خىسلىتىنى نامايەن قىلغان. ئۇ سۈننەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ بىشى بولغاچقا ، ھەدىسلەرنى ۋە ساھابىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆز كۆز قارىشىدىن ئەۋزەل كۆرەتتى. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، ئۇنى كىتاب ۋە سۈننەتكە ئاساسلانماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ دەيدىغانلارمۇ بولغان. ئەمما بۇ قاراشلار ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى تەكشۈرۈلگەندە، بۇنداق ئەمەسلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ماس كەلمىگەن بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلمىغان بولاتتى. ھالبۇكى ، تارىخ بويىچە ۋە بۈگۈنكى كۈندە ياشىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇنىڭ مەزھىپىنى تاللىغان.
ئىمام ئەزەم بىر مەسىلە توغرىسىدا قارار چىقارماقچى بولغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابىغا قارىغان ، ئەگەر ئۇنى تاپالمىسا، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە مۇراجەت قىلغان، ئۇنىڭدىنمۇ تاپالمىسا ساھابىلەرنىڭ سۆزى ۋە ئەمەلىيىتىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ پىكىرىنى تاللىغان. ئۇ بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ھېچقانداق پاكىت تاپالمىغاندا ، مەسىلىلەر ، دەۋرنىڭ شارائىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەقىل ۋە ئەقىل پاكىتلىرىنى ئاساس قىلىپ ، ئىسلامنىڭ ماھىيىتى ۋە روھىغا مۇۋاپىق ھۆكۈم چىقىرىشقا تىرىشقان.
ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئەللىك بەش قېتىم ھەجگە بارغانلىقى ، كېچىدە ئاز ئۇخلاپ كۆپ ئىبادەت قىلغانلىقى ، قۇرئاننى يادلىغانلىقى ۋە ئايدا ئۈچ قېتىم خەتىم قىلىدىغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ كەبىدە قۇرئان كەرىمنى خەتىم قىلغان تۆت كىشىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەر خىل رىۋايەتلەر بار. ئۇ توغرىسىدىكى بۇ رىۋايەتلەر خەلق تەرىپىدىن توغرا دەپ قوبۇل قىلىنغان. بۇ سەۋەبتىن ، ئىمام ئەزمنىڭ ئىلمىي مىجەزى، ئېتىقادى، ياخشى ئەخلاقى ۋە ئائىلە تەربىيەسى مۇسۇلمانلارنىڭ ، بولۇپمۇ تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا زور تۆھپە قوشقان.
ئۇ بىر تەرەپتىن ھاۋارىچ، مۇتەزى، مۇشەببىنە، جەبرىيە، مۇرجئى ۋە شىئە قاتارلىق مەزھەپلەرنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئەھلى سۈننەتنىڭ كۆز قارىشىنى ھەردائىم ئاقلىغان. شۇنداق قىلىپ، ئەھلى سۈننەت سۆزىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.
ئۆمرىنىڭ 50 يىلنى ئۇمەييە دەۋرىدە، ئون سەككىز يىلىنى ئابباسىيلار دەۋرىدە ئۆتكۈزگەن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى ئەزەلدىن ئەھلى بەيتنى ياخشى كۆرگەن ۋە ھۆرمەتلىگەن ، ئۇلارنى ئىزچىل قوغدىغان ۋە قوللىغان.
نەتىجىدە، ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنەفى، ئىلىمى، ئىمانى، ئەمىلى، ئەخلاقى، تەقۋالىقى ۋە كەڭ قورساقلىقى، ھەتتا بارلىق پوزىتسىيىسى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۈلگە بولىدىغان ئىسىل بىر ئىسلام ئالىمى.
مەنبە: «ئىمام ماتۇرىدى ۋە ماتۇرىدىلىق» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلەر توپلىمى