ماتۇرىدىنىڭ دىن ۋە شەرىئەت چۈشەنچىسى
پروفېسسور دوكتور تالىپ ئۆزدەش (جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى، سىۋاس)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇدۇن قىزى
تەپەككۇر ۋە ئىلىم- پەن تارىخىنىڭ ئابىدىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۆز دەۋرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە كېيىنكى زامانلاردىمۇ ئۆرنەك ئېلىنغان ئالاھىدە شەخىسلەر بار. سەمەرقەندلىك ئەبۇ مەنسۇرمۇھەممەد ب. مەھمۇد ئەل-ماتۇرىدى (ھ. 333\ 944)، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك خەلقى ئۈچۈن خاتىرلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم شەخىسلەرنىڭ بىرىدۇر. » ئىمامۇل- خۇدا» لەقىمى بىلەن ئاتالغان ماتۇرىدىنى ئالاھىدە قىلغان نەرسە، سەمەرقەند ۋە ئەتراپىدىن باشلاپ ھىندىستان ۋە ئاناتولىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىندا قازانغان ئىلمىي شۆھرىتى ۋە نۇرغۇن ئەگەشكۈچىسىنىڭ بولۇشى بىلەن بىرگە، ئىسلام بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تېما ۋە مەسىلىگە ئەقىل- نەقىل تەڭپۇڭلۇقى بىلەن قىلغان قۇرئان مەركەزلىك راتسىئونال ئىزاھات ۋە چۈشەندۈرشلەرنىڭ، ساغلام ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان تەفسىر مېتودىنىڭ بىز ياشاۋاتقان زامانىۋىي دەۋردىمۇ مۇھىملىقىنى يوقاتماسلىقىدۇر.
ماتۇرىدى، كالام، تەفسىر فىقىھ، ھەدىسكە ئوخشاش تېمىلاردا قۇرئاننىڭ پۈتۈنلىكىنى مەركەز قىلغان راتسىئونال، ئېغىپ كەتمىگەن ۋە تەمكىن چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەھلى سۈننەت سىزىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشقىنىدەك، ئۆز زامانىدا نۇرغۇنلىغان ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ۋە تەھتىدىگە ئۇچرىغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلىكىگىمۇ ئېتقادىي جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئابباسي دۆلىتىنىڭ مەركىزى ھاكىمىيىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان، ئسلام دۇنياسى پارچىلىنىش ۋە چېچىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەن ياكى بوشىتىۋەتكەن بىر تۈركۈم دىنىي ئېقىم ۋە سىياسىي ھەركەتلەر ئوتتۇرغا چىققان بىر مەزگىلدە ماتۇرىدى، تەڭپۇڭلۇقنىڭ، تەمكىنلىكنىڭ، بىرلەشتۈرۈش ۋە ماسلىشىشنىڭ ۋەكىلى بولغان.
كۈنىمىزدە ئىسلام دۇنياسى، بولۇپمۇ غەرب مەدەنىيىتى ۋە زامانىۋىلىشىش ئالدىدا چېچىلاڭغۇ ۋە مۇقۇمسىز بىر مەزگىلىنى بېشىدىن ئۆتكەزمەكتە. دىن، ئىسلام، شەرىئەت، بىلىم، دېموكراتىيە ۋە ئىلمانىزمغا ئوخشاش ئۇقۇملارنى چۆردىگەن ھالدا بىر قالايماقانچىلىق ۋە زىھىن چېچىلاڭغۇلىقى يۈز بەرمەكتە، بۇ ئەھۋال ھاياتىمىزغا ھەر تەرەپتىن سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. ماتۇرىدىنىڭ قايتىدىن قېزىپ چىقىلىشى، نىشانى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى بىر تەرەپتىن ئونۋېرسال تەجىربىلەرگە يۈزلەنگەن، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈر مەنبەلىرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ بۇ قالايماقانچىلىك ۋە مۇقۇمسىزلىقتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇ ماقالىمىزدا ئوخشىمىغان زامانلاردا مۇنازىرە قىلىنىپ ئوخشىمىغان باھالار بېرىلگەن ماتۇرىدىنىڭ دىن ۋە شەرىئەت چۈشەنچىسىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. بۇ مۇناسىۋەتتە ئۇنىڭ شەرىئەتنىڭ ئۆزگىرىدىغان ياكى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۇرۇنقى شەرىئەتلەر ئالدىدىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىگە بولغان باھالىرىمىز ۋە خۇلاسىلىرىمىزنى تەقدىم قىلىشقا تىرىشىمىز.
ماتۇرىدىنىڭ دىن ۋە شەرىئەت قارىشىنى باھالاشتا ئۈچ نۇقتىنى مېتود جەھەتتىن مۇھىم دەپ قارايمىز. بىرىنچى نۇقتا، كۈنىمىزدىكى دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە نەزىرىي مۇنازىرىلەرنىڭ ھازىرقى كۈلتۈرەل، سىياسىي، ئىدئولوگىيىلىك، قانۇنىي ۋە باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەنلىكىنى؛ يەنى بىزنىڭ كۈنتەرتىپلىرىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز. ماتۇرىدىنىڭ دىن ۋە شەرىئەتكە ئوخشاش ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملار ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلىش ۋە باھالاشتا ھەممىدىن بۇرۇن بىزنىڭ كۈنتەرتىپىمىز بىلەن ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز ياشاۋاتقان دەۋرنى بەلگىلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن يېڭى مۇنازىرىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەينىدىكى زىھنىيەت ۋە مەقسەت، نىشان ۋە ئىستراتېگىيەلەردىن ئايرىپ ئېلىپ بىۋاستە ماتۇرىدى ياشىغان زامانغا ئېلىپ بېرىش قانچىلىك توغرا بولىشى مۇمكىن؟ مەسىلەن، ماتۇرىدىنىڭ دىن ۋە شەرىئەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۇ ياشىغان زاماندىكى ھوقوقدارلارنىڭ ۋە ئاقىللارنىڭ دىندىن خالىي بىر تۈرك ئىسلامىنى شەكىللەندۈرۈشتەك مەقسەت ۋە نىشانلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلشىمىز كېرەك.
بۇ تېمىنىڭ مۇنازىرە قىلىنىشىدا مۇھىم بولغان ئىككىنچى نۇقتا، ماتۇرىدىنىڭ مەلۇم بىر تېمىدىكى قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان بىر تەتقىقات ماتۇرىدىغا بېرىلگەن باھالارنى ئەمەس، بىۋاستە ماتۇرىدىگە نىسبەت بېرىلگەن مەنبەلەرنى ئاساس قىلىشى تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. بۇ يەردە دىيىلۋاتقان مېتود، ماتۇرىدىغا بېرىلگەن باھالارغا ئېھتىيات ۋە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوخشاش بىر تېمىدا بىر- بىرىدىن پەرىقلىق، ھەتتا بىر- بىرىگە قارمۇ- قارشى بولغان كۆپلىگەن باھالاش ۋە كۆز- قاراشلارنى ئۇچىرتىش مۇمكىن. ئۈچۈنچى مۇھىم نۇقتا، ماتۇرىدىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسلى مەنبەلەرنى قىسمىي ئەمەس، پۈتۈنى بىلەن ئانالىز قىلىشنىڭ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توغرا ئۇچۇر ۋە باھاغا ئېرىشىشتە ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر. بىرقانچە ئايەتكە بولغان قىسقا ئىزاھات ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ماتۇرىدىگە باھا بېرەلمەيمىز.
زامانىۋىلىشىش ۋە ئىلمانىزمنىڭ دىن، كۈلتۈر، سىياسەت، قانۇن ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنى زور دەرىجىدە تەسىرى ئاستىغا ئېلىپ ئۆز ئالدىغا بېكىتىشكە تىرىشۋاتقان، ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىستراتېگىيىلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مۇھىتتا، بىر- بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ۋە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان دىن ۋە شەرىئەت ئۇقۇملىرىنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن بىر مەجبۇرلاشنىڭ بارلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. چۈشەنچىمىزدە بۇ خىل مەجبۇرلاشنىڭ كەينىدە، دىنىي ناسلارنى مۇلاھىزە قىلغاندا؛ بولۇپمۇ قۇرئاننىڭ ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ مۇلاھىزە قىلىنىشىدا تارىخىيلىق ۋە تەدرىجى ئۆزگىرىدىغان بىر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىىش نەزىريىسى ئاساس قىلىنىشى، ئىجتىھاد ساھەسىنىڭ ئادەتلەنگىنىمىزدىنمۇ بەك كېڭەيتىلىشى ۋە مۇلاھىزە قىلغاندا راتسىئوناللىق نامايەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىر تەرەپتە مۇقۇم ۋە ئۆزگەرمەس دەپ قارىلدىغان دىنىي ناس ھادىسىسى، يەنە بىر تەرەپتە يۈز بېرىۋاتقان ۋە ھېس قىلىنىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھادىسىسى مەۋجۇتتۇر. دىن ئىنسان ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەچكە، دىن بىلەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئوتتۇرسىدا ماسلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان، دىنىي ھۆكۈملەرنى تۇرمۇشقا تەدبىقلاش نۇقتىسىدىكى قاپسىلىشنى ھەل قىلىدىغان ئېلاستىكىلىق بىر رايون بولۇشى كېرەك. بۇ ئېلاستىكىلىق رايون، دىننى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ياشاش نۇقتىسىدا ئىنساننىڭ مۇلاھىزىسىگە ۋە خاھىشىغا ئىمكان بەرگەن ئىجتىھاد رايونى بولىدۇ. ئەمما بۇ دىنىي رايوندا سۇبيېكتىپلىق شەرتتۇر. ئىسلام جەھەتتىن دىن ھادىسىسىنى پەقەت تەۋھىد ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى بىلەنلا چەكلەپ ، شەرىئەتنىمۇ پەقەتلا ئەھكاملار بىلەن چەكلەپ دىندىن مۇستەسنا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۇسۇل ۋە چۈشەندۈرۈشلەر دىننىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا توغرا كۆرۈنمەيدۇ.
ئەرەبچە دِيَنَ يىلتىزىدىن تۈرلەنگەن، » بويۇن ئېگىش، ئىتائەت قىلىش» ( ئەززۇل، ئە- ئىنقىياد) تۈرىدىن بىر مەنا رامكىسى ئىچىدە بولغان «دىن» كەلىمىسى، ئىبادەت، قانۇن، يول، ئادەت، تەقۋا، ھۆكۈم، ھېساب، جازا ۋە مۇكاپات مەنىلىرىدە كېلىدۇ. دىن كەلىمىسى ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر قۇرئاندا 95 يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قوللىنىلغان يەرگە ۋە باغلىنىشىغا قارىتا مەنا ئىپادىلىمەكتە. » دىن كۈنىنىڭ ئىگىسى» ( فاتىھە، 4)، » دىن كۈنىنى ئىنكار قىلغانلار» ( مۇتەففىفىن، 11) ئايەتلىرىدە جازا مەنىسىدە، » ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار» ( نۇر، 2) ئايىتىدە ھۆكۈم ۋە شەرىئەت مەنىسىدە، » پادىشاھنىڭ قانۇنى بويىچە» ( يۈسۈف، 76) ئايىتىدە قانۇن ۋە ئۆرپ-ئادەت مەنىسىدە قوللىنىلغان. » بىلىڭلاركى، ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر» ( زۇمەر،3) ئايىتىدە تەۋھىد ۋە شاھادەت مەنىسىگە، » دىندا زورلاش يوقتۇر» ( بەقەرە، 256) ئايىتىدە ئىمان ۋە ئىخلاسنى ئاساس قىلغان ئىتائەت مەنىسىدە كەلگەن. «ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقىنى تىلەمدۇ؟» ( ئال ئىمران، 83)، » كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ» ( ئال ئىمران، 85)، » ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلامدۇر.» ( ئال ئىمران، 19) ئايەتلىرىدە بولسا بەرپا قىلىنغان دىن\ ئىسلام\ ئىلاھىي نىزام مەنىسىدە قوللىنىلغان. «سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مىنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن» ( كافىرۇن، 6)، » قەۋمىڭگە ئيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن» ( يۇنۇس، 104)، » دىنىڭلارنى ( شىرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ» ( غافىر، 14) گە ئوخشاش ۋەھىي زامانىنىڭ تۇنجى باسقۇچلىرىدا مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلەردە دىن ( ئەد-دىن) كەلىمىسى تەۋھىدنى، شىركنى تەرك قىلىپ ئاللاھقا يۈزلىنىشنى، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىمان ئېيتىشنى، ئۇنىڭدىن باشقىغا ئىمان ئېيتماسلىقنى، دۇئانى پەقەت ئۇنىڭغا قىلىشنى ئىپادە قىلغان بولسا، مەدىنىدىكى ۋاقىتنىڭ ئاخرلىرىدا نازىل بولغان » … بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم … » ( مائىدە، 3) ئايىتىدە بولسا تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ئېتقاد- ئەخلاق- ئىبادەت- مۇئامىلە ۋە ئەھكام ئۆلچەملىرى بىلەن بېكىتىلگەن دىن، ئىسلام ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
ئېغىز بىلەن سۇ ئىچىش، ھايۋانلارنىڭ ( تۆگىلەرنىڭ) سۇغا ئىگىلىپ سۇ ئىچىشى ياكى سۇغا كېرىشى، سۇغۇرىشقا ئېلىپ بېرىلىشى قاتارلىق مەنىلەردە كەلگەن شە- رە- ئا يىلتىزى سۇ- ھايات مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرگەن بولۇپ بۇنىڭدىن تۈرەلگەن كەلىمىلەر بىلەن قوشۇلۇپ قۇرئاندا بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغان. كەلىمىنىڭ پېئىل شەكلى » شە- رە- ئاد-دىنە ياكى شە- رە- ئا دىنەن شەكلىدە كەلگىنىدە، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا دىن يارىتىشى، ئۇنى سۈننەت قىلىپ بېكىتىشى، شەرىئەت قىلىشى مەنىلىرىدە كەلمەكتە. » سۇغا بارىدىغان يول»، » ئوچۇق ۋە كەڭرى يول» مەنىلىرىدە كەلگەن شەرىئەت ۋە شىرئەت كەلىمىلىرىگە بولسا ئەسلى مەنىلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يول ( تەرىق، سەبىل)، يۆنىلىش ( سۈننەت)، دىن ۋە مەزھەپ مەنالىرى بېرىلگەن. مەككە زامانىدا نازىل بولغان » ئاندىن سېنى بىز دىن ئىشىدا بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن» ئايىتىدە شەرىئەت كەلىمىسى تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ئىلاھىي يول ۋە ئەھكام مەنىسىدە كەلگەن. كەلىمە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھەم ئەسلى ئەھكام بولغان ئېتىقادىي ھۆكۈملەرنى، ھەمدە قوشۇمچە ئەھكام بولغان ئىبادەت، ئەخلاق ۋە مۇئامىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەككە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا نازىل بولغان، » شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَن يَشَاء وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ» ( ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ) مەنىسىدىكى ئايەتتە دىننىڭ تەۋھىد مەركەزلىك ئېتقادىي، ئەخلاقىي ۋە ئەمەلىي ساھەدىكى (ئۆزگەرمىگەن) ئەسلى ئەھكامىنىڭ شەرىئەت قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، مەدىنە دەۋرىدە نازىل بولغان، » (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا سەندىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسىسى ھەق، قايسىسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» مەنىسىدىكى ئايەتتە ئەسلى ئوخشاش بولغان ئىلاھىي شەرىئەتنىڭ ھەر بىر پەيغەمبەرگە ۋەھىي ئارقىلىق ئىۋەتىلگەن؛ پەقەت تارىخىي، كۈلتۈرەل ۋە ئىىجتىمائىي ئامىللار نۇقتىسىدىن بىر- بىرىدىن پەرىقلىق بولغان تەرەپلىرىگە بىشارەت بەرمەكتە.
يەنى قۇرئاننىڭ مەنىسى جەھەتتىن شەرىئەت، ئاللاھ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بايان قىلغان، ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى كېرەك بولغان ئانا يولنى؛ ئىمان، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە ۋە ھوقوق جەھەتتە دىننىڭ ئۆزگەرمەيدىغان ئەسلى پىرىنسىپ ۋە ھۆكۈملىرىنى ئىپادە قىلىپ، چىڭ تۇرۇش مەنىسىدە فىئلەت ۋەزنىدە كەلگەن شىرئەت كەلىمىسى، بۇ ئۆزگەرمەس شەرىئەتنىڭ پەرقلىق شەرت- شارائىتلاردا ئىنچىكە ھالقىلاردا ئۆزگىرەيدىغان شەكلىنى ئىپادە قىلماقتا. راغىپ ئىسفھانىنىڭ چۈشەنچىسىمۇ بۇ يۆنىلىشتىدۇر. ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا شەرىئەتلەر ئېتىقاد، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە ۋە ھەدلەرگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن باشقا، يىيىش- ئىچىش، كىيىنىش، نىكاھ ۋە ئاجرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك، ھۆكۈملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ساھەلەردە قىلىنغان ئاساس ھۆكۈملەر پۈتۈن شەرىئەتلەر ئۈچۈن ئورتاقتۇر. لېكىن تەپسىلاتلاردا ئىبادەتلەر ۋە جازا ھۆكۈملىرىنىڭ شەكىل ۋە ئىجرا قىلىنىشلىرى ھەققىدە شەرىئەتلەر ئوتتۇرسىدا پەرىقلەر بولىشى مۇمكىن.
ئەمما ئەلى دەرە ئىپادە قىلغاندەك ئۇقۇم جەھەتتىن ئۆز- ئارا مەنىداش ھالەتتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان دىن بىلەن شەرىئەت ئوتتۇرسىغا كەسكىن بىر چىگرا سىزىپ، ئۇلارنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋېتىىش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شەرىئەت ئۇقۇمى بىلەن دىننىڭ ئەمەلىي ۋە ھوقوقىي ھۆكۈملىرىنى ئىپادە قىلىش يۈزلىنىشى ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتمەكتە. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شەرىئەت كەلىمىسى دۇچ كەلگەن مەنە ئۆزگىرىشى تېزلىشىپ، ئىجتىھات ۋە ئۆرۈپ- ئادەتنى ئاساس قىلغان ھۆكۈم ۋە ئىجرالار بىلەن شەرىئەتنىڭ مەناسى كەڭلىلىپ، شەرىئەت ئىسلام قانۇنى ۋە فىقىھ بىلەن ئوخشاش مەنىدە قوللىندىغان ئەھۋال شەكىللەندى. مەنە جەھەتتىكى بۇ ئۆزگىرىش ئاۋۋال شەرىئەت كەلىمىسى بىلەن مائىدە سۈرىسىنىڭ 48. ئايىتىدىكى شىرئەت كەلىمىسى ئوخشاش قىلىنىپ قويۇلغان، كېيىن ئايەتتىكى شىرئەتىي ۋە مىنھەجىي ئىپادىلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ دىندا ئوخشاش لېكىن شەرىئەتتە بىر- بىرىدىن پەرىقلىق نەرسىلەر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دىن بىلەن شەرىئەتنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. بۇ يەردە، دىننىڭ ئېتقادىي ۋە ئەخلاقىي ھۆكۈملىرى شەرىئەتنىڭ مەنىسى سىرتىغا چىقىرىلىپ دىن ئۇقۇمىغا كىرگۈزۈلۈپ، دىننىڭ ( ئىبادەت)، مۇئامىلە ۋە قانۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى دىندىن ئايرىم چۈشىنىلگەن شەرىئەت ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشقان. بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە ئومۇملىشىىشىدا، ئىمان- ئەمەل ئايرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىن ۋە شەرىئەتنىڭ پۈتۈنلەي بىر- بىرىدىن پەرىقلىق نەرسىلەر ئىكەنلىكىگە دائىر ئەل- ئالىم ۋەل- مۇتەئاللىمدە ئەبۇ ھەنەفىدىن نەقىل قىلىنغان بىر باياننىڭ مەلۇم دەرىجىدە رولى بارلىقىنى دىيەلەيمىز. ماتۇرىدىينىڭ دىن ۋە شەرىئەت چۈشەنچىسىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلغان دەپ قارالماقتا.
ماتۇرىدىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ تەفسىردىكى بەزى ھەركەت نۇقتىلرىىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ماتۇرىدى « تەئۋىلات» نىڭ كىرىش قىسمىدا تەفسىر بىلەن تەئۋىلنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ، تەفىسىرنى ھەزرىتى پەيغەمبەرگە ۋە ساھابىگە خاس دەپ قاراپ، تەئۋىلنى فاقىھلارغا خاس دەپ قارىغان.ساھابىلارنىڭ ۋەقەلەرگە ۋە ئايەتلەرنىڭ چۈشىشىگە شاھىت بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن ئايەتلەردە مەقسەت قىلىنغان ھەقىقىي مەنىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى؛ تەئۋىلنىڭ بولسا سۆزلەرنىڭ ئېھتىمال مەنىلىرىنىڭ بىرسىگە يۇزلىنىشى ۋە ئىشلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى مەنىسىدە كەلگەنلىكىنى دەيدۇ. تەفسىردە ئايەتنىڭ مەنىسىگە ئاللاھنىڭ شاھىت ئىكەنلىكى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئېنىق بولىدىغانلىقىنى؛ تەئۋىلدە بۇنداق بولمىغانلىقى ئۈچۈن نىسبىيلىك بارلىقىنى دىگەن. ماتۇرىدىنىڭ چۈشەنچە سېستىمىسىدا ۋە تەفسىر مېتوتىدا قۇرئان مۇتلەق ھالدا مەركەز ئورۇندا تۇرىدۇ.
ماتۇرىدى، تەفسىردە ھەدىسلەرگە ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، قۇرئاندىن باشقا ھېچبىر سۆز مۇتلەق ئەمەس دەپ قارايتتى. تەفسىرىدە قۇرئاننىڭ پۈتۈنلۈكىنى، ۋەھىينىڭ (دىننىڭ) ئانا مەقسەتلىرىنى ۋە ئايەتلەرنىڭ كەينىدىكى ھىكمەتلەرنى زور دەرىجىدە كۆزەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ قۇرئان ۋە ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇم بىر تېمىدىكى چۈشەنچىسىنى ئىزدىنىش ئۈچۈن يالغۇزلا بىر ئايەت ياكى بىر قانچە ئايەتكە قىلغان ئىزاھات ۋە قاراشلىرىنىلا ئەمەس، ئۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئايەتكە قىلغان ئىزاھاتلىرىنى ئانالىزچى ۋە پۈتۈنلىكچى بىر مېتود بىلەن باھالاش كېرەك.
ماتۇرىدى، دىن كەلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرگە قىلغان ئىزاھاتلىرىدا، كەلىمىنىڭ ئايەت ئىچىدىكى ئىشىلتىلىشى ۋە مەزمۇنىغا ماس كەلگەن لۇغەت مەنسىىنى قوللانغان، » مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ» ( دىن (قىيامەت) كۈنىنىڭ ساھىبى) ( فاتىھە، 3)، ئايىتىدە كەلىمىنىڭ جازا ۋە مۇكاپات مەنىسىدە، » … مَا كَانَ لِيَأْخُذَ اَخَاهُ فٖي دٖينِ الْمَلِكِ …» ( (مىسىر) پادىشاھىنىڭ دىنى(قانۇنى) بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى) ( يۈسۈف، 76) ئايىتىدە ھۆكۈم\ قانۇن مەنىسىدە كەلگەنلىكىنى، » لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ» ( سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مىنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن) ( كافىرۇن، 6)، ۋە » اِنَّ الدّٖينَ عِنْدَ اللّٰهِ الْاِسْلَامُ» ( ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر» ( ئال ئىمران، 19) ئايەتلىرىدە مەزھەپ ۋە ئىتىقاد مەنىلىرىدە كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان.
دىن كەلىمىسى مارىفە سۈپىتىدە كەلگىنىدە، بولۇپمۇ » ھەنىف» ۋە : فىترەتۇللاھ» كەلىمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە رەب ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىمان ئېيتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دىن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن توغرا دىن، ھەنىف دىندۇر. » … لَا تَبْدٖيلَ لِخَلْقِ اللّٰهِؕ…» ( ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر) ( رۇم، 30) ئايىتىگە ئاساسەن ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ( فىتراتتا) بىر ئۆزگىرىش بولمىغىنىدەك، بۇ فىترات ئاساسىدا يارىتىلغان ئاللاھنىڭ دىنىدىمۇ ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ماتۇرىدى شۇرا سۈرىسىنىڭ 13. ئايىتىگە ئاساسەن بۇ دىننىڭ نۇھ پەيغەمبەرگە ۋە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلىنغان دىن ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ( تەۋھىدنى) ۋە ئىبادەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ماتۇرىدىنىڭ بەزى ئايەتلەرگە قىلغان قىسقا ئىزاھاتلىرىدىن، ئۇنىڭ دىننى پەقەتلا تەۋھىد ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىغا يۈكلىگەنلىكىنى، ئىبادەتلەر ۋە مۇئامىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى دىن ئۇقىمىدىن ئايرىپ چۈشىنىپ شەرىئەتكە يۈكلىگەن دەپ قاراش خاتا بىر قاراشتۇر. چۈنكى ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 73. ئايىتىنى ئىزاھلىغاندا، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ رەھبەرلىك سۈپەتلىرى بىلەن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشقا چاقىرغانلىقىنى، ناماز، روزا ۋە زاكاتقا ئوخشاش ئىبادەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ شەرىئەتلىرىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. » … وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الْاِسْلَامِ دٖيناً …» ( كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ) ( ئال ئىمران، 85) ئايىتىنىڭ تەفسىرىدە، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىنى، باشقىلار ئەگەشكەن دىننى » ئاللاھنىڭ دىنى» دەپ قاراپ، بۇتلارنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شىرىك قىلىپ ئىسلامدىن باشقا بىر دىن بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقلىرىنىڭ ۋە قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى دىگەن. » أَفَغَيْرَ دِينِ اللّهِ يَبْغُونَ» ( ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟) ( ئال ئىمران، 83) ئايىتىنىڭ تەفسىرىدە، بۇ دىننىڭ ئەسلى ئىمان ئيتىشى كېرەك بولغان نەرسىلەرنى ( تەۋھىدكە ئىمان ئېيتىشنى)، ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىشنى ۋە ھۆكۈمنى، يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكامىنى تونۇش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ تېمىنى » اَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ …» (ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟) (مائىدە، 50) ئايىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. » اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دٖينَكُمْ وَاَتْمَمْتُ …» (بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم) ( مائىدە، 3) ئايىتىنىڭ تەفسىرىدە بولسا، دىن- شەرىئەت ئايرىمى قىلماستىن ئاللاھنىڭ مۆئمىنلەردىن ئىمان ئېيتىپ قىلىنىشى تەلەپ قىلىغان پۈتۈن ئەھۋاللار، ئىجرالار ۋە ھۆكۈملەر بۇ مۇكەممەل دىننىڭ\ ئىسلامنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىلگەن. » ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلٰى شَرٖيعَةٍ مِنَ الْاَمْرِ فَاتَّبِعْهَا» (ئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن) ( جاسىيە، 18) ئايىتىگە قىلغان ئىزاھاتىدا شەرىئەتنىڭ سۇ يولى، سۈننەت ( ئادەت)، مىللەت، مەزھەپ قاتارلىق لۇغەت مەنىلىرىنى تىلغا ئالغان، يەنە بىر مەسىلە ھەققىدە تەۋرات ياكى قۇرئاندىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھۆكۈمنىمۇ شەرىئەت دەپ ئاتىغان. ماتۇرىدىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى ئايەتلەرگە قىلغان ئىزاھاتلىرىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ، شەرىئەت ۋە شىرئەتنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سۈننەتلەر، يۈرۈلىدىغان يول ۋە ئەھكام دەپ چۈشەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ماتۇرىدى ئاللاھنىڭ دىنى ئۆزگەرمەس ( نەسىخ، تەدبىل ۋە تەغاييۇر قىلغىلى بولمايدىغان) ئىكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەرىئەتلىرى ئۆزگىرەيدۇ دەپ قارايتتى. لېكىن ماتۇرىدى بۇ شەرىئەتنى، مۇئامىلە ۋە ھوقوق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھكامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھىي مەزگىلىدە پۈتۈنى بىلەن شەكىللەنگەن دىنۇللاھتىن ( ئاللاھنىڭ دىنى) ئايرىم بولغان، ئۇنىڭغا سىرتتىن قوشۇلغان ۋە ۋاقىتلىق بىر ھادىسە ئەمەس دەپ قارايتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن روھ ۋە جەسەتتەك بىر پۈتۈنلىك ئىچىدە دەپ قارايتتى.
كۆرۈنۈشتە شەرىئەت بىلەن شىرئەت كەلىمىلىرىنى ئۇقۇم جەھەتتىن بىر- بىرىدىن ئايرىغان، ئاللاھنىڭ بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ( خەلقلەر) ھەققىدىكى سۈننىتىنىڭ ئۇلارنىڭ شەرىئەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشى، ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىشى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان ماتۇرىدىنىڭ قاراشلىرىنى يۈزەكى بىر ئۇسۇل بىلەن باھالاپ، ئۇنىڭ دىن بىلەن شەرىئەتنى ئايرىپ، دىننى پۈتۈنلەي ئېتقاد ئاساسلىرىغا، شەرىئەتنى تامامەن ئەھكامغا يۈكلىگەنلىكى، ۋە مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ ئەسلى ھۆكۈملىرى بىلەن بىللە دىندىن خالىي ھالدا يىلتىزدىن ئۆزگىرىشى مۇمكىنلىكىنى، ھەتتا بۇ ئۆزگىرەشنىڭ ئىجتىھاد بىلەنمۇ مۇمكىن دەپ قارىغانلىقىنى خۇلاسىلەش يېڭىلدۈرگۈچى بىر باھا بولىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ماتۇرىدىنىڭ دىن ۋە شەرىئەت قارىشىنىڭ باھالىنىشىدا، ئاللاھ ئەۋەتكەن شەرىئەتنىڭ قايسى نۇقتىلاردا ئىزچىل داۋاملاشقانلىقىنى، قايسى نۇقتىلاردا ئۆزگەرگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، شۇ ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشلارنىڭ ماھىيىتىنىڭ ۋە چېگراسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، قۇرئاننىڭ بۇرۇنقى كىتابلارنى تەستىق قىلىشىنىڭ نېمىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ھالەتتە تەتقىق قىلىنىپ باھالىنىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر.
ماتۇرىدى، » وَاَنَّ هٰذَا صِرَاطٖي مُسْتَقٖيماً فَاتَّبِعُوهُ …» (بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا) يوللاردا ماڭماڭلار) ( ئەنئام، 153) ئايىتىنى ئىزاھلىغاندا، بۇ يولنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى، ھالال ۋە ھاراملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى، يۇقىردا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنىڭ مۇھكەم ئايەتلەر ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ( ئىلاھىي) كىتاپلاردا ئۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بىرەر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇھكەم ئايەلەرنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە بايان قىلغان. ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بىرىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە ھەجگە بېرىشكە ئوخشاش ئىبادەتلەرنىڭ تەپسىلاتىنىڭ پەرىقلىق بولىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما پۈتۈن بۇلارنىڭ ئەسلى جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنىكىنى ئىپادە قىلغان. روزا تۇتۇشنىڭ بۇرۇنقىلارغا پەرز قىلىنغىنىدەك، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئايەتكە ( بەقەرە، 183) قىلغان ئىزاھاتىدا، روزا تۇتۇشنىڭ ئەسلى ۋە ماھىيىتى بىر\ ئوخشاش بولۇش بىلەن بىرگە زامان ۋە شەكىل جەھەتتىن پەرىقلىق بولىشى مۇمكىنلىكىگە دىققەت تارتقان.
جازانىخورلۇق ( ئۆسۈم) مۇ ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىگە ھارام قىلىنغاندەك بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگىمۇ ھارام قىلىنغان. قۇرئاننىڭ بۇرۇنقى كىتاپلارنى تەستىقلىشى، ئايەت ۋە تىل جەھەتتىن ئەمەس، پەقەت ئۇلاردىكى مەنىلەر ۋە ھۆكۈملەر ( ئەھكام) جەھەتتىن ئۇلار بىلەن بىردەك بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇنلۇق ۋە ماسلىشىش، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان نەرسىدە ئىختىلاپ بولمايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. چۈنكى قۇرئان ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلىگەن بولسا، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋەھىيلەر بىلەن بىردەكلىكى بولمىغان بولاتتى. ھالبۇكى پۈتۈن پەيغەمبەرلەر بىر- بىرلىرىنى تەستىق قىلغان. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە چۈشۈرگەن پۈتۈن كىتابلار ئىنسانلارنى ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا، ئۇنىڭغا باشقىسىنى شىرىك قىلىشتىن چەكلىگىنىدەك، ئۇلارنى ئادىل بولۇشقا، ئېھسانغا ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلغان، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقتىن، ھەدىدىن ئېشىشتىن، ئازغۇنلىقتىن ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلىگەن. بۇ نۇقتىدا نە ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەر، نە ئەۋەتىلگەن كىتابلار ئارسىدا بىر ئىختىلاپ مەۋجۇت. » وَاَنِ احْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَٓا اَنْزَلَ اللّٰهُ وَلَا تَتَّبِـعْ اَهْوَٓاءَهُمْ» ( (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن) دەپ داۋام قىلغان ئەھلى كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ ( مائىدە، 48) تەفسىرىدە، تاش- بوران قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قىلغان ئىزاھاتىدا جازالارغا دائىر ئەھكامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئاندىكى شەرىئەتنىڭ تەۋراتتىمۇ بار ئىكەنلىكىنى، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ، قۇرئاندىكىدەك تەۋراتتىمۇ بۇ ئەھكام ۋە شەرىئەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى يەھۇدىلارغا دېگەنلىكىنى بايان قىلغان.
بۇ ئۇچۇرلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى ماتۇرىدى تەپسىلاتقا كىرمەي تەۋھىد ۋە ئاخىرەت ئېتقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناماز، روزا، زاكات، ھەج ۋە قۇربانغا ئوخشاش ئىبادەتلارنىڭ، ئەخلاق ۋە ھوقوققا دائىر ئاساس پىرىنسىپ ۋە ھۆكۈملەرنىڭ، قىساس، دىيەت، كەچۈرۈم، تاش- بوران قىلىشتەك جازالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتە بولغىنىدەك، تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاش ئىلگىركى كىتاپلاردىمۇ بولغانلىقى قانائىتىنى ھاسىل قىلغان. ئۇنداقتا ماتۇرىدىنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان ( نەسخ، تەدبىل ۋە تەغاييۇر قىلغىلى بولمايدىغان) بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەرىئىتىنىڭ ئۆزگىرەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشىدا نىمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ بۇ مەسىلىدە ئۇنىڭ شەرىئەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى ئايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھاتلىرىنى ئانالىز قىلىشىمىز كېرەك.
ماتۇرىدى، قەتلى قىلىش ۋە قىساس مەسىلىسىدە سابىئىلەر دەپ ئاتالغان بەزى قاراشتىكىلەرنىڭ ئىنجىلنىڭ تامامەن رۇخسەتلەر ( ئەركىنلىك ۋە قولايلىق) ئاساسىدا نازىل قىلىنغانلىقىنى، تەۋراتنىڭ بولسا شىددەتلىك ھۆكۈملەر ئاساسىدا نازىل قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارغا قوشۇلمايتتى. ئۇلارنىڭ بۇ كىتابلارنىڭ نازىل بولىشىغا شاھىتلىق قىلمىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىلەردە رۇخسەرلەرنىڭ ۋە شىددەتلەرنىڭ (قاتتىق ھۆكۈملەرنىڭ) بار بولىشىنىڭ بىر زىتلىق ئەمەسلىكى، رۇخسەتلەرنىڭ ۋە قاتتىق ھۆكۈملەرنىڭ مەلۇم ھېكمەتلەر ئاساسىدا بايان قىلىنغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، تېىمىنى ناسىخ ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلغان. ئۇ ناسىخ ۋە مەنسۇخ ئوتتۇرسىدا بىر زىددىيەت يوق، ماسلىشىش بار دەپ قارىغان.
بىر ئىنساننىڭ ھەقسىز ئۆلتۈرۈلىشى سەۋەبىدىن قىساس ھۆكۈمى تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرگە قىلغان ئىزاھاتلىرىدا، بىرى ئۆلتۈرۈلگەندە تەۋرات ھۆكۈمىنىڭ قاتىلنىڭ ئۆلتۈرىلىشىنى مەجبۇرىي قىلغانلىقىنى، تەۋراتتا كەچۈرۈم قىلىش ياكى دىيەت تۆلەش ھۆكۈمىنىڭ يوقلىقىنى، ئىنجىل ھۆكۈمىنىڭ بولسا بۇنداق بىر ئەھۋالدا قاتىلنى كەچۈرۋېتىشتىن باشقا ئىمكان بەرمىگەنلىكىنى، ئىنجىلدە قىساس ئېلىش ياكى دىيەت تۆلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىغانلىقىنى، قۇرئاننىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھۆكۈمىنىڭ بولسا ئۈچ خىل ئىجرانىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا دائىر مەۋجۇت قاراشقا ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، مائىدە سۈرىسىدە ئىلگىرى يەھۇدىلارغا قىساس ئېلىشنىڭ يېزىلغانلىىقىنى، كىتابتا ئۇلارغا ( قىساس ھۆكۈمى قىلىپ) جانغا جان، كۆزگە كۆز، بۇرۇنغا بۇرۇن، قۇلاققا قۇلاق، چىشقا چىش يازغانلىقىنى، يارلاندۇرۇشنىڭمۇ قىساس ئېلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەتنىڭ ( مائىدە، 45) داۋامىدىكى » … فَمَنْ تَصَدَّقَ بِهٖ فَهُوَ كَفَّارَةٌ لَهُ» ( كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا)، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى) غا كەففارەت بولىدۇ) بايانىنى دەلىل قىلىپ، قىساس ئېلىش زۆرۆر بولغان ئەھۋاللاردا تەۋراتتىمۇ ئەپۇ قىلىش ھۆكۈمىنىڭ بولىشى مۇمكىنلىكىگە دىققىت قىلغان. يەنى ماتۇرىدى، بۇ نەزەرىيىسى بىلەن تەۋراتتا ئەپۇ قىلىش ھۆكۈمى يوق دېگەن قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن قىساس ئېلىندىغان ئەھۋاللاردا كەچۈرۈش ۋە دىيەت تۆلەش ھۆكۈمىنىڭ پەقەتلا قۇرئان ۋە مۇسۇلمانلارغا خاس بىر ھۆكۈم ئىكەنلىكىنىڭمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان. » كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلاًّ لِبَنٖٓي اِسْرَٓائٖلَ اِلَّا مَا حَرَّمَ اِسْرَٓائٖلُ عَلٰى نَفْسِهٖ مِنْ قَبْلِ اَنْ تُنَزَّلَ التَّوْرٰيةُؕ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرٰيةِ فَاتْلُوهَٓا اِنْ كُنْتُمْ صَادِقٖينَ» ( تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار») ( ئال ئىمران، 93)؛ » وَعَلَى الَّذٖينَ هَادُوا حَرَّمْنَا كُلَّ ذٖي ظُفُرٍۚ وَمِنَ الْبَقَرِ وَالْغَنَمِ حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ شُحُومَهُمَٓا اِلَّا مَا حَمَلَتْ ظُهُورُهُمَٓا اَوِ الْحَوَايَٓا اَوْ مَا اخْتَلَطَ بِعَظْمٍؕ ذٰلِكَ جَزَيْنَاهُمْ بِبَغْيِهِمْؗ وَاِنَّا لَصَادِقُونَ» ( يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق (يەنى تۆگە، تۆگىقۇشقا ئوخشاش ئاچا تۇياقلىق بولماي توم تۇياقلىق بولغان) ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق، بۇ ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش، جازانە قىلىش، كىشىلەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىق) زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر. بىز ئەلۋەتتە (بەرگەن خەۋەرلىرىمىزدە) راستچىلمىز) ( ئەنئام، 146)؛ » فَبِظُلْمٍ مِنَ الَّذٖينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ اُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَنْ سَبٖيلِ اللّٰهِ كَثٖيراًۙ ﴿١٦٠﴾ وَاَخْذِهِمُ الرِّبٰوا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَاَكْلِهِمْ اَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِؕ وَاَعْتَدْنَا لِلْكَافِرٖينَ مِنْهُمْ عَذَاباً اَلٖيماً» (يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق) (نىسا، 160-161) ئايەتلەرگە قىلغان ئىزاھاتلىرىدا، يەھۇدىلارغا ھارام قىلىنغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ( ئەسلىدە ھالال ۋە پاكىز بولغان بولسىمۇ) زۇلۇم ۋە ئازغۇنلۇقلىرى سەۋەبىدىن جازالىنىپ ھارام قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا مەنسۇخ بىر شەرىئەت ئىكەنلىكىنى ۋە مەنسۇخ بىر نەرسىگە ھازىر ئەمەل قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. يەنى ماتۇرىدى، بۇ پىكىرلىرى بىلەن ئەسلىي ھۆكۈملەردە ئەمەس، بەلكى جازا ھۆكۈملىرىدە شەرىئەتلەر ئوتتۇرسىدا ئوخشىماسلىقلارنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ۋاستىلىك ھالدا ئىپادە قىلغان ھېساپلىنىدۇ. ئەسلىدە ھالال ۋە پاكىز بولغان نەرسىلەرنىڭ يەھۇدىلارغا زۇلۇم ۋە ئازغۇنلىقلىرى سەۋەبىدىن ھارام قىلىنغاندا ھەزرىتى ئىيسانىڭ ۋە ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدە بۇنداق بىر ھۆكۈمنىڭ بولماسلىقى، ئەسلىدىنلا مۇددەت شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھۆكۈمنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ماتۇرىدىنىڭ يەھۇدىلارغا بۇيرۇلغان قىساس جازسىدا دىيەت ۋە كەچۈرۈم قىلىشنىڭ يوق بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئىپادە قىلغان ئىككىنچى قارىشى، باشقا ھۆكۈملەر بىلەن ئەمەس جازا ھۆكۈملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاراشتۇر.
سەبت كۈنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەئراف سۈرىسىنىڭ 163. ئايىتىىگە قىلغان ئىزاھاتىدا، ئىبن ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان سەبت كۈنىنىڭ يەھۇدىلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى، يەھۇدىلارنىڭ ئۇ كۈنگە ھۆرمەت قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ( بۇ ئىجاد قىلىپ ھۆرمەت قىلغان) سەبت كۈنى بىلەن ئىمتىھان قىلغانلىقىنى، سەبت كۈنىدە بېلىق تۇتۇشنى ئۇلارغا چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ يەردە چىقىرىلىدىغان يەكۈن، نەتىجىدە بىزنى سەبت كۈنگە ئالاقىدار ھۆكۈمنىڭ ئۇ خەلقنىڭ تارىخىي ۋە كۈلتۈرەل شارائىتلىرى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى؛ يەنى ئۇ قەۋمنىڭ ئۆرۈپ- ئادەت ۋە ئەخلاق مىزانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىك بىر ھۆكۈم بولۇپ پۈتۈن شەرىئەتلەر ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال بىر ھۆكۈم ئەمەسلىكى نەتىجىسىگە ئېرىشىمىز. ئوخشاش ئەھۋال ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ شەرىئىتىدىكى جۈمە كۈنى ۋە جۈمە نامىزى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. سەبت كۈنى بىلەن جۈمە كۈنى ئوتتۇرسىدا ئوخاشلىق بولغىنىدەك، يەھۇدىلارنىڭ فىرئەۋننىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مىسىردىن چىقىشىغا مىننەتدارلىق سۈپىتىدە تۇتقان ئاشۇرا روزىسى بىلەن، قۇرئان نازىل قىلىنغان قەدىر كېچىسى بولغان رامزان ئېيىدا تۇتۇلىشى پەرز قىلىنغان رامزان روزىسى ئارسىدىمۇ ئوخشاش پەرەزنى قىلىش مۇمكىن. بۇ ئىزاھات ۋە خۇلاسىلەر، ماتۇرىدىنىڭ شەرىئەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى، تەبدىل، تەغيىر ۋە نەسىخ قىلىنىشىنى قانداق چۈشەنگەنلىكى توغرىسىدا بەك ئېنىق بولمىسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە بىر پىكىر بەرمەكتە.
ماتۇرىدىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى، ئۇنىڭ شەرىئەتنى دىندىن ئايرىپ قارىغانلىقىنى، زامان ۋە شارائىتقا قاراپ قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن چېگرالىرى بەلگىلەنگەن ۋە ھەزرىتى مۇھەممەدكە ۋە مۇسۇلمانلارغا تەبلىغ قىلىنغان شەرىئەتنىڭمۇ ئىجتىھات ئارقىلىق نەسىخ قىلغىلى بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىدە بولغانلارغا ئوچۇق جاۋاپ بەرمەكتە:
«… ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەت ( ئىسلام ئۈممىتى) ھەققىدىكى ھۆكۈمى ۋە سۈننىتى، نۇبۇۋۋەتنىڭ مۆھۈرلىنىشى ( پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد بىلەن ئاخىرلىشىشى) ۋە ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ شەرىئىتىنى ئەبەدىي قىلىشىدۇر. ئاللاھنىڭ بۇرۇنقى مۆئمىنلەر ھەققىدىكى سۈننىتى بولسا، ئۇلارنىڭ شەرىئىتىنىڭ نەسىخ قىلىنىپ ھۆكۈملىرىنىڭ تەبدىل قىلىنىشىدۇر.
«(ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ) شەرىئىتى، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن، شەرىئەتلىرى نەسىخ قىلىنىپ باشقا شەرىئەت بىلەن ۋاپات بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭكىدەك، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن باشقا بىر شەرىئەت بىلەن نەسىخ قىلىنغان ئەمەستۇر. ئەكسىچە، ئاللاھ ئۇنىڭ شەرىئىتىنى قىيامەت كۈنىگىچە باقىي قىلىپ خۇددى ئۇنى( ھەزرىتى پەيغەمبەرنى) ھايات قالدۇرغاندەكلا ئىدى.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئيتقاندا، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىنىڭ ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنى نەسىخ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ شەرىئىتىنىڭ بولسا نەسىخ قىلنماي قىيامەتكىچە داۋام قىلىندىغانلىقىنى دەپ، يەنە بىر تەرەپتىن نەسىخنىڭ قۇرئاندىمۇ بار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ماتۇرىدىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ بىر- بىرى بىلەن زىت ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا ئەسلىدە قۇرئان بىلەن نەسىخ ئۇقىمى شەكىللەندۈرگەن تەپەككۇر ئەنئەنىسى ئارسىدا قايمۇقۇپ قالغان ماتۇرىدى، نەسىخكە بولغان چۈشەنچىسى بىلەن، قۇرئان بىلەن ئەنئەنە ئارسىدا، قۇرئاننىڭ ( ۋەھىينىڭ) چىنلىقىغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بىر ماسلىشىش نۇقتىسى ئىزدىگەن. ئۇ نەسىخنى، بىر ئايەتنىڭ ھۆكۈمىنىڭ كېيىن كەلگەن يەنە بىر ئايەتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن بىكار بولىشى\ بىكار قىلىنىشى شەكلىدە ئەمەس، ھۆكۈمنىڭ مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بايانى سۈپىتىدە چۈشەنگەن. ماتۇرىدىگە ئاساسلانغاندا بۇنداق بىر نەسىخ ئۇقىمى بەدا بولمايدۇ. ئاللاھ بىر نەرسىنى خالىغان ۋاقىتتا ۋە ئەھۋالدا بۇيرىيدۇ، باشقا بىر ۋاقىت ۋە ئەھۋالدا بولسا چەكلەيدۇ؛ ياكى بۇنىڭ ئەكسى بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ھىكمەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر نەرسە يوقتۇر. ھىكمەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى، ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى مەلۇم ۋاقىت ۋە ئەھۋالدا بۇيرۇپ، ئۇ نەرسىنى ئوخشاش ۋاقىت ۋە ئەھۋالدا چەكلىشىدۇر. ھالبۇكى بۇنداق بولمىغان ۋە بۇ خىل ئەھۋال ئاللاھ ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەستۇر. يەنى نەسىخكە مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتلىرى ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەسلىدە پەقەت بىرلا ھادىسە بولماي، ئۆز- ئارا ئوخشايدىغان ئورتاق تەرەپلىرى بولسىمۇ، ماھىيەتلىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى ياكى تېخىمۇ كۆپ ھادىسىنىڭ بولغانقىدىندۇر. يەنى پەرقلىق ھۆكۈملەر، پۈتۈن ماھىيەتلىرى ئوخشاش بولغان پەقەت بىرلا ھادىسە ۋە ۋەقە ئۈچۈن كەلگەن بولماستىن، ئوخشاش تەرەپلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ ماھىيەتلىرى بىر- بىرىنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان ئىككى ياكى تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەر ئۈچۈن كەلگەن. بۇ ئەھۋال ھۆكۈملەردە زىددىيەت بار دەپ خۇلاسىلەنمەي، ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن پەرقلىق بولغان دەپ قارىلىشى كېرەك. ماتۇرىدىگە ئاساسلانغاندا نەسىخ، ۋەھىي تېكىستىنىڭ تىلاۋىتىدە ئەمەس ھۆكۈمىدە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بىر نەرسىنىڭ ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنمىسا ياكى ۋاز كېچىلسە ئۇ نەرسە ئۇنتۇلغاندەك بولىدۇ. يەنى ئۇ ھۆكۈم كۈنتەرتىپتىن چۈشكەن بولىدۇ. كۆرۋېلىشقا بولۇدۇكى پەقەت شەرت- شارائىت ئۆزگەرگەن، پەرقلىق شارائىت ۋە ئورۇنلارغا قارىتا ئۇلارغا ئۇيغۇن ئايەتلەر ۋە ھۆكۈملەر كەلگەن. ماتۇرىدىگە ئاساسلانغاندا بۇ مەنىدە قۇرئان بىلەن ئىلگىركى شەرىئەتلەر ئارسىدا تەپسىلاتلاردا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ بىر زىتلىق بولمىغىنىدەك، قۇرئاننىڭ ئۆز ئايەتلىرى ئارسىدىمۇ زىتلىق مەۋجۇت ئەمەستۇر. پەقەت مەلۇم بىر مەزگىلدە كۈتەرتىپتە بولغاندا پەرقلىق زامان، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل شارائىتلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن كۈنتەرتىپتىن چۈشكەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر خۇددى ئۇنۇتۇلغاندەك ياكى ۋاز كىچىلگەندەك بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تىلاۋىتى بۇنداق ئەھۋاللاردىمۇ داۋام قىلىدۇ.
ماتۇرىدى « تەۋىلات»تا نەسىخ قىلىنغان ئايەتلەر ۋە تېمىلارغا قىلغان بىر ئانالىزى، ئۇنىڭ نەسىخ چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تۇنجى دەۋىردىكى سەلەف ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، قۇرئاندا زىتلىق بارلىقىنى بىلدۈردىغان ياكى قۇرئاننىڭ چىنلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر چۈشەنچىگە ئېگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشكە يىتەرلىكتۇر. ئۇنىڭ نەسىخ قارىشىنىڭ، بىر مەسىلە ھەققىدىكى مەۋجۇت شەرئىي بىر ھۆكۈمنىڭ ئوخشاش مەسىلە ھەققىدە كېيىن كەلگەن شەرئىي بىر دەلىل بىلەن پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى شەكلىدە چۈشەندۈرۈلگەن كىلاسسىك نەسىخ چۈشەنچىسىدە ئەمەس؛ تەدرىجىيلىك، تەقسىملەش، بايان قىلىش، ئىستىسنا ياكى بىر تېمىدىكى مەۋجۇت بولغان بىر قانچە ھۆكۈمدىن بىرىنىڭ تاللىنىشى دەپ باھالىنىشى تېخىمۇ مۇۋاپىىق بولىدۇ. » اِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَـرَٓاءِ وَالْمَسَاكٖينِ وَالْعَامِلٖينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَ۬لَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمٖينَ وَفٖي سَبٖيلِ اللّٰهِ وَابْنِ السَّبٖيلِؕ فَرٖيضَةً مِنَ اللّٰهِؕ وَاللّٰهُ عَلٖيمٌ حَكٖيمٌ» ( زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر) ( تەۋبە، 60) ئايىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، زاكاتنىڭ تارقىتىلىشى مەسىلىسىدە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇئەللەفە-ئى قۇلۇبقا ئۈلۈش بەرمىگەنلىكىنى » ئىجتىھاد بىلەن نەسىخ قىلىش» دەپ ئاتىغانلىقى كىلاسسىك نەسىخ چۈشەنچىسىگە ماس كەلمىگىنىدەك، قۇرئاننىڭ بەزى شەرئىي ھۆكۈملىرىنىڭ كۈنىمىزدىكى شارائىتتقا ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىھاد بىلەن مەنسۇخ قىلىنىپ، ئىناۋەتسىز قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ دىيىشمۇ ئەسلا ئۇيغۇن ئەمەس.
ماتۇرىدى، خەلىپىلەرنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ زاكاتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان سەككىز گۇرۇپ ئىنسانغا تەڭ نىسبەتتە بۆلۈپ بەرمەي، ئىھتىياجىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ بىر گۇرۇپقا بەرگەنلىكىنى، يىغىلغان زاكاتنىڭ سەككىز گۇرۇپقا تەڭ نىسبەتتە بۆلۈنۈپ تارقىتىلىشىنىڭ زۆرۆر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم شەخىسلاردىن تەشكىل قىلغان مۇئەللەفە-ئى قۇلۇبقا زاكاتنىڭ بېرىلمىگەنلىكىگە قارىتا؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش قاراشتىكى ئىنسانلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىلگىرى مۇئەللەفە-ئى قۇلۇب ئىچىدە دەپ قارالغان كىشىلەرگە زاكات برىلىشىنى زۆرۆر قىلغان شەرتلەرنىڭ تېپىلمايدىغانلىقىدۇر. ئەسلىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك زاكات ئايىتىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان، گۇرۇپقا يىغىلغان زاكاتتىن چوقۇم ئۈلۈش بېرىلىشىنى زۆرۆر ياكى مەجبۇرىي قىلغان بىر ھۆكۈم يوقتۇر. بۇنى تۆت بۈيۈك خەلىفە ۋە ساھابىلار مۇشۇنداق چۈشەنگىنىگە ئوخشاش، مۇجتەھىد ئالىملارمۇ ئوخشاش چۈشەنگەن. ماتۇرىدىنىڭ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ مۇئەللەفە-ئى قۇلۇبقا قىلغان ئىجراسىنى » ئىجتىھاد بىلەن نەسىخ قىلىش» دەپ ئاتىغاندىكى بايانى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشەنگەنلىكىنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.
» اِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَـرَٓاءِ وَالْمَسَاكٖينِ وَالْعَامِلٖينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَ۬لَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمٖينَ وَفٖي سَبٖيلِ اللّٰهِ وَابْنِ السَّبٖيلِؕ فَرٖيضَةً مِنَ اللّٰهِؕ وَاللّٰهُ عَلٖيمٌ حَكٖيمٌ» ( تەۋبە، 60)، نەسىخنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن قىلىندىغانلىقىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن، ئايەتنىڭ مەنىسى ( ھېكمىتى \ ئەھمىيىتى) بىكار بولغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىھاد ئارقىلىق نەسىخ قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە دائىر بىر دالالەت بار.
نەتىجىدە ماتۇرىدىنىڭ دىن چۈشەنچىسىدە تەۋھىد ئېتقادى ۋە ئىبادەتنىڭ پەقەتلا ئاللاھقا قىلىندىغانلىقى پىرىنسىپىنى مەركەز قىلىش بىلەن بىرگە، دىننىڭ پەقەت ئېتقاد بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي، ئەخلاق، ئىبادەت، مۇئامىلە ۋە ھوقوق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھىي بىر سېستىما بولۇپ، شەرىئەتتىن خالىي ئەمەسلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. تەۋھىد ۋە فىتراتنى ئاساس قىلغان بۇ دىن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن مۇتلەق دىندۇر.
ئۇنىڭ شەرىئەت چۈشەنچىسىدىمۇ ئەمەل ھۆكۈمى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرىئەت، دىننىڭ تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ھۆكۈملىرىدىن ئاجىرالغان ياكى خالىي ئەمەستۇر. شەرىئەتنىڭ بىر ئۆزگەرمەس، يەنە بىرى ئۆزگىرەپ نەسىخ بولىدىغان ئىككى تەرىپى باردۇر. ئۇنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان تەرىپى، ئىتىقاد، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە ۋە ھوقوق ساھەلىرىدە ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىگە يول قىلىپ بەرگەن ئاساس پىرىنسىپلار ۋە ھۆكۈملەردۇر. ماتۇرىدىغا ئاساسلانغاندا بۇلاردا نەسخ ياكىى ئۆزگۈرىش مۇمكىن ئەمەس. شەرىئەتلەرنىڭ ئۆزگەرگەن تەرىپىگە كەلسەك، بۇلار ئىبادەت، مۇئامىلە ياكى بەزى جازالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكىلى ياكى ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلاردىكى ئۆزگىرىشلەردۇر. ھەر پەيغەمبەر ئۆزى ياشىغان شۇ جەمئىيەتنىڭ ئادالىتى، قائىدە ۋە كۈلتۈرىنىڭ بىر- بىرىدىن پەرىقلىق بولىشى، تەپسىلاتلاردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە تەسىر قىلغان مۇھىم ئامىللاردۇر.
تەپسىلاتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىماسلىقىلار بىر زىتلىق شەكىللەندۈرمىگەنلىكىدەك، دىن ۋە شەرىئەتنىڭ ئەسلىگە خىلاپ بىر ئەھۋال شەكىللەندۈرمەيدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ شەرىئىتى ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى شەرىئەت بولۇپ، قىيامەتكىچە داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى شەرىئەتلەرنى نەسىخ قىلىشىغا كەلسەك، بۇ نەسىخ قىلىش قۇرئاننىڭ پۈتۈن شەرىئەتلەردە ئورتاق بولغان ئەسلى ھۆكۈملەرنى بىكار قىلىشى دەپ چۈشىنىلمەسلىكى كېرەك.
ئەكسىچە قۇرئان، ئۇلاردا مەۋجۇت بولغان پۈتۈن ئەسلى ھۆكۈملەرنى ئىچىگە ئالماقتا. ئەمما تەپسىلاتتا زامان، كۈلتۈر ۋە قائىدىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىلگىركى شەرىئەتلەردە مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، بۇيرۇق ياكى چەكلەش جەھەتتىن قۇرئان تىلاۋىتىدە بولمىغان ھۆكۈملەر مۇسۇلمانلارغا قارىتا چەكلەش كۈچىگە ئېگە ئەمەستۇر.
قۇرئاننىڭ ئۆزىدىكى ئايەتلەرنىڭ نەسىخىگە كەلسەك، بۇ نەسىخ مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تىلاۋىتىنى باقىي قىلىش بىلەن بىرگە پەقەتلا ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتىلغان بولىدۇ. بۇ شەكىلدىكى بىر نەسىخ، بەدا بولماستىن تامامەن يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ۋە ھادىسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ شارائىتنىڭ تەقەززاسىدۇر. يەنى بىر قەۋىمدە ياكى بىر يەردە قۇرئاننىڭ پۈتۈن ھۆكۈملىرى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ دەيدىغان بىر نەرسە يوقتۇر. نەسىخ، مەلۇم بىر ھۆكۈمگە سەۋەپ بولغان بىر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇسىت ۋە شارائىتلار ئۆزگەرگەندە؛ يەنى مەزكۇر ھادىسىنىڭ ماھىيىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولغىنىدا، ئو ئۆزگىرىشكە ماس ھۆكۈمنىڭ ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقى؛ ئىلگىركى ھۆكۈم يېڭى شارائىتلار سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن خۇددى ئۇنۇتۇلغاندەك ( مەنسىي) بولىدۇ. لېكىن بۇنداق دىيىش، تىلغا ئېلىنغان ھۆكۈمنىڭ ئۇنى زۆرۆر قىلىدىغان شارائىت قايتىىن ھاسىل بولغاندا قايتىدىن ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ماتۇرىدىنىڭ نەسىخ چۈشەنچىسىنى، كىلاسسىك نەسىخ تېئورىسى بىلەن باھالاشنىڭ ئورنىغا بايان قىلىش، تەقسىملەش، تەدرىجىلىك ۋە ئىستىسنا ئىچىدە باھالاش؛ بۇنىڭدىن باشقا شەرئىي بىر ھۆكۈمگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر مەسىلە ھەققىدە مۇجتەھىدلەرنىڭ بىر- بىرى بىلەن باراۋەر تاللاش ئىمكانلىرىدىن بىر ياكى بىرقانچىنى تاللىغانلىقى شەكلىدە چۈشىنىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
مەنبە: «ئىمام ماتۇرىدى ۋە ماتۇرىدىلىق» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلەر توپلىمى