You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا غەلبىلىك ئېچىلدى

«تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا غەلبىلىك ئېچىلدى

2021-يىلى 4- دېكابىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى، تۈرك مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل تارمىقى ۋە مىللەتپەرۋەر ئۈلكۈجى ئاكادېمىكلار بىرلىكى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ۋە ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور دوكتور فۇئات سەزگىن كۈلتۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئوز ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كۆپلىگەن تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، خىتاينىڭ تۈركىيە سىياسىتى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا دوكلاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن، «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت جەڭچىسى – ئىلھام توختى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن باشلاندى.

يىغىن تەشكىللەش كومىتېتىدا: پروفېسسور دوكتور مۇستاپا دەلىجان، پروفېسسور دوكتور ئابدۇلقادىر ئەمەكسىز، پروفېسسور دوكتور ئورخان سەۋگى، دوكتور ئەلى ئەخمەتبەي ئوغلى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە دوكتور  ھۈسەيىن شەن قاتارلىقلار، سۆھبەت يىغىننىڭ ئىلىمى كومىتېتىدا بولسا: پروفېسسور دوكتور ئىلياس توپساقال، پروفېسسور دوكتور مەخمەت ئاكىف ئوكۇر، پروفېسسور دوكتور ھاياتى دۇرماز، دوتسېنت دوكتور مۇزەپپەر ئۈرەكلى ۋە دوكتور شەۋكەت ناسىر قاتارلىقلار يەر ئالدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور مەخمۇت ئاق ئىشتىراك قىلدى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يىغىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمىز.»

«ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى سۆزىدە ئىنستىتۇتنىڭ ياۋروپادىكى ئىلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى ۋە ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن تۈرك ئاكادېمىكلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بايان قىلدى.

يىغىن تەشكىللەش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان پروفېسسور دوكتور مۇستاپا دەلىجان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئاكادېمىكلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى بىلىم ئىشلەپچىقىرىش، ئورتاقلىشىش ۋە سىجىللىقنى قوغداشتۇر. پۈتۈن ساھەلەردە بۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. 250 مىليون تۈرك خەلقى، دۇنيا تەرتىپىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇشىمىز كېرەك.» ئۇ يەنە  ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللەتچى – ئىدىئالىزىمچى ئاكادېمىكلىرى بىرلەشمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ بۇ جەھەتتىن مۇھىملىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان دوكتور ئىبراھىم ئاكىش سۆزىنى مەرھۇم تۇران يازگان ئۇستازنى خاتىرىلەشتىن باشلاپ، مەرھۇمنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئاۋۋال قەشقەرگە بېرىپ، كىيىن ھەجگە بېرىش ئىكەنلىكنى، 2019-يىلدا ۋەخپىنىڭ تۇران يازگان مۇكاپاتنى دوتسېنت دوكتور ئىلھام توختىغا بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، يىغىنىغا ئۇتۇق تىلىدى.

ئاخىرىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور مەخمۇت ئاق ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان تۈركلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەسلىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر. نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىمىزنىڭ ئازاب-ئوقىبەتلىرى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى داغلىدى ۋە ئاچچىق بىر تارىخىي ئەسلىمە بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ دەۋاسى بىزنىڭ دەۋايىمىزدۇر، ئۇلار تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئامانىتى، شۇنداقلا قان-قېرىنداشلىرىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ باشقا قان-قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاشلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان تۇپراقلاردا بىخەتەر ياشىشى ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىزدۇر.»

پروفېسسور مەخمۇت ئاق ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ توسالغۇ ئەمەس، بەلكى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مۇناسىۋەتتۇر. ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە دۆلىتىمىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە ئۇيغۇر تۈركلىرى توسالغۇ بولماستىن، ئەسلىدە بىر پۇرسەتتۇر. تېخىمۇ توغرىسى، بۇنى بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بىز بىر ئاكادېمىك ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىز قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋەزىپىلىرىمىزنى تىز پۇرسەتتە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن.»

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچى مېھمانلار بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ نۇتۇق سۆزلىدى. مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن «بىز سىز بىلەن بىللە» دېگەن ئۇچۇرىغا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى 3 بۆلۈم شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

بىرىنچى بۆلۈمدە، پروفېسسور دوكتور مەخمەت ئاكىف ئوكۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. پروفېسسور دوكتور ھەسەن كۆنىنىڭ  «تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن كىيىن، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت «تۈركىيەنىڭ شەرقى تۈركىستان سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى.

چۈشتە مېھمانلارغا ئۇيغۇر پولۇسى ئېكرام ئېتىلدى.

ئىككىنچى بۆلۈمدە، دوتسېنت دوكتور مۇزەپپەر ئۈرەكلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام قىلدى. دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاينىڭ تۈركىيە سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى. كىيىن دوكتور ئارسلان يامان «تۈركىيە – خىتاي سودا مۇناسىۋىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى. پروفېسسور ھاۋۋا كۆكسالان بىلەن ۋۈسال ھاسانزادە بىرلىكتە «بىر يول، بىر بەلۋاغ پىلانىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا بۇلغان تەسىرلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى.

ئۈچىنچى بۆلۈمدە، پروفېسسور دوكتور مۇستاپا دەلىجان رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى قۇرۇلمىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى. دوكتور ھاجى (ھىگاشىتوتسۇ) قۇتلۇق «تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ياپونىيە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن دوكلات بەردى.

مۇھاكىمە يىغىنىڭ ئاخىرىدا دوكتور ئەلى ئەخمەتبەيئوغلى يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ، مۇھاكىمە يىغىنىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلىدى:

«تۈركىستان جۇغراپىيەسى ساھىب بولغان يەر ئاستى بايلىقى سەۋەبىدىن يەر شارىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ، بولۇپمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ، تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتتە مۇزاكىرە قىلىندى. بۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە ، بىزنىڭ قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىپادىلەشكە تىرىشىلدى. بولۇپمۇ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئىلھام توختى يەنە بىر قېتىم ئاممىغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. بىز ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئائىت بىر تېكىست يېزىلىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. بىز مۇھاكىمە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئورگان ۋە شەخسلەرگە ، قىممەتلىك قاتناشقۇچىلارغا ۋە ھەممەيلەنگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز».

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يېقىندىن بۇيان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە پىكىر-ئىختىلاپى يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىسىغا قاراپ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى، خەلقئارالىق بەزى مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پىكىر-ئىختىلاپى پەيدا بولغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كېلىشىملەردە كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top