You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » كونسۇل ۋارد: گومىنداڭنىڭ ئامېرىكا ھەققىدىكى تەشۋىقاتى يالغان!

كونسۇل ۋارد: گومىنداڭنىڭ ئامېرىكا ھەققىدىكى تەشۋىقاتى يالغان!

تەرجىمە قىلغۇچى: دوكتور ئەسەت سۇلايمان

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى) ئارخىپلىرىدىكى 1944-يىلى پارتىلىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئائىت ھۈججەتلەردىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى. مەزكۇر ھۈججەت 1945-يىلى 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى روبېرت ۋارد (Robert Ward) تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا يوللانغان بىر پارچە تېلىگرامما بولۇپ، گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ «خىتاي-سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى»گە تۇتقان پوزېتسىيەسى، ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىڭ ئىچكىرىگە قېچىشىنىڭ داۋام قىلىشى، شۇنداقلا گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ بۇ ئېقىمنى توسۇش ئۈچۈن ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترۇمىننىڭ سوۋېتكە قارشى قوراللىق ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدىكى باياناتى شەكلىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشتىنمۇ يانمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك مەسىلە تۇغدۇرۇشقا ئاز قالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. تېلىگراممادا يەنە «خىتاي سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە ھەرقانداق شەكىلدىكى يول قويۇشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئاخىرى بېرىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيەتىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقى خۇلاسەلەنگەن. 


ئامېرىكانىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى) دە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ۋاردنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىغا يوللىغان تېلېگراممىسى

[تېلېگرامما نومۇرى: 893.00/10-3145]

ئۈرۈمچى / 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى يوللانغان

ۋاشىنگتون / 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تاپشۇرىۋېلىنغان

«خىتاي-سوۋېت كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ 10 كۈنلەر ئۆتكەندە، ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەت زىياپىتىدە مېنىڭ قېشىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى (ۋۇ جۇڭشىن) ماڭا (ئۇ ئالدى بىلەن ماڭا خىتاي تىلىدا سۆزلىدى – ئاندىن بىر تەرجىماننىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ماڭا ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى) مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

«خىتاي بىلەن ئامېرىكا دائىملىق ئىتتىپاقداشلاردۇر. چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ شەرتنامىنىڭ دەخل-تەرۇزسىزلىقى ۋە مۇقەددەسلىكىگە ئىشىنىدۇ. ماركىسىزمچە ‹دىئالېكتىكا› غا ئاساسلانغاندا، ئالدى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ ئاندىن ئۇنى دەرھال بۇزۇش – ئاقىلانىلىق ۋە ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. سوۋېتلەرنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقىنى دەل بۇنىڭ ئۆزى. بۇ يەنە مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى خىتاي بولسۇن، ئۇلارنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئەسلا دوست بولالمايدىغانلىقىنىڭمۇ بىر سەۋەبىدۇر.»

ئامېرىكا ئۇرۇش خەۋەرلىرى ئىدارەسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بىلدۈرگەلەردىن بىر ئۆرنەك

پۈتۈن سېنتەبىر ئېيى بويىچە ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كەلمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە تەكرار-تەكرار گەپ بولۇندى. بۇ گەپ-سۆزلەردە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىتاينىڭ مەمۇرىي ۋە ھەربىي خادىملىرى بىلەن (سوۋېت روسىيەسىگە قارشى تۇرۇپ) شىنجاڭنى مۇداپىيە قىلىش ئىشى بويىچە نەق مەيداندا مەخپىي يىغىن ئاچماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. گېنېرال جۇ شاۋلياڭ ئۆزىگە ئەگىشىدىغان بىر ھەربىي ئوفىتسېرنى سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالىقاچان شىنجاڭغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە ئىشەندۈرگەندەك قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقاندەك قىلىدۇ ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر پۇرسەت دەپ قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ۋۇسۇ (شىخۇ ياكى سايبالىق) غا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن كوچا-كويلاردا مۇنداق سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرمەكتىكەن: يەنى« ئامېرىكانىڭ 150 دەك كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانمىش، ئۇلار قارشى تەرەپكە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىماقچىمىش… »

بىلىشىمىزچە، 15-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي قوۋۇق (نەنمېن ياكى ئاق قوۋۇق) ئىچىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان-ئۇقتۇرۇشلىرى چاپلىنىدىغان مەخسۇس تامغا ئامېرىكانىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىگە قارىتا بىر چوڭ ئېلاننامە چاپلانغان. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن كېلىشىلگەن ۋاقىت بويىچە جاڭگۇەن (جۇ شاۋلياڭ) بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماشىنا ھەيدەپ جەنۇبىي قوۋۇقتىن شەھەر ئىچىگە كىرىۋاتاتتىم. ئېلان-بىلدۈرگەلەر چاپلىنىدىغان چوڭ تاختاي (بۇ يەرگە ئادەتتە OWI، يەنى ئامېرىكا ئۇرۇش خەۋەرلىرى ئىدارەسىنىڭ بىلدۈرگەلىرى چاپلىناتتى) ئالدىدا بىر توپ ئادەمنىڭ توپلىشىپ قانداقتۇر بىر ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەم كۆپ بولغاچقا ماشىنا بىلەن بۇ يەردىن ئۆتۈش قىيىنلاشقان ئىدى. شوپۇر (ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان مەخسۇس شوپۇر) ماڭا بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ كۈنى چاپلانغان ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم بىر بىلدۈرگەسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىكىكىنچى كۈنى، يەنى دۈشەنبە ئەتىگەندە مەن ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بارغىنىمدا، ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېلاننامەدە پرېزىدېنت ترۇماننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان شىنجاڭ مەسىلىسىگە دائىر كېلىشىمنى بۇزماسلىقى ھەققىدىكى باياناتى ئۇقتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن دەرھال مەزكۇر ئىشخانىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنى ھېلىقى ئېلاننامە چاپلانغان تاختاي قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭدا نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىرمۇ – بىر خاتىرىلەپ (كوپىيەلەپ) كېلىشىنى تەلەپ قىلدىم. بىراق ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمدىلا ھېلىقى ئېلاننامە چاپلانغا تاختاي ئالدىغا كېلىشىگە كىشىلەر توپى ئىچىدىن بىر ژاندارما بىلەن ئىككى كىشىنىڭ چىقىپ بىلدۈرگەنى سويۇپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئۇلاردىن بۇ ئېلاننامەدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىي تەستىقى بولغاندىلا ئاندىن ئۇنى كۆچۈرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىپتۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن «تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسى»غا بېرىپ، ھېلىقى ئېلاننامەنىڭ كوپىيەسىدىن بىر نۇسخا بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. مەن يەنە ئۇلارنىڭ بۇ ئېلاننامەدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىدىن خاتا نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن سۈيئىستېمال قىلىشىغا ياكى پاكىتنى بۇرمىلاپ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىمنى بايان قىلدىم. تاشقىي ئىشلار بويىچە ئالاھىدە خادىم ليۇ زېروڭ ماڭا ئىنتايىن دوستانە كەيپىياتتا دەل مەن تەكىتلىگەن نۇقتىدا نارازىلىق كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھېلىقى ئېلاننامەنى ئەتىگەندىلا چاپلانغان يېرىدىن ئېلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ ئىشنىڭ شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە قايتا سۆزلىشىشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى بىلدۈردى. مەن يەنە ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى چاپلانغان بۇ ئېلاننامەنىڭ مەزمۇنىدىن چوقۇم بىر كوپىيە ئېلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلدىم.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكەلىك ھۆكۈمەت» ۋە «شىنجاڭ گارنىزونى» تارقاتقان، «باندىتلارنى كۇمپەيكۇم قىلىش» ئۈچۈن غۇلجانى بومباردىمان قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە ئېلان

ھالبۇكى، تاشقىي ئىشلار بويىچە ئالاھىدە خادىم چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەلىپىمنى رەت قىلدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيىتىدە بۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ كوپىيەسىنى بېرىشكە ئۆزىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى سالاھىيىتىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى پەش قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئۇ كونسۇلخانىنىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىسى بىلەن باشقا كىشىلەر ئوقۇغان ھېلىقى ئېلاننامەنىڭ ئالىقاچان يىغىۋېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ تېكىست مەزمۇنىنى ئاغزاكىي ھالدا مۇنداق شەرھىلىدى: ئۇنىڭدا پرېزىدېنت ترۇماننىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىگە شىنجاڭ مەسىلىسى بويىچە كېلىشىمدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى تەكىتلەنگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پرېزىدېنتنىڭ باياناتىدا يەنە ناۋادا شىنجاڭغا نىسبەتەن يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقان بىر تەھدىت كۆرۈلسە ھەم بۇنىڭ ئېنىقلىقى جەزىملەشسە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئۆلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. كېيىنكى جۈملىدىكى سۆزلەر گويا پرېزىدېنتنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقاندەك بىر تەرزدە ئېيتىلغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

مەزكۇر ئېلاننامە گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ يەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدا قاتتىق ساراسىمغا چۈشكەن شەھەر ئاھالىلىرىنى، بولۇپمۇ خىتاي ئاھالىلىرىنى ۋاقتىنچە تىنچلاندۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغاندەك تۇرىدۇ. ھۆججەتنىڭ ئۆزىدە بايان قىلىنغىنىدەك (ئۈرۈمچى) شەھىرىنى قاتتىق ۋەھىمە قاپلىغان بولۇپ، كوچا-كويلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پىيادىلەر يوللىرى خىتاي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۈك-تاقلىرى، مال-مۈلۈكلىرى ۋە پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئۇلار ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە مال-دۇنياسىنى تېزلىكتە سېتىپ پۇل قىلىپ، بېلەت باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۇچقاندەك ئۆرلەۋاتقان يۈك ماشىنىلىرى بىلەن قۇمۇلغا بېرىۋېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە پرېزىدېنتنىڭ يوقىرىقى ئاتالمىش «باياناتى» نىڭ راستلىقىنى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق ئاساس يوق ئىدى. ئالاھىدە دىپلوماتىيە خادىمى (ليۇ زېروڭ) مۇ مېنىڭ مەزكۇر ئېلاننامە ھەققىدىكى قارىشىمغا — بۇ ئېلاننامەنىڭ ئاساسسىزلىقى، ئۇنىڭ ئۈچ دوستانە ئەلنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىگە زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىرىگە يەرلىك نۇقتىدىن شۇئان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى — توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايلارنىڭ «ئامېرىكا شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشسىكەن» دېگەن ئىستىخىيەلىك ئۈمىدىنى ئۆز مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتايلارنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى كونترول قىلىش» تاكتىكىسىنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن بۇ يەردىكى ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر مەنتىقىلىق ئۇقۇم كېلىپ چىقىدۇ…

بۇ يەردىكى «ئامېرىكا كېلىپ ھەممە ئىشنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن ئىدىيە ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس: بۇ ئۆز ۋاقتىدا يەنە خىتايلارنىڭ  ئامېرىكاغا بولغان بىر خىل چوقۇنۇشىنى، ئامېرىكا نوپۇزىنىڭ خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر خىل روھىي ھالەتتۇر. شىنجاڭدا ئامېرىكا نوپۇزىنىڭ مۇھىملىقىنى دەلىلەيدىغان بۇنىڭدىن باشقىمۇ شاھىتلار بار، ئەلۋەتتە. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى يۇقىرى ئابرويغا ۋە تەسىرگە ئىگە شەخسلەر بىر ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن قېتىملار ماڭا بۇ يەردىكى تۈركىي ئاھالىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۈزلىنىشى (بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەسىرى زور شەخسلەر بۇنىڭدىن بەكمۇ قورقىدۇ) نى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار يەنە ماڭا خىتايلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان ئىلگىرىكى مۇئامىلىسىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ھېچقانداق ئىشەنچىنىڭ يوقلىقىنى، ئەگەردە ئامېرىكا ئۇلارغا مەمۇرىي جەھەتتىن ئىگىدارچىلىق ۋە يولباشچىلىق قىلىشنى قوبۇل قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ بەكمۇ مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان ئىدى.

[بۇ يەرگە گېنېرال جاڭ جىجۇڭنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدىكى دوكلات قوشۇمچە قىلىنىدۇ]

باھا

شىنجاڭدا قوزغىلاڭ يۈز بەرگەندىن بۇيان مۇنداق ئىككى باسقۇچلۇق قەدەم ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى زۆرۈر ئۇقۇم مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بۇ خىتايلارنىڭ مەزكۇر قوزغىلاڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى رەسمىي يوسۇندا ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشىدا سەل قارىسا بولمايدىغان بىر ئامىل بولماقتا.

«خىتاي-سوۋېت دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۈججەتلەرنىڭ خىتايچە نۇسخاسى

بۇنىڭدىكى بىرىنچى قەدەم ۋە بىرىنچى ئۇقۇم، مەزكۇر قوزغىلاڭ ئۆز ماھىيىتى بىلەن شەك-شۈبھىسىزكى، بىر ئىچكىي مەسىلىدۇر. ئەگەردە خىتايلار بۇ ئۇقۇمنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇلار مەيلى ھۆكۈمەت ياكى شەخسىي نۇقتىدىن بولسۇن، شىنجاڭدىكى ياخشى پۇقرالارنىڭ سۆيۈملۈك خىتاي خوجايىنلىرىغا ئەسلا قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي تەشۋىق قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، يەرلىك خەلقلەرنى ھامان سوۋېتلەر تەرىپىدە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ. يەنە كېلىپ يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوۋېتلەر تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىشىدەك رېئاللىقنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بۇ ھال شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ ئۇلىنى كولايدىغان قىسقا يولنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن  ئېيتقاندا، بىرىنچى ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇنداق بىر فورمۇلانى تەقدىم قىلىدۇ: يەنى مەزكۇر قوزغىلاڭ سوۋېتلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كېلىپ چىققان بولۇشىغا قارىماي، مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ نېگىزلىك چارىسى تېپىلغان بولىدۇ.

بۇ جاڭ جىجۇڭ ئۈچۈن زور تۆھپە ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ليۇ زېروڭمۇ بۇ تۆھپىدىن قۇرۇق قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا يىراقنى كۆرگەن ۋە مەزكۇر بىرىنچى قەدەمنى مۇكەممەل باسقان بولىدۇ. مەيلى چوڭچىڭ بولسۇن ياكى ۋاشىنگتون بولسۇن، خىتايلارنىڭ مەزكۇر ئۆلكىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى بۇ ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتۈشىدە جاڭ بىلەن ليۇ ئىككىسىنىڭ ئوينىغان رولىنى تولۇقى بىلەن ھېس قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى شۈبھىلىكتۇر.

ئىككىنچى قەدەم، يەنى ئىككىنچى مۇھىم ئۇقۇم بىرىنچىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىيدۇر. يەنى بۇ يەردە «كوممۇنىزم» بىلەن «ئاپتونومىيە» ئوتتۇرىسىدا بىر مۇقەررەر بىر باغلىنىش يوق. بۇ يەردە غەيرى-كوممۇنىست بىر ھۆكۈمەت ئۆزىگە قارام قىلىنغان خەلقتە ئاپتونومىيە ئىدىيەسىنى ئويغىتىپ قويۇشتىن چوقۇم ساقلىنىشى كېرەك دەيدىغان بائىس يوق. ۋە شۇنداقلا غەيرى-كوممۇنىستلارنىڭ قولىدا بۇ خىل ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ مودېلىدەك ئۈنۈملۈك بولمايدۇ دەيدىغان نەزەرىيەمۇ يوق. بۇ فورمۇلانى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت قوللانسا بولىدۇ، ئەگەردە ئۇ راستىنلا ئۆز خەلقىگە پاراۋان شارائىت يارىتىشنى خالىسا.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەردە شىنجاڭ مەسىلىسىدە مەزكۇر ئىككىنچى قەدەم ياكى ئۇقۇم دەل ۋاقتىدا تۇتۇلمىسا ۋە ياكى بۇ نۇقتىنى تۇتۇش مەغلۇب بولسا، ئۇ ھالدا بۇ پۈتۈن ئۆلكىدىكى تۈركىي ياشلىرىنى باشقىچە قاراشقا — بۇ قاراش ئالىقاچان ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كەڭ تارقالغان — يەنى كوممۇنىزم تۈزۈمى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىردىن-بىر يول دېگەن قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ئەگەردە ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش رەت قىلىنسا ياكى ئۇلارغا بۇرۇنقىدەك قۇرۇق ۋەدە بېرىلسە، بۇ شەك-شۈبھىسىزكى خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئەڭ ئاخىرىدا قولدىن بېرىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخىمۇ كۆپ رىيازەتلەر ۋە قان تۆكۈلۈشلەر يۈز بېرىدۇ.

ئەگەردە ئۈرۈمچىدە بۇ ئىككىنچى قەدەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىنسا، يەنى ئىككىنچى ئۇقۇم دەل جايىدا تۇتۇلسا، بەلكى كەلگۈسى بىرقانچە ھەپتە ياكى بىرقانچە ئايدا رېئاللىققا ئايلانسا، بۇ ھېچ بولمىغاندا شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەردە قىسمەن بولسىمۇ رازىمەنلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ھەقىقىي تىنچلىقنىڭ ئۈمىدىنى تۇغدۇرىدۇ. بۇ شۇنداقلا ئاسىيانىڭ باشقا بىر بۆلىكىدىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەرگە مەلۇم يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

روبېرت س. ۋارد


مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخاسى تۆۋەندىكى ئۇلانمادا: https://history.state.gov/historicaldocuments/frus1945v07/d749

مەزكۇر تېلىگراممانىڭ ئەسلى نۇسخاسىدىن بىر نەچچە بەت:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top