You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى» توكيودا قۇرۇلدى

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى» توكيودا قۇرۇلدى

ياپۇنىيە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى. 2021 – يىلى 11 – دېكابىر كۈنى توكيو ۋاقتى كەچ سائەت 06:00 دا ياپۇنىيەدىكى 10 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىشى ۋە ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ يىتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى» قۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى 7 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالاردىن تەركىپ تاپتى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى ھەيئەت ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

رەئىس: دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەۋلان باييۈز

باش كاتىب: دوكتور ئىسمائىل ئىلىك

ۋە باشقا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 4 دائىمىي ھەيئەت ئەزا

ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئەپەندى ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىن مەلۇمات ئالالايسىز: دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ تەرجىمىھالى

ياپۇنىيەنىڭ توكيو شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى»، ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، مىللىي ئاقارتىش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا، 2019-يىلى ئاۋىسترالىيەدە، 2020-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە 2021-يىلى كانادادا ۋە ياپۇنىيەدە تارماقلىرىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ۋە ھۆرلۈكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تېرىشىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top