You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونى» دىكى ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ئائىت مەكتۇپلار ھەققىدە

«شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونى» دىكى ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ئائىت مەكتۇپلار ھەققىدە

زۇلھايات ئۆتكۈر

شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدە ساقلىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونى»غا ئائىت خەت-چەكلەرنىڭ ئارخىپتا ئىگىلىگەن ھەجمى 16 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 245 ئارخىپ ساندۇقىدا ساقلانماقتا. ئۇ خەتلەر تۈركولوگ گۇننار ياررىڭنىڭ Gunnar Jarring) (دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىپلوماتلار، تەتقىقاتچى كەسىپداشلىرى، تۇققان ۋە دوستلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئايالى ئاگنېس ياررىڭ ئارىسىدىكى خەت-چەك ئالاقىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ خەت-چەك ئارخىپىدا گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن (ئەنقەرە)، (8 پارچە خەت)، ئىسمايىل ئەمەت (ئۈرۈمچى )، رەھمىتۇللا تۈركىستانى (مەككە)، پروفېسسور ياسىن ھاشىرى (بېيجىڭ)، (5 پارچە خەت ۋە رەسىم)، ئابدۇرېشىت ياقۇپ (بېيجىڭ)، (2 پارچە خەت)، ئابلەت سەمەت (بېرلىن)، كامىل تۇرسۇن (خېلسىنكى) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بولغان خەت ئالاقىلىرى ساقلانماقتا.

بۇلاردىن باشقا يەنە گۇننار ياررىڭ تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، روسىيە، ئۆزبېكىستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىكى داڭلىق تۈركولوگلاردىن ئاننا مارىيا گابائىن، لېكوك، ،مالوۋ، تەلەت تېكىن، رېشىت رەھمەتى ئارات ، گېڭشىمىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەنمۇ تىل-تەتقىقاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە تىل تەتقىقاتى ھەققىدە خەت-ئالاقىدە بولغان.

زور كۆلەمنى ئىگىلىگەن بۇ بىر تۈركۈم خەت-چەكلەر ئەينى ۋاقىتتىكى بەزى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ئۇيغۇر تارىخىدا تىلغا ئېلىنمىغان شەخسلەر ۋە ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش بولسۇن ياكى ئۇيغۇر تىلى تىل تەرەققىياتى تەتقىقاتى ۋە ياكى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشتە بولسۇن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئارخىپتا يەنە خەت-چەكلەردىن باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈن ئارخىپى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بىر قىسىم  ئۈن ئارخىپى ۋە ۋەتەندىن كەلتۈرۈلگەن خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارخىپى بار.

بىرىنچى ئاۋاز كاسېتى 1978 -1977 -يىللىرى ئىسا ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ گۇننار ياررىڭغا قالدۇرغان ئاۋاز خاتىرىسى بولۇپ،ئىسا ئەپەندىنىڭ ئۆزى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش پىلانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە بۇ ئاۋاز ئارخىپىنى ئوقۇرمەنلەرگە قىسقارتىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:

«سالامىڭىزنى ئالدىم. سىزنى مەن كۆپ ياخشى كۆرىمەن، سىزگە قارشى بۈيۈك ھۆرمىتىم بار، سىزنى كۆرسەم دەيمەن. ئۆتكەندە سىز تۈركىيەگە كەلگەندە كۆرۈشەلمەي قالدۇق، كۆپ مۇتەئەسسىر بولدۇم، ياخشى بىر پۇرسەتتە ئىسۋەچكە (شىۋېتسىيە) بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشمەك ئىستىكىم بار، ياكى سىزنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كونفېرانس بەرمەك ئىستىيورۇم.

مەن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان قۇرماق ۋە تەتقىق قىلماق ئۈچۈن بىر ۋەخبە قۇرماق ئىستەيمەن ، بۇ ئىشتا سىزنىڭ ياردىمىڭىزغا مۇھتاجمەن. بۇ خۇسۇستا ياردەم قىلىشىڭىزغا ئېمىنمەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ زۇلمىنى دۇنياغا ئاڭلاتماق، بىر بەينەلمۇنەل دەۋا ھالىتىگە كەلتۈرمەك ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىپ ياتماقتىمەن. سىز بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاننى تەتقىق قىلماق ۋە تونۇتماق ئۈچۈن كۆپ بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلدىڭىز، سىزدىن باھايىتى مەمنۇن، مىننەتدارمەن. بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

1944-يىلى خىتايلارغا قارشى ئىلىدا ئىنقىلاب بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى گېنىرال جاڭجىجۇڭ ئاتلىق بىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى. جاڭجىجۇڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇجادىلىچىلەردىن مەسئۇت بەگ، ئىمىن بەگ ۋە پېقىرنى شەرقىي تۈركىستانغا دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھرىگە كېلىپ جايلاشتۇق. بىز ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئىلىدىن ئۈچ كىشىلىك ھەيئەت كەلمىش، بۇلار رېھىمجان، ئەمەتجان، ئوبۇلخەيرى تۆرەدىن ئىبارەت ئىدى. ھەيئەت رەئىسى رەھىمجان بولۇپ، بۇ كىشى مەسئۇت سابىرىنىڭ جىيەنى ۋە كۈيئوغلى ئىدى. بۇلار بىلەن جاڭجىجۇڭ ئارىسىدا ئالتە ئاي مۇزاكىرە داۋام قىلدى، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر سۈلھىگە كەلدى، ئوتتۇرىدا بىر مۇئائىدە ئىمزالاندى، بىر كۇئالىسيون ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەتكە جاڭجىجۇڭ رەئىس بولدى ، بۇرھان شەھىدى، ئەمەتجان مۇئاۋىن رەئىس بولدى.بۇ ھۆكۈمەتكە خىتاي تۈركىستانىدىكى پۈتۈن مىللەتلەر ئەزا بولۇپ ئىشتىراك قىلدى،  مەنمۇ ئەزا بولۇپ كىردىم. دوستلۇرۇمدىن مۇھەمەمتئىمىن بۇغرامۇ ئىمان ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەندى.

بىر مۇددەتىن كېيىن، گېنىرال جاڭجىجۇڭ  ئومۇمىي ۋالىلىقنى مەسئۇتبەگكە ئۆتكۈزۈپ بەردى . كېيىن  قىزىل خىتاينىڭ ئەسكەرلىرى يەنى كومۇنىست پارتىيە ئەسكەرلىرى گەنسۇنى ئىگىلىدى. جاڭجىجۇڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى مۇداپىئە قىلماستىن، تەدبىر قوللانمىدى. كېيىن مېنى باش كاتىپلىققا ئورۇنلاشتۇردى. بىر يىلدىن كېيىن، قىزىل خىتاي جاڭكەيشىنى مەغلۇپ قىلىپ، گەنسۇنى ئىشغال قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىيەتچى تاۋسىيۆمۇ كوممۇنىست پارتىيەگە قارشى ئۇرۇشماستىن شەرقىي تۈركىستاننى قىزىل خىتايغا تەسلىم قىلدى. پېكىندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېلېگىرامما ئەۋەتىپ تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇندىن ئېتىۋارەن بىزمۇ جاڭكەيشى بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كەستۇق.چۈنكى بىز ھاياتىمىز بويىچە كوممۇنىست خىتايغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان ئىدۇق، بىزنىڭ بۇ يەردە قېلىشىمىزغا ھېچ ئىمكانىيەت قالمىدى. شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالدۇق. يۈزلەرچە شەرقىي تۈركىستاندا بىللە ئىشلىگەن مۇجادىلە ئارقاداشلارى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ئۈچ ئاي يول يۈرۈپ كەشمىرگە كەلدۇق، تۆت يىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالدۇق، 1954-يىلى ئاندىن تۈركىيەگە كېلەلىدۇق.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن 350 قازاق قېرىنداشلار ھۇدۇتقا كەلدى. ئۇلارنىڭ كىرىشىگە رۇىسەت قىلىنماي ھىندىستانغا كىررگۈزمەسلىككە بۇيرۇق كەلدى. مەن ئاڭلاپ يېڭى دېھلىغا بېرىپ بۇ كىشىلەرنى كىرگۈزۋېتىڭ دەپ سۆزلىدىم، ئۇلار چىن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۈشمىنى بولغان مۇھەممەت بۇغرانى قوبۇل قىلدىڭىز دەپ خىتايلار خاپا بولغانلىقىنى ئېيتتى. مېنى  قايتۇرۋەتسەڭلار خىتاي ئۆلتۈرىدۇ، يۈرىكىدە ھىندىستانغا دۈشمەنلىك تۇغۇلىدۇ دەپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم. «سىز بىر يەر تېپىڭ ئەمىسە ، تىرانسىت ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىجازەت بېرەيلى» دېدى. بۇنى سەئۇدى رەت قىلدى، كەشمىردە قالغان مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بۇ ھەقتە ماڭا خەت يازدى. مەن سەئۇدىدىن مىسىرغا ئاندىن تۈركىيەگە كەلدىم. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن تۈركىيەدە كۆرۈشتۈق. بىزدىن كېيىن  قېچىپ كەلگەن 1850 ئادەم بار، تۈركىيەگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلدۇق دەپ تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەھۋالنى ئۇقتۇردۇق، خىتاينىڭ زۇلمىنى ئاڭلاتتۇق. ئەنقەرەگە بېرىپ، فۇئات كۆپرۈلۈ بىلەن كۆرۈشتۇق. 1939 -يىلى بۇ كىشىنى زىيارەت ئەتكەن ئىدىم، ئۇ چاغدا بۈيۈك مەجلىس ئەزاسى ئىدى. 1953-يىلى تامامىيلە ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىپ قەيسەرى، كونيا، ئالتايكۆيىگە يەرلەشتۈرىلدى، قەرز پۇل بېرىلىپ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلىندى.

1965-1967-يىللىرى يەنە  ئاۋغانىستانغا قاچقان شەرقىي تۈركىستانلىق 304 نەپەر كىىشنى يەنە تۈرك ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ جايلاشتۇردۇم. كەشمىردە قالغان 66 كىشىنىمۇ تۈركىيەگە  ئەكەلدىم. بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى توپلاپ شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى دەپ بىر جەمئىيەت قۇردۇق. غايىمىز ئۇنۇتۇلغان يۇرتىمىزنى تونۇتماق، قىزىل چىن زۇلمىنى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا ئاڭلاتماق، مۇھاجىرلارغا خىزمەت قىلماق ئىدى. كۆپ ئىشلارنى قىلدۇق».

تۆۋەندە ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ گۇننار ياررىڭ ئەپەندى بىلەن يېزىشقان 4 پارچە ئىنگلىزچە خېتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ بايان قىلماقچىمەن.

1-پارچە خەت

1- پارچە خەت،جەمئىي ئۈچ بەت بولۇپ، شاپىگىراف ماشىنىسىدا ئۇرۇلغان. 1958- يىلى 2-سېنتەبىر كۈنى، ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تەرىپىدىن نىيۇ يوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان گۇننار ياررىڭغا يېزىلغان خەت. بۇ ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ گۇننار ياررىڭغا يازغان تۇنجى مەكتۇبى بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزدىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېسىمى بىلەن خەلقىنى ۋە ۋەتىنىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئېھتىماللىقلىرى ئۈچۈن ئۈمىدىنى ئۈزمەي خەلقئاراغا نىدا قىلغان. ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن خېتىدە ئۆزىنىڭ ھىندىستان ۋە تىبەتتىكى ۋاقىتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغان بىرقانچە كىشىلەر ئارقىلىق گۇننار ياررىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى ۋە ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمىتى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئىسا ئەپەندىم خېتىدە ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىنىڭ پۈتۈن تارىخىي جەريانلىرىنى، مەغلۇپ بولۇش سەۋەبلىرىنى، دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلمىنى ئاڭلىتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن چېگرا سىرتىغا قېچىپ پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ يەنە ھازىر پاناھلىق تىلەپ كۆچمەن سالاھىيىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇل، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلاردا ۋەتىنىنى كومۇنىست قىزىل ختاينىڭ ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئازادلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭمۇ توققۇز يىلدىن بېرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ۋە روسىيەنىڭ تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا ئىنسان ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى مەسىلىلىرىدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەتلىرى قاتارىدا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ۋاھالەنكى، بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋە ئەركىن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ قىزىل خىتاينىڭ ۋە روسىيەنىڭ تەرىپىنى تۇتقانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقى ۋە  ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، بۇ قىلمىشنىڭ خىتاي زۇلمىدىنمۇ بەتەر ئېغىر كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. ھازىرچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن زالىم سىياسەتلىرىنى خەلقئاراغا كۆپ تەشۋىق قىلماي تۇرغانلىقىنى چۈنكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە قارشىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا تېنچ يول بىلەن مۇستەقىللىق بېرىشى ئۈچۈن ئۈمىد كۈتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. خېتىنىڭ ئاخىرىدا گومىداڭنىڭ بۇ تەلەپنى ۋاقتى ئۆتكەن بىر ئىش قاتارىدا كۆرۈپ، مۇستەقىللىق تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغانلىقىنىمۇ ئېيتىدۇ. ئىسا ئەپەندىم گۇننار ياررىڭغا ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنى سۇندۇرماسلىقىنى ۋە بۇ پىلانىغا بولغان كۆزقارىشىنى ئاڭلىغۇسى بارلىقىنى يازىدۇ. خەتتە يەنە مۇمكىن بولسا، گۇننار ياررىڭدىن شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىنى ۋە ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان باشقا تىلدىكى ئەسەرلەرنى توپلاپ، بىر كۇتۇپخانا ئېچىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەن بۇ مەكتۇبلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇشبۇ ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ياكى قۇرۇلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن ھازىرقى«ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى» نىڭ مەسئۇلى دوكتۇر جان مۇھىدىن بىلەن ئالاقىلەشتىم . ئۇ كىشىمۇ ئەپسۇسلانغان تەلەپپۇزدا بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىلىشقا نېسىب بولمىغانلىقىنى، ئەپەندىمنىڭ كىتابلىرىنىڭ باشقىلار ئارىيەتكە ئېلىپ كېتىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە ۋەخپىنىڭ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئۈمىدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، بىر كۇتۇپخانىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2-پارچە خەت

2-پارچە خەت، 1958-يىلى 28-نويابىردا، ئىسا ئالىپتېكىن ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان خەت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا گۇننار ياررىڭ ئامېرىكا نىيۇ يوركتا ب د ت دا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلى ئىدى. ئىسا ئەپەندىم بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن گۇننار ياررىڭنىڭ خېتىنى ۋە گۇننار ياررىڭ ئەۋەتكەن ئۆزى يازغان كىتابلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن بايان قىلىدۇ.

ئىسا ئەپەندى خېتىدە گۇننار ياررىڭدەك دۇنياۋىي شۆھرەت قازانغان، دۇنيا جامائىتىنىڭ تېنچلىقى ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، بەختسىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا جۈملىدىن ئۆز يۇرتى يېڭىسارغا بارغان، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش يولىدا جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرگەن كىشى بىلەن تونۇشقىنىدىن ئۆزىنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم دەستىدىن كۆرۈۋاتقان قاراڭغۇ، ئۈمىدسىز كۈنلەردە بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئۆزى ئۈچۈن بىر چوڭقۇر تەسەللىي ھەم ھېسداشلىق ئىكەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلىدۇ.

ئىسا ئەپەندى بۇ مەكتۇپىدا يەنە كىچىك ۋاقتىدا يۇرتىدا بىر شىۋېتسىيەلىك «پولبار»( بەلكى تەلەپپۇزى خاتا بولۇشى مۇمكىن)، فامىلىلىك كىشىنىڭ ئائىلسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى كېيىن ھىندىستانغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقانلىقى ۋە شىۋېتسىيەگە قايتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئالتۇن »ئىسمىنى بەرگەن بىر جاۋاھىرات دۇكىنى ئاچقانلىقىدەك تارىختىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئەگەر مۇمكىن بولسا، شۇ كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ياررىڭدىن ئۆتۈنىدۇ.

خەتتە يەنە ئىسا ئەپەندىنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا سۋېن ھېدىن سىزغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ناھايىتى چوڭ 36 پارچە بىر خەرىتىسىنى كۆرگەنلىكىنى، مۇمكىن بولسا، شۇ خەرىتىنىڭ كوپىيەسىنى يوللاپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى سورايدۇ. ئۆزى يازغان ۋە باشقا دوستلىرى يازغان شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت كىتابلارنى كېيىنكى قېتىمدا پوچتىدىن سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى ئايرىم بىر بەتكە يازىدۇ. تىزىملىك 13 پارچە كىتابتىن تۈزۈلگەن ئىدى.

3- پارچە خەت

3-پارچە خەت، ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ 1959-يىلى 13-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى داگ خاممارشۆلد (Dag Hammarskjöld) گە يازغان بىر پارچە خېتى ئىدى. بۇ كىشى ب د ت نىڭ 2-نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن كىشى بولۇپ، 1905- يىلى شىۋېتسىيەدە تۇغۇلغان. 1953 -يىلىدىن 1961-يىلغىچە تاكى ئايرۇپىلان ۋەقەسى سۈيىقەستىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ب د ت دا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1961-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ  بۇ مەكتۇبى جەمئىي ئۈچ بەت بولۇپ ، خەت تۈرك تىلىدا يېزىلغان. ئىسا ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ قىزىل خىتاي تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىپ، 1949-يىلى 13-ئۆكتەبىردىن تارتىپ «شىنجاڭ» نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زالىم رىجىم ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈپ خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ دوكلات سۇنىدۇ. بۇ ئالتە نۇقتا ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەرنى ئۇيدۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قولغا ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، كوممۇنا (گوڭشې) نامىدىكى سىستېما قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى 18 سائەتلەپ ئىشلەتكەننى ئاز دەپ، ئاچ-يالىڭاچ قويۇۋاتقانلىقى ۋە يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ خىتاي كۆچمەنلەرگە بۆلۈپ بېرىش ، نۇرغۇن خەلقنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا مەجبۇر قالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تىلى ، ئۆرپ-ئادەت ۋە  مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئورنىغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى دەسسىتىۋاتقانلىقىدەك تەقدىرگە دۇچار بولغانلىقىنى ئاڭلىتىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستانلىقلار شانلىق تارىخى ۋە تۆھپىلىرى ئىنكار قىلىنىپ خىتاي چاڭگىلىدا ئېزىلىۋاتقان بۇ تەقدىرگە باش ئەگمەستىن، 1949- يىلىدىن بۇيان 13 قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ ۋە كۈرەشلەرنى قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك -ئاجىزلىق نىسبىتى ، مۇئەززەم پەرقلەر ۋە ئىمكانسىزلىقلار تۈپەيلىدىن شۇنداقلا خوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئېتىۋار بەرمەسلىكى ياكى ھۆر ئەللەرنىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى بەرمەسلىكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن خىتايلار بىزنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىمىزنى قېزىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ زېمىندىكى ھاكىمىيىتىنى مۇتلەق ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ چىڭىتىش ئۈچۈن ئەتراپىدىكى ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانلارنى تەھدىت بىلەن قانىتى ئاستىغا ئالدى. پۈتۈن بۇ كېلىشمەسلىكلەرگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئازادلىق دەۋايىمىزنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتۇق. لېكىن بۇ دۆلەتلەردىن نە ماددىي جەھەتتىن، نە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمگە ئېرىشەلمىدۇق. بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھەتتا بىزدىن ئىككى يىل كېيىن خىتاي ئىستىلاسىغا ئايلانغان تىبەتلەرمۇ مىللىي مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ب د ت نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلدى. لېكىن دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىغان تىبەتتىكى مەسىلىلەردىنمۇ ئېغىر كۈلپەتلەرگە ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتالمايۋاتقىنىمىز بىزنى ئۈمىدسىزلىككە غەرق قىلدى.» ئىسا ئەپەندى سەككىز مىليون مۇسۇلمان تۈركلىرى نامىدىن بىزنىڭ مەسىلىمىزنىڭمۇ ب د ت نىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ خېتىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.

4-پارچە خەت

4-پارچە خەت، ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ 1960-يىلى 21-ئىيۇلدا گۇننار ياررىڭغا يازغان خېتى بولۇپ، مەكتۇپ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىككى پارچە فوتو سۈرەتمۇ ئەۋەتىلگەن. فوتو سۈرەتلەرنىڭ كەينىدە ئىسا ئەپەندىنىڭ ئۆز پۇچۇركىسى بىلەن يازغان چۈشەندۈرۈشى بار سۈرەتنىڭ بىر پارچىسى پولات قادىرى ۋە ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئائىلىسىدىكەرنىڭ بىرگە چۈشكەن ئائىلىۋىي سۈرەت بولۇپ، يەنە بىرى دالاي لاما، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئۈچەيلەننىڭ چۈشكەن سۈرىتى ئىدى. بۇ مەكتۇپتا،ئىسا ئەپەندىم گۇننار ياررىڭنىڭ 9-مايدا يازغان خېتىنى ۋە گۇننار ياررىڭ ئەۋەتكەن كىتابلارنى تاپشۇرىۋالغانلىقى ۋە تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن. خەتتە يەنە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئىككىسىنىڭ  ئاپرىلدا يېڭى دېھلىدە ئېچىلغان كولونىيالىزىمغا قارشى ئىتىتپاق تۈزۈش مەقسىتىدە ئېچىلغان ئافرو-ئاسىيا فونفېرانسىغا قاتناشقىلى بارغانلىقى ۋە ئىستانبۇلغا قايتىش سەپىرىدە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتكەنلىكى، كۆرۈشۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىككى قېتىملىق ئافرو-ئاسىيا كونفېرانسىغا كۈزەتكۈچى سۈپىتىدىمۇ قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى، لېكىن بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن چوڭ قەدەم ئالغانلىقىدەك بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ياررىڭغا ئۇقتۇرىدۇ. بۇ كونفىرانستا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بىر يېشىم بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى مەسىلىسىگە يۈكسەك دىققىتىنى بېرىدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنى ئەھدى تەشكىلات قارمىقىدا بۈرو قۇرۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقىرىلغان ئىدى.

ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ گۇننار ياررىڭغا ئەۋەتكەن كىتابلىرى تىزىملىكى:

1) ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، «تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى مۇسۇلمانلار»،  ئەرەبچە

2) ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، سەئىد شامىل، «ئاسىيا-ئافرىقا كونفېرانسى خاتىرىسى»، ئىنگلىزچە

3) ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، «ئاسىيا -ئافرىقا كونفېرانسى ۋە تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ روسىيە ۋە خىتايدىن مۇستەقىل بولۇشى ھەققىدە»، ئۇيغۇرچە

4) سىرىناگاردىكى تۈركىستان كۆچمەنلىرى كومىتېتى، «ماتەم كۈنى خاتىرىسى ھەققىدە»، ئۇيغۇرچە

5) مەھمەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ قىزىل ئاپتونومىيەسىنى رەت قىلىدۇ»، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە

6) دوتسېنت دوكتۇر مۇھەددىر ن. ئۆزئەردىم، «خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسەن خىتاي تۈركىستانى شەھەرلىرى»، تۈركچە

7) ئا. كامال ئىلقۇل،«شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر»، تۈركچە

8) روھى ئۇيغۇر، «نەۋائىي روھى»، ئۇيغۇرچە

9) روھى ئۇيغۇر، «يېڭى دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ھەققىدە»، ئۇيغۇرچە

10) پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان، «غازى گېرايخان ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەكلىرى»، تۈركچە

11) پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان «تۈرك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى»، تۈركچە

12) پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان، «مەۋلانە ھەمىدى شېئىرلىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسى»، تۈركچە

13) پروفېسسور ئىسمايىل ھېكمەت ئەرتايلان، «كابۇلى شېئىرلىرىدىن»، تۈركچە

(ئاپتورنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top