You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » كاشغارىيەدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 25: مەن تونۇيدىغان توختى مۇزارت

كاشغارىيەدىن ئۇچقان مۇراد قۇشى – 25: مەن تونۇيدىغان توختى مۇزارت

ئاپتورى: ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

يىگىرمە بەشىنجى باب: مەن تونۇيدىغان توختى مۇزارت

مىللىي خاراكتىردۇر ئىنساننىڭ مۇھىم بەلگەسى،

ئۇندىن بىلىنەر مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ھەم كەلگۈسى.

ئىناقلىق، ئەمگەكچانلىق روناق ئۈچۈن قاناتتۇر ،

ئىرپانلىق ئۆم توپلۇمنىڭ يوق يەتەلمەس پەللەسى.

(”كاشغارىيە سەلكىنلەرى“، 7-بەت. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل)

توختى مۇزارت  كىمدۇر

توختى مۇزارت 1959-يىل 10-ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايەتىنىڭ باي ناھىيەسى مۇزارت ئۆستەڭى بويىدىكى گۈزەل بىر يەزىدا تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەبلەرنى ئەئلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندن كەيىن، 1978-يىل 9-ئايدا، پايتەخت بەيجىڭدىكى مەكەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرىسىتىتىنىڭ تارىخ فاكۇلتەتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. كىچىكىدىن تارتىپلا تارىخ ئىلمىغا ئوتتەك قىزىقىدىغان توختى مۇزارت ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە، خەنزۇ تىل-يازىقىنى پىششىق بىلگەندىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك چەتئەل تىللەرىنى ياخشى ئۆگرەنمەسە، چەندىكىدەك تارىخ كىتابى يازىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان. شۇ ۋەجدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخ كەسپىگە دائىر رەتتىكى خەنزۇچە دەرسلەرنى پىششىق ئۆگرەنىپ، سىنىپ ئەئلاچىلىقىنى قولدىن بەرمەگەندىن باشقا، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلى قاتارلىق چەتئەل تىللەرىنى پىلانلىق ۋە جىددىيەت بىلەن ئۆگرەنىپ ماڭغان. نەتىجەدە، 1982-يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن چاغىدا، ھەم خەنزۇچە سەۋىيەسى، ھەمدە چەتئەل تىل سەۋىيەسى ئوخشاشلا ئەلىيۇلئەئلا بولغاچ، جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيەتى دائىمىي خەلق قۇرۇلتايىنىڭ مىللەتلەر ئىشلەرى كومىتىتىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان.

ئۇ 1990-يىلى، تەشكىلنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ياپونىيەگە بارىپ، ياپونىيە دۆلەتلىك مائارىپ ئۇنىۋەرسىتىتى بىلەن شەرقىي ئوكيان ۋەسىقە ساقلاش مەركەزىدە، بىر يىل تەكلىپلىك تەتقىقاتچى بولغان. 1994-يىل 10-ئايدا، دۇنيادىكى مەشھۇر ئۇنىۋەرسىتىتلاردىن توكيو ئۇنىۋەرسىتىتى ئىجتىمائىيەت فاكۇلتەتىغا غەربىي ئاسىياشۇناسلىق كەسپى بويىچە ئوقۇيدىغان دوكتور ئاسپرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگرەنىپ، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تولۇقلاغاندىن باشقا، ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىغا رەسمىي كىرىشىپ، 1995-يىلى 9-ئايدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەتىگە دائىر تۇنجى يىرىك ئەسەرى بولغان «ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقاتى» (拓和提.莫扎提《维吾尔历史文化研究》,民族出版社,1995年9月,北京) ماۋزۇلۇق خەنزۇچە تەتقىقات كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان.

2009-يىل ئۇنىڭ سىياسەتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ تۇرمادىن چىققاندىن كەيىن، بەيجىڭدىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزىي تەرجىمە ئىدارەسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇندىن باشلاپ، ئۇ ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتى خىزمەتىگە تەخىمۇ چوڭ غەيرەت ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن كىرىشىپ كەتكەن ۋە 2010-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە، «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى» (《中世纪维吾尔历史》,中央民族大学出版社2014) «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتى» (中世纪维吾尔社会)، «ياركەند خانلىقىدىن كەيىنكى ئۈچ يۈز يىل» (叶尔羌汗国以后的三百年) قاتارلىق بىر مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق تۆرت پارچە خەنزۇچە تارىخ تەتقىقات كىتابىنى يازىپ پۈتتۈرگەن.

توختى مۇزارت ئەپەندى جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەنزۇ تىل-يازىقى بىلەن مائارىپ يۈرگۈزۈلىدىغان ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس تارىخ كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇپ تەربىيەلەنگەن، شۇ سەۋەبتىن، خەنزۇ يازىقى بىلەن كىتاب يازالايدىغان، چەتئەل تىل-يازىقى بويىچەمۇ تەلەپكە ئۇيغۇن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتىشكەن تەتقىقاتچى، يازغان تارىخ كىتابلارى خەنزۇ ئالىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخ كەسپى ئەھلىلەرىنىڭ ئىئتىراپ قىلىشىغا ۋە چوڭقۇر قايىللىقىغا ئەرىشكەن ئىسمى جىسمىغا لايىق تارىخشۇناس ئالىمدۇر.

توختى مۇزارت ئەپەندى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك تولامۇ قىممەتلىك ئەمگەك نەتىجەلەرى ئارقالىق، كۈنۈمىزدە تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسەتىگە ئىگە بولغان كەڭ ئۇيغۇر ياشلارىنىڭ ئۆگرەنىش ئۈلگەسى بولۇشقا مۇناسىپتۇر. ھالبۇكى، بىز بۈگۈنكى ياشلارىمىزغا، خۇسۇسەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىم ئالىۋاتقان ئەۋلادلارىمىزغا تارىخشۇناش توختى مۇزارت ئەپەندىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ھەر مىنوت-ھەر سىكونتىنىمۇ قەدىرلەپ، سىستەمىلىق بىلىم ئالىش روھىدىن، ئۆز ئانا تىلىدا ۋە خەنزۇ تىلىدا كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەلەش بىلەن بىر چاغدا، مۇناسىۋەتلىك چەتئەل تىللەرىنىمۇ ماس قەدەمدە ئىمكان بار پىششىق ئۆگرەنىشكە ئەھمىيەت بەرىش تەجرىبەسىدىن ۋە تۈرلۈك بىلىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆگرەنىش ئۇسلۇبىدىن سەمىمىيلىك، ئەستايىدىللىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئۆگرەنىشلەرىنى، شۇ ئارقالىق، زامان-دەۋرنىڭ ۋە ۋەتەن-خەلقنىڭ ئۆزلەرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن، جىددىيەت بىلەن تىرىشىشلەرىنى تەۋسىيە قىلىمىز!

توختى مۇزارت ئەپەندى ئۆز نۆۋەتىدە يەنە، كۈنۈمىزدىكى ھەر قايسى ئىلىم ساھەلەرىدە ئىشلەۋاتقان ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە قەرى تەتقىقات خادىملارىنىڭمۇ ئۆگرەنىشىگە ۋە ئۆرنەك ئالىشىغا ئەرزىيدىغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان ۋە مول ھوسۇلچان ئىلىم ساھىبىدۇر.

چۈنكى، ئۇ كىشىلىك ھاياتتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراغان چاغدامۇ، ئۆزى سۆيگەن ئىلىم-پەن كەسپىگە بولغان قىزغىن مۇھەببەتىنى يوقاتىپ قويماغان؛ 2009-يىلى، تۇرمادىن چىقىپ، كىتاب يازىش ۋە ئەسەر ئەلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندىن كەيىن بولسا، قايتا ئەرىشكەن ئىلمىي ھاياتنى بۇرۇنقىدىن يۈز ھەسسە بەك قەدىرلەپ، زەھىن-زۇكاۋەتىنىڭ ھەممەسىنى ئىلمىي تەتقىقاتقا، ۋاقىت كۈنلەرىنىڭ جەمئىسىنى ئەسەر يازىشقا سەرپ قىلىپ، قىسقاغىنە بەش يىل ئىچىدە، مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق تۆرت توم كىتابنى خەنزۇچە يازىپ پۈتتۈرگەن.

ھالبۇكى، بىز بۈگۈنكى زامان ئىلىم ساھەسى خادىملەرى تارىخشۇناش توختى مۇزارت ئەپەندىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا باشتىن-ئاخىر سولماس مۇھەببەت بىلەن كىرىشىش، كۈنلەرنى بەيھۇدە ئۆتكۈزىۋەتمەي، ئۆز ساھەسىدە، ئەجدادلارغا يۈز كەلەلەيدىغان، ئەۋلادلارغىمۇ ئىلھاملىق ئۆرنەك بولالايدىغان ياراملىق نەتىجە قازانىش ئەمەلىيەتىدىن، زۆرۈر ھوسۇل ئالىشقا ئەھمىيەت بەرىش ۋە ھەر جەھەتتىن ئەرزىيدىغان قىممەتلىك تەتقىقات ئىشلەرى ئۈچۈن، بارلىقىنى ئۆمۈرۋايەت باغىشلاش روھىدىن سەمىمىي كۆڭلىمىز بىلەن ئەستايىدىل ئۆگرەنىشىمىز لازىمدۇر!

ئانا يۇرتىمىز مۇھىم تۈگۈن بولغان قەدىمىي يىپەك يولى تولامۇ خاسىيەتلىك بىر يولدۇر. بۇ يولدىن قانچەلىك ئەمەلدار –مەنسەبدار ماڭىپ ئۆتكەنلىكى شۇ ئان ھىچكىمنىڭ ئەس-يادىدا يوقتۇر. ئەمما، بۇ يولدا، ھەر بىر ئىرپان قەدەمىدىن بىر ئىلمىي ئىز قالدۇرۇپ، ئىلىم-مەئرىپەت بىلەن ياشاپ ئۆتكەن تارىخنىڭ شاھىدلەرى ۋە بۈگۈننىڭ ئىرپان ئەينەكلەرى بۈيۈك مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان، مۇسا سايرامىي ۋە توختى مۇزارتقا ئوخشاش تارىخشۇناس ئىلىمدارلار خەلق تەرەپىدىن ئاپىرىنلىق تۇيغۇسى بىلەن ھەلىھەم يادلانماقتا ۋە ئەبەدۇلئەبەد يادلانغۇسىدۇر!

(ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى 2016-يىل بەيجىڭدىكى ئۇيغۇرچە <خەلق تورى>نىڭ ”مەشھۇر شەخسلەر“بەتىدە ئەلان قىلىنغان)

مۇزارت قانداق تاۋلانغان

ئۇيغۇرشۇناسلىق بىر ئىلىم بولۇش سۈپەتى بىلەن، ئۇيغۇر مىللەتىگە تالىق بولغان ئىلمىي، مەدەنىي ۋە ئادەمىي ئىشلارنىڭ ھەممەسىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيەكتى قىلىدۇ.

توختى مۇزارت (1959-2015-يىللار) ”جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيەتى“ (中国维吾尔历史文焕研究会) نى قۇرغان سەردار تەشكىلاتچى، “ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى“ (中世纪维吾尔历史) قاتارلىق تۆرت كىتابنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت يازىقلارىدىن بىرى بولغان خەنزۇ يازىقىدا يازىپ، ئەلان قىلغان ئىستىدادلىق تارىخ بىلىملەرى ئالىمى بولۇش سالاھىيەتى بىلەن، ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا، ئۇيغۇر ئەۋلادلارنىڭ ئۆگرەنىشىگە ئەرزىيدۇ.

مەن توختى مۇزارت ئەپەندى بىلەن يىگىرمە يىل بىر شەھەردە ھەمشەھىر بولۇپ ياشاغان، ئىرپان يولىدىكى مەسلەكداشلاردىن بولغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، ئىلىم، ئىلمىيلىك ۋە مىللىي كىملىك ھەققىدە ئىچەكەشىپ ھال-مۇڭ بولۇشقان ئىدىم. ئورتاق كەچمىشلەرىمىز ئاساسىدىكى شۇبۇ ئەسلەمەم ئارقالىق، مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىقىنى سەمىمىي خاتىرەلەيمەن.

ھەر ساباھ گۈلزارلىقتا تەكىست يادلايدىغان قارا قاش بالا

مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كافەدراسىدا ئوقۇتقۇچى بولغانىمغا ئۈچ يىل بولغاندا، يەنى 1978-يىلى، مەكتەپىمىزنىڭ يانىدىكى بەيجىڭ چەتئەل تىللارى ئۇنىۋەرسىتىتى ئەرەب تىلى فاكۇلتەتىغا ئەرەب تىلى ئۆگرەنىشكە ئەۋەتىلدىم.

مەزكۇر ئىككى ئالىي مەكتەپنىڭ ئارالىقى شۇ قەدەر ياقىن. قىيپاش قاراشىپ تۇرغان ئارقا دەرۋازالارىنىڭ ئارالىقى تۆرت يۈز مەتىرمۇ كەلمەيدۇ. ھەر كۈنى، مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى ياتاقىمدىن قوپۇپ چىقسام، ئون مىنۇتتا، ئۇ چەتئەل تىللەرى ئۇنىۋەرسىتىتىدىكى دەرسخانامغا راھەت كىرىپ بولىمەن. ئەرەبچە ئوقۇشۇم مۇشۇنداق قولاي مۇھىت ئىچىدە باشلاندى، خەيرلىك بولغاي.

بىراق، ”ئەرەبچە دەگەنگە بىزنىڭ تىلىمىز قايماقتەك كەلىدۇ“ دەگەن غۇرۇرلۇق قاراش بىلەن دەرس ئۆگرەنىشكە كىرگەن مەن ئابدۇرەئوپ پولات ھەدەگەندەلا، فونىتىكا ئوقۇتقۇچىمىز 陈建民 (ئەرەبچە ئىسمى فەتھىى) نىڭ ”سەنىڭ <ت> بىلەن <د> تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلىشىڭ ئەرەب تىلى فونىتىكاسى بويىچە ئۆلچەمگە لايىق ئەمەس ئىكەن“ دەپ تەنقىت قىلىشىغا ئۇچرادىم. نەتىجەدە، <ت> ۋە <د> تاۋۇشلارى سۆز بوغۇملارىنىڭ ئوخشاشمايدىغان يەرىدە كەلىدىغا سۆز، سۆز بىرىكمەسى ۋە جۈملەلەر توپلانغان ئون نەچچە بەتلىك بىر مەشىق دەپتەرىنى بەردى ۋە ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئوقۇپ، تەلەپپۇزۇمنى توغرالاشنى تاپشۇرۇق قىلدى.

مائقۇل دەدىم ۋە بەجا كەلتۈردۈم: ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ چەنىقىش قىلىپ بولغاندىن كەيىن، مەكتەپ كۇتۇبخاناسى ئالدىدىكى گۈلزارلىققا كىرىپ، ئۈنلۈك ئوقۇپ، مەشىق قىلدىم. بىر ھىسابتا، بۇمۇ ياخشى تاپشۇرۇق بولغانىكەن. سەھەر تۇرۇپ، بىر قانچە بەت ئەرەبچە جۈملەلەرنى ئاۋازلىق ئوقۇش، ئايەتلەرنى يادلاش بارا-بارا ئادەتىم بولۇپ قالدى شۇندىن باشلاپ.

شۇنداق چاغلارنىڭ بىر كۈنى، تەخمىنەن شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلى، ئەرتەگەنلەرى ھاۋا خەلىلا سۆرۈن، يەلىڭ چاپان كىيىۋالساڭ خوش ياقىدىغان كۈنلەر ئىدى. ئەرتەگەندە يۈگۈرۈپ بولۇپ، گۈلزارلىقتىكى ھەلىقى مەن دائىم تەكىست يادلايدىغان قارىغاي دەرىخنىڭ يانىغا كەلسەم، قەدىناس جايىمنى بىر ئوقۇغۇچى بالا ئىگەلەۋاپتۇ. ئەرۋاھىم ھۈركۈپ، ئۇنىڭغا ياقىمسىز كۆز بىلەن، سۆرۈن بىر باقتىم-يۇ، دەرھال يانىشلاپ قاراغۇم كەلدى. چۈنكى ئۇ باشقا مىللەت بالالارىدىن ئەرمەس، تىپىك ئۇيغۇر چىراي، ئورتا بوي، ئاق پۇسمالاق، قويۇق قاپقارا قاشلىق بىر يىگىت ئىدى.

ئۇنىڭ قولىدا بىر كىتاب، بەزىدە كىتابقا قاراپ، يەنە بەزەندە كىتابىنى كەينىگە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكىست تەكرارلاۋاتاتتى. پات-پات چىقىپ تۇرىدىغان ”رايت، يەس“لەرىدىن قاراپ، ھەر ھالدا ئىنگلىزچە پەھم ئەتتىم. ”بوش كەلمە ئەۋلاد“ دەدىم ئىچىمدە، ئاندىن ئۇيانراق ئۆتۈپ، بىر خىلۋەتتە، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ تاپشۇرۇق ساۋاقلارىمنى بىسمىل چەكىپ، ئوقۇشقا باشلادىم.

شۇندىن ھەپتەلەر ئۆتكەن بىر كۈننىڭ چۈشتىن كەيىن سائەت تەخمىنەن تۆرتلەرىدە، ئارىيەت ۋاقتى توشۇپ قالغان بىر كىتابنى قايتۇرىۋەتىش ئۈچۈن، كۇتۇپخانا ئىچىگە ئالدىراپ كىرىپ كەتىۋاتسام، مەنىڭ فاكۇلتەتداش ساۋاقداشىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مۇشۇ مەكتەپ كۇتۇبخاناسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان تۇراخان خانىم كۇتۇبخانا ئىچىدىن بىر بالا بىلەن قىزغىن پاراڭلاشىپ چىقىۋاتىپتۇ. تونۇدۇم، بۇ دەل ھەلىقى ھەر ساباھ گۈلزارلىقتا تەكىست يادلايدىغان يىگىت شۇ ئىدى.

-بۇ مەنىڭ ئۇكام توختى،- دەپ تونۇشتۇردى تۇراخان خانىم سالاملاشىپ بولغاندىن كەيىن، تولامۇ مەغرۇر قىياپەتتە،- بۇ يىل ياڭى كەلدى. تارىخ فاكۇلتەتىدا ئوقۇيدۇ.

-بۇ ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم، مەنىڭ فاكۇلتەتداشىم،- ئارقادىنلا مەنى ئۇكاسىغا تونۇشتۇردى تۇراخان،- مەن پۈتتۈرگەن فاكۇلتەتنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر خوشنا يانىمىزدىكى چەتئەل تىللەرى ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئەرەبچە ئۆگرەنىۋاتىدۇ.

-سالامۇن ئالەيكۇم، توختاخۇن ئىنىم!،- مەن دەسلەپ قول ئۇزاتتىم تەبىئىي ھالدا،- تونۇشقانىمىز ئۈچۈن خوشھال بولدۇم.

-ئەلەيكۇم سالام، ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم،- ئۇمۇ دەرھال جۆرە بولدى،- مەن سىزنى تونۇپ قالدىم. ھەر كۈنى دەگۈدەك ئاشۇ گۈلزارلىقتا، ئەرەبچە ئۈنلۈك ئوقۇيسىز.

مەن توختى مۇزارت بىلەن مانا شۇنداق تونۇشۇپ قالغان ئىدىم.

بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەئلۇم

شۇندىن كەيىن، گۈلزارلىقتا، كۇتۇبخانادا ۋە چەنىقىش مەيدانلارىدا ئۇچراشىپلا تۇردۇق. ھەيت-بايراملاردا بولىدىغان يۇرتداشلار چاي ئولتۇرۇشلارىدا، بەئزەن يانمۇيان ئولتۇرۇپ، قانغۇدەك مۇڭداشتۇق. ئۇ كۈلەر يۈزلۈك، يۇمشاق تەلەپپۇز بىلەن گەپ قىلىدىغان، سۆز-ئىبارەلەرنى تەمكىن رەتىمدا بايان قىلىدىغان، مۇڭداشقاق ئىنسان ئىدى. ئەگەر ئىنسانلارنى ”كەمسۆز“ ۋە ”جىق گەپ قىلىدىغان“ دەگەن ئىككىلا گۇرۇپپاغا بولۈشكە توغرا كەلسە، توختى مۇزارت جىق گەپ قىلىدىغانلار سىنىپىغا تەئەللۇق ئىدى. بىراق، ئۇ سەۋىيەلىك پاراڭ قىلاتتى. ماڭا تۈپتىن ئوخشاشمايدىغان يەرى ھەر قانچە ئىختلاپلىق پىكىر بولسامۇ، مۇڭداشقۇچىسىنىڭ گەپىنى بۆلمەيتتى، قارشى تەرەپنىڭ گەپىنى ئاخىرىغىچە قۇلاق بەرىپ ئاڭلايتى.

تەئسىراتىمچە، توختى مۇزارت ئۆز ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئىككىنجى يىلىدالا، يەئنى 1979-يىلىدىن باشلاپلا، پۈتۈن مەكتەپ بويىچە داڭقى بار، يۈكسەك ئابرويلۇق ئوقۇغۇچى ئىدى. شۇ چاغلاردا، بىزنىڭ فاكۇلتەتنىڭ بالالارى بىلەن مەكتەپ تەييارلىق بۆلۈمى (预科部) دە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرلەشىپ قۇرغان ”ل. مۇتەللىپ ئەدەبىيات كۇرژۇكى“ (穆泰利普学文学小组) دەيدىغان خەلى تەئسىر دائىرەگە ساھىب ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ئۆگرەنىش سورۇنى بولىدىغان، توختى مۇزارت شۇ كۇرژۇك ئەزالارىغا بىر قانچە نۆۋەت خاس ماۋزۇلۇق لىكسىيە سۆزلەگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ”خەنزۇ تىلىنى تىز ئۆگرەنىشنىڭ ئەپى“، ”چەتئەل تىل ئۆگرەنىشىنى قانچە بالدۇر باشلاسا، شۇنچە ياخشى“ دەگەن لىكسىيەلەرىنىڭ كەڭ ئوقۇغۇچىلار ئاراسىدا قانچەلىك بەلەن تەئسىر قوزغاغانلىقى ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدەمۇ ئاپىرىنلىق تۇيغۇدا ھىكايە قىلىناتتى.

1980-يىلى كەچ كۈزنىڭ بىر يەكشەنبەسى چۈشتىن كەيىن، بىر ئىش بىلەن ئۇستازىم خەمىت تۆمۈرنى ئۆيىگە ئىزدەپ كىردىم. ئىشىكتىن كىرسەم، ئۆينىڭ مىھمانخاناسى (يەئنى ئۆيگە كىرىشكەلا سالۇن) خۇمدان كەبى لىق ئىسقا تولۇپ كەتىپتۇ، ئەسسالام بىلەن كىرىپ، قويۇق تۇمانلارنى قايرىپ كىرىپ، ئىچىدە ئولتۇرغان ئۈچ كىشى بىلەن ياقىن بارىپ كۆرۈشتۈم. ئۇلار ئۇستاز خەمىت تۆمۈر، ئاتاقلىق قىرغىز تارىخشۇناسى ئەنۋەر بايتۇر ۋە ماۋزۇيىمىزدىكى توختى مۇزارت ئىدى.

دەيدىغان گەپىمنى دەپ، ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ، ئۆيدىن ئىجازەت بىلەن قايتىپ چىقىۋاتسام، ”مەنمۇ چىقاي ئۇستازلار، ئەمدى“ دەپ، توختى مۇزارت ماڭا ئەرگەشتى. ئۇستاز خەمىت تۆمۈر: ”بولىدۇ، بولماسا“ دەپ ئىجازەت بەردى. بىز بىرلىكتە ئىشىكتىن چىقىۋاتساق، ئەنۋەر بايتۇرنىڭ: ”ھەي، خەمىت! بۇ بالادىن ئالىم چىقىدۇ. مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا قالدۇرۇپ قالىڭلار جۇمۇ!“ دەگەنىنى ئانىق ئاڭلادىم. سىرتقا چىققاندىن كەيىن، توختى مۇزارتتىن سورادىم:

-ئەنۋەر بايتۇر ئەپەندى قايىل بولغۇدەك لىكسىيە سۆزلەگەن ئوخشامامسىز، توختاخۇن؟

-بۇ ئۇستازلار ”تەۋارىخى مۇسىقىييۇن“ دەيدىغان بىر كلاسسىك تارىخ كىتابىنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىپتۇكەن،- چۈشەنچە بەردى توختى مۇزارت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،- شۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا بەرىلىدىغان ”تارىخىي شەخس ۋە ۋاقىئەلەرگە ئىزاھ“ دەگەن بۆلۈمىنى خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم: ”سىز بۇ ئىزاھلارنى ئۈستىدىن بىر كۆرۈۋەتىڭ“ دەپ بەرگەنىدى. شۇنى كۆرۈپ بولۇپ، پىكىرىمنى يازىپ ئالىپ كىرگەن ئىدىم. مەنىڭ تۈزەتمە پىكىرلەرىمنى ئىككەيلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈپ بولغىچە بىردەم ئولتۇرۇپ قالدىم. ۋاي-ۋۇي! تاماكۇ دەگەننى چەكمەي، يەيدىكەنغۇ بۇ ئۇستازلار، مەن كىرگەلى بىر سائەتتىن سەل ئاشقاندۇ. يا دەرىزەلەرنى ئاچىۋەتىشكە جۈرئەت قىلالمادىم. ياخشى سىز قۇتۇلدۇردىڭىز مەنى، رەھمەت مۇئەللىم.

باشقا گەپنى قويۇپ تۇرۇپ دەسەك، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى توختى مۇزارت ئاللىقاچان شۇ دەۋرنىڭ تونۇلغان ئالىملارى تەرەپىدىن قەلبەن ئىئتىراپ قىلىنغان بىر بىلىم ئادەمى بولغانلىقى ئايان ئىدى.

شۇڭا، ئۇ 1982-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجەلىك مەركەزىي ئورگانلارىدىن سانالىدىغان جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيەتى خەلق قۇرۇلتايى دائىمىي كومىتىتى مىللەتلەر ئىشلەرى بۆلۈمىگە خىزمەتكە كىرگەنىدە، ھىچكىم ھەيران قالمادى، بەلكى، توختى مۇزارتنى ”بىز خىزمەتكە ئالىمىز“ دەپ، خەلق قۇرۇلتايى دائىمىي كومىتىتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلەرى كومىتىتى ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارەسى تالاشىپ قالىپ، ئاخىردا، چەك تاشلاشىپتۇمىش؛ توختى مۇزارتنىڭ تەلەي چەكى دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتايىغا چىققاچ، شۇ يەرگە خىزمەتكە كىرىپتۇدەك، دەگەن رىۋايەت ئۇزۇنغىچە ئاغىزدىن ئاغىزغا سۆزلەنىپ يۈرگەن بولدى.

يەنە ئوقۇسام دەيمەن

توختى مۇزارت دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتايى مىللەتلەر ئىشلەرى كومىتىتىنىڭ كادىرى بولغاندىن كەيىن، بۇرۇنقى بىر مەكتەپ ئىچىدە ياشاغاندىكىدەك كۆپ ئۇچراشىپ كەتەلمىدۇق. بىراق، ئاچاسى تۇراخان مۇزارت خانىم بىلەن بىر ئائىلە قورۇسىدا بولغانلىقىمىز شاراپەتى بىلەن، ئاچاسىنى يوقلاپ كەلگەن چاغلارىدا، مۇناسىۋەتلىك ئىلىم سۆزلەش يىغىلىشلارىدا ياكى ھەيت-بايراملىق يۇرتداشلار چاي-مىھماندارچىلىق سورۇنلارىدا ئۇچراشساق، كۆرۈشۈپ تۇردۇق. ”خىزمەتىم بەكلا ئالدىراش، بىراق، ھۆددەسىدىن ياخشى چىقىپ، تەشكىلنى رازىي قىلىۋاتىمەن. چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسەتلەرى بولىدىغاندەك، ئىلتىماس تۇتۇپ قويدۇم، دوكتور بولغىچە ئوقۇسام دەيمەن“ دەگەندەك رىئاللىق ۋە ئارزۇلۇق گەپلەرنى قىلىپ بەردى.

راست دەگەندەك، 1990-يىلى، ”ياپونىيەگە بىر يىللىق تەتقىقاتلىق بىلىم ئاشۇرۇشقا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم“ دەپ كۆرۈشكەلى كەلگەنىكەن. ”نەشىر قىلدۇرغان كىتابلارىڭىزدىن بولسا بەرسەڭىز. ئىلىم ئالماشتۇرۇش سورۇنلارىدا، ئىلمداشلارغا سوۋغا قىلسام“ دەگەنىدى، ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن ھەمشىرىك نەشىر قىلدۇرغان ”چاغاتاي تىلى“ (1986-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىرى) ۋە ”ئەلىشىر نەۋائىي: مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين“ (1988-يىل مىللەتلەر نەشىرىياتى نەشىرى)لاردىن بار ئىكەن، ئىككى-ئۈچتىن يوللۇق سوۋغات قىلىپ بەرگەن بولدۇم.

1994-يىلى، ”<جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيەتى> دەيدىغان بىر دۆلەت دەرىجەلىك ئامماۋى ئىلمىي ئۇيۇشما قۇرماقچى بولىۋاتىمىز، مۇشۇ ھەقتە سىز بىلەن ئالايىتەن بىر مۇڭداشاي دەپ كەلدىم“ دەپ كەلگەنى ئانىق ئەسىمدە. ئۇ چاغدا، تەخى ئايرىم ئىشخانام بولماغاچ، مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى بىر ئاشخانانىڭ ئايرىمخاناسىدا تاماقلانغاچ، ئۇزۇن مۇڭداشتۇق. بۇ قاتىم مەنمۇ ئادەتىمنى مۇزارت ئەپەندىگە ماسلاشتۇرۇپ، مۇڭداشىمنىڭ گەپىنى كەسمەدىم، ئۇنىڭ بايانلارىنى قۇلاق بەرىپ، ئەستايىدىل ئاڭلادىم.

ئۇ ئۆزى خىزمەتكە چىققاندىن بۇيانقى مۇھىم كەچۈرمىشلەرىنى، خىزمەت ئورنى ئەۋزەللىكىدىن ھەقلىق پايدالانىپ، دۇنيا پارلامەنتەرلەر ئۇيۇشماسىغا ئەئزا بولغانلىقىنى ۋە شۇ ئىمتىياز بىلەن ئون يىلدىن بۇيان، يىگىرمەگە ياقىن دۆلەتكە ئۇزۇن-قىسقا مەزگىللىك زىيارەتكە بارغانلىقىنى، كۆرگەنلەرىنىڭ جىق، كەچۈرمىشلەرىنىڭ مول بولۇشىغا ئەرگەشىپ، ئۆزىدە خەلققە، مىللەتكە پايدالىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش ئازرۇسىنىڭ ئاشقانلىقى ۋە ئىرادەسىنىڭ تەخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى پاكىتلىق، مىساللىق قىلىپ بايان قىلدى. خۇسۇسەن، قۇرۇلغۇسى ئۇ ”جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيەتى“نىڭ پىلانلانىشى، جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مەبلەغنى توپلاش قاتارلىق ئەمەلىي ھەم مۇشەققەتلىك تەييارلىق ئىشلەرى ۋە بۇ جەرياندىكى ئۆزىنىڭ شەخسەن رولى ۋە تۆھپەلەرىنىمۇ ھىچ ئالىپ قالماستىن شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايانلارى تولامۇ مەنتىقەلىق، قىزىقتۇرارلىق ۋە قىلغان ئەمەلىي ئىشلەرى ھەقىقەتەنمۇ تەئسىرلەنەرلىك ئىدى. مەن شۇ چاغدا، نەمە ئۈچۈن نۇرغۇن ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەرمەس، بەلكى بىر مۇنچە بىزچە يۇقىرى دەرىجەلىك كادىرلارنىڭ ھەتتا سەيفۇددىن ئەزىزى قاتارلىق جامائەت ئەربابى، رەئىسلەرنىڭمۇ توختى مۇزارت بىلەن مۇڭداشقانغا ئامراقلىقىنى ئەمەلىي تەئسىرات بىلەن تونۇپ يەتتىم.

مەن پەقەت سۆھبەت ئاخىرىدا، مۇزارت ئەپەندى ئۆزى باياندىن توختاپ، چاي ئوتلاشقا تۇتۇنغان چاغدا: سىز دەگەن بۇ ”جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيەتى“نى بۇ يەردە ئەرمەس، ”ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات مەركەزى“ نامى بىلەن چەتئەلدە قۇرماقچى بولىۋاتىپتۇ توختى مۇزارت، دەپ ئاڭلاغان ئىدىم، توغرامۇ؟ دەپ سورادىم.

-ھە، بۇ باشقا ھىكايە،-دەدى مۇزارت ئەپەندى سەل-پەل تۇرىۋالغاندىن كەيىن،-  ئاڭلاغانىڭىز خاتا ئەرمەس. ئۇنىڭ جەريانىنىمۇ بىر كۈنى بولماسا، يەنە بىر كۈنى مەن سىزگە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ، يىپىدىن تا يىڭنەسىغىچە سۆزلەپ بەرىمەن. بۈگۈن مەن سىزگە ئون يىللىق ئۆمۈر ھىكايەمنى سۆزلەپ بەرىپ، شۇ قەدەر راھەتلەپ قالدىمكى، رەھمەت سىزگە!

بىز داستىخانغا دۇئا قىلدۇق.

1994-يىل 5-ئايدا، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەتى تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيەتى مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە تەنتەنەلىك قۇرۇلدى. دۆلەت بىرىنجى دەرىجەلىك ئامماۋى ئىلمىي جەمئىيەتكە ئەڭ ئاز مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجەلىك كادىر باشلىق بولىدۇ دەگەن بەلگەلەمەگە ئاساسەن، مەشھۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىن كەلگەن پەشقەدەم ئىنقىلابىي كادىر سەيدۇللاھ سەيپۇللايىۋ جەمئىيەت باشلىقى، توختى مۇزارت باش كاتىپ بولغانلىقى ئەلان قىلىندى.

شۇ يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتەسى ئىدى ئەسىمدە قالىشىچە، بىر چۈشتىن كەيىن ئىشخانامدا خاس ئولتۇرسام، ئىشىك ئەدەبلىك چەكىلىپ، ئۇنىڭدىن گۇلىقەھقەھلەرى ئاچىلىپ كەتكەن توختى مۇزارت ئەپەندى كىرىپ كەلدى.

-ماڭا دۇئا قىلىڭ مۇئەللىم،- دەدى ئۇ خوشلۇقىنى باسالماغان بىر قىياپەتتە،- مەن كەلەر ھەپتە، ياپونىيە توكيو ئۇنىۋەرسىتىتى ئىجتىمائىيەت فاكۇلتەتىغا غەربىي ئاسىياشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپرانتلىقى ئوقۇشىغا بارىدىغان بولۇپ قالدىم!

بارەكاللاھ!،- دەدىممەن چىن سەمىمىي كۆڭلۈم بىلەن،- يەنە ئوقۇسام دەگەن ئارمانىڭىز سىزگە قۇچاق ئاچىپتۇ، خەيرلىك بولسۇن!

قىسمەت، ھىممەت ۋە قىممەت

1994-يىل 10-ئايدا، توختى مۇزارت ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەتتى، مەن بولسام، 1996-يىل 10-ئايدا، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەرىيەتى قاھىرە ئۇنىۋەرسىتىتى بىلەن ئەزھەر ئۇنىۋەرسىتىتىگە  بىلىم ئاشۇرۇشقا، 1997-يىل 10-ئايدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى ئەنقەرە ئۇنىۋەرسىتىتىگە دوكتور ئۇنۋانى ئوقۇشىغا بارىپ، ئالتە يىل ھىجرەت ۋە نۇسرەتلىك كەچمىشتە بولدۇم. بۇ جەرياندا، مۇزارت ئەپەندى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقەلەشىپ بولالمادۇق. 2002-يىل 20-ماي كۈنى، ئەنقەرەدە دوكتور تون-شەپكەسىنى كىيىپ بولۇپ، بەيجىڭگە قايتىپ بارسام، مۇزارت ئەپەندىنىڭ قىسمەت بولۇپ، تۇرماغا ئالىنغانىغا ئۈچ-بەش يىل بولغان ئىكەن. ۋاي، دەرىخا!

2009-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ”توختى مۇزارت تۇرمادىن چىقىپ، ئاچاسىنىڭ ئۆيىدە ئارام ئالىۋاتىپتۇ“ دەگەن گەپ بولدى. بىر قانچەمىز يوقلاپ كىردۇق. بىز ئۆتمۈش ئۈچۈن ئاغىر خورسىنىپ: ”كەچمىش بولسۇن“ دەدۇق. مۇزارت ئەپەندى بولسا، يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك كۈلەر يۈزلۈك ئوچۇق چىرايى بىلەن: ”قىسمەت“ دەدى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. مەن ئالايىتەن سىنچىلاپ قارادىم: ساق ئەللىك ياشقا كىرگەن مۇزارت ئەپەندىنىڭ ئوڭ تەرەپ چەكە چاچىدىن بىر نەچچە تال چارلاشقاندىن باشقا، يەنە شۇ قويۇق قارا چاچلىق يوغان باش، قاپقارا قاشلىق، سەمىزگە تەۋە ئۇزۇنچاق ئاق پۇسمالاق يۈزلۈك، غۇنچە بوي بەجىرىم بەدەن ھالەتى مۇتلەق ئۆزگەرمەگەندەكلا ئىدى.

شۇندىن ھەپتە-ئون كۈنلەر ئۆتتى بولغاي، بىر چۈشتىن كەيىن ئىشخانامدا ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام، مۇزارت ئەپەندى كىرىپ كەلدى ۋە: ”قوليازما <تارىخى ھەمىدىي>نى فوتوكوپىيە قىلۋالسام“ دەدى. ئەلىكترونلۇق كوپىيە نۇسخاسىنى كومپيوتەرىمدىن چۈشۈرۈپ بەردىم. ”سىز بۇ ئەسەرنى باشقادىن تەرجىمە قىلىپمىشسىز، ياڭى تەرجىمەڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟“ دەۋىدى، ”سىزدىن ئايلانسۇن“ دەپ، ئۇنىڭمۇ ئەلىكترونلۇق نۇسخاسىنى بەردىم. بىر دەم مۇڭداشتۇق:

-ئەسەر نەشىر قىلىش ھوقۇقۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردى،-دەدى ئۇ بر خىل قەتئىي ئاۋازدا،-  ياڭى يىلدىن باشلاپ، ”جۇڭگو مىللەتلەرى ژۇرنالى“ تەھرىر بۆلۈمىگە ياكى دۆلەتلىك تەرجىمە ئىدارەسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرىمىز دەدى، ھازىرچە ئاچامنىڭ ئۆيىدە دەم ئالغاچ، جىدەللەپ ئىشلەۋاتىمەن. ۋاقتىڭىز بولسا كىرىڭ، مۇڭداشىمىز، دەدى.

بىز  يانفون نومۇرلارىمىزنى ئالماشتۇرۇشتۇق.

2010-يىل 21-مارت كۈنى قوزا چۈشى ۋاقتى بىلەن، ”مىلادىيە 2010-يىللىق نەۋروزىڭىز قۇتلۇق بولسۇن“ دەپ تەلىفون قىلسام، ”بۈگۈن ئاچام ئىشخانامدا نۆۋەتچىلىك قىلىدىكەنمەن“ دەپ چىقىپ كەتتى. كىرىڭ مۇڭداشايلى“ دەدى مۇزارت ئەپەندى تەبرىكىمگە ئۆز رەھمەتىنى بىلدۈرگەندىن كەيىن.

مەن دەرھال كىردىم. مۇڭداشىشىمىز باشلانىپ كەتتى: ئاشۇ 1994-يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى مەكتەپ ئىچى ئىككىنجى بىنادىكى مەنىڭ ئىشخانامدا، بىر-بىرىمىزگە ياخشى تىلەكلەر تىلەشىپ خەيرلەشكەنىمىزدىن باشلاۋىدى، شۇندىن بۇيانەت ئۆتكەن ئون بەش يىل ئىچىدە ئۆز باشىدىن كەچۈرگەنلەرىنى شۇ بىر كۈندە قانداقمۇ سۆزلەپ بولغالى بولسۇنكى، ئۇ كۈنى يەتمەي، كەيىن يەنە ئالتە قاتىمغا بۆلۈپ، سۆزلەپ بەردى پۈتكۈل ئاچچىق-تاتلىق كەۈرمىشلەرىنى.

بۇ كىچىكىدىن تارتىپ خەنزۇ تىلى بويىچە مائارىپ كۆرگەن بىر بىلىم ئادەمىنىڭ مىللىي تۇيغۇ، ئىلمىي ھايات ۋە ئەمەلىي ياشام ھەققىدىكى چۈشەنچەلەرى، چۈشەندۈرۈشلەرى، ئەللىك يىللىق ھايات كەچۈرمىشى مەندە بەكمۇ چوڭقۇر تەئسىرات قالدۇرغان بولدى.

شۇ چاغ كۆڭلۈمدە، مۇزارت ئەپەندىنىڭ ئوي- پىكىرلەرى ۋە ئاڭلىق پائالىيەتلەرى ماڭالا ئەمەس، باشقا مىللەتداشلارىمغامۇ تەنبىھ، ساۋاق ۋە ئۈلگە ئالىش قىممەتىگە ئىگە ئىكەنكى، بۇلارنى يازىپ، قارىنداشلار بىلەن ئورتاقلاشسام بولۇرمۇ-يا؟ دەپ ئويلانىپ قالدىم.

2013-يىل،31-دىكابىر. ئاقسۇ، سايرام.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top