شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى شەھەر – قەشقەر
دوكتور قادىر تۇغ (بىنگۆل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى)
تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئابدۇمىجىت ئەركىن
قىسقىچە مەزمۇنى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر ھەر خىل دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتالغان. قەشقەر شەھىرى سانسكرىتچىدە سرىكىرتاتى، شۇۋەنزاڭنىڭ بۇددا دىنى كىتابىدا چىياشا، خىتاي مەنبەلىرىدە خۇا شا، سۇ لى دەپ يېزىلغان. ئۇ تۈرك تىلى دىۋانىدا ئوردۇ كەنت دەپ خاتىرىلەنگەن. قەشقەر نامىغا ئېتىمولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغان تەتقىقاتچىلار فارىسچە كاشى (چىنى) سۆزىگە گەر قۇشۇمچىسىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن كاشى-گەر؛ چىنىلىق شەھەر ياكى نەقىشلىك شەھەر مەنىسىدە كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇنىڭ كاھىشلىق شەھەر ياكى كەشتىلەنگەن شەھەرنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئىسلام جۇغراپىيەشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە كاشىغەر، قەشقەر ۋە كاشگار شەكلىدە خاتىرىلەنگەن.
تارىخىي يىپەك يولىغا جايلاشقان بۇلىشى، خىتاي، روسىيە، ھىندىستان، ئافغانىستان ۋە غەربىي تۈركىستاندىن كېلىدىغان يول تۈگۈنىدە بولغاچقا، قەشقەر شەھىرى سودا نۇقتىسىدىن ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. قەشقەرنىڭ تارىخىي جەرياندىكى بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئۇنى يىپەك يولىدا مەھسۇلاتلارنىڭ توپ سېتىلىدىغان مەركىزىگە ئايلاندۇردى. بۇ شەھەرنىڭ سودا جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلىنىشى سودا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، كانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، قەشقەر، يىپەك يولى، سودا ۋە دېھقانچىلىق
كىرىش
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان، خىتايلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا ئىلگىرى قەشقەر، شەرقىي تۈركىستان، غەرب دۆلىتى ۋە چىن تۈركىستانى ياكى تۈركىستانى-چىن قاتارلىق ئىسىملار قويۇلغان. «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا غەرب ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. قەشقەر خانلىقىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى تۈركلەر ئىدى. جۇڭغار خانلىقىنىڭ نوپۇسى موڭغۇللاردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭغار خانلىقى خىتاي ئىمپېراتورى تسيان لۇن تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يەرلەردە قازاقلار ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئولتۇراقلىشىشتىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى جۇڭغار خانلىقىنىڭ زېمىنىغىمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. بۇ دەۋردىن كېيىن، روسىيە شەرقشۇناسلىرى ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن قەشقەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان نامىنىمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ قەشقەر دېگەن ئىسىم كۆپ ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان دېگەن بۇ سۆزمۇ مەنبەلەردە ئۇچرايدۇ (كولېسنىكوف، 2010:3). ساياھەتنامەلەردە تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈرك قەبىلىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان ئاتالغۇلىرى ئىشلىتىلگەن (بارتولد، 1988:141).
رۇس تەتقىقاتچىلار «كاشغەر» سۆزىنى تۇنجى قېتىم «Teria Incognita» (نامەلۇم يەر) شەكلىدە ئاتاش بىلەن تەڭ 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن (كولېسنىكوف، 2010:62).
بوگوياۋلېنسكىي (Bogoyavlenskiy) شەرقىي تۈركىستاننى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە تۇتىشىدىغان، مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى خىتاي جۇغراپىيەشۇناسلىرى نەن لۇ (جەنۇبىي يول) دەپ تەسۋىرلەنگەندەك ئىپادىلىگەن. تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى يەرلەر بېي لۇ (شىمالىي يول) دەپ ئاتالغان. جەنۇب يولى پامىر تېغىدا ئاخىرلىشىدۇ، بۇ يول جۇڭغارىيە دەپ ئاتىلىدىغان شىمالىي يولغا نىسبەتەن غەربكە ئۆتۈش تېخىمۇ قىيىن بولغان يولدۇر (كولېسنىكوف، 2010:62).
خىتاي مەنبەلىرىدە «غەرب دۆلىتى» ئاتالغۇسى ئادەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى غەربىي تۈركىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىنى-تۈركىستان دېگەن بۇ سۆز خىتايلار بۇ رايوننى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا ئىشلىتىلگەن. (كولېسنىكوف، 2010: 3-4)
روسىيەلىك سەيياھلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەرلىرىگە كېلىپ، قالدۇرغان خاتىرىلىرىدە قەشقەر ئۈچۈن ئايرىم ئورۇن ئايرىغانلىقى، تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقى ۋە شەھەرنىڭ تارىختا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ كاشىغەرىيە دەپ ئاتىلىشىغا سەۋەب بولغان. (كولېسنىكوف، 2010: 75).
شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي چېگرىسىنى شىمالدىكى تەڭرى تېغى، غەربتە پامىر تېغى، جەنۇبتا كوئىلۇن ۋە ئالتۇن تېغى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ تاغ تىزمىسىنىڭ چوققىلىرى ھەر پەسىلدە قار بىلەن قاپلانغان. بۇ تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي تۈركىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تاغ ئېغىزىنىڭ ئېگىزلىكى 4250 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ يوللارنىڭ بەك ئېگىز بولۇشى قىشتا قۇرۇقلۇق تىرانسپورتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا بەزىدە قاتناشنى توختىتىۋېتىدۇ (كولېسنىكوف، 2010: 62-63).
1. قەشقەر شەھىرى
قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىسمى ھەر خىل دەۋر ۋە تىللارغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ. كاشىغەر سانسكرىت تىلىدا Srikritati دەپ ئاتالغان (Yıldırım, 2013: 57; Arat, 1997: 405). شۈەنزاڭنىڭ بۇددا دىنى كىتابىدا چياشا (ئۆزەردىم، 1951: 105)، مىلادىدىن ئىلگىرىكى خىتايچە مەنبەلەردە Su-Le سۆزى ئىشلىتىلگەن (يىلدىرىم، 2013: 57؛ ئارات، 1997: 405). بۇ ئىسىم تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە خىتاينىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە بۇ شەكىلدە ئىشلىتىلگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېقىن زاماندا پەيدا بولغىنى چۈشىنىلگەن قەشقەر ئىسىمىنىڭ خۇاشا شەكلىدە تۇنجى قېتىم Şu Tang دا تىلغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم (ئارات، 1997: 405). كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇ خىتاي مەنبەلىرىدە Shu-le بىلەن بىللە خۇاشا دەپمۇ ئىشلىتىلگەن (يىلدىرىم، 2013: 151).
10-ئەسىر دىن بۇرۇن ۋە 12-ئەسىردە قەشقەر تۈرك تىلىدا ئوردۇ كەنت-ئارمىيە شەھەر دەپ ئاتالغان. مەھمۇت قەشقىرى كاشغەرنى ئوردۇ-كەنت دەپ ئاتىغان. ئوردۇ-كەنت (ئارمىيە-شەھەر) دېگەن سۆز خان ئولتۇراقلاشقان شەھەرنى، باشقىچە ئېيتقاندا پايتەختنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز ئۇرغۇسىز بولغان ئوتتۇرا بوغۇم سوزۇق تاۋۇشنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىدىغان كاشىغەر شەكلىگە كەلگەن (كاشغەرلى، 2004: 168). بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى ئالائاددىن ئاتامالىك جۇۋەينىنىڭ «تارىخى-جىھان گۈشا» ناملىق كىتابىدىمۇ كاشىغەر دەپ تىلغا ئېلىنغان (جۇۋەينى، 2013: 109)
تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنىڭ بىرى بولغان قەشقەر دەرياسى قىرغىقىدا قۇرۇلغان قەشقەرگە خىتايچىدا كاشى، ئىسلام مەنبەلىرىدە قەشقەر، كاجگار ۋە كاشار قاتارلىق ئىسىملار بېرىلگەن (خىتچىن، 2002: 7).
قەشقەر، پامىر تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىگە، كۇئېلۇن تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى. قەشقەر شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن 1304 مېتىر ئېگىزلىكتە (ئارات، 1997: 405).
غەربلىك سەيياھلارنىڭ بىرى بولغان ماركو پولو بەرگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، قەشقەر شەھىرى قۇبلاي خاندىن ئىلگىرى مۇستەقىل خانلىق بولغان. كېيىن، قۇبلاي خان بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا قوشقان. قەشقەرگە قارايدىغان نۇرغۇن يېزا-بازارلار بار ئىدى. قەشقەر بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى ئىدى (ماركو پولو ساياھەت كىتابى، 57).
قىزىلسۇ دەرياسى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتىدۇ (ئارات، 1997: 405). بۇ شەھەر كېيىنچە كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەر دەپ ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان (ئاتىف، 1998: 2004). قىزىلسۇ ئۈستىدىكى كۆۋرۈك بۇ شەھەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ. كونا شەھەر تۈمەن دەرياسى (تۇمان، تەمەن، تامان) غا قارايدىغان ئېگىزلىكتە ياسالغان بولۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ كەڭلىكى 6 مېتىر، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ. تۈمەن دەرياسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تەسىس قىلىنغان كونا قەشقەر ھازىرقى شەھەردىنمۇ چوڭراق يەرنى ئىگىلەيتتى. شەرقىي تۈركىستاندا دائىم يۈز بېرىدىغان يەر تەۋرەشلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كونا شەھەر، 1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان ۋە مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ كۈرەشلىرى جەريانىدا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.
ھازىرقى قەشقەر شەھىرى تۈمەن ۋە قىزىلسۇ دەريالىرى ئۇچراشقان ئۈچ بۇرجەكلىك رايوندا قۇرۇلغان (ئارات، 1997: 405). بۇ شەھەر قۇرۇلغان جاينىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى تەشكىل قىلغان شەرقىي شىمال تەرىپى (ئىچكى شەھىر) بۈگۈنكى شەھەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي مەھەللىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەردە ھەر خىل دەۋرلەردىن قالغان نۇرغۇن مەسچىت ۋە مەدرىسلەر بار. بۇ يەردىكى مەدرىسلەرنىڭ بىرى ئىسمائىل خانغا تەۋە كونا مەدرىسە بۇلۇپ كېيىن چېقىۋېتىلگەن ۋە ئورنىغا خانلىق مەدرىسە سېلىنغان. شەھەر مەركىزىدىكى ھېيتگاھ جامىسىگە مۇناسىپ ھېيتگاھ ئىسمى قۇيۇلغان مەيدان شەھەرنىڭ مەركىزىدە يەر ئالغان(ئارات، 1997: 405). ئادەتتە، تۈركىستاندىكى ھېيت نامازلىرى مەيدانلاردا ياكى مەركىزىي مەسچىتلەردە كوللېكتىپ ئوقۇلىدۇ. ھېيت بولسا مەرىپەت رايونىنىڭ شېۋىسىدىكى تەلەپپۇز بولۇپ، بايرام مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە مەنىسىدە بۇ يەرگە ھېيتگاھ جامەسى كۆرسىتىدۇ.
1.1 قەشقەر شەھرىنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئىمپېراتور ۋۇ تى دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140-87-يىللار) قەشقەر خىتايغا بويسۇنغان. ئىمپېراتور مىڭ-تى (مىلادىيە 58-75-يىللىرى) كۇچا پادىشاھى قەشقەرنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (618-906)، خىتاينىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. قەشقەر خىتاينىڭ 4-گارنىزونىنىڭ بىرىگە ئايلانغان (ئۆزېردىم 1951: 105). گەرچە تىبەتلەر 670-يىلى قارلۇقلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ۋە خىتايلارنى قەشقەر رايونىدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، 22 يىلدىن كېيىن خىتايلار بۇ رايوننى قايتۇرۇۋالغان. تىبەتلەرنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر دۆلىتىگە قارشى كۈرىشىدىن نەپ ئالغان قارلۇقلار 750-يىلى قەشقەر رايونىنى ئىگىلىدى ۋە ئۇ يەردە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىدى (ئارات، 1997: 406 ؛ پىرىتساك، 1977: 252).
840-يىلى قىرغىزىستان مەركىزى ئوردۇبالىق بولغان ئۇيغۇر دۆلىتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، 13 ئۇيغۇر قەبىلىسى قەشقەر، بەشبالىق ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ كەلگەن. مېڭلى قاغان 856-يىلى تۇرپانغا جايلاشقان يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ دۆلەت 13-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە، يەنى موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىقىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان (تاشاغىل، 2012: 558).
قاراخانىيلار (840-1212) شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كېيىنچە، قاراخانىلار دۆلىتى شەرقىي قاراخانىلار ۋە غەربىي قاراخانىلار دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. سۇلايمان بىن يۈسۈپ (1031-1056/57) شەرقىي قاراخانىيلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. قەشقەر شەھىرى شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالدى. قارا خىتايلار قەشقەرنى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن تىركەشكەن بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. كۈچلۈك قەشقەر رايونىنى 1210-يىلى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا كىرگۈزدى. چىڭگىزخان قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا، بۇ شەھەر موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. (بارتولد، 1977:276). غەربىي قاراخانىيلار 1212-يىلى خارەزىمشاھنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى بىلەن ۋەيران قىلىنغان. (Tağıl, 2012:558) Pritsak), 1977: 251-262)
چىڭگىزخان قاراخىتاي دۆلىتىگە خاتىمە بەرگەندىن كېيىن، بۇ رايون موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. موڭغۇل خاندانلىقنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا زېمىن بۆلۈشۈلگەندە، بۇ رايون چاغاتاي خاننىڭ ئۈلۈشى بولغان. موڭغۇل دۆلىتى ئاجىزلاشقاندا، بۇ جۇغراپىيىلىك ئورۇن چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا قالدى. 1365-يىلى تىمۇر غەربىي تۈركىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ رايون تىمۇرنىڭ ھىمايىسىدە بولغان. تىمۇرلار ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، 2-ئەسەنبۇغا تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان موڭغۇل خانلىقىنىڭ ھىمايىسىدە بولغان، قەشقەر يۇنۇس خاننىڭ ئوغلى ئەھمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان.
شەيبانى خان پەرغانە رايونىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئەھمەد شەيبانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەھمەدخاننىڭ 1514-يىلى ۋاپات بولىشى بىلەن تەڭ بابۇرنىڭ تاغىسى ئالاجا خاننىڭ ئوغلى سەئىد خان 1514-يىلى بابۇرنىڭ قوللىشى بىلەن قەشقەر، خوتەن ۋە ياركەنتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن ياركەنت خانلىقىنى قۇرغان.
ئاپپاق خوجا ئىسلام دىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. (Köprülü, 1988: 396) ئىسمائىل خان كىشىلەر ئارىسىدا زور دىنىي تەسىرگە ئىگە بولغان ئاپپاق خوجىنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقارغان (دۇمان، 1936: 63-66). ئاپپاق خوجا ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن جۇڭغارىيە قالماقلىرىنىڭ ھاكىمى غالداننىڭ ياردىمىنى ئېلىپ 167-يىلىدا قەشقەرنى قولىغا ئالغان.
17-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقى(قۇمۇل ۋە تۇرپان) نى قولىغا ئالغان خىتايلار 1759-يىلى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلىپ، شەھەر مەركىزىگە قاراۋۇلخانىلىرىنى ياسىدى (ئارات، 1997: 409). خىتايلار قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، قەشقەرگە قاراشلىق 16 ناھىيە بۇلۇپ (يۈسۈپ ۋە پالتا، 2008: 278) بۇلارنىڭ بەزىلىرى توققۇزاق، يېڭىسار، يوپۇرغا، ئاقتۇ، ياركەنت، پوسكام، قاغىلىق، مەركىت، پەيزىۋات، مارالبېشى ۋە يېڭىشەھەردۇر. (2004: 171).
1766-يىلىدىكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەييارلانغان رەسمىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، بۇ شەھەردە 14056 ئۆي بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس 66413 ئادەم ھېسابلانغان (ۋەلى، 2008: 318). چوقان ۋەلىخانوف شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان سەپىرىدە قەشقەردە 16 مىڭ ئائىلىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇنىڭ تەخمىنەن 100،000 ئادەمگە ماس كېلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن (ۋالىخانوف، 1985: 161). قەشقەرنىڭ ناھىيە-بازارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى نوپۇسى 4 مىليون ئەتراپىدا. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ 95% ى مۇسۇلمان. مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. تاجىكلار، تۇڭگانلار ۋە خىتايلار ئاز سانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ (قەشقەرلى، 2004: 171).
قەشقەردە ياشايدىغان كىشىلەر ئاساسەن ئۇيغۇرلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئاز ساندىكى خىتايلار مەمۇرىي، ھەربىي ۋە سودا ساھەلىرىدە پائالىيەت قىلاتتى. خىتاي نوپۇسى بەك ئاز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئايرىم مەھەللىلەردە تۇراتتى. مۇسۇلمانلار بىلەن خىتاينىڭ تۇرالغۇلىرى تام بىلەن ئايرىلاتتى. خىتاينىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ئولتۇراقلاشقان رايون يېڭى شەھەر مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان يېڭى ھىسار دەپ ئاتالغان. كونا شەھەردە مۇسۇلمانلار ياشىغان ۋە بارلىق سودا پائالىيەتلىرى بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان (كولېسنىكوف، 2010:78).
1.2 غەربكە تۇتىشىدىغان ئۆتەڭلەر
گەردىزى زەينۇل ئاخبار (ZEYNÜ’l-AHBÂR) ناملىق ئەسىرىدە شىزاڭ رايونى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەندە، قەشقەرنىڭ شەرق تەرىپىگە مېڭىپ، ئىككى تاغنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، غەربىي تۈركىستاننىڭ ئۆزكەنت شەھىرىگە ئۇلىشىدىغانلىقى، ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا 40 ڧەرساخ مۇساپە بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. سايرامنى بويلاپ تۇڭگۇس جىلغىسى، تېرەك ئاۋات ۋە چېگىن سايسۇ دەريالىرىنى بويلاپ كەلپىن ئويمىنى، توشقان دەرياسى ۋادىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان قارا تېكە تاغ ئېغىزىدىن ئۆتىدۇ.
ماننېرگېيم ئاخىرقى كېچەلىرىنى تامغاتاشتا ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەتىگەن سائەت 6 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىققانلىقىنى، تىك مۇزلۇقتا 4 سائەتلىك يولنى مىڭ بىر جاپادا بېسىىپ مۇزلۇقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇگر مۇزلۇقىدىن ئۆتكەنلىكىنى يازغان. (كولېسنىكوف، 2010:63).
مۇزارت يولىنى ئاسراش ئۈچۈن، تىك قىياغا بىر قانچە ئادەم تۇرالايدىغان لاي خىشتىن ياسالغان كىچىك بىر ئۆينى ياسىغان. بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەر كۈنى تىك يانتۇ مۇز ئۈستىدە پەلەمپەيلەرنى ئويۇش ۋە مۇز ئۈستىدە شەكىللەنگەن بەزى يېرىقلارنىڭ ئۈستىدە 2 مېتىر ئېگىزلىكتە تاش كۆۋرۈك ياساش ئىدى (كولېسنىكوف، 2010:63-64).
قەشقەردىن چىقىپ مۇزارت يولىدا 16-18 كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئىلىغا يېتىپ باراتتى. بۇ يولدا ماڭغان كىشىلەر يېمەكلىك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن چارچاپ، ھالسىراپ بەدىنىنى يۆتكىيەلمەي قازا قىلاتتى (كولېسنىكوف، 2010:64). مۇزارت ئىلى ئارىسى جاپالىق ۋە ئۇزۇن بۇلۇشى، چوڭ ئېھتىمالدا ئوزۇقلۇق تەمىنلەيدىغان يەرنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ ئاچلىقتىن ۋاپات تاپىدىغانلىقى چۈشىنىلمەكتە.
1.3 كېلىمات
تەتقىقاتچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋاسىنىڭ يازدا تولىمۇ ئىسسىق، قىشتا بەك سوغۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا كۈندۈزى 45 گرادۇسقا ئۆرلەپ، كېچىدە 15 گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ. قىش پەسلىدە بەزى جايلاردا تېمپېراتۇرنىڭ 35 گرادۇس چۈشكەنلىكى كۆرۈلگەن. يازدا تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى رايونلاردىمۇ قىش ئايلىرىدا كېچىدە 15-سېلسىيە گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيتتى. شەرقىي تۈركىستاندا ھۆل-يېغىن پۈتكۈل رايوندا ئاز بۇلۇپ، بەزى يىللاردا پەقەت بىر ياكى ئىككى قېتىم يامغۇر ياغىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ 55 گرادۇسقا يېتىدىغانلىقى كۆرۈلىدۇ (كولېسنىكوف، 2010: 64). قەشقەرنىڭ قىشتا ئىللىق ۋە قۇرغاق، قار-يامغۇر ئاز، يازدا سۆرۈن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
رايوننىڭ ئىقلىمى ناھايىتى قۇرغاق، يازدا ئىسسىق، قىش پەسلى نىسپەتەن ئىللىق. 1876-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، كۈز ئايلىرىدا يامغۇر ياغمىغان. قىش پەسلىدە گەرچە ئۈچ قېتىم قار ياغقان بولسىمۇ، ئەمما دەرھال ئېرىپ كەتكەن. 1877-يىلى ئەتىيازدا، گەرچە ئاسمان ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولسىمۇ، پەقەت بىر قېتىم يامغۇر ياغقان. ئەتىيازدا ئۈزۈلمەي چىققان شامال كۈن بويى پۈتۈن ئۇپۇقنى ئورىۋالىدۇ، پەقەت ئەڭ ئېگىز نۇقتىلاردا يوچۇق كۆرىنىدۇ (كولېسنىكوف، 2010:64-65).
باھار 2-ئايدا باشلىنىدۇ، كۈندۈزى ئىسسىق، كېچىدە ئۈششۈك بولىدىغان ئاي دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ياز پەسلى ئىسسىق ۋە قۇرغاق. ئاشلىقنىڭ كۆپىنچىسى پىشىشقا باشلايدىغان 6- ۋە 7-ئايلاردا يامغۇر ياغىدۇ. بۇ رايونلاردا كۈز ئادەتتە ئۇزۇن بولىدۇ. ئەمما، يامغۇر يېغىپ، تۇيۇقسىز قار ياغقاندىن كېيىن قىش باشلىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئىسسىقلىقى تۆت ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. (كولېسنىكوف، 2010:65)
شەرقىي تۈركىستان غەربتىن تاغلار بىلەن قورشالغان، شەرقى تۈزلەڭلىك. شۇڭلاشقا رايوندا قۇرغاق ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچلۈك شەرق شامىلى چىقىدۇ. بۇ رايوننىڭ شامىلى يازدا ئىسسىق، قىشتا سوغۇق ۋە كۈچلۈكتۇر (كولېسنىكوف، 2010:66). شەرقىي رايون قۇملۇق بولغاچقا، ئىسسىق ھاۋا شامال ئارقىلىق شەھەرلەرگە يەتكۈزۈلۈپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ.
1.4 يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۆزىگە خاس چۆل قۇرغاق رايونلاردا ئۆسىدىغان قومۇش بىلەن قاپلانغان. قۇرۇت ئۆسكەن تۇپراق يېشىل كۈلرەڭ رەڭگە كىرىدۇ. ئادەتتە، ئولتۇراق رايونلاردىكى ئۆسۈملۈكلەر توپ توپى شەكلىدىكى دەرەخلەردىن تەركىب تاپىدۇ. (كولېسنىكوف، 2010:71)
تامارىس دەرىخى ۋە تۈگرە دەرىخى بىر خىل تېرەك دەرىخى بولۇپ، قەشقەرنىڭ قۇملۇققا ئوخشاش رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. بۇ دەرەخلەر پەس تاغلاردا شۇنداقلا ۋادىلاردىكى سۇ قىرغاقلىرىدىمۇ ئۆسىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئىسسىقلىقى سەۋەبىدىن كىشىلەر ئېتىز، باغ ۋە سۇ بويىغا كۆچەت تىكىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلغان. كىشىلەر بۇ دەرەخلەرنىڭ سايىسىنى ئىشلىتىپ يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدا سايىدايدۇ. بۇ دەرەخلەردىن باشقا، بەزى جايلاردا قارا تېرەك، ئېھرام شەكىللىك تېرەك، تېرەك تۈرلىرى ۋە ئاق سۆگەت ئۆستۈرۈلگەن (كولېسنىكوف، 2010: 73). بۇندىن باشقا چىنار، جىگدە، ئاكاسيا، سۆگەت قاتارلىق ياغاچلارنىڭ ئۆسىشىگە ئىقلىمى ئۇيغۇندۇر.
1.5 دېھقانچىلىق
قەشقەرنىڭ يەرلىرى ئادەتتە قۇملۇق ۋە زەيلىككە ئوخشاش يەرلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ ئاز بىر قىسمىدىلا دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدۇ (يىلدىرىم، 2013:151). ئۇنىڭ بارلىق بوستانلىقلىرى قۇرۇق تۇپراق. بوش يەرلەر پەقەت چەت رايونلار ۋە تاغ ئېتىكىدىلا ئۇچرايدۇ (كولېسنىكوف، 2010:69)
روسىيە يازغۇچىسى بوگوياۋلېنسكىي بەرگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرى تەڭرى تاغلىرىغا، پامىر ۋە كۇنلۇن ئېتىكىگىچە سوزۇلغان. بۇ سايىنىڭ سىرتىدىكى جايلار چۆللۈكلەردىن تەركىب تاپقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ زىرائەت ئۆستۈرۈلگەن ۋە تىكىلگەن مۇنبەت يەرلىرى بوستانلىق شەكلىدە ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كورلا-تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچا، باي، ئاقسۇ، مارالبېشى، كاشغەر، يېڭىھىسار، ياركەنت، خوتەن ۋە كېرىيە رايونلىرى چوڭ بوستانلىق دەپ ئاتالغان (كولېسنىكوف، 2010: 69-70).
كىشىلەر ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بەزى دەرەخلەرنى تىكىش ئارقىلىق ياراتقان باغلاردا مېۋىلىك دەرەخلەرمۇ بار بولۇپ، ئۈجمە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئاق گىلاس، ئانار، ياڭاق ۋە ئالما (كولېسنىكوف، 2010:73) كۆكتاتلاردىن سامساق بەدىيان، قوغۇن، تاۋۇز ۋە كاۋا ئۆستۈرۈلگەن. تۈرك تىلى دىۋانىدا ئۈزۈم شاخلىرىنى باغلاشقا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى سۆگەت شېخىغا كاگى دېيىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن. بۇ ئۇچۇرلار ئۈزۈمزارلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (مەھمۇت كاشغەرى، 1985:373). دەريا بويلىرىدا سۇغىرىش شەكلىدە بۇغداي ، سۇلۇ، كۆممىقوناق، ماي ئۇرۇقى، پاختا، تاماكا، چاي، ئەپيۇن، ئارپا، گۈرۈچ، زىغىر، چامغۇر ۋە سەۋزە ئۆستۈرۈلگەن. ساياھەتچى كولىن فالكونېر قەشقەرگە قىلغان سەپىرىدە قوغۇن، سەۋزە ۋە يېسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ ئېشەك ھارۋىسىدا توشۇلغانلىقىغا شاھىت بولغان. (كولىن، 2001:147).
1.6 چارۋىچىلىق ۋە ئوۋ ھايۋانلىرى
رايوندا ھايۋانلاردىن يولۋاس، ياۋا توڭگۇز، كەركىدان بۇغىسى (مارال)، سەھرا بۆكەنلىرى ۋە ياۋا تۆگىلەر ياشايتتى.(كولېسنىكوف، 2010: 66) تۈرك تىلى دىۋانىدىكى بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئىسمى Ürüngkuş (Akdoğan)، قاراقۇش (Tavşancıla)، تۆگە قۇشى، يۈنقۇش (پاقلان)، ئىلقۇش (Atmaca) قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نامىدا تىلغا ئېلىنغان. بۇلاردىن باشقا، بۇ شەھەردە يىپەك قۇرتىمۇ يېتىشتۈرۈلگەن (ئارات، 1997: 406). ساياھەتچى كولىن فالكونېر قەشقەر بازىرىدا تۆگە، تىبەت كالىسى، ئات، ئېشەك ۋە ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە سېتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. (Falconer, 2001: 154-155) بۇلاردىن باشقا بۇ رايوندا ئات، كالا، توشقان، مۈشۈكئېيىق، كەركىدان، تۈلكە، بۆرە، چوشقا، دانىشمەن، ئۆردەك، غاز، باش، بۈركۈت قاتارلىق ياۋا ھايۋانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تىلغا ئېلىنغان (گېنكال، 2012: 166).
1.7 كانچىلىق
خىتاي مەنبەلىرىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە گۈڭگۈرت كۆپلەپ قېزىلماقتا. ئۇيغۇر تارىخچىسى ھاجى نۇرھاجى بەرگەن ئۇچۇرلاردا، كاشغەر شەھىرى چېگرىسى ئىچىدە ئالتۇن ۋە تۆمۈر كانىنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان (نۇرھاجى، 1993: 216).
1.8 قول ھۈنەرۋەنچىلىك
تۆمۈرچىلىك، ئاياغ، ئېگەر، ئات جابدۇقلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، گىلەم، كىگىز، سانائەت، ساپال بۇيۇملار ۋە ئائىلە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قەشقەردە چوڭ يۇڭ گىلەم، پاختا رەخت، پاختا كىيىم ۋە ئاياغ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.(گېنكال، 2012:147). ساياھەتچى كولىن فالكونېر قەشقەردە تۆمۈرچى، ناۋاي ۋە ساتىراچلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. (Falconer، 2001: 153)
1.9 سودا
يىپەك، يىپەك يولى ئارقىلىق غەربكە يېتىپ باراتتى. غەربتىكى ئاياللاردىن باشلاپ، ئاندىن ئىمپېرىيەدە ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئەرلەر ئىشلىتىشكە باشلىغان يىپەك خىتايدىن تەمىنلەنگەن. شۇڭلاشقا، يىپەكنىڭ غەربكە توشۇلۇشى قەشقەر شەھىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان.
قەشقەردە توپ سېتىش مېھمانساراي ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىدە، پارچە سېتىش بولسا دۇكانلاردا بۇلىدۇ. تىجارەت ماتېرىياللىرى قەشقەردە توپلىنىپ بۇ يەردىن چەتئەلگە چىقىرىلاتتى. قەشقەر خەلقئارا سودىنىڭ تارقىتىش مەركىزى بولغان (كولېسنىكوف، 2010: 75-76)
قەشقەر خىتاي، غەربىي تۈركىستان، ئافغانىستان ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىز تاغ ئېغىزىدىن توشۇشنى تەمىنلەيدىغان كارۋان لىنىيىسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان (ئارات، 1997: 406). بۇ شەھەر ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىن شەرقىي تۈركىستانغا تۇتىشىدىغان يول لىنىيىسىگە جايلاشقان. قەشقەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىدىكى تۇنجى سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. قەشقەرگە كېلىدىغان سودا بۇيۇملىرىنىڭ شىزاڭ، خىتاي ۋە جۇڭغارىيە قاتارلىق مۇھىم رايونلارغا تارقىتىلىشى بۇ يەردىن ئېلىپ بېرىلغان. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن سودا كارۋانلىرى بۇ يەرگە كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ-كېتىشىنى خالىمىسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانۇنىغا بەك ئارىلاشمىدى. نۇرغۇن ھايۋانلار قىرغىزلارنىڭ قولى بىلەن پەرغانە ۋادىسىدىن ئېلىپ كېلىندى ۋە بۇ يەردە سېتىلدى. قەشقەردە ھەر كۈنى 40،000 ھايۋاننىڭ سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەن (كولېسنىكوف، 2010: 76-77 ؛ ۋالىخانوف، 1985: 116).
قەشقەرگە ئەندىجانلىق (قوقەند، ئەندىجان، نامانگان ۋە تاشكەنت) سودىگەرلەر، بۇخارا، ئىران، ھىندىستان، كەشمىر، ئافغانىستان ۋە شىزاڭدىن كەلگەن سودىگەرلەر كېلەتتى. ئەندىجانلىقلار تۆمۈردىن ياسالغان ئەشيالار، كەڭ كىيىم، پولات، ھەر خىل پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە باسما قاتارلىق روسىيە ماللىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. بۇخارالىقلار دەنادار دېيىلگەن كىچىك قوزا تېرىلىرى، قارا ۋە كۈلرەڭ ئاستراخان تېرىسى، قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك، ئۈزۈم، يەر ياڭىقى ۋە ھەر خىل يىپەك بۇيۇملارنى ئېلىپ كېلەتتى. پارسلار ئەنگىلىيە باسمىسى، يىپەك رەخت ۋە گىلەم، ھىندىستانلىقلار چىپەرقۇت، نەقىشلىك يىپەك، كەشمىر شاللىرىنى ساتاتتى. تىبەتلەر ھەر خىل قۇش پەيلىرى ۋە ھەسەل ئېلىپ كېلىپ بازارغا سالدى. سودىگەرلەر ئادەتتە قەشقەردىن يېشىل چاي، خۇرۇم مەھسۇلاتلار، خىتايدىن كەلگەن يىپەك رەخت ۋە كۈمۈش قاتارلىقلارنى ئالدى. ئەنجانلىقلار سۈت ۋە تۇز بىلەن ئىچىلىدىغان ئالاھىدە چاي ئەكىتەتتى. بۇلاردىن باشقا، ئەندىجان ۋە بۇخارادىن كەلگەن سودىگەرلەر يەرلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىدىن تىمپاي دەپ ئاتىلىدىغان كۈلرەڭ ۋە قېنىق رەڭلىك پاختا رەخت، سىزىقلىق، قاتتىق ۋە چىداملىق رەخت ۋە يىپەك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ، غەربىي تۈركىستانغا ساتاتتى (كولېسنىكوف، 2010:77؛ ۋالىخانوف، 1985-يىل) قەشقەر خەلقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى كەندىر ۋە خام يىپەك ئىدى (ئارات، 1997: 406).
قەشقەردە ھېيتگاھ ۋە چارسۇدىن ئىبارەت ئىككى بازار رايونى بار ئىدى. بۇ بازارلار ئىچىدە ھېيتگاھ مەركىزىي مەسچىتنىڭ ئالدىدا، چارسۇ كونا شەھەردە قۇرۇلغان (كولېسنىكوف، 2010: 77 ۋەلىخانوف، 1985: 116).
قەشقەر شەھىرىنىڭ يىپەك يولى لىنىيىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىيكى، سودا كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم قىلىدىغان تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودا جەھەتتىكى مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى (ئارات، 1997:406). قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنگەن تاۋارلار ئۈزۈم، كۆك ياقۇت ۋە قاشتېشى قاتارلىق قىممەتلىك سودا بۇيۇملىرى بىلەن، ئىراندا ياڭاق، خورما ۋە ئەينەك قاتارلىقلار بىلەن تېگىشىلەتتى. (Falconer, 2001:176)
1.10 مېھمانسارايلار
مېھمانسارايلار ئادەتتە ۋەخپە مېلىدۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار خەير-ساخاۋەتچىلەر تەرىپىدىن ياسالغان ۋە دىنىي ئورگانلارنى قوللاشقا بېغىشلانغان قۇرۇلمىلاردۇر. بۇ قۇرۇلمىلارنى ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچى ھەيئىتى باشقۇرۇپ، ئىجارە ئالماقچى بولغانلارغا ئىجارىگە بېرەتتى. ئىجارە ئالغان كىشىلەر «سايرامانلار» دەپ ئاتالغان. بۇلار بىۋاسىتە ساراي باشلىقلىرىغا ئايلىناتتى. (كولېسنىكوف، 2010:62) مېھمانساراي سىرتىدا مەسچىت، مەدرىسە ۋە دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئالپ ئاتا ھاجە ۋە ئىمام جاڧەر تاييار ۋەخپىلىرى مىسال بولالايدۇ (گېنكال، 2012: 129-130).
مېھمانخانىلارنىڭ پەقەت بىرلا كىرىش ئېغىزى بار بۇلۇپ، ئىچىدە ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى ھويلا بار. راۋاق بار دۇكانلار ھويلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ئاتلار ئۈچۈن ئېغىل قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان چوڭقۇر ئورەك بار. ئادەتتە، مېھمانسارايدا چەتئەللىك سودىگەرلەر تۇرىدۇ.يەرلىك سودىگەرلەردىن ئۇ يەردە دۇكىنى بارلار بۇ يەردە ئاندا-ساندا قونۇپ قالىدۇ. (كولېسنىكوف، 2010:62)
قەشقەردە 8 مېھمانساراي بار ئىدى. ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ئەندىجان كارۋانسارىيى ئىدى. بۇ بىنا مەركەزگە سېلىنغان بولۇپ، ئىچىدە قوقەند تاموژنا ئىشخانىسى بار ئىدى. بۇ مېھمانساراينى ئادەتتە شەھرىسەبزلىق، مېرگلانلىق ۋە ئافغانىستانلىق سودىگەرلەر ئىشلىتەتتى. باشقا مېھمانسارايلار ئۈستى يېپىق كوچىدا ياسالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرى Uratyupi، Yarkent، Aksu ۋە يەھۇدىي كارۋانسارايلىرى ئىدى. (كولېسنىكوف، 2010:78) (ۋەلىخانوف، 1985-يىل III: 116)
ساياھەتچى كولىن فالكونېر قەشقەر ئەتراپىدىكى لاي خىشتىن ياسالغان كارۋانسارايدا قونغان. ئۇ بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ چۆللۈكتە سودىگەرلەرنى باندىتلاردىن قوغداش ئۈچۈن ياسالغانلىقىنى بايان قىلدى. كارۋانساراينىڭ سىرتقا قارىغان ھېچبىر دېرىزىسى بولمىغاچقا، پەقەت ھەر قانداق ھۇجۇم جەريانىدا قوغدىنىش مەقسەتلىك ئوق ئېتىش ئۈچۈن نېپىز يېرىقلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. (Falconer, 2001: 156-157)
1.11 باشقا ئىمارەتلەر
شەھەردە ھەر خىل دەۋرلەردىن قالغان نۇرغۇن مەسچىت ۋە مەدرىسلەر بار. بۇلار خانلىق مەدرىسەسى، ھېيتگاھ مەدرىسەسى، ئوردا-ئالتى (ساراي ئالدى) مەدرىسەسى، ۋانلىك مەدرىسەسى، چارسۇ مەدرىسى ۋە مېۋە-چېۋە بازىرى مەدرىسىلىرىدۇر. بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ جامەلىرى ھېيتگاھ ۋە ئازىنا جامەلىرىدۇر. بۇلاردىن باشقا، سېپىل سىرتىدىكى سەييىد جەلالەددىن باغدادى، ھەزرەت سۇلتان جامەلىرى رايوندىكى مۇھىم مەسچىتلەرنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا، شەھەرگە ماشىنا بىلەن 10 مىنۇت يىراقلىقتا بولغان يەردە ئاپپاق خوجا مەقبەرىسى بار. (ئارات، 1977:406)
ئاپپاق خوجا قەبرىسىنىڭ يېنىغا ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن بىر مەدرىس، كىچىك مەسچىت ۋە ئاسما ياسالغان. ئاپپاق خوجا مەقبەرىسى، بۈۋى مەريەم مەقبەرىسى ۋە جەنۇبتىكى ساتۇق بۇخرا خان مەقبەرىسى بىلەن شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قۇتبۇل ئالەم ۋە قۇتبۇددىن خوجا مەقبەرىسى، مەسچىت ۋە مەدرىسلەر ئوخشاش ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن رېمونت قىلىنغان.
خۇلاسە
تارىخىي يىپەك يولىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان رايونى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ رايونغا ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى ئىزچىل ئويغىتىپ كەلدى. بۇ سەۋەبتىن، بۇ رايون بەزىدە بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، بەزىدە بۇ يەردە يېڭى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول ئاچتى. بۇ رايوننىڭ تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىشى كۈلتۈر جەھەتتىن تەسىرلىنىشكە ئېلىپ بارغان. ئۇ ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا قەشقەر نامىنىڭ سرىكرىتاتى، چىياشا، سۇلى، خۇاشا، كاجگار، كاشگار، كاشىغەر ۋە قەشقەر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ شەھەر ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، قاراخانىيلار، چىڭگىز، چاغاتاي خانلىقى، موغۇل خانلىقى، ياركەنت خانلىقى ۋە خوجالار ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. خوجالار دەۋرىدىن كېيىن، 1759-يىلى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئىشغال قىلدى. كېيىن ياقۇپ بەگ زامانى ۋە 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنجى چارىكىدە گەرچە ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايلار بۇ رايوننى تەكرار ئىشغال قىلدى.
قەشقەر شەھرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئۇنىڭ مانى دىنى، بۇددا دىنى ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ كۈلتۈرەل تەسىرىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ئەھۋال بىناكارلىق ساھەسىدە ئۆزىنى نامايان قىلدى. قەشقەر شەھىرىدە قەدىمكى دىنلارغا مەنسۇپ بولغان بىناكارلىق ئەسەرلىرى بولمىسىمۇ، ئىسلام دەۋرىگە تەۋە نۇرغۇن بىناكارلىق ئەسەرلىرى ئۇچرايدۇ.
قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتاي، روسىيە، ھىندىستان، موڭغۇلىيە ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ ئۈچبۇلۇڭىغا جايلاشقانلىقى ئۇنى توپ سېتىش مەركىزىگە ئايلاندۇردى. قەشقەرنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، كانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
مەنبە: Doğu Türkistan şehirlerinden tarihi Kaşgar şehri (تۈركىيە بىنگۆل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ژورنىلى 2020-يىلى 10-سان)