You Are Here: Home » مەدەنىيەت بوستانى » تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىنى سېغىنىش

تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىنى سېغىنىش

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن

دۇنيادا ئىككى خىل ئىنسان ئەڭ بەختسىزدۇر! بىرى مىللىتىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى ۋە ئەڭ مۇقەددەس دۆلەت بايرىمى يوق ئىنسان! يەنە بىرى ئاتا-ئانىسى يېنىدا يوق، يېتىم ئىنسان! قالغان بەختلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق گۈلدۈرمامىدا چېقىلغان بىر چاقماقتىنلا ئىبارەت خالاس!

قەدىرلىك دادىسىنى، قەدىرلىك ئانىسىنى سېغىنىش ئادەم 100 ياشقا كىرگەندىمۇ داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ھېسسياتتۇر ! بەلكى دۇنيا ئەنە شۇ ھېسسىيات بىلەنلا داۋاملىشىدۇ! چۈنكى دادىسىنى، ئانىسىنى ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىك ئىنسانلارمۇ،قەھرىمانلارمۇ، پادىشاھ، ۋەزىرلەرمۇ، پرېزىدېنت- گېنېراللارمۇ شۇنىڭدەك خائىنلارمۇ، ساتقۇنلارمۇ، جاللاتلارمۇ سېغىنىدۇ!

بۈگۈن دادام ۋە ئانامنى سېغىندىم! چۈنكى بۈگۈن مەن ئۇلاردىن ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاپىرىدە بولغان كۈن ئىدى. بۈگۈن ، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مەن ئانامنىڭ قورسىقىدا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئوزۇقلىنىپ، تەڭ ئۇسساپ، تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلاپ، تەڭ شاتلىنىپ ئاخىرى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنۈم، يەنى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى.

18 يېشىمدا مېنى مېھرىبان ئانام ۋە قەيسەر دادام كىچىككىنە ئۇچتۇرپاندىن يىراق بېيجىڭغا ئوقۇشقا ئۇزۇتۇپ قويغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك ، قانىتى بوغۇشلانمىغان قۇش بولدۇم. ئانام ھېچقاچان ماڭا قانمىدى! ئانام ئاخىرى مېنى موسكۋاغا ئۇزاتتى، ئاخىرى يەنە ۋاشىنگىتونغا ئۇزاتتى. ئانام شۇنداق دېگەن ئىدى: «ئوغلۇم سەن دۇنيانىڭ ئەركىن يەرلىرىدە ياشا! ئەركىن ئۇچ! سەن مېنىڭ يېنىمدا تۇرساڭ مەلئۇنلار ساڭا چوقۇم بىر كۈنى قول ئۇزارتىدۇ»!. مەن بۇ سۆزلەرنى دەسلەپتە چۈشەنمەپتىكەنمەن، كېيىن چۈشەندىم، بولۇپمۇ ھازىر چۈشەندىم. دادام شۇنداق دېگەن ئىدى: « ئىنىڭنى سەن بىزگە قالدۇرۇپ يامان قىلدىڭ، سەن ئۇنى ئاخىرى ئىشسىز دوكتور قىلدىڭ».

ئانام ۋە دادام ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ماڭا يىراق قىرلاردىن تېلېفون قىلىپ تەبىرىكلەيتتى! ۋە «تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!» دەيتتى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە!. ئەسلىدە مەن ئۇلارنى تەبرىكلىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلار مەندىن بۇرۇن تەبرىكلىۋالاتتى. مانا ئەمدى كۆپ يىللار بولدى. ئۇلار يوق ، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىمايمەن! مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى پەقەت مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئايالىم، بالىلىرىملا بىلىدۇ. ئۇلار ئەڭ چوڭقۇر ھېسياتلاردا تەبرىكلەيدۇ، دوستلىرىم بولسا چاقىرسام كېلىپ تەبرىكلەيدۇ بولمىسا ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارغىمۇ رەخمەت!

مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاتىلار ھەققىدە يازدىم، نۇرغۇن ئانىلارنى ماختىدىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭكىنى ماختاپ باقماپتىكەنمەن، ئازراق بولسىمۇ ئۇلارنى ئەسلەي ئەمدى!

دادام تۇرسۇن بارات، قەشقەر پەيزىۋاتلىق. دادامنىڭ يازغان 400 يىللىق ئائىلە نەسەپنامىسىگە قارىغاندا دادامنىڭ ئەجدادى سەئىدىيە خاندانلىقىدا ئوردا كاتىپلىقى بىلەن شۇغۇللانغان كىشى ئىكەن، دادىسى، يەنى بوۋام باراتاخۇن موللام ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان چوڭ خەلپەت كىشى ئىدى. بىراق دادامنى بوۋام قەشقەرنىڭ مەدرىسىسىگە ئەمەس، پەننى مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ ئوقۇتقانىكەن. دادام 1956-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى، ئارقىدىن «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» نى پۈتتۈرۈپ، ئۆمۈر بويى ئوقۇتقۇچى ۋە كادىر بولۇپ ئىشلىدى. لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئۇيغۇر تارىخى، تەزكىرىسى، قەھرىمانلارنىڭ شەجەرىسىنى ئۆگىنىش، يېزىش بىلەن ئۆتتى! بۇ دەل ماڭا قالغان ئۇدۇم ئىدى. دادام مېنى شۇ روھتا تەربىيەلىگەنىدى. دادام 1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار مەكتىپىدىن پېنسىيەگە چىقىپ، 2017-يىلى 80 يېشىدا ۋاپات بولدى.

ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىم 1942-يىلى ئۇچتۇرپاندا تۇغۇلغان. ئانامنىڭ دادىسى، يەنى بوۋام قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان ئابدۇرېھىم داموللام دەپ ئاتالغان كىشى، بەشكېرەملىك ئىدى. لېكىن ئۇ 18 يېشىدا قەشقەردىن ئەنجانغا كېتىپ، چوڭ سودىگەرگە ئايلىنىپ، موسكۋا، پېتېربۇرگ، تاشكەنت، پىشپەك، قاراقوللاردا سودا قىلىپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرىدا قاراقول، يەنى پرژىۋالسكي شەھىرىگە ئورۇنلىشىپ شۇ يەردە مومام بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1929-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى چوڭ -كۇلاك دەپ تۇتۇش ئالدىدا بىر رۇس ئاغىنىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن باشقا 5 قەينىىسىنى ئېلىپ غۇلجىغا قېچىپ كەلگەن. بوۋام ئابدۇكېرىم ئابباسوفونىڭ دادىسى ھاشىم ئاقساقالنىڭ يېقىن دوستى ئىدى! ئارقىدىن مومام ۋە باشقا چوڭ تاغىلىرىم، ھامماملار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئۇچتۇرپانغا قېچىپ كەلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئانام ئۇچتۇرپانلىق بولۇپ قالغان، شۇ قېتىم مومامنىڭ موسكۋادىكى فرۇنزې ھەربىي ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇۋاتقان ئىنىسىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە قېچىپ كەلگەن. بۇ كىشى 1942-يىلى شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى خىتاي جاللاتلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ھاممامنىڭ ئېرى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئىنىسى ئارتۇق ئابباس، يەنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچقۇنى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى تارمىقىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ 1945-يىلى 18-سېنتەبىردە ئىنىسى سېيىت ئابباس ۋە باشقا 14 ئادەم بىلەن بىرگە خىتاي گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

بوۋام ئۆزى داموللا بولغىنى بىلەن ئىلغار پەننىي ئىدىيەدىكى ئادەم ئىدى. بوۋامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئانام 1958-1961-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئالى تېخىنىكومىدا ئوقۇغان ۋە بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتكەن. مەرھۇمە ئانام كەسپىي ئوقۇتقۇچى ئىدى.ئۇنىڭ ئوقىمىغان كىتابلىرى يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىملا ئۆزى ئوقۇغان كىتابلاردىكى ۋەقەلەرنى، قەھرىمانلارنى سۆزلەپ بېرەتتى. قىسقىسى بىرىنچى ساۋاتىمنى ئانام ئۆزى چىقارغانىدى. ئانام 2013-يىلى ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتى!

ئائىلىمىز پۇلنىڭ گېپى، بايۋەتچىلىكنىڭ گېپى، مال-دۇنيانىڭ گېپى بولمايدىغان، پەقەت پۈتۈن بىر كىچىك يىغىن زالى ۋە دەرسخانا ئىدى. بۇ ئۆيدە ئەدەبىيات، تارىخ، مەشھۇر شەخسلەر، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىلا سۆز بولاتتى. دېمەك، بىز مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۆسكەنىدۇق. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە ، ئانامنىڭ بىۋاسىتە تەربىيەسى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشلىرى، دادامنىڭ كۈچلۈك تەربىيەسى ئاستىدا 1990-2002-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلقىدە تېخى دوكتورلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقمىغان ۋاقىتتا دادام ۋە ئانام ئىككى ئوغلىنى، يەنى مېنى موسكۋادىكى س س سر ،يەنى كېينىكى رۇسيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە، مەرھۇم ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە دوكتور قىلىپ تەربىيەلىگەنىدى. باشقىلار ئوغۇللىرىنىڭ باي سودىگەرلەر، چوڭ ئەمەلدارلار بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسە، ئۇلار ئىككى ئوغلىنىڭ ئىلىم ئەھلى، بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان، يەنە بىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئوغۇللار بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى.

مەن دادامنىڭ قورچاق ئەمەلدار بولمىغانلىقىدىن ۋە قايسىبىر خىتاي ياكى مۇئاۋىن غالچى باشلىقنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ تۇرۇشنى نومۇس بىلىدىغان، ئەمما ئەڭ يوقسۇل بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ سالام بېرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىدىن پەخرلىنەتتىم. مەن ، ئانامنىڭ ئۆزىنىڭ تايانچىسى بولىدىغان مەن چوڭ ئوغلىغا قانماي تۇرۇپمۇ مېنى يىراقلارغا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇزۇتۇش، تاللىغان يولۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھەردائىم ئىلھام بېرىش ئىرادىسىدىن چەكسىز سۆيۈنەتتىم.

بۈگۈن، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مەن دادامنى ۋە ئانامنى ئەڭ سېغىندىم! ئۇلار بولمىغان بولسا مەن بولمايتتىم ! ئۇلار بولمىغان بولسا، ئۇلار مېنى ئەنە شۇ ئىرادە بىلەن تەربىيەلىمىگەن بولسا مەن بۈگۈن« 13 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نى يازمىغان بولار ئىدىم! لېكىن مەن يەنىلا ئىلھامبەخش كۈچلەرگە مۇھتاجمەن! بۇ ئىلھامنى مەن ئاللادىن تىلەيمەن! بۇ ئىلھامنى مەن ، مەن ئۈچۈن پادىشاھلاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇندىكى دادام ۋە ئانامدىن تىلەيمەن!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top