«ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئاقارتىش ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
18-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئاقارتىش ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. تور سۆھبەت يىغىنىغا ۋەتىنى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن 8 نەپەر تەتقىقاتچى قاتناشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش غايە-مەقسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قوپۇپ ئۆتتى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش غايە-مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ۋەتەن سىرتىدا يېتىشكەن ئۇيغۇر ئاكادېمىكلىرىنى، زىيالىيلىرىنى شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى بولىدىغان ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇش ۋە تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئىلمىي خادىملىرىنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر-ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش، ۋەتەن ئىچىدە ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت».
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان 2009-يىلىدىن بۇيان ئىلىمىي ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تور سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان سۆز قىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تارىخى جەرىيانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئابدۇلھەمىد قاراخان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2009-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا، ياپونىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە ئەللەردە 7 شۆبىسى قۇرۇلغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 160 دىن ئارتۇق ئەزاسى بارلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، قۇتادغۇ بىلىك ئىنستىتۇتى، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى، قاتارلىق ئۈچ تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلھەمىد قاراخان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە تەتقىقات، تەشۋىقات، دوكلات تەييارلاش، تەرجىمە خىزمەتلىرى ۋە لوبىيچىلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا زىيالىيلارنىڭ تۇتقان رولى نېمە؟ دېگەن سوئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى شۇ مىللەتكە ھەر قايسى جەھەتتىن يېتەكچى بولۇپ مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ياكى بولمىسا كرىزىس يۈز بەرگەن ۋاقىتتا شۇ كرىزىستىن قانداق قۇتۇلۇش توغرىسىدا باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ، شۇ جەھەتتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بەزىلىرى شۇنى بىر مەجبۇرىيەت قاتارىدا ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ بەزى زىيالىيلار جىمجىتلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن زىيالىيلارنىڭ، مەيلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە بولسۇن، مەيلى باشقا بىر تەشكىلاتلارغا بولسۇن ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىستىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن باشلامچىلىق رولى ئوينىشنى ئۈمىد قىلىمەن».
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت پىكىر بايان قىلىپ زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى توغرىسىدا توختالدى، ئۇ سۆزىدە زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتە خەلققە يېتەكچىلىك رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى، خەلققە توغرىنى تونۇشتۇرۇش، يورۇتۇپ بېرىش، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى قېزىش، مىللىي كىملىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش دېگەنگە ئوخشاش ۋەزىپىلىرى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەزىپىسى مەيلى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن ۋە ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن خىتاينىڭ پۈتۈن سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ تاشلاش، ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى. يەنە بىر ۋەزىپىسى بولسا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختا ياراتقان مىللىي مەدەنىيەت قىممەتلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ خەلققە تونۇشتۇرۇش، خەلقنى جەمئىيەتتە توغرا يېتەكلەشتىن ئىبارەت ناھايىتى ئېغىر مۇشەققەتلىك ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىيالىيلىرىغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ زىيالىيلىرىغا ئىگە چىقىشى، زىيالىيلارنى قوغدىشى، زىيالىيلارنى ئەسكەر ئورنىدا ئەمەس، پىكىر ئىشلىگۈچى، نۇر چاچقۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى، بۇلارنى ئەسكەر ئورنىدا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زىيالىيلاردىن كۈتۈۋالغان ئۈمىد بەك كۆپ، خۇددى زىيالىيلار بېرىپ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىپ ۋەتەننى قۇتقۇزىدىغاندەك ياكى ھەممە ئىشنى زىيالىيلار قىلىپ بېرىدىغاندەك زىيالىيلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى بەك چوڭ، لېكىن خەلقىمىز شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى باشقا زىيالىيلارغا قارىغاندا 2-3-ھەسسە ئېغىر دەپ قارايمەن، زىيالىيلار ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ، يەنە يەنە ۋەتەننىڭ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلققە مېنىڭ دەيدىغىنىم، خەلق ئۆزىنىڭ زىيالىيلىرىنى قوغداشنى بىلىشى، ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى بىلىشى شۇنداقلا ئۇلارنى قۇربان قىلىۋەتمەسلىكنى ئۆگىنىش كېرەك دەپ قارايمەن».
تور سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى دوكتۇر مەمەتئىمىن ئابباس ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە زىيالىيلار قانداق رول ئوينىدى دېگەن تېمىدا توختىلىپ، مىللىي كۈرەشنىڭ ھەر خىل يوللىرى بولىدىغانلىقىنى، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشنىڭمۇ خىتايغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىرقىسمى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە سەۋىيەلىك بىر ياشلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنىمۇ كۈرەشنىڭ بىرقىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تور يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئىتتىپاقلىق بىلەن پىكىر ئوخشاشماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە: «ئۇيغۇرلاردا ئوخشىمىغان بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىمىزگە قارشى چىقىۋاتقاندەك چۈشىنىپ قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، بىرلىك چۈشەنچىسى بىلەن پىكىر پەرقلىقىنىڭ ئىختىلاپى يوق، پىكىردىكى پەرقلىق ئارقىلىق دۇنيا قاراشنىڭ كېڭىيىدىغانلىقىنى، ئىتتىپاقلىقنى ئالاھىدە كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان ۋاقىتتا بىز پىكىر پەرقلىقنى ئىنكار قىلماسلىقىمىز كېرەك. مەيلى ئوخشىمىغان زىيالىيلار ئارىسىدا بولسۇن، مەيلى زىيالىيلار بىلەن خەلق ئارىسىدا بولسۇن، مەيلى زىيالىيلار بىلەن دىنى زاتلار ئارىسىدا بولسۇن، بۇلاردىكى ئەڭ چوڭ ئايرىمىچىلىقنىڭ سەۋەبى پىكرى جەھەتتىكى پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلماسلىق. ئوخشىمىغان پىكىر چۈشكەن ۋاقىتتا ئۇنى ئۆزىگە قارشى چىقىۋاتقاندەك، ئىنكار قىلىۋاتقاندەك ھېسابلاپ، بۇلارغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتۇش بىزنىڭ بىرلىكىمىزگە ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلە دەپ قارايمەن»، دېدى.
دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن بىرلىكتە، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭمۇ پەرقلىق پىكىر قىلىدىغانلىقىنى نورمال بىر ھادىسە دەپ قوبۇل قىلىش، زىيالىيلار بىلەن زىيالىيلار ئارىسىدا، زىيالىيلار بىلەن خەلق ئارىسىدا، زىيالىيلار بىلەن دىنى ئالىملار ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق ئورتاق نۇقتا تېپىشنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئوخشاش بولمىغان پىكىر-قاراشلار بىلەنمۇ ئوخشاش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى نورمال بىر ھادىسە دەپ قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خەۋىرى، تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلىنىشتىن ئاڭلىيالايسىز: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tor-yighini-04182022162300.html