You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئىستانبۇلدا «ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تەھدىت: خىتاي كېڭەيمىچىلىكى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا «ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تەھدىت: خىتاي كېڭەيمىچىلىكى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

4-ئىيۇن شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈرك ئوجاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ يىغىن زالىدا، «ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تەھدىت: خىتاي كېڭەيمىچىلىكى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلق ئاممىسىغا كەڭ-كۆلەملىك ئاڭلىتىش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ۋە ئاخباراتلاردا كۆپلەپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنشۇناسلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. يىغىنغا تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى تۈركلەر، زىيالىيلار، پائالىيەتچىلەر ۋە بىرقىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا پروفېسسور مۇستافا دەلىجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلىرى»، دوتسېنت دوكتۇر ئالىي چاقسۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر»، دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ساقچى ئارخىپىدىن ئاشكارىلانغان قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار ھۆججەتلەر»، ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

يىغىندا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئاساسىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەنى ئاساس قىلغان سىياسىتىدە، نوپۇسنى تىزگىنلەش، مىللىي مەدەنىيەتنى يوق قىلىش، مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مونوپول قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق يوقىتىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. يەنى بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيانە قىلمىشلار خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر».

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېتنوگرافى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇسنى تىزگىنلەش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېھنى خاراكتېرلىك چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگەرتىشنى نىشانلىغان مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى باستۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى ھۆكۈمران قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. دىنى ئىبادەتلەرگە چەكلىمە قويۇپ، مىللىي كىملىك ئېڭىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتېئىزمنى ئاساس قىلغان دىن سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتى دېگەنگە ئوخشاش سىستېمىلىق بىر تۇتاش سىياسەتلەر، ئىجتىمائىي لايىھە ۋە تەشكىلى ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر مۇنداق دېدى: «مەن تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىمدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتۈم ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئۆگەندىم، ۋىجدانىم مېنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە چاقىردى، مەن بۇ سەۋەپتىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق شاھىدلىرى» ناملىق كىتاب يازدىم. دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ بىز مەيلى تۈرك ياكى مۇسۇلمان بولايلى، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خىتايغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. قىلىۋاتقان ئىشىمىزدا جىددىي بولۇشىمىز، ئىشنى قىلغاندەك ئەمەس، ھەقىقىي ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر. ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىمىز قالمىدى.

دوكتۇر ئالىي چاقسۇ، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر»، دېگەن تېمىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بەش ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بەش ماددىنىڭ بىرى ئىسپاتلانسا قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بىر خەلقنىڭ رەھبەرلىرىنى، ياكى ئالىملىرىنى ۋە ياكى زىيالىيلىرىنى ئۆلتۈرۈش، قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلەر، ئەدەبىياتچىلار، سەنئەتچىلەر، دىنى ئۆلىمالار نۇقتىلىق كىشىلەرگە ئايلانغان بولۇپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلاش، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى چەكلەشمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.

سودىگەر بايلارنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. ئورگان ئەتكەسچىلىك تىجارىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، بىر خەلقنىڭ كىشىلىرى جىسمانىي ۋە ياكى روھى جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ھەم جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، يەنى بۇ خىل قىلمىشلارمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پاكىتىدۇر. تاياق يېيىش، قىيىن-قىستاققا ئۇچراش، باسقۇنچىلىق، ئائىلىلەرنى پارچىلىۋېتىش، تۇغۇت چەكلەش. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن ئۇچرىشالماسلىقى، تېلېفون ئالاقە قىلالماسلىقىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە پەقەت ۋەتەن ئىچىدىكىلەرلا ئەمەس بەلكى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا».

دوكتۇر ئالىي چاقسۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە ئاخباراتلاردا كۆپلەپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم سۆزىدە، خىتاينىڭ ساقچى ئارخىۋى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولۇپ ھەممە كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىغا سولانغانلىقىنى رەسىملەر بىلەن كۆرسەتتى، بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلارنىڭ ئەنگلىيە خەۋەر ئاگېنتىلىقى تەرىپىدىن ئاشكارلانغانلىقىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، ئەمما تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ ئويۇنلىرىغا ئالدىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھەر يەردە مۇھىم كىشىلەرگە قارىتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رىياسەتچى پروفېسسور دوكتۇر مۇستافا دەلىجان ئەپەندى يىغىن ئاخىرىدا يىغىننى خۇلاسىلىدى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالنى قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەزىيەتتىن ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە چىقىرىشى كېرەك. دۇنيادا ‹خەلقئارالىق ئەمگەك تەشكىلاتى› دېگەن نامدا بىر تەشكىلات بار بولۇپ، ئۇلار قۇللۇق ئەمگەككە سېلىنغان ئىشچىلار ۋە ئىشقا سالغۇچىلار توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئوخشىمىغان سالاھىيەت بىلەن ئىشچىلار ۋە ئىشقا سالغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى بۇ مەسىلىنى خەلقئارا ئىشلەش تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ پروگراممىلار ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەك.

بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئومۇمىي خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇماتى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، بۇ جەھەتتە كەڭ-كۆلەملىك تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى بويىچە بۇ مەسىلىسىنى ئاخباراتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ۋە ئاڭ چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن باشتىن ئاخىرى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز ۋە خەلقئارا قانۇنشۇناسلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك».

ئەسكەرتىش: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋىرى ئاساسىدا مەزمۇنلار تولۇقلاندى، تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xitay-tehdit-06062022165551.html

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top