You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » 4-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

4-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل فاتىھتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى يىغىن زالىدا 4-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ تەشكىللىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدا تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق، لوبىچىلىق ھەرىكىتى ۋە ياشلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە ئۆز ئارا تەجرىبە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

يىغىنغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر داۋاسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان جامائەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلار بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يېپىق شەكىلدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە مەخسۇس توختالدى.

يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەشكىلات مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق، لوبىچىلىق ھەرىكىتى ۋە ياشلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىلدى ۋە يۇقارقى تېمىلاردا ئەمەلىي ھەرىكەت پىلانى تۈزۈلۈپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ قىلالايدىغان ئىشلاردا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە ھەم پىكىر ھاسىل قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىمۇ كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەت ۋە تەشكىلاتچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تەسىرىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبە ۋە ئىلمىي جۇغلانمىسىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top