ئەنقەرەدە «خىتاي كومىنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپىرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 30-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئەنقەرەدە پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار، ئاكادېمىكلار، يازغۇچىلار ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 60 كە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن « خىتاي كومىنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپىرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا،ھاجەتتەپە ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاي كومىنىست پارتىيەسى باندىتباشى ماۋ زېدوڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا قارشى سىياسەتلىرى» توغرىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «يېڭى خىتاي ئىمپىرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا، يىلتىز تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەلى چاكسۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دىگەن تېمىدا دوكلات بەردى.
ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىن ئاخىرىدا سوئال-جاۋابلار بىلەن ئاخىرلاشتى. پارلامېنت ئەزالىرى ، تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسى پارتىيە ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەركىب تاپقان يىغىنغا قاتناشقانلار فاشىست شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 101 ياشلىق خىتاي كومىنىست پارتىيە باشقۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ يالغۇز تۈرك مىللەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەھدىد بولىۋاتقانلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېزدىن مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!
خىتاي كومىنىست پارتىيەسى بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختات!
خىتاي كومىنىست پارتىيەسى ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىن چىقىپ كەت!
خىتاي كومىنىست پارتىيەسى گۇمران بولىشى كېرەك!
فاشىست شى جىنپىڭ تەختىڭدىن چۈشۈپ كەت!
فاشىست شى جىنپىڭ ، فاشىست خىتاي!