You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «بالىلىق» دەۋرىم ئىجادىيەتلىرىمنى قايتا كۆرگىنىمدە

«بالىلىق» دەۋرىم ئىجادىيەتلىرىمنى قايتا كۆرگىنىمدە

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

مەن ئالدى بىلەن ئالمۇتادىكى ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ئاۋۇت مەسىموف ئاكىنىڭ « بالىلىق» دەۋرىمگە تەۋە بىر ئەسىرىمنى تېپىپ چىقىپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن سۆزۈمنى باشلاي!

ئاۋۇت ئاكا 1980-يىللاردا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىمدا، يەنى 1981-1985-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر (ئىنستىتۇتى) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا، يەنى «بالىلىق» دەۋرىمدە يازغان تارىخى رومانىم-« قانغا بويالغان تاغ» نىڭ 2-بابىنىڭ « ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 94-يىللىرىدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان پارچىلىرىنى بۈگۈن قايتىدىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلدى.

ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە «يەتتە قىزلىرىم» ھەققىدىكى بۇ رومانىم مېنىڭ قەلىمىمنىڭ بىرىنچى قەدەملىرى ئىدى. كىچىكىمدىن دادام-ئانامدىن تولا ئاڭلىغان ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە يەتتە قىزلىرىم ھېكايىلىرى ماڭا ئوتتۇرا مەكتەپتىلا بۇلار ھەققىدە رومان يازىمەن دەيدىغان بىر تۇيغۇ ۋە ئىرادىنى ئاتا قىلغانىدى. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرىمدە ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى ئاشۇ مۆلچەرتاغقا ھەر چىققىنىمدا، توققۇز بۇلاق سۇلىرىنى ھەر ئىچكىنىمدە، ئاقتوقايدىكى ئاشۇ يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىگە ھەر قېتىم بارغىنىمدا قانداقتۇر بىر تۇيغۇ مېنى ئويغا سالاتتى، ھاياجانلاندۇراتتى ۋە سوئاللارغا چۆمدۈرەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دادام –ئانام رەھمەتلىكلەر جاۋاب بېرەتتى. بۇ جاۋابلار مېنى تارىخ قوينىغا، قەھرىمانلارنى سېغىنىش ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاش روھىغا باشلايتتى!

1981-يىلى ئالىي مەكتەپكە كىرگەن بىرىنچى يىلىلا « قانغا بويالغان تاغ» نى يېزىشقا باشلىغانىدىم. ئاخىرى،1985-يىلى» ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ 2-سانىدا بۇ روماننىڭ بىر بابى -« قانلىق كېچە» ئېلان قىلىندى. ئۇلۇغ ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1984-يىلى ئۇچتۇرپانغا كەلگەندە بىزنىڭ ئۆيدە مېھماندا بولدى ۋە دادام ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ھەممە پائالىيەتلىرىدە يېقىن ئۇكا دوستىلىق سۈپىتىدە بىرگە بولدى. ئۆتكۈر ئەپەندى ئەنە شۇ چاغدا مەندەك بىر «بالىنىڭ» تارىخىي رومانى- «قانغا بويالغان تاغ» نىڭ بىرقانچە بابىنى زېرىكمەي ئوقۇپ چىققان ۋە دادامنى «ئوغلۇڭدا ئۈمىد بار ئىكەن» دەپ ھاياجانلاندۇرغان ھەم روماننى « ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دىكىلەرگە تەۋسىيە قىلغانىكەن.

ئەپسۇسكى، 1985-1990-يىللىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئىشلەش ۋە ئاسپىرانت بولۇش جەرىيانلىرىمدا ئەسەرنى تولۇق ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى ۋە داۋاملىق تولۇقلاپ يازغانىدىم. 1993- 1994-يىللىرى ئالمۇتادا ئاتاقلىق ئەدىبلەر تۇرغان توختەموف، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، دولقۇن ياسىن ۋە يولداش ئەزەمەتوفلار بىلەن سۆزلەشكەنىدىم. تۇرغان ئاكا بىلەن يولداش ئاكا بۇنى «بىز باسايلى» دېدى ۋە بىر بابنى سىناق ئۈچۈن ئۇلارغا بەرگەنىدىم. ساۋۇتجان ئاكا «پەرۋاز» غا باسماقچى بولغانىدى. لېكىن «پەرۋاز» ئۇ چاغلاردا توختاپ قالدى. تۇرغان ئاكا ۋە يولداش ئاكىلار بەك خۇش بولۇپ ئەسەرنى «ئۇيغۇر ئاۋازى» دا ئېلان قىلدى. تۇرغان توختەموف ئاكا بىلەن كېيىنكى كۆرۈشىشىمدە ئۇ ماڭا كۆپ ياخشى گەپلەرنى قىلدى ۋە ئىلھام بەردى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭمۇ «ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى»، يەنى «يەتتە قىزلىرىم» ھەققىدە رومان يېزىش ئويىدا بولغانلىقى، لېكىن بۇ ئىشنى مەن قىلغانلىقىم ئۈچۈن توختاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەلۋەتتە، ئۇ « نۇزۇگۇم» رومانىنى دەل ئاشۇ 19-ئەسىر ئۇيغۇر قەھرىمانلىق دەۋرىگە ئاتىغانىدى. «سۇنماس زۇلپىقار» ناملىق تارىخىي پوۋېستىمنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنىمۇ ئاشۇ ئاكىلىرىمىز «يېڭى ھايات» گېزىتىدە باستى.

ئەپسۇس، تۇرغان ئاكا، دولقۇن ئاكا، يولداش ئاكا ۋە ساۋۇتجان ئاكىلار ھازىر دۇنيادا يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ ياخشى خاتىرىلىرى ھەر ۋاقىت مەن بىلەن بىرگە! ئۇلارنىڭ سىمالىرى كۆز ئالدىمدا، دېگەن ھەر بىر سۆزلىرى، ئىللىق ئىلھاملىرى ۋە تىلەكلىرى قۇلىقىم تۈۋىدە ۋە قەلبىمدە!

ئەلۋەتتە، ئاۋۇت مەسىموف ئاكا بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاشۇ 30 يىل ئىلگىرىكى گېزىتلەرنى ئاختۇرۇپ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ شۇ پارچىلىرىنى تېپىپتۇ، بەك خۇش بولدۇم. ئاۋۇت ئاكىغا ئالاھىدە رەھمەت، نەقەدەر جاپاكەش ۋە پىداكار ئاۋۇت ئاكىنىڭ بۇ روھىدىن تەسىرلەنمەسلىكىمگە ھەققىم يوق. ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ 30 يىل ئىلگىرىكى بىر ئەسىرىنى كونا گېزىت ئارخىپلىرىنى نەچچە كۈنلەپ ئاختۇرۇپ، زېرىكمەي، تېرىكمەي، ئۆز ئىشلىرىنى تاشلاپ ئاخىرى تېپىپ ئەۋەتىپ بېرىشى مېنى ئىنتايىن سۆيۈندۈردى.

«قانغا بويالغان تاغ» تارىخىي رومانى ئەگەر 1980-يىللاردا ۋەتەندە چىققان بولسا شۇ چاغدىكى ناھايىتى ئاز ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ بىرى بولار ئىدى. مەن ئەسلىدە تارىخىي رومان يازغۇچىسى بولۇش ئىستىكىدە ئىدىم، لېكىن كېيىن ئاساسىي يولۇم تارىخ تەتقىقاتچىسى بولۇشقا ئۆزگەردى. ئىجادىيەتنى ئوتتۇرا مەكتەپتە شېئىرلاردىن ۋە پروزىدىن باشلاپ ئاخىرىدا تارىخشۇناسقا ئايلاندىم. دېمەك ماڭا پەقەت «تارىخچى» دېگەن بىرلا نام يېتەتتى!

«قانغا بويالغان تاغ» رومانى كۆپ يىللىق كۆچۈش، يەنى ئۈرۈمچى، موسكۋا، بىشكەك، ئالمۇتا، ۋاشىنگتون ئارىلىرىدىكى كۆچۈپ يۈرۈشلۈرۈم، يەنى ئوقۇش ۋە مۇساپىرلىق يوللۇرۇمدا يوقىلىپ كەتتى. «قانغا بويالغان تاغ» رومانى ۋە «سۇنماس زۇلپىقار» تارىخىي پوۋېستلىرىمنىڭ قوليازمىلىرى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ بولماسلىقى بىلەن يوقىلىپ كېتىش قىسمىتىگە ھەم دۇچ كەلگەنىدى.

«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ 1985-يىلىدىكى سانلىرىنى ئاۋۇت ئاكىدەك بىرەر پىداكار ئىزدەپ باقسا چوقۇم ئاشۇ بىر بابنى بولسىمۇ تاپقىلى بولار ئىدى. ئەلۋەتتە، ۋەتەندە بولسا بۇ ئىمكانىيەتلەر بۇرۇن بولغان بولار ئىدى. ھازىر يوق، ۋەتەندە بۇ ئەسەرنى ئىزدىگەنلەرنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top