You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » پائالىيەت » ئەنقەرەدە «9 – دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە «9 – دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 9-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «9 – دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى يۈزلىنىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قىلغان سۆزىدە تۈركىيە باشچىلىقىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 9-دېكابىرنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باياناتتا تۈركىيە باشلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ خىتاينى جاسارەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە ماس كەلگەن ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە د ئۇ ق ۋەكىلى خەييرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئاخبارات يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان كۆپ ساندىكى رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن سوئال سورىدى.

«9-دېكابىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق كۈنى» ۋە «10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتنىڭ كۆپىدىكى جامەلەردە جۈمە نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە نۇرغۇن ۋىلايەت، شەھەرلەردە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top