You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇقتۇرۇش » خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم مەخسۇس خىتاي ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاينىڭ ۋىرۇس ۋە تېرورىزىمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە قىرغىن قىلىشىدەك ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ جىنايىتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ خىتايغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئاتلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى خالىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى قولدىن بەرمەي، قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىۋېلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top