You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشكىللىگەن ۋە جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر پروجېكتى فوندى، يىپەك يولى تىنچلىق پروجېكتى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار قوللىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى 8-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى بىلەن باشلاندى.

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى توختىتىشنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ مەسىلىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىشىنىڭ بۇ يولدا باشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئامېرىكىلىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەر، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار بىردەك شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئېزىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار باش ئەگمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا ئىلھام بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىدى، رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئۆزى سىزغان رەسىملەرنى، فوتوگراف ئابلېكىم ئەمەت ئەپەتدى ئۆز تارتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت فوتو-سۈرەتلەرنى كۆرگەزمىگە قويدى. كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرىمۇ ئامېرىكىلىق مېھمانلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. كۆرگەزمە ئاخىرىدا ھەممە بىردەك ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تەگدى. يىغىن قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدەر مول مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتى.

كۆرگەزمىدىكى بىر قىسىم خاتىرە رەسىملەر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top