You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدا ئېچىلدى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدا ئېچىلدى

 

9 – دېكابىر جۈمە كۈنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى مۇھاكىمە ئىنگلىزچە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ يىغىننى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش بولۇپ تەشكىللىگەن بولۇپ، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر پروجېكتى فوندى، يىپەك يولى تىنچلىق پروجېكتى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار قوللىدى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىشتىن ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە شېھىت بولغان ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇش ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى، ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى توختىتىشنىڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ مەسىلىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىشىنىڭ بۇ يولدا باشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلاردىن جورج ۋاشنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىنڭ پروفېسسورى شان روبېرتس (Sean Roberts) ، جۈرەكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېبىككا كلودى (Rebecca Clothy)، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون (Gardner Bovingdon) قاتارلىقلار بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا بولغان تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دىمون ۋىلسون (Damon Wilson) بۇ يىغىندا قىلغان تەبرىك سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە بۇ مەدەنىيەتىنى قوغداش، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەبىت خىتايغا قارشى دېموكراتىيەنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىلىمىزكى، دىكتاتورلار مۇستەبىت تۈزۈمنى يولغا قويغاندا قارشى پىكىردىكى سىياسەتچىلەر، مۇخبىرلار، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئالىملار، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ۋە شائىرلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. خىتاي سىلەرنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئېزىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، كىملىكىڭلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ سىلەر باش ئەگمىدىڭلار، تىبەتلەرمۇ شۇنداق. شۇڭا دەيمەنكى،  ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى دېموكراتىيەنى قوغداش جەڭگاھى ھېسابلىنىدۇ، سىلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭلاردۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا ئىلھام بەرمەكتە. ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، خىتاينىڭ بۈگۈن قىلىۋاتقانلىرى ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت. سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەۋاتىسىلەر. بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقاندا بىز سىلەرنىڭ مەدەنىيىتىڭلارنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. مانا بۇ، مۇستەبىت كۈچلەرنى ئەتراپىغا توپلاۋاتقان كوممۇنىست خىتايدىن ھېساب ئېلىشىمىزئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز».

مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلانغاندا، مۇتەخەسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىش تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ماۋ زېدۇڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى مودېل قىلىپ ئاپتونومىيە بەرگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلمىغان؛  80-يىللاردا خۇياۋباڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۇ 1989-يىل ئۆلگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا بۇرۇنقى يالغان ئاپتونومىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان، مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە  سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: « ئاپتونومىيە قانۇنىدا ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بار، ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا بۇ ئىمكانىيەت بېرىلمىدى. بىز بۈگۈن بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچكىم بۇنى قىلالمايدۇ، ئەمما بىز قىلالايمىز».

يىغىندا يەنە «كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى»نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىشەنچلىك ئىچكى ھۆججەتلىرى، جۈملىدىن شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلنىڭ بېشىدىن 2021-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر رايونىنى تەلتۆكۈس تىنجىتىش، قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، جىنايەتنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتتى. 2019-يىل بىز كۆپلىگەن لاگېرلارنىڭ كارخانا شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ مۇخبىرلارغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىدا لاگېر تۇتقۇنلىرىغا ئۇسسۇل ئوينىتىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى تەبىئىي ھالدا كارخانىغا ئۆزگەرتىلدى ۋە قوغداش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. 2021-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شوئارى ئاستىدا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى نورماللاشتۇرۇشقا باشلىدى. شۇ يىلى 4-ئايدا ماشىڭرۈي «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە تۇتقۇنلارغا ئېلىپ بارغان قەبىھ ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇن ئۇسۇلدا داۋام قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كىشىلەرنى خاتا يېتەكلەشتە   مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتىدۇ. «ۋاشنىگتون پوچتىسى» گېزىتى 2022-يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى باستۇرۇشنىڭ يەڭگىللىشىگە ئەگىشىپ، بۇ رايون ئۇزۇن مۇددەتلىك گۈللىنىش يولىغا قەدەم قويدى» ناملىق بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ شەھەر ئىچى ۋە شەھەر يېنىدىكى نۇرغۇن لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى بايان قىلىنغان. ۋەيران قىلىنغان مەسچىتلەر ۋە تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى قارىماققا نورمال كۆرسىتىلگەن».

ئادرىيان زېنىز يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئەستايىدىل بولۇش ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

بۇ سۆھبەت يىغىنىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، 9-دېكابىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى، ئەمما   بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ  دېموكراتىك  دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىتتىپاق، دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىنى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ، سىياسىيونلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن سوفى رىچاردسون خانىم، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. روشەن ئابباس خانىم  خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رول ئوينىيالمايۋاتقانلىقىنى، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيبلىدى.

ئەسكەرتىش: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا ئالاقىدار خەۋىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلاندى.

يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top