You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىر نەپەر پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىر نەپەر پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشۋىقات ۋە تەرجىمە خىزمەتلىرىگە ئىستانبۇلدىن بىر نەپەر پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىشلەشنى خالايدىغان نامىزاتلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
1) ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇشى
2) كومپىيوتېر مەشخۇلاتلىرىدىن ۋورد، ئېكسەل ۋە سېيرىلمالارنى ياخشى بىلگەن بولۇشى
3) كومپىيوتېردا لاھىيەلەش ئىشلىرىنى بىلگەن بولۇشى
4) ئەڭ ئاز بىر چەتئەل تىلىنى ياخشى بىلگەن بولۇشى ۋە بىلىدىغان چەتئەل تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلالايدىغان بولۇشى
5) مەسئۇلىيەتچان ۋە ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان بولۇشى

مائاش يۈز تۇرانە سۆزلىشىلىدۇ، ئىستانبۇل ياۋرۇپا تەرىپىدە تۇرىدىغان يۇقارىقى تەلەپكە لايىق نامىزاتلارنىڭ 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن قولىدا بولسا يۇقارقى شەرتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى بىرگە يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتى
2023-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئالاقە ئېلخېتى: bilgi@akademiye.org
تېلىفۇن: 905306677851+

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top