You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ياردەم چاقىرىقى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ياردەم چاقىرىقى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ياردەم چاقىرىقى

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ئەزىز قېرىنداشلار، ﺋﺎﻟﺪﻯ بىلەن 16 يىلدىن ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺩﺩىي ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟىي ﺟﻪﮪﻪتتىن ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻗﻮﻟﻼﭖ كېلىۋاتقان ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ قېرﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺭﻩھﻤﻪﺕ ئېيتىمىز.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيەسى 2009-يىلى 9-سىنتەبىردە ئىستانبۇلدا قۇرۇلدى ۋە 7 دۆلەت ۋە رايۇنغا كېڭەيدى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى كېڭەيتىش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن  ئاكادېمىيەنىڭ خىزمەتلىرىنى تۈركىيەدە تېخىمۇ كەسپىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئاكادېمىيەنىڭ تارمىقى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى 2021-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى قىلغان خىزمەتلەر ۋە ئورۇنلاشتۇرغان ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيە ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﭘﯘﻟﻰ ۋە ئاز بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ مىللىي كىملىكىمىزنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مىللىي ئاقارتىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎئاﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ قىلىپ كەلمەكتە.

ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﻳﯩﻘﯩﻨﻘﻰ بىر قانچە ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎنقى تۈركىيەدىكى ئىقتىساﺩىي كرىزىس ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش تۈرى، ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىقتا ئوقۇغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىش تۈرى ۋە تەتقىقات، تەرجىمە ۋە تەشۋىقات خىزمەت تۈرلىرىگە يېتەرلىك مەبلەغ ھەل قىلىشتا قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ تۈرلەرنى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1) ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى بويىچە ئۇزۇن مۇددەت تەربىيەلەش تۈرى

بۇ تۈر ئۈچ يىل داۋام قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 100 ئۇيغۇر ياش تاللىنىپ، 25 كىشىدىن 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارغا سېستىمىلىق ھالدا تارىخ، سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، قانۇن، تەشكىلاتچىلىق، لوبىچىلىق ۋە مىللىي ئېدىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بويىچە دەرس ئۆتىلىش بىلەن بىرگە، ئىنگلىز تىلىمۇ ئۆگىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ياشلارغا پىراكتىكا شارائىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ياراملىق ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىش.

بۇ تۈرنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئىستانبۇلدىكى 20 ياش «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەشكە باشلاندى ۋە ئالدىنقى بەش ئاي مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، بۇلارنىڭ بۇ يىللىق يەنە ئىككى ئېيى ۋە يازلىق تەتىللىك پروگىراممىلىرى داۋام قىلىدۇ. بۇ تۈرنى كەڭ كۆلەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە كېڭەيتىش ئۈچۈن تۈرگە تەكلىپ قىلىنغان مەسئۇل خادىم ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈز تۇرانە پائالىيەتلىرى، ئىنگلىزچە كۇرسنىڭ چىقىمى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا چىقىملار ئۈچۈن ئايدا تەخمىنەن 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ يىلىغا 6000 مىڭ دوللار ئەتراپىدا چىقىم كېتىدۇ.

2) ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىش تۈرى

تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، ياپۇنىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە چىقىپ ئۆرلەپ ئوقۇشى ۋە خىزمەت تېپىشى ئۈچۈن ياشلارغا غەربتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ۋە شىركەتلەردىن خىزمەت ئىزدەش ھەققىدە كىشىگە مەخسۇس مەسلىھەت مۇلازىمىتى ۋە ئىنگلىزچە ئىمتىھانلاردىن يىتەرلىك نۇمۇر ئېلىشى ئۈچۈن ئانا تىلى ئىنگلىزچە بولغان تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكلىشىدە ئىنگلىزچە كۇرسلاردا تەييارلىق قىلدۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇشەققەتلىك خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈر ئۈچۈن ئايدا تەخمىنەن 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ يىلىغا 6 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا چىقىم كېتىدۇ.

3) ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ تەتقىقات، تەرجىمە ۋە تەشۋىقات تۈرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر تېمىلاردا تەتقىقات قىلىش، دوكلات تەييارلاش، ماقالە ۋە كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە ھەر خىل مەزمۇنلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ ۋاقتىدا ئورۇنلىنىشى ئۈچۈن تەتقىقات، تەرجىمە ۋە تەشۋىقات ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ ئاز 2-3 ئۇيغۇر ياش ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىدا پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايدا تەخمىنەن 1000 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ يىلدا 12 مىڭ دوللار ئەتراپىدا چىقىم بولىدۇ.

يۇقارىقى ئۈچ تۈرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىلدا ئاز بولغاندىمۇ 24 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى چىقىم كېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

مىللەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك؛ ئەمما بىلىشىمىز كېرەككى قۇرۇق ئەندىشە قىلىش بىلەن ھىچقانداق ئىش ھەل بولمايدۇ. موھىمى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش. بىزدە «كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە» ۋە «تاما تاما كۆل تولار» دەيدىغان ماقال بار.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ ئۈچ تۈرنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربىنىڭ يېتىشىچە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيەسى ۋەخپىنى ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻗﯘۋﯞﻩﺗﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!

ھۆرمەت بىلەن: – ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2025-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى

*  *  *  *  *

تۈركىيەدىن ئىئانە قىلىدىغانلار ئۈچۈن

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تۈركىيە ۋەقىپلەر بانكىسى تۈرك لىراسى ھېسابى

Uygur Akademisi Vakfı IBAN No: TR 160001500158007313320086

تۈركىيە سىرتىدىن ياردەم ئەۋەتىش ئۈچۈن

Paypal ياكى Zelle ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە بىۋاستە ئەۋەتسىڭىز ياكى سىز تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيە رەئىسلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلار ئارقىلىق ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Paypal ياكى Zelle ئارقىلىق پۇل ئەۋەتىپ ياردەم قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئېلخەت ئادرىسى: donate@uyghuracademicfoundation.org

ياردەم چاقىرىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئالاقە ئۇچۇرلىرى:

ئېلخەت: bilgi@akademiye.org

ئابدۇلھەمىد قاراخان 905306677851+ (ۋوتىسئاپ ياكى سېگنال)

دوكتور ئابلەت ئۇيگار 905071346121+ (ۋوتىسئاپ ياكى سېگنال)

دوتسېنت نامەتجان مەمەت ئورخۇن 905465655065+ (ۋوتىسئاپ ياكى سېگنال)

ئەخمەتجان تۇيۇق 905345252832+ (ۋوتىسئاپ ياكى سېگنال)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top