You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدا «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ساقلاپ قېلىش» ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدا «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ساقلاپ قېلىش» ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

خارۋارد ئۇنۋېرستىتىدا 14-ئاپرىل ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا يۇرت» تېمىسىدىكى فوتو كۆرگەزمىسىگە ئۇلىشىپ، 15-ئاپرىل كۈنى «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئادېمىيەسى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر بىرلىكى ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇھاكىمە يىغىننى تەشكىللەشكە يېقىندىن كۈچ چىقارغان كىشىلەردىن بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىسى كەۋسەر ياسىن ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ھەم شۇنداقلا دورا تەتقىقاتى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن پەن-تەتقىقاتچى دوكتور رىشات ئابباس ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

دوكتۇر رىشات ئابباس سۆزىدە، ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى تولۇق ئېچىپ بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇددى ئامېرىكا پۇقرالار ھەركىتىنىڭ داھىسى مارتىن لۇتېر كىڭ (Martin Luther King) «قەيەردە ھەقسىزلىق بولىدىكەن بۇ ھەقسىزلىق ھەممىلا جايدىكى ھەقلەرگە تەھدىت بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەندەك 2017-يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ھازىر ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلار، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قاتارلىقلار جىددىي مەسىلە قاتارىدا مۇھاكىمە قىلىشقا ئۆتتى. ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قاباھەت دېموكراتىك دۇنياغا يېيىلىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زۇلۇملار ۋە قەبىھلىكنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تېپىش تەخىرسىز بولۇپ قالغان. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەنە شۇ قىرغىنچىلىقتا كىملىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ خاراپ بولۇشىغا قارشى نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىنلىكى، ئۇيغۇرلارنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم قىلىشنىڭ قانداق ئىمكانلىرى بارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىش بۇ جەھەتتىكى بىر ئىجابى قەدەم بولۇپ قالغۇسى.

يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەمدە تۈرمىلەرگە قامىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس تىل ۋە مەدەنىيەتنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئىخچام ۋە جانلىق بايان قىلىپ بەردى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى يوقىتىش ھەركەتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە بولماستىن 1990-يىللىرى ئاللىقاچان خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىپ بولغانلىقىنى، ئەنە شۇ جەرياندا مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن زىيالىلار قوشۇنىنى يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ كەڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى مىللىي مەدەنىيەتنى ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى لاگىرلارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇرخانىم- قىزلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى مۇھىم نىشانلاردىن بولۇپ قالغانلىقى ھەر تەرەپلىمە ۋەقەلەردىن كۆپلەپ بىلىنگەن ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر دەل مۇشۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىنى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە بەند قىلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىمكانىيىتىنى كېسىپ تاشلاش، ئۇيغۇر سەبىيلىرىنى ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا خىتايچە قىممەت قارىشى، خىتايچە تىل ۋە خىتايچە مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى پەرزەنت كۆرەلمەس قىلىۋېتىش، لاگېر ئارقىلىق تەھدىت سېلىش شەكلىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاستىلارنىڭ بىردەك قىرغىنچىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ بولۇۋاتقان ھازىرقى ئۇيغۇر بالىلار ئ‍ۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ھېچنەرسە بىلمەيدۇ. خىتاي مۇشۇ يوسۇندا كەلگۈسى 20 يىلدا ئاز دېگەندىمۇ بەش مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنى كېمەيتىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا» دېدى. بۇ خىل ئاچچىق رېئاللىققا قارىتا دېموكراتىك دۇنيانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ماكانلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىلتىماسلىرىنى تېزلەشتۈرۈپ بېجىرىپ بېرىش، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىنى چەكلەش، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە پېنسىيە فوندىغا مەبلەغ سالماسلىق قاتارلىق قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش تەكلىپىنى بەردى.

يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن كېيىنكى سوئال-جاۋاپ بۆلۈمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللار بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئوبدانلا تەسىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇربانلىرىدىن بولۇۋاتقان ئۇيغۇر سەبىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى 1990-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېتنوگرافىيەلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان دوكتۇر بىل كلارك (Bill Clark) نىڭ بايانلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۆز سۆزىنى ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رۇبائىيلىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلاپ، 1990-يىللاردىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى خېلى بىر يەرگە ئاپارغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھرىدىكى «مىنكاۋخەن» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە يۇمۇرلۇق قىلىپ، «سىز ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرىمەن دېسىڭىز قەشقەرگە بېرىڭ، چۈنكى بىز ئۆزگىرىپ كەتكەن ئ‍ۇيغۇرلار» دېگەنلىكىنى، 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ۋە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا باھانە بولۇپ بەرگەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇنىڭ ئەڭ قەبىھ شەكلى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى مىڭلاپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە توپلاش ئارقىلىق ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

دوكتۇر بىل كلاركنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى تىكەنلىك سىم توساق بىلەن قورشالغان يەسلىلەر ۋە مەكتەپلەر تۈرمىلەرنىڭ شەكلىنى ئالغان يەنە كېلىپ بۇ مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلارغا خاس تىل ياكى مەدەنىيەت مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا تارىخىدا ئىندىيانلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما ئۇلار ئۆز خەلقىدىن ھالقىغان ھالدا بىلىم ئالغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دۇچ كەلگىنى دەل بۇنىڭ تەتۈرىسى بولۇشقا باشلىغان.

دوكتۇر بىل كلارك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى زامانىۋىلىققا يېتەكلەش» نامىدا ئۇلارنى خىتايلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تەرەققىيات، دېيىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ سوئالنى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلاردىن سورىشىمىز كېرەك. چۈنكى ھېچكىممۇ بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن زىيادە سۆيەلمەيدۇ. 90-يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ھېس قىلغىنىم شۇ بولغانكى، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قايسى تىلدىكى مەكتەپكە ئەۋەتىشنى چوڭ بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئەستايىدىل ئويلىشاتتى. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ خىتايچە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە توپلاپ ئوقۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئانا تىل قابىلىيىتىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان دىل رىشتىنى كېسىپ تاشلىدى. بۇ ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى كېسىپ تاشلىغانلىققا باراۋەر. بۇ خىل يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش ھازىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلماقتا. شۇڭا بىز بۇ يەردە ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە قىممىتى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز. ئېچىلىش نۇتقىدا تىلغا ئالغىنىمدەك ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىدا 1970-يىللاردىكى سىياسىي ۋەزىيەت بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىلى قانچىلىك ئېزىلگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. ھازىر بولسا بۇ ئىشلار قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق ئۆرپ-ئادەتلەر ئەينى ۋاقىتتا قانداق چەكلەنگەن بولسا ھازىرمۇ شۇنداق چەكلىنىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، بۇ ئىشلار شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەن باشلىنىپ قالغان ئەمەس. مىسال ئۈچۈن قارايدىغان بولساق ئەينى ۋاقىتتا نىكاھ ئوقۇش مەنئى قىلىنغان. ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتمامدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بۇ ئاپەتلەرنىڭ بالاسى ھەممىلا ياققا يېيىلىۋاتىدۇ.» دېدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ۋە چېگرا ھالقىغان زۇلۇمنى كېڭەيتىش ساھەسىدە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋۇجۇدى قىرغىنچىلىقنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان بولسا، ئۇيغۇر ئەرلىرى لاگېرنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. خىتاي ھازىر ئۆز زۇلۇملىرىنى ئۇيغۇرلاردىن كېڭەيتىپ دۇنياغا ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك قىرغىنچىلىق ئاشكارا بولۇۋاتقاندا، بۇنىڭغا قارشى بىرەر ئەمەلىي ھەركەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىنمۇ مۇھىم ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئەمەلىي ھەركەتتە بولۇشنىڭ ئۆزى بۇنىڭدىكى بىر ئاددىي قەدەم ئىكەنلىكىنى ئوخشىمىغان مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە يېتىلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام يىغىن ئەھلىگە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھازىر غەرپ دۇنياسىدىكى ھەممىلا كىشىگە دېگۈدەك چېتىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا قارشى ھەممىلا كىشىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ «بۇ بىر كوللىكتىپ تىرىشچانلىق. كەلگۈسىدە سىز بالىلىرىڭىزغا بۇ ئىشلارغا قارشى ھېچنەرسە قىلمىغانلىقىڭىزنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟» دېدى.

بۇ پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشىگە يانداش ھالدا، تېكساس شىتاتىدىكى يىگانە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كەۋسەر ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر تاللانما ئەسەرلەر ھەققىدە 16-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس پائالىيەت تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە «خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇتقا چىققان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەرنى بۇندىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە كۆپلەپ ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنماقتا.

ئەسكەرتىش: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا ئالاقىدار خەۋىرىدىن پايدىلىنىپ تولۇقلىنىپ تەييارلاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top