5 – ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە 6 – نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇقتۇرۇشى
5 – ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە 6 – نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇقتۇرۇشى
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتىنى بۇ قېتىم مەخسۇس ئالدىمىزدا كېلىش ئالدىدا تۇرغان «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» بىلەن 6 – قېتىملىق «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى» نى بىرلىكتە ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى توغرا تاپتۇق.
بۇ قېتىمقى «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» سۆھبەت پروگراممىسىدا، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى سابىق مۇدىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم بىلەن دوكتور مەغپىرەت كامال، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى، دوكتور گۈلنار ئەزىز، دوكتورانت ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل قاتارلىق 5 ئۇيغۇر تەتقىقاچىمىز بىرلىكتە ئۇيغۇر دوپپىلىرى ۋە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشتىكى رولى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تەسىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىدۇ.
6 – نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى»
تارىختا ۋە كۈنىمىزدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئاقارتىش ساھەسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان تارىخى شەخىسلەر ۋە ئەدىبلەرنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە، بولۇپمۇ كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ياش ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇش، ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، قولىغا قەلەم ۋە ئەلەم ئېلىپ ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قان تەر تۆككەن ۋە بۇ يولدا جان بەرگەن ئۇلۇغ ئەجداتلىرىدىن ئىلھام ئېلىش ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى مىللىي روھنى ئويغۇتۇش ۋە جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە، 2016 – يىلى 15 – مايدىن ھازىرغىچە 5 قېتىم «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋى، ئەلىشىر ناۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتېلى تەۋپىق، موللا مۇسا سايرامى، ھۈسەيىن تەجەللى، قۇتلۇق شەۋقىي ۋە ئابدۇقادىر داموللام، ئەھمەد يۈكنەكى، تۇغلۇق تۆمۈرخان، سابىت داموللام، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە دوتسېنت ئىلھام توختى» قاتارلىق 14 تارىخى شەخىس ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ يىغىنلار تارىخىمىز ۋە تارىخى شەخسىيەتلەرگە بولغان تونۇشىمىزدا بەلگىلىك ئىجابى تەسىرى بولدى.
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، يېقىنقى 5-6 يىلدا مىڭلارچە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستانلىق تەتقىقاتچى زىيالىيلار، بىلىم ئىگىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى چولپانلار، داڭلىق تىجارەتچىلەر ۋە مۆتىۋەر دىنى زاتلار خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەردە ئېغىر رۇھى ۋە جىسمانىي قېيىن قىستاقلارغا ئۇچراپ ئېغىر ۋەيران قىلىنماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2023- يىلى 5-ماي جۈمە ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 19:00 دا ئۆتكۈزۈلىدىغان 6-قېتىملىق «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرلەش مۇھاكىمە يىغىنى» مەخسۇس خىتاينىڭ جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان ئۇيغۇر ئەدىب، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىغا بېغىشلاندى. بۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم «پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن، پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش، دوكتور پەرھات تۇرسۇن ۋە يالقۇن رۇزى» قاتارلىق خىتاي تۈرمىسى ۋە جازا لاگىرلىرىدىكى مىللىي ئاقارتىش جەڭچىلىرىنى يېقىندىن تونۇپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئويغۇتۇش يولىدىكى پىداكارانە ئىش – ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش قارار قىلىندى.
يىغىندا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە تەتقىقاتچىلاردىن دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم يالقۇن رۇزى ھەققىدە، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى خانىم پىروفېسسور راھىلە داۋۇت ھەققىدە، دوكتور گۈلنار ئەزىز خانىم دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش ھەققىدە، دوكتورانت ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە ۋە شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل ئەپەندى دوكتور پەرھات تۇرسۇن ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرىنى كۆپچىلىككە سۇنىدۇ.
ئۆيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ «5 – ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» نى ھەر يەردە تەبرىكلىشىنى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلىرىگە بىگۇناھ سولانغان ئۇيغۇر ئەدىب، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى