You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئىستانبۇلدىكى ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھەقسىز ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئىستانبۇلدىكى ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھەقسىز ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ئانا تىل كومىتېتى ئىستانبۇلدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى بولغان ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ 4 ئايلىق ھەقسىز ئۇيغۇرچە ساۋات چىقىرىش، ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئۇيغۇرچە بالىلار ھىكايىلىرىنى ئوقۇش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى.

تەلەپكە ئاساسەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان ئانا تىل كۇرسىدا ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئابىدە نەسرىن خانىم دەرس بېرىدۇ. كۇرسىغا قاتناشقان ياش – ئۆسمۈرلەر  قىسقىغىنا 4 ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى ئوقۇش ۋە يېزىشتىن باشقا، ئۇيغۇرچە سۆزلەش، بالىلار ھىكايىلىرى ۋە دىنى ھىكايىلەر بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇپ چىقىدۇ.

ئانا تىل كۇرسى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: 

كۇرس مۇددىتى: جەمىئىي 4 ئاي

كۇرس كۈنلىرى: ھەپتە ئىچى

ئانا تىل دەرس سەئەتلىرى دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ دەرس سائەتلىرى سىرتىدا بولىدۇ. تىزىملاتقانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا 10 – 6 ياش ۋە 17 – 11 ياش گۇرۇپلىرى بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. 

تىزىملىتىش شەرتى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىدىن بولغان 6-17 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەر

دەرسلىكلەر: ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى، ئۇيغۇر بالىلار ھىكايىلىرى، سىرەت ۋە تۆت قۇلاق ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىدىكى دىنىي ھىكايىلەر

سان چەكلىمىسى: ھەربىر ياش گۇرۇپپىسى ئۈچۈن 10 ئوقۇغۇچى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى دۈشەنبە

كۇرس ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 9- ئاينىڭ 17 – كۈنى يەكشەنبە (جەمىئىي 17 ھەپتە)

تىزىملىغۇچى: ئابىدە نەسرىن (905525818000+ ۋوتىسئاپ بىلەن ئالاقە قىلىڭ، تىزىملاتقۇچى ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىغا كېلىشى كېرەك.)

تىزىملىتىش ئادرىسى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسى، كارتالتەپە مەھەللىسى، مەركەز كوچىسى، 3 يىلدىز تار كوچىسى، 2-نۇمۇر، 3-قەۋەت، سەفاكۆي، ئىستانبۇل (سەفاكۆي تاش قاسساپ قارشىسىدا)

Adres: Merkez Cad. 3. Yıldız Sok. No: 2, Pamuklar İş Merkezi, Kat: 3, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul

ئانا تىل كۇرسىدا ھەپتىدە 2 كۈن، كۈندە 2 دەرس سائىتى ۋە ئايدا جەمىئي 16 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار پەقەتلا 200 لىرا تىزىملاش ھەققى بىلەن كىتاب پۇلى تاپشۇرىدۇ، دەرسكە تولۇق قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملاش ھەققى قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ، دەرسكە ئايدا ئىككى قېتىم قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملاش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ، تۆت ئايدا جەمىئىي 6 قېتىم دەرسكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چېكىندۈرۈلىدۇ.

كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار تۆۋەندىكى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ ئابىدە ئابباس نەسرىن خانىمغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى

4 ئايلىق ئانا تىل كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت شاھادەتنامە بېرىلىدۇ.

كېيىنكى قېتىملىق ئانا تىل كۇرسى ئېچىلىش ۋاقتى: 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى

ئادرىس: كارتالتەپە مەھەللىسى، مەركەز كوچىسى، 3 يىلدىز تار كوچىسى،  2-نۇمۇر، 3-قەۋەت، سەفاكۆي، ئىستانبۇل (سەفاكۆي تاش قاسساپ قارشىسىدا)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top