You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن رەسىم كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن رەسىم كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام قابىلىيەتلىك ئەۋلادلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ھەرخىل تۈردىكى خاس ئالاھىدىلىك ۋەقابىلىيەت يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىنى ئېچىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى بولغان رەسىم كۇرسىمىز ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

تەلەپكە ئاساسەن رەسىم كۇرسىمىزدا رەسىم دەرىسى ئۆتۈش تەجرىبىسىگە ئىگە ئايگۈزەل ئابىلىمىت دەرس ئۆتىدۇ. دەرس ئۈچ ئايلىق پىلان بويىچە ئۆتۈلىدۇ. دەرس مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1. سىدام سىزما (قارا قەلەم)،
2. سۇ بوياق،
3. پاستەل بوياق،
4. ماي بوياق

* سىدام سىزما دەرس مەزمۇنلىرى: شەكىللەر، سىزىقلار، كۆلەڭگىلەرنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەش، تۇرغۇن شەيئىلەرنى رەسىم قەغىزىگە توغرا يەرلەشتۈرۈش، توغرا بوياشنى ئۆگىتىش.
* سۇ بوياق دەرس مەزمۇنلىرى: ئانا رەڭلەر بىلەن تونۇشۇش، رەڭ تەڭشەشنى ئۆگىتىش، سۇ بوياقنى توغرا بىر شەكىلدە ئىشلىتىش ۋە سۇ بوياق سىزىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىش.
* پاستەل بوياق دەرس مەزمۇنلىرى: پاستەل بوياقنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خۇسۇسىيىتى باشقا بوياقلاردىن ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ دەرستىمۇ پاستەل بوياقنىڭ توغرا سىزىش تېخنىكىلىرى، قوللىنىلىشى ئۆگىتىلىدۇ.
* ماي بوياق دەرس مەزمۇنلىرى: ئەڭ ئاخىرقى دەرس مەزمۇنىمىز بولۇپ، ماي بوياق ئىشلىتىش ۋە سىزىشنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل بىر ماي بوياق ئەسىرى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.

ھەر دەرس سائىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا سىزماقچى بولغان رەسىمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بېرىلىدۇ. يالغۇز رەسىم سىزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن گۈزەل سەنئەت نەزەرىيىلىرى، رەسساملار ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بېرىلىدۇ.

رەسىم كۇرسى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: 

كۇرس مۇددىتى: جەمىئىي 3 ئاي

كۇرس كۈنلىرى: ھەپتە ئىچى

رەسىم دەرس سائەتلىرى دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ دەرس سائەتلىرى سىرتىدا بولىدۇ. تىزىملاتقانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا 10 – 6 ياش ۋە 17 – 11 ياش گۇرۇپلىرى بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنىشى مۇمكىن.

تىزىملىتىش شەرتى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىدىن بولغان 6-17 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەر

سان چەكلىمىسى: ھەربىر ياش گۇرۇپپىسى ئۈچۈن 10 ئوقۇغۇچى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شەنبە

كۇرس ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 8- ئاينىڭ 20 – كۈنى يەكشەنبە

تىزىملىغۇچى: ئابىدە نەسرىن (905525818000+ ۋوتىسئاپ بىلەن ئالاقە قىلىڭ، تىزىملاتقۇچى ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىغا كېلىشى كېرەك.)

تىزىملىتىش ئادرىسى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسى، كارتالتەپە مەھەللىسى، مەركەز كوچىسى، 3 يىلدىز تار كوچىسى، 2-نۇمۇر، 3-قەۋەت، سەفاكۆي، ئىستانبۇل (سەفاكۆي تاش قاسساپ قارشىسىدا)

Adres: Merkez Cad. 3. Yıldız Sok. No: 2, Pamuklar İş Merkezi, Kat: 3, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul

رەسىم كۇرسىدا ھەپتىدە 2 كۈن، كۈندە 2 دەرس سائىتى ۋە ئايدا جەمىئي 16 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

ماتېرىيال پۇلى 900 لىرا (3 ئايلىق بوياق، قەغەز ۋە قەلەم پۇلى)

كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار تۆۋەندىكى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ ئابىدە ئابباس نەسرىن خانىمغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى

3 رەسىم كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن رەسىم سىزالايدىغانلىقىغا ئائىت شاھادەتنامە بېرىلىدۇ.

ئادرىس: كارتالتەپە مەھەللىسى، مەركەز كوچىسى، 3 يىلدىز تار كوچىسى،  2-نۇمۇر، 3-قەۋەت، سەفاكۆي، ئىستانبۇل (سەفاكۆي تاش قاسساپ قارشىسىدا)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top