You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «ئەبەدىي دوستلۇق» تىن تۇغۇلغان ھېسلار

«ئەبەدىي دوستلۇق» تىن تۇغۇلغان ھېسلار

دوكتور رابىگۈل ھاجىمۇھەممەد

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 10 -كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 34 نەپەر ئۇيغۇر قىز-يىگىتنى ئەنقەرەدە كۈتىۋالدۇق. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دەپ قوللىرى كۆكسىدە، ئېگىلىپ سالام بىلەن زالغا كىرگەن بۇ جۈپ-جۈپ قارا كۆزلەرنى كۆرۈپ باشقىچە روھلنىپ كەتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى، بىر-بىرىدىن روھلۇق، تىتىك ياشلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. بەزىلىرىنىڭ ئانا تىلى ئانچە راۋان بولمىسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە تىرىشتى.  ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇلار ئەنقەرەدىكى ئىككى ھەپتىلىك ئۇيغۇر ئانا تىل، مەدەنىيەت ۋە سەنئىتى بويىچە تەربىيلىنىشنى باشلىۋەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا دەسلەپكى نەچچە كۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرەلمەي قالدىم. ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ، مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئاكا يېتەكلىگەن سەنئەت سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك پائالىيتىگە قاتناشتىم. زالغا كىرىپ ھەيران قالدىم، چۈنكى بىر توپ ئوقۇغۇچى دۇتتار مەشىق قىلىۋاتاتتى، باشقىلىرى خۇددى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردەك بىر-بىرىگە قىزغىن كۈلكە-چاقچاقلارنى قىلىشىپ ئولتۇراتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن بېرى بۇنداق قىزغىن، قويۇق ئۇيغۇرچە ساۋاقداشلىق مۇھىتىنى تۇنجى كۆرگەچكىمۇ باشقىچە ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. مۇئەللىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پائالىيەت باشلىنىپ بالىلار دۇتتاردا ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇ ئەسنادا، ۋەتەندە دائىم ئاڭلايدىغان، ئۇيغۇر دېگەن سەنئەتخۇمار خەلق دەيدىغان  قېلىپلاشقان سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى. توغرا، بىز سەنئەتخۇمار خەلق. ناخشا، ئۇسۇل، ساز ۋەتەندىكى ھاياتىمىزدا كەم ئەمەس ئىدى. ئەمما بۇ بالىلار ۋەتەن تۇپراقلىرىدىن ناھايىتى ئۇزاقتا، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئۇزاقلاردا چوڭ بولغان-دە. دېمەك قېنىمىزدا ئۇرغۇپ تۇرغان سەنئەت ئىشتىياقىنىڭ چىگراسى يوقكەن.

كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆمرىدە دۇتتارنى تۇنجى قېتىم مۇشۇ كۇرستا قولىغا ئالغان، لېكىن تۆت كۈندە ئۆگىنىپ، ماھارەت كۆرسەتكۈدەك سەۋىيەگە كېلىشىدە ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۆھپىسى زور.  ئۇلاردىكى ھوشيارلىق ۋە قېنىدا ئۇرغۇپ تۇرغان سەنئەت سۆيگۈسىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ئۇيغۇرنىڭ بالىسى نەدىلا بولسا ئۇيغۇركەن دېگەن جۈملىلەرنى ئىچىمدە نەچچە تەكرارلىدىم. ئەنە شۇنداق  ھاياجان ۋە سۆيۈنۈش ئىكلىدە تۇنجى قېتىملىق پائالىيەت ناھايىتى ياخشى ئاخىرلاشتى. ئارىدىن يەنە ھەپتە ئۆتتى، گەرچە بالىلار بىلەن كۈندە ئۇچرىشىپ، دەرس ئۆتمىگەن بولساممۇ پۇرسەت بولسىلا ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىش،  مېنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىمگە ئايلاندى. ھەر قېتىمدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشسام، چىرايلىق سالاملىشىپ، ئۇدۇل كەلسە پاراڭلىشىپ كۆڭلۈم ئاجايىپ كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەشكىلىگۈچى مۇئەللىملەر چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ ھەممەيلەننىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. بۇ جەرياندا بالىلار بىر-بىرىگە شۇنچىلىك ئىجىل بولۇپ كېتىپتۇكى، ئوخشىمىغان دۆلەت، رايونلاردىن كەلگەن بۇ بالىلارنىڭ ئورتاق تىلىنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشى، ئاندا-ساندا ئېنگىلىزچە سۆزلەشسىمۇ، لېكىن ئارىسىدا پەيدا بولغان ئۇيغۇرچە رىشتە مېنى بەكلا سۆيۈندۈردى.

مۇئەللىملەر دەرسنى تۈگىتىپ، سىنىپتا بولۇنغان پاراڭلارنى زوق بىلەن سۆزلەپ بەرگىنىدە، قانماي ئاڭلىدىم. ئارىدا دىلنۇر مۇئەللىم بالىلارغا كۆچ-كۆچ قوشىقىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىش جەريانىدىكى ھېسياتىنى سۆزلەپ ھەممەيلەننى يىغلاتتى. مۇئەللىملەرنىڭ بۇ كۈنلەردىكى ھاياجانلىرىغا ئۆز كۆزۈم بىلەن شاھىت بولدۇم. ھەممىنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئىسمىغا ئوخشاش ھەممە يەردە چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇز مۇئەللىم، بالىلارغا ئانىلارچە غەمخورلۇق كۆرسىتىدىغان سۈرەييا مۇئەللىم، ئاغزىنى ئاچسىلا تارىخ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ھەتتا ناخشا تېكىستلىرىنىڭمۇ تارىخىنى سۆزلەپ، ياشلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردىغان سەلىمە مۇئەللىم، تومۇزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا بالىلارغا ئۇسۇل ئۆگىتىپ چارچىمىغان، ئېغىر-بېسىق گۈلزادە مۇئەللىم ۋە قابىل ياردەمچىسى تولۇنئاي، ئارقا سەپتە ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاغرىپ ھالىدىن كەتكەندىمۇ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمىغان مەغپىرەت مۇئەللىم، ھەممىگە يېتىشىدىغان سەردار ۋە رەنا مۇئەللىملەرنىڭ چەككەن جاپالىرى، سىڭدۈرگەن ئەجرى بىكارغا كەتمىگەن ئىدى. دەسلەپكى كۈنى بالىلارنىڭ ئانچە راۋان بولمىغان ئانا تىل سەۋىيەسىگە قاراپ قانداق بولار دەپ دىلغۇل بولغان ئىدىم. ئەمما شېئىر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، بۇ دىلغۇللۇقۇم قاياقلارغىدۇر غايىب بولدى.

مەن بالىلارنىڭ ھەقىقىي سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلىپ كەتمىسەممۇ ئەمما شېئىر كېچىلىكىدە بۇلارنىڭ قىسقا بىر ھەپتە ئىچىدە قانچىلىك غەيرەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇيغۇرچە ئوقۇش يېزىشنى بىلمەيدىغان بالىلار ئىككى ھەپتە ئىچىدە   ئوقۇش، يېزىشقىچە ئۆگىنىپ، كېچىلىكتە راۋان ئانا تىلدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. ئىككى ھەپتە، ئاڭلىماققا ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت بىراق مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتقا نۇرغۇن رەڭدار مەزمۇنلار سىغقان ئىدى. ئۇيغۇرچە ساۋات چىقىرىشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى لېكىسىيەلەر  ياشلارنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغاندەك قىلاتتى. ئاشۇ زىچ ئورۇنلاشتۇرغان دەرس  پىروگىراممىسىدىن باشقا، ئەنقەرەگە جايلاشقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى، تۈرك تارىخ مۇزىيى، ئاناتولىيە مەدەنىيەتلەر مۇزىيى،  ئەنقەرە قەلئەسى، دۆلەتلىك كۈتۈپخانا، ئەنقەرەدىكى مەسچىت-جامىلەر، تۈركىيە پارلامىنتىدا ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەر  ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدىن كەلگەن بۇ بىر توپ ياشلارنىڭ ئورتاق گۈزەل ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى.

مەن بۇرۇن چەتئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارغا، بولۇپمۇ ۋەتەنگە ھېچ بېرىپ باقمىغان بالىلارغا، ۋەتەن غېمىنى يۈكلەش، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى تاپشۇرۇش، ئۇلارغا قىلىنغان ھەقسىزلىق دەپ ئويلايتتىم. دېمىسىمۇ ۋەتەننىڭ تۇزىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇر كىملىكىدىكى ئىنسانلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ-چىقمايۋاتقان ئۇيغۇرلۇق غېمىنى،  ۋەتەن تۇپرىقىغا دەسسەپ باقمىغان، ئەركىن دۇنيادا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويالمايمىز-دە؟ لېكىن بۇ ياشلار ماڭا ئۈمد بېغىشلىدى. يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ئۈمىدلىك بىر قوشۇننى كۆرگەندەك بولدۇم. كۇرسنىڭ ئاخىرقى كۈنى گېرمانىيەدىن كەلگەن دىياس ئىنىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ تېخىمۇ ھاياجانلاندىم. -بۇ ئىككى ھەپتىدە قازاقچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالدىم دېدى دىياس. ئۇ چوڭ بولغان ئائىلىدە قازاقچە، تۈركچە تىللارمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا ئۈچ تىلنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغانلىقىنى، لېكىن بۇندىن كېيىن بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئەڭ ھەيران قالغىنىم، دىياس ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا قىزىقىپ قاپتۇ ۋە كېيىن ئېنگىلىزچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنى يازماقچى ئىكەن. قازاقىستاندىن كەلگەن بىر سىڭلىمىز ئىككى ھەپتىدە ۋەتەندە ئىشلىتىلدىغان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنەلىگىنىمىز كاتتا ئىش بولدى، دەسلەپ بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمىگەن، لېكىن قىلالىدۇق- دېدى.

كۇرس ئاخىرلىشىقا ئاز قالغانسىرى بالىلارنىڭ بىربىرىگە تېخىمۇ ئىجىل بولۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم. 25-ئىيۇل ئىككى ھەپتىلىك كۇرسنىڭ خۇلاسە پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. بالىلار ئوقۇتقۇچىلىرىغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىپ، ھەدىيەلەرنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن سەنئەت پائالىيتى باشلاندى. سەنئىتىمىزنىڭ گۈل تاجى ساما ئۇسۇلى بىلەن باشلىغان پائالىيەت شۇنچىلىك قىزغىن داۋاملاشتى. ساما ئوينىغانلارنىڭ ئىچىدە ئۆمرىدە ئۇسۇلغا قولىنى كۆتۈرۈپ باقمىغانلارمۇ بار ئىدى. بىز يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇق ھەم ھاياجانلاندۇق. سەھنىدە نومۇر كۆرسىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ھاياجانلىق ياشلىرىغا تولدى. بولۇپمۇ سەنئەت يېتەكچىسى گۈلزادە مۇئەللىم كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالغان ئىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ بالىلار ۋە مۇئەللىملەر بىر-بىرلەپ قايتىشقا باشلىدى. قىيالماسلىق ئىلكىدە، بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشقان كۆرۈنۈشلەر 26-ئىيۇل ئەتىگەنگىچە داۋاملاشتى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان نۇرغۇنلار بۇنداق قويۇق ئۇيغۇرچە مۇھىتنى ۋەتەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ياشىغان بولسا كېرەك.

ئەڭ ئاخىرقى گۇرۇپپىنى ئۇزىتىش ۋەزىپىسى ماڭا قالدى. خوش دېيىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن، يەنە كېلىپ ۋەتەنگە يېقىن جايلاردىن كەلگەنلەرنى ئۇزىتىپ قويۇش ماڭا شۇنچىلىك تەس كەلدى. قازاقىستان ياركەنتنىڭ ئاۋات يېزىسىدىن كەلگەن بىر سىڭلىمىز ئۆيىنىڭ ۋەتەن چىگراسىغا بەكلا يېقىنلىقىنى، چىگرانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋەتەننى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ۋەتەننى كۆرۈپ تۇرىدىغان شۇ جۈپ كۆزلىرىگە تويماي قاراپ كەتتىم. ھەممەيلەن تەرەپ-تەرەپكە تاراپ نورمال تۇرمۇشىمىزغا قايتتۇق، ئەمما بۇ ئەسلىمىلەر خېلى ئۇزۇنغىچە بەلكىم بىر ئۆمۈر ھېچقايسىمىزنىڭ خاتىرىسىدىن ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىلىدا، پايتەخت ئەنقەرەنىڭ بۇ قىسقا ئەمما گۈزەل ئەسلىمىلەرگە شاھىت بولۇشى، ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسىنى ئىزدەپ كەلگەن مىھمانلارغا ساھىبخانلىق قىلىشى تېخىمۇ مەنىلىك ئىدى.

2023-يىلى 30-ئىيۇل، ئەنقەرە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top