You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » ئىستانبۇلدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئىستانبۇلدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ئانا تىل كومىتېتى ئىستانبۇلدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئانا تىلىنى ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى بولغان ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ 4 ئايلىق ئۇيغۇرچە ساۋات چىقىرىش، ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئۇيغۇرچە بالىلار ھىكايىلىرىنى ئوقۇش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى.

تەلەپكە ئاساسەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان ئانا تىل كۇرسىدا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئابىدە نەسرىن خانىم دەرس بېرىدۇ. كۇرسىغا قاتناشقان ياش – ئۆسمۈرلەر  قىسقىغىنا 4 ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى ئوقۇش ۋە يېزىشتىن باشقا، ئۇيغۇرچە سۆزلەش، بالىلار ھىكايىلىرى ۋە دىنى ھىكايىلەر بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇپ چىقىدۇ.

ئالدىمىزدا ئېچىلماقچى بولغان «ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سىنىپى» ۋە «تىل – ئەدەبىيات سىنىپى» مىزغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبىكتىمىز 7 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادى بولمىغان ۋە تىل – ئەدەبىياتتىن ئاساس ھازىرلاشقا ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، «ساۋات چىقىرىش سىنىپى» مىزدا ھەرىپلەرنى تونۇش، بوغۇم پەرقلەندۈرۈش، بوغۇم بويىچە خەتلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىش، جۈملە تۈزۈش، ئىملا قائىدىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى، بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تاللانغان ھىكايە چۆچەكلەر قوشۇمچە دەرسلىك قىلىنىدۇ.

«تىل – ئەدەبىيات سىنىپى» مىزدا راۋان كىتاپ ئوقۇش، ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسى بىلەن خەت يېزىش، سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى چۈشىنىش، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى قاتارلىق دەرسلىكلەر بىلەن بىرلىكتە، بالىلارغا خاس يېزىقچىلىق ۋە نۇتۇق سۆزلەشكە يېتەكلىنىدۇ.
كۇرسىمىزدا بالىلار دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار ۋە خۇشال بولۇشى ئۈچۈن ئانا تىلدا راۋان سۆزلەش، چۈشىنىشكە ياردەمچى بولىدىغان ۋىدىيولىق دەرسلەر ۋە ھەر خىل مىللىي روھىمىزنى كۈچەيتىدىغان پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى چەكلىك بولۇپ، پەرزەنتلىرىنى دەرسلەرگە ئىزچىل قاتناشتۇرالايدىغانلارلا يۈزـ تۇرانە كۆرۈشۈشتىن كېيىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئانا تىل كۇرسى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: 

كۇرس مۇددىتى: جەمىئىي 4 ئاي

ئانا تىل دەرس سەئەتلىرى دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ دەرس سائەتلىرى سىرتىدا بولىدۇ. تىزىملاتقانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا 10 – 7 ياش ۋە 18 – 11 ياش گۇرۇپلىرى بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. 

تىزىملىتىش شەرتى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىدىن بولغان 7-18 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەر

دەرسلىكلەر: ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى، ئۇيغۇر بالىلار ھىكايىلىرى، سىرەت ۋە تۆتقۇلاق ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىدىكى دىنىي ھىكايىلەر

سان چەكلىمىسى: ھەربىر ياش گۇرۇپپىسى ئۈچۈن 12 ئوقۇغۇچى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى دۈشەنبە

دەرس كۈنلىرى: دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە ۋە پەيشەنبە

دەرس سائىتى : 16:00 دىن 17:30 غىچە

كۇرس ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 2024 – يىلى 1- ئاينىڭ 12 – كۈنى يەكشەنبە (جەمىئىي 17 ھەپتە)

تىزىملىغۇچى: ئابىدە نەسرىن (905525818000+ ۋوتىسئاپ بىلەن ئالاقە قىلىڭ، تىزىملاتقۇچى ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىغا كېلىشى كېرەك.)

تىزىملىتىش ئادرىسى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسى، كارتالتەپە مەھەللىسى، مەركەز كوچىسى، 3 يىلدىز تار كوچىسى، 2-نۇمۇر، 3-قەۋەت، سەفاكۆي، ئىستانبۇل (سەفاكۆي تاش قاسساپ قارشىسىدا)

Adres: Merkez Cad. 3. Yıldız Sok. No: 2, Pamuklar İş Merkezi, Kat: 3, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul

ئانا تىل كۇرسىدا ھەپتىدە 4 كۈن، كۈندە 2 دەرس سائىتى ۋە ئايدا جەمىئي 32 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

ئوقۇش پۇلى ئايلىق 700 لىرا. باشتا قاتنىشىپ، كېيىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار تۆۋەندىكى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ ئابىدە ئابباس نەسرىن خانىمغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى

4 ئايلىق ئانا تىل كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت شاھادەتنامە بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى ئىشخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top