You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «قەھرىمان ئەلنىڭ قەيسەر ئوغلانى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى.

«قەھرىمان ئەلنىڭ قەيسەر ئوغلانى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى.

«قەھرىمان ئەلنىڭ قەيسەر ئوغلانى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى.

يېقىندا ئالمۇتادىكى «ئوغۇز» نەشرىياتى تەرىپىدىن تەتقىقاتچى ئابدۇللاھ سامساقوفنىڭ قەلىمىدە، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «قەھرىمان ئەلنىڭ قەيسەر ئوغلانى» ناملىق كىتاب يورۇقلۇققا چىقتى.

مەزكۇر كىتاب ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنجى قىسمىدا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ شائىرىمىزغا يازغان بېغىشلىمىلىرى، شېئىرلار ۋە لۇتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلارنىڭ قازاق، روس، ئېنىگىلىز تىللىرىدىكى تەرجىمىلىرى بېرىلگەندىن باشقا يەنە، شائىرنىڭ نەسەپنامىسى ھەققىدىمۇ كونكېرت مەلۇماتلار بېرىلگەن.

كىتابنىڭ ئىككىنجى قىسمىدا بولسا، لۇتپۇللاشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ، شائىرنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇماتلىرى بېرىلگەن. بۇلاردىن باشقا، شائىرىمىزنى روس دۇنياسىغا تونۇتقان مۇرات ھەمرايىفنىڭ روسچە ئەسىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئەسەر، ئوت يۈرەك شائىرىمىز، تالانت ئىگىسى لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچى ۋە شېھىت قەھرىمانىمىزغا بولغان چوڭقۇر ئېھتىرامىمىزنى ئىپادە قىلىدىغان يەنە بىر ئېسىل ئەمگەكلەردىن بولۇپ قالغۇسى!

كىتابنىڭ يورۇقلۇققا چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتورنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىللە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top