You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » تاشكەنتتە ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ خەلقئارالىق «مەدەنىي مىراسلار» كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تاشكەنتتە ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ خەلقئارالىق «مەدەنىي مىراسلار» كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەيىبلىنىۋاتقاندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

«مەدەنىي مىراس» دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۆرگەزمە 30- سېنتەبىردىن 6- ئۆكتەبىرگىچە تاشكەنت فوتو-سۈرەتلەر سارىيىدا داۋام قىلدى. مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئىجاد قىلىدىغان ئۇيغۇر رەسساملارنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. بۇ، ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭ كۆلەمدىكى خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

30-سېنتەبىر كۈنى پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۆرگەزمە زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. مەزكۇر كۆرگەزمە ياش رەسسام گۈلناز تۇرسۇن بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشەببۇسىدا، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر جامائىتى، ئۆزبېكىستان گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيەسى ۋە تاشكەنت فوتو-سۈرەتلەر سارىيىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە تەشكىل قىلىندى. مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى، ئۆزبېكىستان گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى، پىروفېسسور لېكىم ئىبراھىموف يېتەكچىلىك قىلدى.

professor-Lekim-Inragimov-1024

كۆرگەزمىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىسى جوناتان خېنىك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇلھەمىت قاراخان، ئۆزبېكىستان گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ رەھبىرى ئەكمەل نۇر شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رەھبەرلىرى، گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى، سەنئەت سۆيەرلەر ۋە تاماشىبىنلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

AMERIKA-elchisi-Djonatan-Henik-1024ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئەلچىسى جوناتان خېنىك ئەپەندى مەزكۇر كۆرگەزمىدىن بەك خۇشال بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىي ۋەتىنىدە ئېغىر تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ مەدەنىيەت بايلىقىنى ساقلاشقا تىرىشقانلىق مەنزىرىسىنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى؛ «بۇ يەردە بولغانلىقىم ھەقىقەتتىن خۇشاللىنارلىق ئىش. تۈرلۈك سەنئەتلەرنى ۋە ھەيران قالارلىق رەسىملەرنى كۆرۈش ئالاھىدە بىر ھېسسىيات بېرىدۇ. مەن ئويلايمەنكى بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرلىكى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، سەنئەت جەھەتتىن ئىتتىپاقلىشىش ۋە دىدارلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇنى تەكىتلىشىم كېرەككى، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تاشكەنتتەك بىر شەھەردە ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ بىرلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ».

مەزكۇر كۆرگەزمە تەشەببۇسكارلىرىدىن قازاقىستانلىق رەسسام گۈلناز ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ساھەدىكى پىلانلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇلھەمىت قاراخان، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيە رەئىسى رىشات ئابباسنىڭ سالىمىنى يوللاپ، تەبرىكنامىسىنى ئوقۇدى ۋە ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى شۇ كۆرگەزمىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بىلدۈردى.

ﭘﯩﺸﻘﻪﺩەم تىببىي ﺩﻭﺭﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﻪﺳﻰ ﺭەئىسى ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺭﯨﺸﺎﺕ ﺋﺎﺑﺒﺎسنىڭ تەبرىكنامىسى

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻمۇ ئەلەﻳﻜﯘﻡ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩېمىيەسىگە ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺧﻪلقئاﺭﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩەنىيەت ﻣﯩﺮﺍسلىرى ﺭەسساملىرى ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯩﺮﺍﻕ-ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﯩﺮىكاﻧﯩﯔ ئۆزبەكىستاﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺵﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺟﻮﻧﺎﺗﮭﺎﻥ ﮪﻪﻧﯩﻚ ﺋﻪﭘﺪىمنىڭ ﻗﯩﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞاختىنى ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ئېچىلىش ﻧﻮﺗﯘقى ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگىنىگە چىن ﻛﻮﯕﻠﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻪككۈر ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯦﮭﻨﻰ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﺎﺭىخى ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭەسىم ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭەسسام ﯞﻩ ﺳﻪنئەﺗﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺭەھمەت ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ، ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘ ﺗﺎﺭىخى ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ تەشكىللەشتە ﺯﯗﺭ ﻛﯘﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪيياﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮمىتېتىدﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ قېرﯨﻨﺪاشلارغا ﺗﻪﺷﻪككۈر ئېيتىمەﻥ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ، ﺩىئاﺳﭙﻮﺭﺍﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩەنىيەت مىراسلىرىنى ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺱ ﺑﯘﺭﭼﻰ ۋە ۋەزىپىسىدۇر. ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺭەسىم ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞەكىللىك ﺋﻪﺳﻪرلەرﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ، ﺋﯚﺯبېكىستاندەك ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩەنىيىتى، ﺳﻪنئىتى، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯئاﺭﺍ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺭﯨﺸﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﯜﺳﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ دوكتور ﺭﯨﺸﺎﺕ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ

ئۆزبېكىستان مەملىكەتلىك مەتبۇئات ئىدارىسى باشلىقى، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قېرىنداش بىر مىللەت بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز 25 مەملىكەتتىن كەلسەكمۇ، رەسىملىرىمىزدە ماۋزۇلىرىمىز بىر، رەڭلىرىمىز بىر، ئەسەرلىرىمىزدە مۇھەببەت، ۋەتەن سۆيگۈسى، ئېتىقاد ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسساملار قەيەردە تۇغۇلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر دائىم تومۇرىدىكى ئاققان قېنىغا ئەگىشىدۇ. ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر قەدىمىي قېرىنداش مىللەتتۇر. بىزنىڭ تارىخىمىز بىر، مەدەنىيىتىمىز بىر. مەن ئۇيغۇرلارنى شۇنچىلىك ھۆرمەت قىلىمەنكى، چۈنكى ئۇلارنىڭ سەنئىتى، مەدەنىيىتى ۋە مۇزىكىسى تولىمۇ نەپىس. ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ كۈچىنى يوقاتمىغان ۋە يوقاتمايدۇ. مەن ئويلايمەنكى، بۈگۈن ئاجايىپ بىر پائالىيەت بولدى، مەدەنىيەت-سەنئەت باھانىسىدە تاماشىبىنلار توپلىشىپ يۈرەك-قەلبلىرىدىن چىققانلارنى ئېيتىشتى. مەن ئويلايمەن شۇ خىل پائالىيەتلەرنى جىق ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك، چۈنكى يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە بىر-بىرىمىزنى تونۇشىمىز كېرەك، يەنە يېقىن بولۇشىمىز كېرەك، يېقىن بولساق كۈچلۈك بولىمىز، كۈچ بىرلىكتىدۇر».

بۇ خىل رەسىم كۆرگەزمىسى تاشكەنت شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ تاشكەنت شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدىغان ئۆزبېك ئاھالىسى شۇ خىل مۇراسىملارغا تەشنا بولغانلىقلىرىنى كۆرسەتتى. مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان رەسساملارنىڭ ئىجادىيىتىدە ئانا-ۋەتەن تېمىلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتقان. كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان سەنئەت سۆيەرلەر تەشكىللىگۈچىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، رەسساملار ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى.

مەزكۇر كۆرگەزمە داۋامىدا يەنە ياش، تالانتلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى مەلىكە قادىروۋا ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم نۇسخىلىرىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمە يېتەكچىسى پىروفېسسور لېكىم ئىبراھىموف بۇ مەدەنىي پائالىيەتنىڭ چوقۇم باشقا دۆلەتلەردە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەزكۇر كۆرگەزمىگە ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئىجادىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان لېكىم ئىبراھىموف، سابىتجان باباجانوف، مەرۋايىت ھاپىز، ئەخمەت ئەخەت، نۇرشىددىن باراتوف، گۇلناز تۇرسۇن، نادىرە يۇسۇپوۋا، نۇزۇگۇم سامىيېۋا، رۇستەم شاماخۇن، گۇلناز مەمەدىنوۋا ۋە باشقا ياش سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى قويۇلدى.

ئەسكەرتىش: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرىدىن پايىدىلىنىپ تەييارلاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top