You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىلدىن ئاشقاندا دۇنيا ئاخباراتى ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتى تەدرىجىي ھالدا باشقا دۇنياۋى تېمىلارغا بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتىدا 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىغا بېغىشلانغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پائالىيەتلىرى باشلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېميەسى بىلەن يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقى ۋە تىرىشچانلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان.

12-ئۆكتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېنرىي ليۇس (Henry R. Luce) زالىدا بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسى ئورنىدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى بولدى. پائالىيەت زالىنىڭ تاملىرىغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرى، شۇنىڭدەك لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ سۈرەتلىرى قاتىرىسىغا ئېسىلغانىدى. پائالىيەت زالىدىكى ئۈستەللەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ھاياتى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىگە دائىر تۈرلۈك ماددىي بۇيۇملار، جۈملىدىن كىيىم-كېچەكلەر ۋە ھۆسنخەتلەر رەت-رېتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇشۇلارنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر خەلق ئىكەنلىكىنى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەرقانداق كىشىگە جانلىق ھالدا نامايان قىلىپ بېرەتتى. پائالىيەت ئەھلى ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە باشقا يېمەكلىرى بولسا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر جۇلاسى سۈپىتىدە پائالىيەت كەيپىياتىغا ئۆزگىچىلىك ئاتا قىلغانىدى.

شۇ قاتاردا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى «قىرغىنچىلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دېيۋىد سايمون (David Simon) سۆز ئالدى. ئۇ ئىخچام قىلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مۇھىملىقى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئەكس تەسىرىنى ياخشىراق مۇھاكىمە قىلىش، شۇ ئارقىلىق ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقنى چەكلەشكە ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشقۇدەك چارىلارنى تېپىپ چىقىشقا يول ئېچىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى تەشكىللەشكە زور كۈچ چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئامېرىكا تەۋەسىدە تونۇلغان تېببىي دورىگەرلىك ئالىمى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئىدى. ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە، ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقاندا يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە، شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالايىتەن ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي يېتىپ كەلگەن شان روبېرتس، جېيمىس مىلۋارد، سوفېي رېچاردسون قاتارلىق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ سىنلىق خەۋىرىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ: يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

13-ئۆكتەبىردىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن ھالدا تاماملاندى. يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋىدىيو ئارقىلىق يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كۆرسىتىۋاتقان تەھدىتلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسقا دۇنيانىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى قانداق باھالاش قاتارلىق تېمىلار بويىچە ‍ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. پروفېسسور شان روبېرتس ئۆز سۆزىدە ئۆتكەن ئالتە يىلدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى «قاپ بەلدىن ئوشتۇۋەتكەن» ھالەتتە ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي خارابلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى، ئەمدى بولسا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرلىرىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب سىياسىي ساھەسى بۇنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەن» دېدى. شۇنىڭدەك بۇ يوقىتىشلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن كوللېكتىپ روھى زەربىنىڭ تەسىرى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا بەكمۇ روشەن ھالدا بىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق بۇ خىل قىرغىنچىلىققا قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مەلۇمات بەردى. . ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، خىتاي كونتروللۇقىدىكى تېررىتورىيەدە ياشاۋاتقان ھەمدە خىتاي بولمىغان ھەممىلا مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە شەكلىدە ئېرىتىپ تۈگىتىشكە ئاتلانغان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىكى ئەڭ ئېغىر ھالاكەت تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى چىڭ ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن دۆلەت سىياسىتىنىڭ داۋامى بولۇپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى يارىتىلغان. بولۇپمۇ چىڭ ئىمپېرىيەسىنى خىتاي دۆلىتىگە تەڭلەشتۈرۈۋېلىشتەك چۈشەنچىنىڭ ئۆزى بىر تۈرلۈك تارىخىي خاتالىق. چۈنكى چىڭ ئىمپېرىيەسى قۇرۇلغاندا مانجۇلار ھۆكۈمران تەبىقە بولۇپ، خىتايلارنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قوشۇۋالغان. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار ۋە تىبەتلەرنىمۇ قوشۇۋالغان. چىڭ ئىمپېرىيەسى ھالاك بولغاندىن كېيىن بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. شۇ قاتاردا ئىككى قېتىم ‹شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى› ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ تەركىۋىي قىسمى ئەمەسلىكى جاكارلانغان. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە چىڭ ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي دۆلىتىگە مەنسۇپ، دەپ قاراش ھېچقانداق چەك باسمايدۇ.

يىغىندا سۆز قىلغانلاردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان «ئىناق ۋە گۈزەل شىنجاڭ» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت، كونتروللۇق، لاگېر ۋە تۇتقۇننىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ‍ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنىڭ ئىلگىرىكىدىن ھېچقانچە پەرق قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت كۆرۈنۈشتە ئاشۇنداق ساختا مەنزىرىلەرنىڭ يارىتىلىۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئاددىيسى بۇ قېتىمقى پائالىيەت زالىغا سۈرىتى ئېسىلغان شەخسلەرنىڭ ھېچقايسىسى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ «تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىشلار، ئائىلە جۇدالىقى، مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق قىرغىنچىلىق ھادىسىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمى «ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دائىر بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئاجرىتىلدى. ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پائالىيەتكە يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار، شۇنىڭدەك قوشنا شىتاتلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئالايىتەن ئىشتىراك قىلدى.

ئەسكەرتىش: ر ف ئا ئۇيغۇر بۆلۈمى خەۋىرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلاندى:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/yale-universitu-10132023175813.html?fbclid=IwAR29untkqFv-KGHKignMMpZIvz9ZYOvSe-0-uaVXUkLQhbZguXtq_S0aPxA

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top