«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈرك ئوچاقلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
2023-يىلى 11-نويابىر شەنبە كۈنى ئەنقەرەدىكى تۈرك ئوچاقلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھاكىمە يىغىنىغا پروفېسسور مەھمەت شاھىنگۆز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىلەر دوكلات سۇنىدۇ.
يىغىن تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى
يىغىن باشقۇرغۇچىسى: پروفېسسور مەھمەت شاھىنگۆز
دوكلات بەرگۈچىلەر:
پروفېسسور سائادەتتىن گۆمەچ (ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)
پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق (ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى)
ئابدۇلھەمىد قاراخان (ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى)
ۋاقتى: 2023-يىلى 11-نويابىر، شەنبە
ۋاقتى: 14:00
ئورنى: تۈرك ئۇچاقلىرى
ئادرېسى: Türkocağı Caddesi, Prof. Dr. Osman Turan Sokak, No:1, Balgat / ANKARA
ئەسكەرتىش: يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا تۈركىستان پولوسى سۇنۇلىدۇ.