ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!
2023-يىلى 12-نويابىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 09:00 دا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش يىغىنىمىزغا بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: – ئابدۇجېلىل تۇران (يىغىن تەرتىپ كومىتېتى مەسئۇلى)
مەزكۇر يىغىننى تەرتىپلىگەن تەشكىلاتلار: تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان فېدىراتسىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئويۇشمىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى
يىغىن كۈنتەرتىپى:
09:30 – 09:00: ناشتا
10:30 – 09:30: ئېچىلىش نوتۇقلىرى
13:30 – 10:30: 1933 ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدە دوكلاتلار
دوكلات سۇنغۇچىلار:
دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم
دوتسېنت ئۆمەر قۇل
دوكتور ئەسەت سۇلايمان
دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت
ۋاقتى: 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 09:00
ئورنى: زەيتىنبۇرنۇ 1453 چىرپىجى ئارامگاھى
1453 Çırpıcı Sosyal Tesisi – Zeytinburnu