چاقىرىق
12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىدە دېرىزە ۋە بالكونلارغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى ئېسىش ۋە مۇمكىن بولسا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە چاقىرىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90-يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 79-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە شېھىتلىرىمىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن ئەسلەيمىز.
جۇمھۇرىيەت روھىنى جانلىق تۇتۇش، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ۋە پىداكارلىقلىرىنى خاتىرلەش، پەرزەنتلىرىمىزگە ۋە ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى سىڭدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى ۋە مۇستەقىللىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىدە ئۆيلىرىنىڭ دېرىزە ۋە بالكونلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى ئېسىشقا ۋە ئىمكان يار بەرگەن جايلاردا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
2023-يىلى 9-نويابىر