You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئىستانبۇلدا 12 – نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا 12 – نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90 يىللىقى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 79 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2023-يىلى 12-نويابىر ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ پارتىيە ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە كىشى ئىشتراك قىلدى.

Bir 3 kişi, hoparlör, aydınlatma, kürsü ve yazı görseli olabilir

خاتىرىلەش مۇراسىمى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى 1453-يىلدىكى چىرىپچى ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن پارتىيە ۋەكىللىرى مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىندى. ئاندىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخان قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە سۆز قىلدى.

Bir 1 kişi, hoparlör, keman, kürsü ve yazı görseli olabilir

ئاخىرىدا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن دوتسىنت ئەركىن ئەكرەم، دوتسىنت ئۆمەر قۇل، دوكتور ئەسەت سۇلايمان، دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ۋە شائىر ئابدۇشۈكۇر مۇھەممەد، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاخىرلىشىشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ۋەزىيىتى، ئىككى جۇمھۇرىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخى شەخسلەر ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلىدى.

Bir 1 kişi, aydınlatma, hoparlör, kürsü ve yazı görseli olabilir

Bir 2 kişi, hoparlör, kürsü ve yazı görseli olabilir

Bir 2 kişi, aydınlatma, kürsü ve yazı görseli olabilir

Bir 1 kişi, kürsü ve yazı görseli olabilir

Bir 1 kişi, hoparlör, aydınlatma, kürsü ve yazı görseli olabilir

Bir 2 kişi, aydınlatma, hoparlör, kürsü ve yazı görseli olabilir

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top