ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيەدە 113 يىللىق تارىخقا ئىگە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەمكارلىقىدا، 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى ۋە زىيالىيلاردىن بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى مەھمەت شاھىنگۆز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ سۆزىدە، «12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم پات يېقىندا 3-قېتىم يەنە بىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرىدىغانلىقىغا ئۈمىد بارلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ پىروفېسسورى سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ ئەپەندى ئۇيغۇرلار 1933-يىلى قەشقەردە، 1944 يىلى غۇلجىدا قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى، يىقىلىش سەۋەبى ۋە ئۇ دەۋىردىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش ۋە سىياسىي خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا دوكلات بەردى.
پروفېسسور سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ ئەپەندى ھەر ئىككىلا قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياۋى رىقابەتلەر تۈپەيلى بەربات قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى جۇمھۇرىيەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن 1949-يىلى سېنتەبىر خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈش باشلاندى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان مۇھىم بىر تۈرك قوۋمى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.»
پروفېسسور سائادەت ياغمۇر گۆمەچ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەر ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سەۋەب ئاساسىدا دۇنياغا كەلگەن. بۇ ھال خېلىلا مۇكەممەل تۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىدىمۇ تولۇق ئەكس ئەتكەن.
ئارقىدىن، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئىدىئولوگىيەلىك كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە كېيىنكى دەۋىرلەردە خىتاينىڭ ئاسمىلياتسىيە سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ بىر قانچە خىل ئېقىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاكىتلار بىلەن كۆرسەتتى، ئۇ سۆزىدە، ھازىرقىدەك قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يا خىتايدىن تەلتۆكۈس مۇستەقىل بولۇپ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ياكى بولمىسا خىتاينىڭ ئاسمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىقىدا يوق بولىدىغان ھايات-ماماتلىق بىر تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئىچكى زىددىيەتنى بىر يەققە قايرىپ قويۇپ، خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك زەربە خارەكتىرلىك خىزمەتلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلات ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدىن كېيىن تۈرك ئوجاقلىرى رەئىسى پروفېسسور مەھمەت ئۆز ئەپەندى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەپ، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىكى تۈرك ئوجاقلىرى تارماقلىرىنىڭ بىر ھەپتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلارغا ئوخشىغان تۈركىستان پولوسى سۇنۇلدى.