You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار تونۇلغان ئىجتىھاتلىق ئۇيغۇر تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننى قىزغىن كۈتىۋالدى

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار تونۇلغان ئىجتىھاتلىق ئۇيغۇر تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننى قىزغىن كۈتىۋالدى

شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 30-نويابىر پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەنقەرە قىزىلئايدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنىستىتۇتىدا تونۇلغان ئىجتىھاتلىق ئۇيغۇر تارىخچى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىگە ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ۋە ئىپتىخارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىلىشقا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئەركىن ئەمەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ سۆزىدە دوكتور نەبىجان تۇرسۇننى بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ 40 نەچچە يىلدىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى «ئومۇمىي ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت چەتئەل ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا ماتېرىيال مەنبەسى توپلىغانلىقىنى، ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم مەخسۇس 1933-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىش سەۋەپلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخى ۋەقەلەر، شۇ دەۋىردىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىچكى زىددىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئاڭ سەۋىيەسى ھەققىدە ناھايىتى تارىخى ۋەقەلىكلەرگە باغلاپ تۇرۇپ كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ژۇرنالىست مىركامىل قەشقىرى ئەپەندى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئىلمىي ئەمگىكى ئۈچۈن گۈل تەقدىم قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ تارىخ سۆھبىتىگە قانمىغان بىر كەيپىياتتا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئاخىرىدا ھەممە بىردەك دوكتور نەبىجان تۇرسۇنغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىدا يەنىمۇ مول مىۋىلەرنى تەقدىم قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top