كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى
ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغىنىغا 2 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئاكادېمىيەنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىيولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ 2-نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقتى.
ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەزكۇر سايلىمىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباس، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوكتور مەمەت ئېمىن، ئاكادېمىيە باش كاتىپى ئابدۇلخەمىد قاراخانلارمۇ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇلار مەزكۇر ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مۇختەر ئابدۇراخمان ۋە مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەۋلان باييۈز ئەپەندىلەرنىڭ مەزكۇر ئاكادېمىيەنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. سابىق رەئىس دوكتور مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قايتا رەئىس نامزاتى بولمىغان ئىدى.
دېموكراتىك ۋە ئادىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ رەئىس نامزاتلىق سۆزىدە، ئەگەر رەئىس بولۇپ سايلانسا، ئۆزى بىلەن بىرگە ئەمەلىي خىزمەت قىلىدىغان غوللۇق 7 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتلەرنى تەشكىللەپ، كەلگۈسى 3 يىلدا ياپونىيەدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئاكادېمىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى ياپونىيەدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى، ھەمدە ياپونىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىزدەۋاتقان تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت توختى كەنجى 1967-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاقسۇدا تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپنى ئۈرۈمچى سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ 1989-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن. 1997-يىلغىچە ئاقسۇدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان كېيىن 1998-يىلى 1-ئايدا ياپونىيەگە بېرىپ كاناگاۋا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ياپونىيە سونى شىركىتىدە يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.
غەيرەت كەنجى ئەپەندى 2003-يىلى «ئۇيغۇر ئېدىت» يۇمتالىنى نەشر قىلىپ ھەقسىز تارقاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان ۋە ناھايىتى قارشى ئېلىنغانىدى.
ئۇ «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ 2021-يىلى 2-ئايدا يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش، يېزىق ئالماشتۇرۇش (ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ۋە ئۇيغۇر كرىل يېزىقىنى بىر-بىرىگە ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش)، ئاپتوماتىك يېزىق ئالماشتۇرغاندا ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىك ئۆزگىرىشى، قۇر ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك تاماملاش ئىقتىدارلىرىنى قوشقان. «ئۇيغۇر ئېدىت» نىڭ 2021-يىلدىكى ئەڭ يېڭى نەشر نۇسخىسىمۇ توردا ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنى گىتخابتىن بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ قوللىنىشقا بولىدۇ.
يېقىندا ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2016-يىلىدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ئىچىدىن 54 تور بەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپونىيە تارمىقى»، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ياپونىيەدە ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىزدەۋاتقان تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەمدە بولۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.