You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ 40 نەزىرىسى ۋە ئۇنى خاتىرىلەش يىغىنى

مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ 40 نەزىرىسى ۋە ئۇنى خاتىرىلەش يىغىنى

2024-يىلى 1-ئاينىڭ 20- كۈنى شەنبە سائەت 15:40 تا ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى يىغىن زالىدا، ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرۈشىگە ئاتىغان تۈركىيەدە تونۇلغان زىيالىيلىرىمىزدىن بىرى خىتاي تەتقىقاتچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ 40 نەزىرىسى بولىدۇ.

مەرھۇمنىڭ 40 نەزىرىسى كۈنىدە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ۋە سەپداشلىرىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، پروفېسسور ئەركىن ئەمەت، دوكتور مەغپىرەت كامال ۋە مەرھۇمنىڭ ئايالى دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلىنىڭ مەلۇمات بېرىشى بىلەن مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىمۇ بولىدۇ.

مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىرادىلىك، قەيسەر، تەمكىن ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن، تاكى تىنىغىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان مىللىي كۆرەش سېپىمىزنىڭ غوللۇق تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇشبۇ نەزىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىغا تەكلىپ قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى

ۋاقتى: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 15:40

لىكسىيە ئورنى: ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى يىغىن زالى

ئادرىسى: ئىستانبۇل سەفاكۆي كامالپاشا مەھەللىسى بىگا كوچىسى 27- بىنا كىرىش قەۋەت

Orni: Uygur İlim ve Medeniyet Araştırmaları Vakfı (Sefaköy)

Adresi: Kemalpaşa Mah. Biga Sok. No: 27, Giriş Kat, Sefaköy / İstanbul

Konum: https://maps.app.goo.gl/8XgTHhgDh9FKR1vF8

ئالاقە تېلىفۇنى: Alaqe Telefoni: 05306677851, 05551105787

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top