You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 2024-يىللىق «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2024-يىللىق «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2024-يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى، تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللار مائارىپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 1:45 تە ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى İSEFAM يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا 2024-يىللىق «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكى نامايان قىلىنىدۇ.

تىل – بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خەۋپ ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 2010-يىلىدىن بۇيان «21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرلەش نامىدا، 10 قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. 2022-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە دوتسېنت راھىلە قەشقىرى خانىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆلچەملىك يۈرۈشلەشكەن ئۇيغۇر ئانا تىل دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا، مەزكۇر ئانا تىل دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۇ تۈر ئەمەلىي خىزمەتلەرنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ھەر يىلى ئۆزلۈكسىز ئانا تىلنى قوغداش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرلىكتە، 2016-يىلىدىن بۇرۇن ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.

چاقىرىق

ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا بولىدىغان «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە تەسىرلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمىز ۋە تۆۋەندىكىلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشلىرىنى سورايمىز:

1) تۈركىيەدىكى ئاتا – ئانىلار ئۇيغۇرچە ناخشا، شېئىر ۋە نەسىر ئوقۇيالايدىغان «ئالاھىدە تالانتلىق» بالىلىرىنى ئانا تىل پائالىيىتىدە سەھنىدە نومۇر ئورۇنلشىغا ئاكتىپ قاتناشتۇرۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. نومۇر ئورۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە رىغبەتلەندۈرۈش خارەكتىرلىك ھەرخىل خاتىرە بويۇم ۋە ئويۇنچۇقلار ھەدىيەلەر قىلىنىدۇ.

بالىلىرىنىڭ سەھنىدە نومۇر كۆرسىتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا – ئانىلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى مەسئۇل خادىملار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ۋوتىسئاپ (ئالاقە نومۇرى: 05300386737 ۋە 05306677851) ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسكەرتىش: سەھنە نۇمۇرلىرىنىڭ سانى چەكلىك، سۈپەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك نومۇرلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

2) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالايدىغان ۋە ساز چالالايدىغان «تالانتلىق» ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئانا تىل پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە قىزغىن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىدىكى مەسئۇل خادىملار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئورۇنلىماقچى بولغان نومۇرلىرىنى ۋوتىسئاپ (ئالاقە نومۇرى: 05306677851) ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسكەرتىش: سەھنە نۇمۇرلىرىنىڭ سانى چەكلىك، سۈپەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك نومۇرلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

3) ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئانا تىل پائالىيىتىگە كېلىش ئىمكانى يار بەرگەن، ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىشقىدا يۈرىكى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا مىللىي كېيىملىرىنى كىيىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىشلىرىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى، تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللار مائارىپى

ئالاقە تېلفۇنى: 05306677851 ۋە 05384672217

ئورنى: ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى İSEFAM يىغىن زالى

ئادرىسى: ھالكالى كوچىسى، 281 – نومۇر، ھالكالى، ئىستانبۇل

Adres: Halkalı Cad. No: 281, Halkalı, Küçükçekmece / İstanbul

ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

https://maps.app.goo.gl/6NtuXmzzv4ggAEng6

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top