You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» ئىستانبۇلدا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

«ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» ئىستانبۇلدا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

2024-يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى، تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللار مائارىپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى İSEFAM يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا 2024-يىللىق «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

بۇ پائالىيەتكە كۈچ چىقارغان تەشكىلات مەسئۇللىرىغا، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا، تەر تۆككەن سەبى ئۆسمۈرلىرىمىزگە ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئاتا-ئانىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى

«ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» سىن ھۆججىتى

«ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» دىن كۆرۈنۈشلەر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top