You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا مۇدىر بولۇپ تەيىنلەندى

ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا مۇدىر بولۇپ تەيىنلەندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇپ 4 يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈنلەردە مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىسىگە ئاساسەن، 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزالىرى ۋىدىئولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مۇدىرىنى بېكىتىپ چىقتى.

سابىق مۇدىر مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق مۇزاكىرە يىغىنى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا خىتاي مەسىللىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى كۆپچىلىك تەرىپىدىن خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا مۇدىر سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىندى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ۋە خىتاي مەسىللىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بىر مۇدىر نامىزاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتى ھەققىدە ئېرىشكەن ۋە مىللىتىمىزگە سۇنغان خىزمەتلىرىنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈردى.

خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى نىزامنامىسىغا ئاساسەن مۇدىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئارقا ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى نۆۋەت 6 يىل ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدۇ.

خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباس، ئاكادېمىيە باش كاتىبى ئابدۇلخەمىد قاراخان، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوكتور مەمەت ئېمىن، ئاكادېمىيە تۈر مەسئۇلى دوكتور گۈلنار ئەزىز،  ئاكادېمىيە تەشۋىقات مەسئۇلى دوكتور مەغپىرەت كامال، ئاكادېمىيە ياشلار ئىشلىرى مەسئۇلى دوكتور بارات ئاچىنوق ۋە ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى قاتناشتى. ئۇلار مەزكۇر ئېنستىتۇتنىڭ سابىق مۇدىرلىرىدىن مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ خىتاي تەتقىقاتىدا قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيىتتى ۋە ئۇنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەشتى.

مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھىيلە-مىكىرلىرىنى يۈزتۇرانە ۋە توردا يىغىنلار ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇيغۇرلارنىڭ، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ سۇيىقەستىگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باش قاتۇرغان ئىدى. ئۇ ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرۈشىگە ئاتىغان تۈركىيەدە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزدىن بىرى ئىدى.

خىتاي مەسىللىرى بۇيىچە تونۇلغان زىيالىيلىرىمىزدىن ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى مۇدىرلىقى ۋەزىپىسى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، كەلگۈسى 3 يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى تەتقىقاتچىلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تونۇشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۆۋەتتىكى قىلىۋاتقان ۋە كەلگۈسى قىلماقچى بولغان سۇيىقەستلىرى ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا خىتاي ھەققىدە توغرا مەلۇمات يەتكۈزۈش، ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خىتايچە ئەسەرلەرنى يىزىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ خىزمەتلەرنى كىملەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا كۆپچىلىك ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندىنى يېڭى ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى 3 يىلدا قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشتى.

ئىلاۋە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى بەلگىلىمىسى

بىرىنچى بۆلۈم

مەقسەت، دائىرە، ئاساس ۋە ئاتالغۇلار

مەقسەت
ماددا 1–(1) بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەقسىتى؛ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، پائالىيەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا، باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە، خىزمەت شەكلىگە ئالاقىدار ئۇسۇل ۋە ئاساسلارنى تۈزۈش.

دائىرە
ماددا 2-(1) بۇ بەلگىلىمە؛ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مەقسەتلىرىگە، پائالىيەتلىرىگە، باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا، باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە، خىزمەت شەكلىگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاساس 
ماددا 3-(1) بۇ بەلگىلىمە؛ 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى 2547-نومۇرلۇق ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ 7-ماددا بىرىنچى پاراگراف (d) تارماق (2) نومۇرلۇق كىچىك تارمىقى بىلەن 14-ماددىسىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

ئاتالغۇلار
ماددا 4-(1) بۇ بەلگىلىمىدە يېزىلغان
1) رەئىس: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسىنى،
2) كېڭەش ھەيئىتى:  ئىنستىتۇتنىڭ كېڭەش ھەيئىتىنى،
3) ئىنستىتۇت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنى،
4) مۇدىر:  ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرىنى،
5) ئاكادېمىيە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى،
6) ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەت: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى،
7) دائىمىي ھەيئەت: ئىنستىتۇتنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنى،
كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى بۆلۈم

ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى، ئاساسى ۋە پائالىيەت دائىرىسى

ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى
خىتاينىڭ تارىخى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىدىكى ئورنى، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر ۋە تۈركىستان سىياسىتى، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە ئېقىم مەسىللىرى بىلىملىرىگە ھەسسە قوشۇش، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق تەتقىقاتلارنى يېقىندىن تەتقىق قىلىش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەتقىقاتلار ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ توغرا يېتەكلىنىشىگە ياردەمدە بولۇش ۋە بۇ مەزمۇنلاردا دوكلات تەييارلاش، ياش مۇتەخەسسىس يېتىشتۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش.
ئاساسلىرى
ماددا 6-(1) خىتايغا قارشى كۆرەشتە غەلبە قىلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپ ھەققىدە پىكىرگە ئىگە بولۇش، پىكىرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بولسا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش كېرەك.
(2) ئۇيغۇر – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ كونا خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى بىز خىتاي بىلەن تارىخىي قوشنا. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان تارىخى سىياسەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
خىتاي بۇرۇندىن بۇ مەسىلىگە ياخشى تەييارلىق قىلغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ھەرقانداق شارائىتتا ئۇيغۇر ۋە تۈرك دۇنياسى سىياسىتى بار بولغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى تونۇش ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ تېخىچە ناھايىتى يېتەرسىز ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

پائالىيەت دائىرىسى
ماددا 7-(1) ئىنستىتۇت 5-ماددىدا كۆرسەتكەن مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ:
1) ئېنستىتۇت مەقسەدلىرىگە ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى قىلىش، بۇلارنى چەتئەل تىللىرىدا نەشىر قىلىش ئارقىلىق خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش.
2) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك لېكسىيە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش.
3) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئاساسلانغان كۇرس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پروگراممىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
4) ئىنستىتۇتنىڭ تارمىقىدا قۇرۇلغان بۆلۈملەر ۋاستىسى بىلەن لايىھەلەر تۈزۈپ ئىجرا قىلىش.
5) ئىنستىتۇتقا ئالاقىدار مەزگىللىك مەتبۇئاتلارنى تەييارلاش.
6) ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئاكادېمىيە تارماقلىرى ياردىمىدە 5-ماددىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلاردا تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىش.
7) ئېھتىياجغا ئاساسەن دۆلەت ۋە شەخسىي ئىدارە-ئورگانلارغا مەسلىھەت خىزمىتى بېرىش.
8) ئۇنىۋېرسىتېتلار، دۆلەت ۋە شەخسىي ئىدارە ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىش.
9) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش.

ئۈچىنچى بۆلۈم

ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى

ماددا 8-(1) ئىنستىتۇتنىڭ باشقۇرۇش ئورگانلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1) مۇدىر
2) دائىمىي ھەيئەت
3) كېڭەش ھەيئەت

مۇدىر
ماددا 9-(1) مۇدىر؛ رەئىسنىڭ تەكلىپى، ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئىتىنىڭ تەستىقلىشىدا دائىمىي ھەيئەتتىكى ئەسلىي ئەزالاردىن ۋە ئالاھىدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئەزالار ئىچىدىن ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. مۇددىتى توشقان مۇدىرنى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن قايتىدىن تەيىنلەشكە بولىدۇ. مۇدىرغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇدىر ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. مۇدىر ياردەمچىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمۇ ئۈچ يىل بولىدۇ. مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندا، مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئاخىرلىشىدۇ. مۇدىر ۋەزىپىسىنىڭ بېشىدا بولمىغان ئەھۋاللاردا مۇئاۋىن مۇدىر مۇدىرغا ۋاكالەتچى بولىدۇ. مۇدىرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالتە ئاي ۋەزىپىسىنىڭ بېشىدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يېڭى بىر مۇدىر تەيىنلىنىدۇ.

مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 10-(1) مۇدىرنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
1) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار يىللىق پائالىيەت پىلانىنى تەييارلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش.
2)  ئىنستىتۇتقا ۋەكىللىك قىلىش، دائىمىي ھەيئەت ۋە كېڭەش ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىش.
3) ئىنستىتۇت قارمىقىدىكى بۆلۈملەر ئارىسىدا ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك ئېلىپ بېرىش.
4) مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە تەتقىقاتلارنى قىلىش.
5) ئىنستىتۇت ۋە ئىنستىتۇتقا قاراشلىق بۆلۈملەرنىڭ يىللىق پائالىيەت دوكلاتىنى تەييارلاپ سۇنۇش.

دائىمىي ھەيئەت
ماددا 11 – (1) دائىمىي ھەيئەت؛ مۇدىرنىڭ تەۋسىيەسى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدىن تەيىنلەنگەن تۆت كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا يەتتە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىن تەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئايرىلغان ياكى ئالتە ئايدىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت سىرتىدا ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلەرنىڭ ئورنىغا قالغان مۇددەتنى تاماملاش ئۈچۈن يېڭى ئەزا تەيىنلىنىدۇ.
(2) دائىمىي ھەيئەت، مۇدىرنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم يىغىلىدۇ. مۇدىر زۆرۈر تاپقاندا دائىمىي ھەيئەتنى يىغىنغا چاقىرالايدۇ.

دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 12-(1) دائىمىي ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
1) ئىنستىتۇت پىلانىنى تەييارلاش، ئېھتىياجغا ئاساسەن تۈزۈتۈش ۋە مۇدىرغا سۇنۇش.
2) ئىنستىتۇت لايىھە ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى قۇرۇش ۋە خىزمەتلەرنى باھالاش.
3) كۇرس، پراكتىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پروگراممىلاردا ۋەزىپىلەندۈرۈلىدىغان، ئىنستىتۇت پائالىيەت دائىرىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلاردا ھەمكارلىشىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت تارماقلىرى، مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق كىشى، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئىگىلەپ مۇدىرغا سۇنۇش.
4) ئىنستىتۇتنىڭ يىللىق خىزمەت دوكىلاتىنى تەييارلاپ مۇدىرغا سۇنۇش.

كېڭەش ھەيئىتى 
ماددا 13-(1) كېڭەش-بىلىم ھەيئىتى ئەزالىرى؛ ئاكادېمىيىنىڭ ياكى ئۆزلىرى خالىغاندا باشقا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىنستىتۇتنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت، شەخسىي ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان يەرلىك ياكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىن مۇدىرنىڭ تەكلىپى ۋە رەئىسنىڭ تەستىقلىشىدا ئۈچ يىللىق مۇددەت بىلەن تەيىنلىنىدۇ. كېڭەش ھەيئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون بەش ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. مۇددىتى توشقان ئەزا قايتىدىنتەيىنلەنسە بولىدۇ. مۇدىر كېڭەش ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلىدۇ.
(2)  كېڭەش ھەيئىتى؛ نورمال ئەھۋالدا يىلدا بىر قېتىم، زۆرۈر تېپىلغان پەۋقۇلئاددە ھالەتتە مۇدىرنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلىدۇ.

كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى
ماددا 14-(1) كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردۇر:
1) ئىنستىتۇت خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان تەكشۈرۈشلەرنى مۇدىرغا يەتكۈزۈش.
2) ئىنستىتۇتنىڭ مەقسەتلىرى دائىرىسىدە پىكىر-تەلەپلىرىنى مۇدىرغا سۇنۇش.

تۆتىنچى بۆلۈم

باشقا ۋە ئاخىرقى ھۆكۈملەر

ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللار
ماددا 15-(1) بۇ بەلگىلىمىدە ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋاللاردا، ئالاقىدار باشقا قانۇن ھۆكۈملىرى ۋە دائىمىي ھەيئەت قارارلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

يولغا قويۇلۇش
ماددا 16-(1) بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يۈرگۈزۈش
ماددا 17-(1) بۇ بەلگىلىمە ھۆكۈملىرىنى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى يۈرگۈزىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top