You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، 9-مارت شەنبە كۈنى ئەنقەرەدىكى مىللىي كۇتۇپخانىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن «ULUĞ»-خەلقئارا ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يېتەكچىلەر تورى ھەمكارلىقىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنىدا، ئالدى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە دۇنياسىدا ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار سۈكۈتتە تۇردى. ئارقىدىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئوقۇلدى.

يىغىنىنىڭ ئېچىلىش قىسمىدا ULUĞ-خەلقئارا ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يېتەكلىگۈچىلەر تورىنىڭ باشلىقى فاتىھ مەھمەت شاھىن ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئۇلار نۇتۇقلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بالدۇرراق توختىتىش كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە قۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك مىللىتى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر يىغىنىنى تەشكىللەشتە ھەمكارلاشقان ئۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلەشمىسىدىن پروفېسسور دىلەك ئەرگۆنەنچ، ئۇزلاش دەرنىكى باشلىقى سەلما گۈچلۈ چەتىن ۋە TÜRPAV مىللىي سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دوكتور سىنان دەمىرتۈرك قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۆرىشىدە ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىنىغا تۈرك ئوجاقلىرى مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور ئايشە فىلىز ياۋۇز خانىم رىياسەتچى ئىدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك ۋە ئېكىسپالاتاتسىيە سىياسىتى ھەققىدە توختالدى ۋە خىتايغا قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشىيالىشى ئۈچۈن تۈرك دۆلىتى ۋە مىللىتىنىڭ زۆرۈر خىزمەتلەرنى جىددىي ئىشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەردىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئ‍وغلى خانىم شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئاندىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم تور ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا قارشى كۆرەشلىرىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. دوكتور رابىگۇل ھاجىمۇھەممەد خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تارتقان قىيىنچىلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى.

ئاخىرىدا، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنى دوتسېنتى ئىشىق قۇشچۇ خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يولغا قويغان سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىىرنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا قانۇن جەھەتتە جىنايەت ھېساپلىنىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر خىتاي توختىتىلمىسا، تۈركىيە دۇنياسى ۋە تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر تەھدىد شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇيغۇرلارغا جىددىي شەكىلدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرگە تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلىندى.

ئاخىرىدا تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور ئايشە فىلىز ياۋۇز خانىمغا، كۆپ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخان تەرىپىدىن خاتىرە بويۇمى سوۋغا قىلىندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ سالىمى يەتكۈزۈلدى.

يىغىن كوللىكتىپ خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش ۋە چاي- قەھۋە سۆھبىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top