ساختا ئادالەتپەرۋەرلىك
دوختور مەمەت ئېمىن
ناپولېئون مۇنداق دېگەن ئىكەن: «دۇنيا، ئەسكى كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى ياخشى كىشىلەرنىڭ (ئادالەتسىزلىككە، زوراۋانلىققا) سۈكۈت قىلىشى تۈپەيلىدىن تىخىمۇ زور بەدەل تۆلەيدۇ».
توغرا، ھەرقانداق بىر ۋىجدان ئېگىسى، ئادالەتسىزلىككە يولۇققاندا چوقۇم سۈكۈت قىلماسلىق، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەقنى سۆزلىشى ۋە ئادالەتنى قوغدىشى كېرەك. ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ھەر ئادەمنىڭ ئادالەت ئۆلچىمى پەرقلىق بولۇپ، دۇنيادا، ھەممە ئادەمگە ماس كىلىدىغان مۇتلەق ئادالەت يوق. ئىنسانلارنىڭ ئادالەت تۇيغۇسى ۋە ئۆلچىمى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىي ئارقا كۆرۈنۈشى، قىممەت قارىشى، مەقسەت مۇددىئاسى ۋە چىقىش نۇقتىسىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.
ھەممىمىز بىلگەندەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەق ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان ۋە ئۇ دوكلات مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىلى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە، ئامېرىكىدا ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندەچىلىكى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينەككە قاراپ باقماي، بۇنداق بىر دوكلات ئېلان قىلىشى، بىر تەرەپتىن «سەن دېگۈچە، مەن دەۋالاي»، ياكى «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» دېگەندەك، ئۇ بىر سىياسى ئويۇن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئوخشىمىغان تۈزۈلمە، ئوخشىمىغان توپلام ۋە ئوخشىمىغان ئىنسانلارنىڭ ئادالەت تۇيغۇسى ۋە ئۆلچىمىنىڭ، ئۇلارنىڭ مەقسەت مۇددىئاسى ۋە چىقىش نۇقتىسىغا قاراپ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇيغۇر دەۋاسىدا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئىككى شەخىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك «جىنسى پاراكەندىچىلىك» خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، خەلقىمىز ئارىسىدا ئۇ مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بەزىلەر، ئوتتۇرىغا چىققان سەتچىلىككە نىسبەتەن ئەخلاق ۋە ئادالەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، سەمىمى ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلەر مەسىلىنىڭ تېگى تەكتىنى سۈرۈشتە قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ گۇمانى ۋە پەرەزلىرىگە ئاساسەن ھەر خىل ئانالىزلارنى قىلىشماقتا. ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بىر قىسىم كىشىلەر ئەخلاق ۋە ئادالەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئەمەس، بەلكى ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى شەخىس ۋە تەشكىلاتقا بولغان شەخسكە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ نەپرىتى تۈپەيلىدىن، بۇ سەتچىلىكنى، ئۇلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدىغان تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۇلارغا قارشى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» قوزغىماقتا.
ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا، بىر قىسىم خانىم قىزلارنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان سەت سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلغان ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا ئېغىزىنى ئاچمىغان كىشىلەر، ئەمدىلىكتە بىر يۇمىلاپلا ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغدايدىغان «قەھرىمان» بولۇپ، بۇ قىتىمقى سەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرنى ھاقارەتلەپ، ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشى، ئادەمنى بەكلد ھەيران قالدۇرىدۇ. تىخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بىر قىسىم كىشىلەر، 7 يىلدىن بۇيان ۋەتەندە شۇنچە كۆپ ئاچا سىڭىل ۋە ئانىلارنىڭ جىنسى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچۇشىغا كۆرسەتمىگەن نارازىلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىپادىلىمىگەن غەزەپ نەپرىتى ۋە ئۆچمەنلىكىنى، دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا كۆرسىەتمەكتە.
دۇنيادا نۇقسانسىز ئىنسان بولمايدۇ. ھازىر ئادالەت تۇيغۇسى «ئويغىنىپ» سۆزلەپ كىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئاجىزلىغى، كەمچىلىگى بولۇشى ئىنىق. بىراق، باشقا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا پىسەنت قىلماسلىقى، ئۇ «قەھرىمان» لارنىڭ مۇكەممەللىگىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىدىندۇر. ئەگەر بىز، بىر بىرىمىزنى يوقۇتىمىز دىسەك، ئۇ چاغدا ئۆزىمىز پاراكەندە بولىمىز، كۈچىمىز خورايدۇ، دۈشمەن كۈلىدۇ. خىتاينىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كىشىلەرنى دۈشمە كۆرسىتىپ، يوق قىلىپ نىيىتى ئۇزاقتىن ئايان. ئەلۋەتتە، بۇ قىتىمقى سەتچىلىكتە تىلغا ئىلىنغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك بەدىلىنى تۆلەيدۇ؛ لېكىن ئۇلارنى يوق قىلىشنى مەقسەد قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن، بەزى ئاتالمىش «قەھرىمانلار» نىڭ ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغانلىغى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆزنىڭ يىغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش» بولماي نىمە؟ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مىسلىسىز زوراۋانلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلار ۋە ساقچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى، ھەم شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى توپلاپ، ئۇلارنى ئادالەتنىڭ سوتىغا ئىلىپ بىرىشقا كۈچەشنىڭ ئورنىغا، ئىنسانلىق ئاجىزلىغىنى كۆرسەتكەن ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىش قىلغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ پېيىگە چۈشۈش نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ بۇنى كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەملەر چوقۇم ئويلايدۇ.
ئەلۋەتتە بىز ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، جىنسى پاركەندىچىلىككە دۇچ كەلگەن خانىم – قىزلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك؛ ئەمما ئۇ ھەرگۈزمۇ «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» دېگەندەك، ئۇ ھەرگىزمۇ شەخسى ئۆچمەنلىلىكىمىزنى ئىلىش ياكى مەلۇم شەخىسكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بولماسلىقى كېرەك؛ مىللەتنىڭ ئومۇمى مەنپەھەتىنى چىقىش قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەخلاق ۋە ئادالەت ئۆلچىمىنى چىقىش قىلىشىمىز، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىقىمىز، خانىم قىزلارغا ئىنسانىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ھەقىقى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.