خوش خەۋەر: ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز ئۈچۈن يۈرۈشلەشكەن 5 قىسىملىق «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرى» ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرى» پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى سىستېمىلىق ئۆگىتىش مەقسىتى بىلەن تەييارلانغان ماتېرىياللاردۇر.
بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان دەرسلىكلەر ۋەتەن سىرتىدا تۇنجى قېتىم سېستىمىلىق ھالدا، ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەيارلانغان بەش يىللىق دەرسلىك ماتېرىيال. يەنى ھەر بىر يىللىق ئۈچۈن بىر كىتاب تەييارلاندى.
كىتابلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى بىلەن سۇغۇرۇلغان تېكىستلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس كارتىنىلار ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى تونىتىلىدۇ. شۇنداقلا مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، جاسارەتلىك، ئىرادىلىك، روھىي قۇللۇقتىن مۇستەسنا ۋە ئۇيغۇرلۇق روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.
بۇ دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە، ۋەتەندە نەشر قىلىنغان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىكى تېكىستلەر ئاساس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا تېكىستلەرمۇ قوشۇلدى. دەرسلىكلەرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى مەنىۋى كۈچ ۋە ئاڭ-پىكىر جەھەتتىن بۇ جەمئىيەتكە باغلاپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى تونۇش ۋە پىكىر قىلىش سىستېمىسى، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەدرىيەتلىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى.
مېتود جەھەتتىن زامانىۋى پېداگوگىكا ئىلمىنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى نەزەرگە ئېلىندى. تېمىلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ھەربىر يىللىقتىكى بالىلارنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ماتېرىياللار مىللىي خاسلىققا ۋە ئىلمىي قاراتمىلىققا ئىگە قىلىندى.
ئىملا جەھەتتىن مىرسۇلتان ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن 2009-يىلى روياپقا چىققان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» ئاساس قىلىندى. گىرامماتىكىلىق ئاتالغۇلار ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر قاتارلىقلار تۈزگەن ۋە 2010-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»غا ماسلاشتۇرۇلدى. باشقا ماتېرىياللاردىن ئەينەن ئېلىنغان، قىسقارتىپ ئېلىنغان ياكى ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان تېكىستلەرنىڭ ئەسلىي مەنبەسى «مەنبەلەر» قىسمىدا كۆرسىتىلدى. مېھنەت قىلغانلارنىڭ ئىسمى، ئۇنۋانلار بويىچە ۋە ئوخشاش ئۇنۋاندىكىلەرنىڭ ئىسمى بولسا، ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسەن بېرىلدى.
1-كىتاب ئېلىپبە بولۇپ، 1-يىللىقتىكى پەرزەنتلىرىمىزگە ھەرپلەرنى تونۇش ۋە سۆز-جۈملىلەرنى ئوقۇش يېزىشنى ئۆگىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ. كىتابتىكى ھەرپلەر ئىشلىتىش چاستوتىسىغا ئاساسەن تىزىلدى. مەسىلەن، ف، ژ قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان ھەرپلەر ئاخىرىدا ئورۇن ئالدى. 32 ھەرپتىن كېيىن تېكىستلەر ۋە ئاددىي تىل بىلىمى بېرىلدى.
2-دىن 5-گىچە بولغان كىتابلار يەنى 2-3-4-5-يىللىق دەرسلىكلىرى مەزمۇنى تېمىلارغا ئاساسەن 8 بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ھەربىر بۆلەكتە 4 دەرس ئورۇن ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋۋالقى ئۈچ دەرس تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان ژانىردىكى تېكىستلەر بولسا، ئەڭ ئاخىرقىسى گرامماتىكىغا بېغىشلاندى. ھەر بىر دەرس تېكىست ۋە كۆنۈكمىلەردىن تەركىپ تاپتى. ھەربىر بۆلەكتىن كېيىن ئومۇمىي كۆنۈكمە سۈپىتىدە «مەشىق باغچىسى» بېرىلدى.
مەزكۇر كىتابلار ئىككى يېرىم يىللىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلىدۇر. دەرسلىك تۈزۈش پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدىن باشلاپ، كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانغا ھەرخىل كەسپلەردىن بولۇپ، جەمئىي 113 كىشى قاتناشتى. بۇ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، كېچە-كۈندۈز ئەجىر قىلغان بارلىق پىداكارلارغا، تۆھپىسىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر پىكىر قاتناشتۇرغان، ماددىي ۋە ياكى مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە سەمىمىي تەشەككۈر ئېيتىمىز.
ھازىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كىتابلارنى ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلدى. تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇش ئارقىلىق، مەكتەپلەر ئۈچۈن كىتاب تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. كىتابلار ئانا تىل مەكتەپلىرىگە تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورگان ئائىلە ۋە شەخسلەرگە ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىدىن كىتابلارغا بولغان تەلەپلەر يىغىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى تەلەپ قىلغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، كىتابلارنى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺩﻩﺭﺱ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺩېۋﯨﻠﻰ
كىتابلاردىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر: