You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » بىر كىتابنىڭ 30 يىللىق ھېكايىسى: «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» قانداق يورۇقلۇققا چىقتى؟

بىر كىتابنىڭ 30 يىللىق ھېكايىسى: «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» قانداق يورۇقلۇققا چىقتى؟

دوكتور ئەسەت سۇلايمان

ئاپتورنىڭ تۈركچە نەشرىگە يازغان كىرىش سۆزى

قولىڭىزدىكى بۇ كىتابنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە ئورىگىنالى يېزىلىپ، تۈركىيە تۈركچىسىدە نەشىر قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا 30 يىلدەك ۋاقىت ئۆتتى. مەن بۇ ئۇزاق جەرياندا، مەزكۇر كىتابىم باشتىن كەچۈرگەن ئېغىر رىيازەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنتايىن مۈشكۈل ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى سىياسىي بېسىم ئاستىدىكى قىيىن يىللىرىغا شاھىت بولدۇم.

1- رەسىم: «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابنىڭ 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخاسى بىلەن 2024-يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان تۈركچە نەشرىنىڭ مۇقاۋىسى

1992-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرى ئىدى. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە ماگېستېر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتاتتىم. شۇ كۈنلەردە ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ماگېستېرلىق ماقالەم ئۈچۈن تېما تاللاش ۋە بېكىتىش يىغىنى بولدى. بۇ يىغىنغا ئۇزۇن يىللىق مەسلەكدىشىم راھىلە داۋۇتمۇ قاتناشتى. بۇ ئۇنىڭ پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە ماگېستېرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئەمدىلا باشلىغان يىللىرى ئىدى.

2- رەسىم: مەزكۇر كىتابنىڭ تۈركچە نەشرىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسى

3- رەسىم: مەزكۇر كىتابنىڭ تۈركچە نەشرىنىڭ مۇندەرىجىسى (ئا)

4- رەسىم: مەزكۇر كىتابنىڭ تۈركچە نەشرىنىڭ مۇندەرىجىسى (ب)

5- رەسىم: مەزكۇر كىتابنىڭ تۈركچە نەشرىگە يېرىلغان كىرىش سۆز

شۇ كۈنىدىكى يىغىندا ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان مەندىن ماگېستېرلىق ماقالەم ئۈچۈن تاللىغان تېمامنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى سورىدى. مەن «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى: ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ توتېم ئېتىقادىغا دائىر قەدىمكى مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق تېمامنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. تېما ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلار بىر ھازا سۈكۈتكە چۆمدى، بىر-بىرىگە ئۈنسىز رەۋىشتە قارىشىپ گەپ قىلىشمىدى. يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان ئاخىرى بۇ ئېغىر سۈكۈتنى بۇرۇپ: «بۇ تېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ئىشەنچىڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ھەئە، بار!» دېدىم.

شۇنىڭدىن كېيىنلا ئوقۇتقۇچىلار بىر ھازا تېمامنى تالاش-تارتىش قىلدى، كۆپىنچىسى بۇ تېمانىڭ سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر بىر تېما ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ياخشىسى بۇ تېمادىن ۋاز كېچىپ، ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىشىم لازىملىقىنى تەكىتلەشتى، ئەمما مەن ماتېرىيال مەنبەلىرىمنىڭ يېتەرلىكلىكىنى، بۇ تېما ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانلىقىمنى ھەمدە بۇ جەھەتتە ئىشەنچىمنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پىكرىمدە چىڭ چىڭ تۇردۇم. دەل شۇ ۋاقىتتا كەسپدىشىم راھىلە داۋۇت پىكىر بايان قىلىپ، بۇ تېمىنىڭ مۇھىملىقىنى، مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ توغرىلىق ماتېرىيال توپلاۋاتقىنىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ بۇ تېمىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا يېزىپ چىقالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. راھىلە داۋۇتنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەندىشىلىرى بېسىققاندەك بولدى. ئاخىرىدا مېنىڭ بۇ تېما بويىچە ماگېستېرلىق ماقالەمنى يېزىشىم بېكىتىلدى.

1993-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان بىر يىل مېنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بىر جەريان بولدى. روھ تارىخىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى ئۇدۇم-ئىشەنچلەرنى قېزىپ چىقىشقا، ئۇنى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىشقا، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ قەدىمكى توتېم مەدەنىيىتى بىلەن پاراللېل ھالەتتە سېلىشتۇرما ئانالىز ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلدى. بۇ ۋاقىتلاردا دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئېتنوگرافىيە ۋە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى بويىچە يورۇقلۇققا چىققان ئىلمىي ۋە نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى يوق ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى كۇتۇپخانىلاردىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىنگىلىز ۋە باشقا تىللاردىكى ئەسلى نۇسخالىرىنى تېپىشمۇ ئىنتايىن قىيىن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ ئەسەرلەرنىڭ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان نۇسخالىرىدىن پايدىللىنىشقا توغرا كەلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىللار خىتايدا 1989-يىلىدىكى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» قانلىق باستۇرۇلۇپ، دېموكراتىك ھاۋا يوقالغان؛ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بارلىققا كەلگەن؛ كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق بېسىۋېلىنغان تۇپراقلارغا بولغان كونتروللۇقى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان يىللار ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، 1990-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا تارىخچى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق 3 كىتابقا قارشى زور كۆلەملىك سىياسىي ھەرىكەت قوزغىغان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئىلىم ساھەسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب ۋە نەشىر بۇيۇملىرىغا بولغان سىياسىي كونتروللۇقى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر سىقىنتىلىق مۇھىتتا ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكرىم راھمان مېنىڭ ھەرۋاقىت «ئېھتىياتچان» بولۇشۇمنى، «ياشلىق» قىلماسلىقىمنى، بولۇپمۇ ماقالەمدە «سىياسىيغا چېتىلىدىغان مەسىلە»لەردىن ئامال بار ئۆزۈمنى قاچۇرۇشۇمنى تەكىتلەپ تۇراتتى. بۇ خىل روھىي بېسىم مېنىڭ پۈتكۈل ماقالەمنى يېزىش ۋە تاماملاش جەريانىمغا خۇددى كۆزگە كۆرۈنمەس بىر قارا سايەدەك چاپلاشقان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ بىر يىلدىن ئارتۇق ئىزدىنىش ۋە ئازابلىق يېزىقچىلىق جەريانىدىن كېيىن بۇ كىتابىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخاسى پۈتۈپ چىقتى. 1994-يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا مەزكۇر ئەسىرىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخاسىنى كۆرۈپ چىققان يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان بۇ زور ھەجىملىك ماقالەمنى ماگېستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ياقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى يەنە رەسمىي بىر ئىلمىي ئەسەر سۈپىتىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىش لازىملىقىنى ئېيتتى. بۇ مەن ئۈچۈن زور بىر ئىلھام بولدى. كېيىنكى ئىككى ئاي جەريانىدا بېرىلگەن تەكلىپ-پىكىرلەر ئاساسىدا بۇ ئەسىرىمنى قايتىدىن تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ چىقتىم. شۇ يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچۇم، پروفېسسور ئازات سۇلتان بۇ ئەسىرىمنى چوقۇم نەشىر قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسىغا دوكلات سۇندى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىلتىماس تەستىقلاندى ھەمدە ئالدى بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ مەزكۇر ئەسەرنى باھالاپ بېكتىش، ئاندىن نەشىرگە سۇنۇش قارارى چىقتى. بۇ ئەينى يىللاردا مەندەك بىر ئاددىي ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ خوشاللىنارلىق بىر نەتىجە ئىدى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدىمۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ۋەقە ئىدى. چۈنكى خېلى نامى بار پروفېسسورلارنىڭ كىتابلىرىمۇ ئىنتايىن قىيىندا نەشىر قىلىنىۋاتقان شۇ يىللاردا، ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان مەندەك بىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىنىڭ ماگېستېرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن يازغان ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىنىشى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئىش ئىدى.

6-رەسىم: 1994-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتور شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» ناملىق ماگېستېرلىق دېسسىرتاتسىيەسىنى ياقلىدى. سۈرەتتە دېسسىرتاتسىيەنى باھالاش ھەيئىتى: سولدىن پروفېسسور ئازات سۇلتان، پروفېسسور ۋاڭ باۋ، ئالىي تەتقىقاتچى ليۇ كۇيلى، تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر تۇردى، پروفېسسور شەرىپىدىن ئۆمەر، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، ئوڭ تەرەپ ئارقا رەتتە پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان

شۇنداق قىلىپ مەزكۇر كىتابىمنىڭ دەسلەپكى تۈزىتىلگەن نۇسخاسى فوتوكوپىيە قىلىنىپ 16 نۇسخا كۆپەيتىلدى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت پەن-تەتقىقات باشقارمىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا تارقىتىلدى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى داڭلىق يازغۇچى، شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر (1923-1995)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئوبۇل ئىسلام، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇشۈكۈر تۇردى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ليۇ بىن، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت سادىق، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سابىيقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەرفۇغە ئابباس، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئازات سۇلتان، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى شەرىپىدىن ئۆمەر، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ باۋ، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، تىلشۇناس ئارسلان ئابدۇللا ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان قاتارلىق 12 نەپەر كىشىدىن تەركىب تاپتى.

7-رەسىم: «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسلى ئورىگىنال كىتاب 1994-يىلى2-ئايدا يېزىلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە مەزكۇر كىتابنى باھالاپ بېكىتىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا باھالاپ بېكىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە باھالاپ بېكىتىش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىلەر: ئارقا رەت ئۆرە تۇرغانلار سولدىن ليۇ بىن، ئوبۇل ئىسلام، سابىيقان، شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابلىمىت سادىق، مەرپۇغە ئابباس، ۋاڭ باۋ، ئوسمان مەمەت؛ ئالدى رەت ئولتۇرغانلار: ئابدۇكېرىم راھمان، ئەسەت سۇلايمان (ئاپتور، ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى)، ئابدۇرېھىم راھمان (ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى)، مېھرىئاي مەمتېلى (ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى)، XX (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ خادىمى)، ئازات سۇلتان

1994-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» ناملىق بۇ ئەسىرىمنى باھالاپ بېكىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تەتقىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى سابىيقان (قازاق) ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەزكۇر يىغىندا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئەسىرىمنىڭ ناھايىتى مول ماتېرىيال مەنبەسىگە، كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا، تېمىسىنىڭ ھەم مىللىي ھەم دۇنياۋىي كەڭلىككە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلىرىنىڭ يېڭىلىققا ۋە ئورىگىناللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يوقىرى باھا بېرىشتى، شۇنداقلا زۆرۈر بولغان بىر قىسىم تولۇقلاش ۋە تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بەردى. ھالبۇكى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ليۇ بىن (劉賓) كىتابنىڭ ئاخىرىقى قىسمى، يەنى 7-بابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى بولغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەردە توتېم ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى» ناملىق پاراگرافنى ئېلىۋېتىشنى، چۈنكى بۇ بۆلۈمدە تىلغا ئېلىنغان «جەدىدىزم» مەسىلىسىنىڭ «پان-ئىسلامىزم» ۋە «پان-تۈركىزم» بىلەن باغلىنىشلىق بىر سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرىۋالدى. يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەر ليۇ بىن نىڭ سىياسىي نۇقتىدىن بۇ پىكىرنى بېرىشىدىن بىراز چۆچىدى. بولۇپمۇ يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان بەكمۇ جىددىيلىشىپ قالدى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئابدۇشۈكۈر تۇردىمۇ، ليۇ بىن نىڭ پىكرىنى قوللاپ چىقتى. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىتابنىڭ ئاخىرىقى ئىككى بابى — «ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە توتېم ئېڭى» ۋە «توتېمنىڭ ئۇنتۇلۇشى ۋە زامانىۋىي كەمتۈكلۈك» ناملىق قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپ شەخسەن مېنىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويدى. مەن بۇ ئەسىرىمنىڭ ئاخىرىقى ئىككى بابىنى كىتابىمدىن چىقىرىۋېتىشنى ئەسلا خالىمىساممۇ، ئەمما باشقا تاللىشىم يوق ئىدى. يىغىن ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يوقىرىقى پىكىر-تەلەپلىرى ئاساسىدا كىتابىمنى باشتىن-ئاخىر يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ چىقىشىم لازىملىقى ۋە شۇ ئاساستا نەشىرگە بېرىشىم كېرەكلىكى قارار قىلىندى.

8-رەسىم: ئەسەت سۇلايمان (ئاپتور) ۋە پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان (يېتەكچى ئوقۇتقۇچى)، 1996-يىل 5-ئاي، ئۈرۈمچى

بىر ئايدىن ئارتۇق جىددىي تەييارلىقلاردىن كېيىن، يەنى 1994-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا مەزكۇر ئىلمىي ئەمگىكىم بىلەن ماگېستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن دىسسېرتاتسىيە ياقلىدىم. يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان بىلەن تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئازات سۇلتان ئۇنىۋېرستېت رېكتورىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، بۇ قېتىملىق دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنىغا بېيجىڭدىن «ئالاھىدە مۇتەخەسسىس» تەكلىپ قىلدى. بۇ ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ماگېستېرلىق  دىسسېرتاتسىيەسى ياقلاش ئىشىمغا بېيجىڭدىن «ئالاھىدە مۇتەخەسسىس» تەكلىپ قىلىشىنىڭ سىرىنى ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ چۈشەندىم. ئەگەردە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭدىن بۇ «ئالاھىدە مۇتەخەسسىس» نى تەكلىپ قىلمىغان بولسا، شۇنداقلا پۈتكۈل خىتاي ئىلىم ساھەسىدە يوقىرى نوپۇزغا ئىگە بۇ ئەربابنىڭ مەزكۇر ئەسىرىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن يازما پىكرى بولمىغان بولسا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ كىتابىم سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن سىياسىي تەقىبلەردىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمىغان بولاتتىم.

1994-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، پۈتكۈل خىتاينىڭ ئېتنوگرافىيە ۋە مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى  داڭلىق ئەرباب ليۇ كۇيلى (劉魁立) ئەپەندى تەكلىپ بويىچە ئۈرۈمچىگە كەلدى. مەن شۇ كۈنى ئۇنىڭغا بۇ ئەسىرىمنىڭ خىتايچىغا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىنغان نۇسخانسىنى بەردىم. 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ زالىدا دىسسېرتاتسىيە ياقلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ليۇ كۇيلى ئەپەندى باھالاش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولدى، پروفېسسور ۋاڭ باۋ، پروفېسسور شەرىپىدىن ئۆمەر، پروفېسسور ئازات سۇلتان، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق 4 مۇتەخەسسىس باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولدى. مەن 30 مىنۇت ئەتراپىدا بۇ ئىلمىي ئەمگىكىمنى تونۇشتۇرۇپ چىقتىم، ئارقىدىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئەمگىكىم ھەققىدىكى سوئاللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، باھالاش ھەيئىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەمگىكىم ھەققىدىكى باھالىرىنى  ئوقۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ليۇ كۇيلى ئەپەندى باھالاش ھەيئىتىگە ۋاكالىتەن مېنىڭ بۇ ئەمگىكىمنىڭ «ئەلا» نەتىجە بىلەن ئىلمىي باھالاشتىن ئۆتكەنلىكى ۋە ماڭا ماگېستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

شۇنداق قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئۇدا 8 يىلغا سوزۇلغان ئوقۇشۇمنى تاماملىدىم. ماگېستېرلىق ماقالەمنى ياقلاپ بولۇشۇمغا، مېنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا لېكتورلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغانلىقىم ئۇقتۇرۇلدى. «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» ناملىق بۇ كىتابىمنى 3 ئاي ئىچىدە قايتا تۈزىتىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىغا تاپشۇرۇشۇم تەلەپ قىلىندى. دەل ئەنە ئاشۇ كۈنلەردە تېخى نەشىر قىلىنمىغان بۇ كىتابىمنىڭ «قارا كۈن» لىرى باشلاندى…

1994-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى. مەن بۇ كىتابىمنى نەشىرگە بېرىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ئاساسىدا ئاخىرىقى قېتىم تۈزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتاتتىم. بىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ياتاق بىناسىنىڭ 5-قەۋىتىدىكى ياتىقىمنىڭ ئىشىكى ئەنسىز چېكىلدى. ئىشىكنى ئاچسام، تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى كاتىپلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نىجات ئەپەندى قارا تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا تۇرۇپتۇ. ئۇ مېنىڭ دەرھال تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىشىمنى، ئۇ يەردە مېنى ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىدىن كەلگەن ئىككى كادىرنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ھەيران بولغان ھالدا «نېمە بولدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ قانداقتۇر بىر جىددىيلىك بىلەن: «مەنمۇ بىلمىدىم، سېنى ۋاڭ سېكرىتار دەرھال كەلسۇن دەيدۇ» دېدى. نىجات ئەپەندىگە ئەگىشىپ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم. بۇ ئىشخانىدا فاكۇلتېت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ كەييۈن (王開元)، مۇئاۋىن سېكرىتارى ئوسمان مەمەت ۋە مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئۇيغۇر ۋە بىر خىتاي كادىر جىددىي قىياپەتتە ئولتۇراتتى. پارتىيە سېكرىتارى ۋاڭ ماڭا جىددىي تەلەپپۇزدا: «بۇ ئىككى يولداش ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىدىن كەپتۇ، سېنىڭ كىتابىڭ توغرىلىق سورايدىغان سوئاللىرى بار ئىكەن، ئەستايىدىل جاۋاب بەرگىن،» دېدى-دە، مۇئاۋىنى ئوسمان مەمەت بىلەن چىقىپ كەتتى. ناتونۇش ئۇيغۇر كادىر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دېمەستىنلا كىتابىم توغرىلىق بىر پاتمان جىددىي سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى. خىتاي كادىر گەپ-سۆز قىلماستىن قولىدىكى خاتىرىسىگە مېنىڭ جاۋابلىرىمنى خاتىرىلەشكە باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن كىتابىمنىڭ قوليازما نۇسخىسىنىڭ قانچە نۇسخا فوتوكوپىيەسى بارلىقىنى سورىدى. مەن ئەسلى قوليازمىنىڭ 16 نۇسخا كۆپەيتىلگەنلىكىنى، 8 نۇسخاسىنىڭ كىتابنى باھالاپ بېكىتىشكە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرگە، 4 نۇسخاسىنىڭ دىسسېرتاتسىيەنى باھالاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرگە تارقىتىلغانلىقىنى، 2 نۇسخانىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىپخانىسىغا ساقلاشقا بېرىلگەنلىكىنى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھماندا بىر نۇسخا، ئۆزۈمدە بىر نۇسخا بارلىقىنى دېدىم. ئۇلار كىتابىمنىڭ فوتوكوپىيە نۇسخاسى تارقىتىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بىرمۇ-بىر يېزىۋالدى. ئاندىن مەندىن: «بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقەڭ بارمۇ؟ ئۇلار سېنىڭ بۇ كىتابىڭ توغرىلىق نېمىلەرنى بىلىدۇ؟ ئۇلارغا كىتابىڭنىڭ فوتوكوپىيەسىدىن ئەۋەتىپ بەردىڭمۇ؟…» دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. مەن بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھېچكىمنى تونۇمايدىغانلىقىمنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ليۇ كۇيلى ئەپەندىگە كىتابىمنىڭ خىتايچىغا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىنغان بىر نۇسخاسىنى بەرگەندىن باشقا، بېيجىڭدا مېنىڭ بۇ كىتابىم توغرىلىق بىلىدىغان ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم. ئۇلار ئاخىرىدا «يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇڭ ئابدۇكېرىم راھمان بىلەن ئۆزۈڭنىڭ قولۇڭدىكى ئىككى نۇسخانى دەرھال بىزگە ئەكىلىپ بەر!» دېدى. مەن ھەيران بولۇپ: «مەن قولۇمدىكى نۇسخانى نەشىرگە بېرىش ئۈچۈن تۈزىتىۋاتاتتىم» دېدىم. ھېلىقى ئۇيغۇر كادىر گەپنى كېسىپلا: «كىتابىڭ ھازىرچە نەشىر قىلىنمايدۇ، كىتابىڭدا مەسىلە بار، تەكشۈرىۋاتىمىز، دەرھال ياتىقىڭغا بېرىپ بىز دېگەن ئىككى نۇسخانى ئېلىپ كەل!» دېدى بۇيرۇق ئاھاڭىدا.

بۇ ئىشخانىدىن قانداق چىققانلىقىمنى بىلمەيمەن، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ، تۈرلۈك ئەندىشىلىك خىياللار بىلەن ئاسپىرانتلار ياتاق بىناسى ئالدىغا باردىم. ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان قولتۇقىغا مېنىڭ كىتابىمنىڭ ئۈچ توملۇق فوتوكوپىيە نۇسخاسىنى قىستۇرۇپ جىددىيلەشكەن ھالەتتە مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپلا: «ئەھۋال چاتاق ئۇكام، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يېقىندا بۆرە بېشىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، بېيجىڭدا نامايىش قىلغان ئوخشايدۇ. ھۆكۈمەت بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ۋەقەگە ‹بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى› ناملىق ئەسەر نەزەرىيىۋىي ئاساس بولغان، دەپ گۇمان قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. ئۇلار ماڭا ھېلى تېلېفون قىلىپ، قولۇمدىكى نۇسخانى تاپشۇرۇشۇمنى ئېيتتى. سېنى سوراق قىلىشى، ھەتتا قىستىشى مۇمكىن، لېكىن جىددىيلىشىپ كەتمە، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋېلىپ نېمە سورىسا شۇنىڭغا جاۋاب بەر، پەقەت ئارتۇق گەپ قىلما،» دېدى. شۇنداق قىلىپ مەن كىتابىمنىڭ قولۇمدىكى نۇسخاسى بىلەن ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھماننىڭ قولىدىكى نۇسخاسىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. قولۇمدا ساقلاپ قالغۇدەك ھېچقانداق بىر نۇسخا قالمىدى.

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن كەلگەن ئىككى كىشى مېنى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئايرىم ئىشخانىسىغا چاقىرىپ سوراق قىلدى. بۇ قېتىم ئۇلار مېنىڭدىن چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار بىلەن، بولۇپمۇ تۈركىيەدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار بىلەن ئالاقەمنىڭ بار-يوقلىقىنى بەكرەك سورىدى. مەن چەت ئەللىكلەر بىلەن شەخسىي ئالاقەمنىڭ يوقلىقىنى، ئەمما ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئاڭلىغانلىقىمنى دېدىم. ئۇلار «كىتابىڭدا سەن پايدىلانغان تۈركچە كىتابلارنى ئۇلار ساڭا بەرگەنمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن تۈركىيەلىك تەتقىقاتچىلاردىن ھېچقانداق كىتاب ئالمىغانلىقىمنى، كىتابىمدا پايدىلانغان تۈركچە كىتابلارنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئارىيەت ئېلىپ كۆرگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئارقىدىن ئۇلار مەندىن يەنە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقەمنىڭ بار يوقلىقىنى، ئۇلارغا كىتابىم توغرىلىق گەپ-سۆز قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىمنى قايتا-قايتا سورىدى. مەن بۇرۇنقىدەكلا: «بېيجىڭدا ليۇ كۇيلى ئەپەندىدىن باشقا ھېچكىمنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. ئاخىرىدا ئۇلار «سەن تېخى ياش، ئەگەر بۇ كىتابىڭ توغرىلىق بىزدىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرىمەن دېسەڭ، ئاقىۋىتىڭ ياخشى بولمايدۇ» دەپ تەھدىت ئارىلاش ئاگاھلاندۇردى. مەن ئۇلارغا: «سىلەردىن يوشۇرىدىغان ھېچقانداق ئىشىم يوق» دېدىم. شۇنداق قىلىپ سوئال-سوراق ئاخىرلاشتى، ئەمما ئۇلار مېنى يەنە ئىزدەيدىدانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن كىتابىمنىڭ نەشىر قىلىنىش ئىشى شۇ يەردە توختاپ قالدى. مەنمۇ، ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمانمۇ تەسۋىرلەش قىيىن بولغان بىر ئەندىشە ئىچىدە قالدۇق. مەن كۆرۈنمەس سىياسىي بېسىمنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى ئاكادېمىكلارغا، بولۇپمۇ خىتايدەك بىر كوممۇنىستىك سىستېمىدىكى دۆلەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بىلىم ئادەملىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەقىپلىرىنى ياشلىقىمدىكى ئىلمىي ئەمگىكىم تېخى يورۇقلۇققا چىقمايلا بېشىمدىن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم.

مەن بەل قويۇۋېتىشنى خالىمىدىم. ئوقۇتقۇچىلىرىم پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان بىلەن ئازات سۇلتانمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ھەر تەرەپكە چېپىپ، بۇ كىتابىمنى، شۇنداقلا ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان مېنى سىياسىي تەقىپنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىن قوغداپ قېلىشقا تىرىشماقتا ئىدى. 1994-يىلى 6-ئايدا مەن بېيجىڭدىكى ليۇ كۇيلى ئەپەندىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازدىم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ليۇ كۇيلى ئەپەندىدىن جاۋاب خەت كەلدى. ئۇ خېتىدە بۇ ئىشتىن ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى، خېتىمنى ئوقۇغان ھامان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىگە مەخسۇس خەت يېزىپ، كىتابىمنىڭ بىر ئىلمىي ئەسەر ئىكەنلىكى، سىياسىي بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى توغرىلىق چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.

شۇ كۈنلەردە ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان مېنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مىجىت ناسىر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، بۇ كىشىنىڭ مېنىڭ كىتابىمنى ئوقۇپ كۆرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. قولۇمدا كىتابىمنىڭ ھېچقانداق بىر نۇسخىسى قالمىغان بولغاچقا دەرھال شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ يەر ئاستى بۆلۈمىگە جايلاشقان ئارخىپخانىغا باردىم. ئۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر خانىم بىلەن بۇرۇندىن تونۇشاتتىم. مەن كىتابىمنىڭ ئارخىپخانىغا ساقلاشقا بېرىلگەن نۇسخىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر نۇسخا فوتوكوپىيە قىلىۋېلىشنى ئېيتتىم. بۇ خانىم بىراز ئىككىنىپ تۇرغاندىن كېيىن: «ئارخىپقا قويۇلغان نۇسخانى فوتوكوپىيە قىلىشقا ياكى سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ،» دېدى. مەن ئۇ خانىمغا يالۋۇرۇپ، بۇ ئىشتا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدىم. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ: «بوپتۇ، سىزگە ياردەم قىلغان بولاي، ئەمما ھېچكىم بىلمىسۇن، سىز باشقا بىر جايدا فوتوكوپىيە قىلىۋېلىپ، دەرھال ئەسلى نۇسخانى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىڭ،» دېدى ئاستا شىۋىرلاپ. ئۇ ئارخىپخانىنىڭ تىزىملاش دەپتىرىنى ئېچىپ: «كىتابىڭىزنىڭ بىر نۇسخاسىنى بىرسى ئېلىپ كېتىپتۇ. ھازىر بىزدە پەقەتلا بىر نۇسخا قاپتۇ،» دېدى. مەن ھەيران بولۇپ: «كىم ئۇ؟» دەپ سورىدىم. خانىم گەپ-سۆز قىلماستىن دەپتەرنى ماڭا كۆرسەتتى. دەپتەرگە تاڭ رۇنۋۇ (Tang Runwu /唐潤武) دەپ ئىمزا قويۇلغان ئىدى. مەن بۇ خانىمدىن: «ئارخىپقا قويۇلغان ئەسەرلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدىغان تۇرسا، بۇ خىتاي قانداقسىگە كىتابىمدىن بىر نۇسخانى ئېلىپ كېتىدۇ؟» دەپ سرىدىم. ئۇ ئەتراپقا ئېھتىيات بىر قارىۋېتىپ: «ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئورۇننىڭ كىنىشكىسى بار ئىكەن، دىققەت قىلىڭ،» دېدى.

مەن ھەيران بولدۇم ھەم ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىراز چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنىڭ ئىككىنچى يىلى ئاسپىرانتلار ياتاق بىناسىدا ھەربىي فورما كىيگەن تاڭ رۇنۋۇ ئىسىملىك بۇ خىتاي تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئاسپىراتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر ئاسپىرانتلار بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىشقا باشلىدى. ئۇ بىر قېتىم مېنىڭ ياتىقىمغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى، مېنىڭ ماقالىلىرىمنى ئوقۇغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مېنىڭ بىلەن دوست بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى سۇدەك راۋان سۆزلەيتتى، ئۆزىنىڭ كىچىكىدە غۇلجادا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى توختىماي چۈشەندۈرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى تېخىمۇ كۆپ ئىزدەيدىغان بولىۋالدى. بۇ مېنىڭ «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرىمنى يېزىۋاتقان مەزگىللىرىم ئىدى. ئۇ تېمامنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ئەسىرىمنىڭ بىر بۆلىكىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ ھېچقانداق ئويلانمايلا كىتابىمنىڭ يېزىپ بولغان بىر پاراگراپىنى ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ 15 كۈنلەردىن كېيىن خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان تېكىستىنى ماڭا ئەكىرىپ بەرگەن ئىدى. مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ياش ھەم تەجرىبىسىز بولغاچقا، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىش ئېسىمگىمۇ كەلمىگەن ئىكەن. ئارخىپخانىدىكى خانىمنىڭ «ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئورۇننىڭ كىنىشكىسى بار ئىكەن» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن رەسمىي گۇمانلىنىشقا باشلىدىم.

مەن ئارخىپخانىدىن كىتابىمنىڭ بىر نۇسخانىسىنى يوشۇرۇن ئېلىپ چىقىپ، سىرتتىكى خالىي بىر جايدا ئىككى نۇسخا فوتوكوپىيە قىلىۋالدىم. ئاندىن ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي ئەسلى نۇسخانىسىنى ئارخىپخانىدىكى خانىمغا ئەكىرىپ بەردىم. ئىككىنچى ھەپتىسى كىتابىمنى باھالاپ بېكىتىش گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىلىرى بىلەن ليۇ كۇيلى ئەپەندىنىڭ كىتابىم ھەققىدىكى باھالاش پىكرىنى قوشۇپ، كىتابىمنىڭ فوتوكوپىيە نۇسخىسىنى ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولىغا جايلاشقان دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق مىجىت ناسىر ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردىم. بۇ ۋاقىتتا مىجىت ناسىر ئەپەندى دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرلىقىدىن ئەمدىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن ۋاقىتلار بولغاچقا، تېخىچە بۇرۇنقى ئۆيىدىن كۆچمىگەن ئىكەن. شۇ كۈنى مىجىت ناسىر ئەپەندى ئۆيىدە يوق ئىكەن، مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەنلىكىمنى ئېيتىپ قولۇمدىكى ماتېرىياللارنى خانىمىغا بېرىپ قويۇپ قايتتىم.

شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىلگىچە كىتابىم توغرىلىق ھېچقانداق بىر خەۋەر بولمىدى. مېنى كىتابىم توغرىلىق قايتا سوئال-سوراق قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بولمىدى. بۇ ۋەقەنىڭ بېسىلىشىدا خىتاي ئىلىم ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەرباب ليۇ كۇيلى ئەپەندىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىغا خەت يېزىپ مەزكۇر كىتابىم ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشى رول ئوينىدىمۇ ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىجىت ناسىر ئەپەندىنىڭ قوغدىشى كۈچ كۆرسەتتىمۇ، بىلمىدىم. ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان مېنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ: «كىتابىڭنىڭ ئىشى ئەمدى بېسىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى ‹بۇ كىتابنى نەشىر قىلىشقا بولمايدۇ› دەپ ئىچكىي قىسىمدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپتۇ. سەن بۈگۈنلا ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىغا بېرىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كىتابىڭ ھەققىدىكى پىكىرلىرى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئېلىۋالغىن،» دېدى. مەن ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بۇرۇنقى «تەڭرىتاغ مېھمانخانىسى» نىڭ بىناسىغا باردىم. كۈتىۋېلىش زالىغا كىرىپ، كېلىش سەۋەبىمنى ئېيتتىم. خىزمەتچى خادىم مېنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى «ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئىشخانىغا كىرىشىمنى ئېيتتى. ئىشىكنى چېكىپ كىرسەم، چاچلىرى ئاقارغان، 50 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر كىشى ھۆججەت كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. مېنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا: «ھە، كەل، كەل، سەن ئەسەت سۇلايمان دېگەن بالا شۇمۇ؟ ئېغىزىڭدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن ياش بىر بالىكەنسەن، ئەمما يازغان كىتابىڭ ھەممىمىزنى ئاۋارىچىلىققا تىقتى، كاساپەت!…» دېدى. مەن جىمجىتلا ئۇدۇلدىكى كىرىسلودا ئولتۇردۇم. ئۇ كىشى ئەھۋالىمنى بىر قۇر سورىغاندىن كېيىن: «كىتابىڭ نەشىر قىلىنمايدىغان بولدى، ھېلىمۇ تەلىيىڭ بار ئىكەن، كىتابىڭ ‹سىياسىي مەسىلە› سۈپىتىدە پرىنسىپقا كۆتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنمىدى. ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كىتابىڭنى نەشىر قىلماسلىق ھەم تارقاتماسلىق ھەققىدە ئىچكىي قارارى بار. سەن تېخى ياش ئىكەنسەن، بۇندىن كېيىن بۇنداق سىياسىي سەزگۈرلۈكى يوقىرى تېمىلارغا ئېسىلىپ، بىر نەرسە يازىمەن دېمە، بولمىسا ئىستىقبالىڭنى يوق قىلىسەن!» دېدى-دە، ماڭا كىتابىمنىڭ قىزىل تامغا بېسىلغان بىر نۇسخاسى بىلەن مۇتەخەسىسىلەرنىڭ پىكىرىلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى. روھىم چۈشكەن ھالدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياتىقىمغا قايتىپ كەلدىم.

1996-يىلى بېيجىڭدىكى خىتاي دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاسپىرانتورىيەسىگە قوبۇل قىلىنىپ، دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشۇمنى باشلىدىم. كىتابىمنىڭ بىر نۇسخا فوتوكوپىيەسىنى ئۆزۈم بىلەن بىللەن بېيجىڭغا ئېلىپ باردىم. بىر كۈنى ئاكادېمىيەدە مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە بىر مۇھاكىمە يىغىنى بولغان ئىدى. يىغىندا ليۇ كۇيلى ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئىككىمىز بىر ھازا ئايرىم پاراڭلاشتۇق، مەن ئۆزۈم ۋە كىتابىم دۇچ كەلگەن «قارا كۈنلەر» ھەققىدە ئۇنىڭغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ليۇ كۇيلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ھەيران بولغانلىقىنى، مېنىڭ خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان ئۆزىنىڭ شەخسىي نامىدىن مەركىزىي تەشىۋىقات بۆلۈمىگە دوكلات يېزىپ، كىتابىم ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئىلمىي ساھەدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.  ئاخىرىدا ئۇ: «كىتابىڭىزنى شىنجاڭدا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭدا نەشىر قىلدۇرۇڭ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بېرىپ، مەسئۇل خادىملار بىلەن سۆزلىشىڭ، مەن كىتابىڭىز ئۈچۈن باھا يېزىپ بېرەي،» دېدى.

ليۇ كۇيلى ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا ئىلھام بولدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم يىل جەريانىدا كىتابىمنى باشتىن-ئاخىر يەنە بىر قېتىم تۈزەتتىم ۋە تولۇقلاپ چىقتىم. 1997-يىلىنىڭ يانۋار ئايلىرىدا مىڭ بەتچە كېلىدىغان قوليازما نۇسخانى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تاپشۇردۇم. ئاندىن قىشلىق تەتىل ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتتىم. شۇ يىلى 5-فېۋرالدا خىتاي دائىرىلىرى غۇلجادا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانلىق رەۋىشتە باستۇردى، ئارقىدىنلا ئۈرۈمچىدە بىرقانچە ئورۇندا ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتى. كوچا-كويلاردا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تەقىپ — يول توسۇپ كىملىك تەكشۈرۈش، ئۆيمۇ-ئۆي قېدىرىپ سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنى تىزىملاش ئىشلىرى ئەۋج ئالدى. مەن ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، يەنى فېۋرالنىڭ ئاخىرى پويىز بىلەن يەنە بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتىم. ئۈچ كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قانچە قېتىم كىملىكىمنى تەكشۈرگەنلىكى، بېيجىڭدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى تەكرار-تەكرار سورىغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ھەتتا شۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا پويىز ساقچىلىرى ئۈچ قېتىم سومكا ۋە چامادانلىرىمنى ئاچتۇرۇپ تەكشۈرگەن ئىدى.

كىتابىمنىڭ ئاخىرىقى قېتىملىق تۈزىتىلگەن نۇسخاسىنى مىللەتلەر نەشرىياتىغا تاپشۇرۇپ يېرىم يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق بىر خەۋەر بولمىدى. ئاخىرى شەخسەن ئۆزۈم بېيجىڭدىكى شىمالىي تىنچلىق يولىغا جايلاشقان مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ بىناسىغا باردىم. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل رەھبىرى گەپنى بىر ھازا ئەگىتىپ، ئاخىرىدا كىتابىمنى نەشىر قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ئۇ كىشى: «بىز گەرچە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق دۆلەت دەرىجىلىك بىر نەشرىيات بولساقمۇ، ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشىر قىلىشتا ئاپتونوم رايونلارنىڭ پىكرىگە قارايمىز. سىزنىڭ بۇ كىتابىڭىزنى نەشىر قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئىچكىي  قارارى بار ئىكەن. شۇڭا كىتابىڭىزنى نەشىر قىلالمايمىز،» دېدى. مەن كىتابىمنىڭ قوليازما ئارگىنالىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ كىشى: «3 كۈندىن كېيىن كېلىپ ئېلىپ كېتىڭ،» دېدى. ھالبۇكى، مەن ئۈچ كۈندىن كېيىن، ھەتتا ئايلار ئۆتۈپمۇ كىتابىمنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىغا تاپشۇرۇلغان ئەسلىدىكى ئورىگىنال قوليازمىسىنى قايتۇرىۋالالمىدىم. ئاخىرىدا ئۇلار: «كەچۈرۈڭ، كىتابىڭىزنىڭ ئورىگىنال قوليازمىسىنى يوقىتىپ قويدۇق» دەپ  گەپنى كەستى. ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن ھەتتا كىتابىمنىڭ قوليازما نۇسخانىسىمۇ ماڭا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنىڭ سىرىنى ئەسلا بىلەلمىدىم.

1999-يىلى ئىيۇل ئايلىرىدا بېيجىڭدىكى 3 يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملاپ، ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم. شۇ يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا دوتسېنت بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم. شۇ كۈنلەردە ئاتاقلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، مەزكۇر كىتابىمنىڭ بىر نۇسخا فوتوكوپىيەسىنى مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كىتابىمنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققانلىقىنى، شۇنداقلا بىر ئامال قىلىپ نەشىر تەستىقى ئېلىپ بۇ كىتابىمنى نەشىر قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا: «بۇ مۇمكىنمۇ؟ 7 يىل بولاي دېدى، ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىكى نەشرىياتلارنىڭ ھەممىسى كىتابىمنى نەشىر قىلىشنى رەت قىلدى، كىتابىمنى نەشىر قىلماسلىق توغرىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكىي قارارى بارمىش. شۇنداقكەن، قانداق نەشىر قىلىمىز!؟» دېدىم ئۇنىڭغا. ئەمما يالقۇن روزى جىددىي ئىدى. ئۇ: «ھەر تەرەپتىن ئۇرۇنۇپ كۆرەيلى، مەن كىتابىڭىز ئۈچۈن تەستىق نومۇرى ئېلىشقا تىرىشاي،» دېدى.

9-رەسىم: ئاپتور ئەسەت سۇلايمان (ئوڭدا)، ئابدۇقادىر جالالىددىن (ئوتتۇرىدا) ۋە يالقۇن روزى (سولدا) بىلەن بىللە، 2005-يىل، ئۈرۈمچى

دېگەندەك، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يالقۇن روزى ماڭا تېلېفون قىلىپ، كىتابىم ئۈچۈن تەستىق نومۇرى ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ مېنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر خوش خەۋەر ئىدى. 7 يىلدىن بۇيان «ئاچچىق تولغاق ئازابى» چېكىۋاتقان بۇ ئەسىرىمنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن «رۇخسەتنامە» ئېلىنغان ئىدى! يالقۇن روزىنىڭ قانداق ئامال-چارىلەر بىلەن بۇ كىتابىم ئۈچۈن تەستىق نومۇرى ئالغانلىقى ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك سىر بولۇپ قالدى. يالقۇننىڭ پىكرى بىلەن كىتابىمنىڭ باش ماۋزۇسىدىن «بۆرە» سۆزىنى ئېلىۋېتىشنى، يەنى كىتابىمنىڭ تاش مۇقاۋىسىغا «ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى»  دەپ يېزىشنى، كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان ئىچ مۇقاۋىسىغا «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» دەپ ئەسكەرتىشنى لايىق كۆردۇق. مۇشۇنداق قىلغاندا باش ماۋزۇدىكى «سەزگۈرلۈك»تىن قاچىقىلى، سىياسىي سېنزورچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدۇق.

كىتابنىڭ ئاخىرىقى تۈزىتىلگەن نۇسخاسى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدا «غايىب» بولغاچقا، بۇ قېتىم قولۇمدىكى دەسلەپكى نۇسخانىڭ فوتوكوپىيەسىنى، يەنى 1994-يىلىنىڭ باشلىرىدا يېزىپ تاماملىغان دەسلەپكى نۇسخادىن كۆپەيتىۋالغان نۇسىانى نەشىرگە سۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇم. كىتابنى قايتا تۈزىتىشكە ۋە تولۇقلاشقا پۇرسەت ھەم مۇمكىنچىلىكمۇ بولمىدى، چۈنكى مىڭ تەستە قولغا كەلگەن «تەستىق»نى قاچۇرۇپ قويۇشنى مەنمۇ ھەم يالقۇنمۇ خالىمايتتۇق. شۇنداق قىلىپ، بۇ كىتابىم يېزىلغىلى توپ-توغرا 7 يىل بولغاندا، يەنى 2001-يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا ئاخىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

خەيرىيەت، بۇ كىتابىم نۇرغۇنلىغان «ئاچچىق كەچۈرمىش»لەردىن كېيىن ئاخىرى «يورۇق كۆرگەن» بولدى. ھالبۇكى، بۇ كىتابىمنىڭ يېزىلىشى، پۈتۈپ چىقىشى ۋە نەشرىياتلارغا سۇنۇلۇشىدا قەدىردان ئۇستازلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم، كەسپداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ كۆرسەتكەن سەمىمىي ياردەملىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولدى. ئاپتور بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتابىم دۇچ كەلگەن «سىياسىي بوران-چاپقۇن»لاردا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىمدا، پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن مېنى قوغدىغان، ماڭا ياردەم قىلغان ھەمدە يولۇمنى راۋان قىلىشقا تىرىشقان ئاشۇ ئۇستازلىرىمغا قەرزدارمەن. بۇ پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشنى، ئۇلارغا ئەڭ چوڭقۇر سۆيگۈمنى ھەم تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈشنى قەرزىم دەپ بىلىمەن.

1994-يىلى ئاپرىل ئايلىرىدا مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى سالامەتلىكىنىڭ تازا ياخشى بولمايۋاتقانلىقىغا قارىماي، مەزكۇر ئەسىرىمنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىققان ئىدى. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر كىتابىم ھەققىدە بەرگەن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى ۋە كىرىش سۆز ئورنىدا يېزىپ بەرگەن قوليازمىسى كېيىنكى ھايات يولۇمدا ماڭا ھەرۋاقىت ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە ئىلھام بېغىشلاپ كەلدى. 1995-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈر ئەپەندى 72 يېشىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتى. مۇنقەرز ۋەتىنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر «باھار چىللىغان»، «ئېتىكى شورلۇق» خەلقى ئۈچۈن «ياقا يىرتقان» بۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيادىن كەتتى. مەن بۇ يەردە مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى قەرزىم دەپ قارايمەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باشلىغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە بىلىم ئادەملىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تۈرلۈك ناملاردىكى ئاتالمىش سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك «جىنايەت»لەر بىلەن لاگېر ھەم تۈرمىلەرگە تاشلاندى. شۇلارنىڭ ئىچىدە ھۆرمەتلىك ئۇستازىم پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمانمۇ بار ئىدى. بىر ئۆمۈر ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان ئابدۇكېرىم راھمان 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بىر مەزگىلدە كوممۇنىست خىتاينىڭ تەقىبىدىن چەتتە قالمىغان ئىدى. 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بۇ پېشقەدەم بوۋاينىڭ 2018-يىلى ئاتالمىش «قايتا-تەربىيە» ئۈچۈن خىتاي لاگېرىغا قامىلىشى[1]، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى.[2] ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى 2020-يىلى 18-ئاۋغۇست كۈنى مەرھۇمنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.[3]  بۇ كىتابىمنىڭ يېزىلىشىدىن تارتىپ تاكى يورۇق كۆرگىچە بولغان جەرياندا مەرھۇم ئۇستازىم ئابدۇكېرىم راھماننىڭ بىۋاسىتە يېتەكلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. بۇ يەردە مەرھۇم ئۇستازىمنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك بۇرچۇم دەپ بىلىمەن.

بۇ كىتابىم يېزىلغان ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىغا سۇنۇلغان 1993-1994-يىللاردا يەنە بىر ئوقۇتقۇچۇم پروفېسسور ئازات سۇلتان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتاتتى. ئۇ شۇ يىللاردا بۇ كىتابىمنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن، مېنىڭ ماگېستېرلىق دىسسېرتاتسىيە ياقلىشىم ئۈچۈن بېيجىڭدىن ليۇ كۇيلى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. كېيىنچە كىتابىم ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەكشۈرۈلۈپ، مەن سوئال-سوراققا تارتىلغان مەزگىللەردە، ئۇ مېنى بار ئىمكانىيىتى بىلەن قوغدىغان، ماڭا ھەر ۋاقىت ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن ئىدى. يەنە بىر ئوقۇتقۇچۇم پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللامۇ شۇ يىللاردا بۇ كىتابىم ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بەرگەن ھەم تىلشۇناسلىق جەھەتلەردىن كۆپ ياردەملەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، 2018-يىلىغا كەلگەندە بۇ ئىككى نەپەر ئۇستازىم — پروفېسسور ئازات سۇلتان[4] بىلەن پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا[5] نىڭمۇ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلىك خاھىشى» (Two-faces tendencies) بىلەن لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى. كېيىنچە پروفېسسور ئازات سۇلتاننىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللادىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋەر بولمىدى. يېقىندا ئاڭلىشىمچە، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ، تۈرمىدە سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەچكە، ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن قومۇل تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېتىلىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، قەلبىم لەختە-لەختە بولدى…

10- رەسىم: ئاپتور ئەسەت سۇلايمان كەسپدىشى دوكتور راھىلە داۋۇت بىلەن بىللە، 2004-يىل نويابىر، لوندون

ھۆرمەتلىك كەسپدىشىم ۋە ئۇزۇن يىللىق پىكىرداش دوستۇم دوكتور راھىلە داۋۇت بىلەن ئىككىمىز شۇ يىللاردا پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ قولىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فولكلور كەسپى بويىچە ماگېستېرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان ئىدۇق. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈشىگە مەن ئوقۇشقا كىرگەن ئىدىم. 1992-يىلى مېنىڭ ماگېستېرلىق ماقالەم ئۈچۈن تېما بېكىتىش يىغىنى بولغاندا، باشقا كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار «بۆرە توتېمى» دىن ئىبارەت بۇ «سىياسىي سەزگۈرلۈكى يوقىرى» تېمىدىن ۋاز كېچىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما كەسپدىشىم راھىلە داۋۇت شۇ يىغىندا كەسكىنلىك بىلەن بۇنىڭ بىر سىياسەت تەتقىقاتى ئەمەس، بەلكى ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى بىر تېما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مېنى قوللىغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق يىغىندا كۈچلۈك ئاساسلارنى كەلتۈرۈپ پىكىر بېرىشى بىلەن مېنىڭ بۇ تېمىدا ماگېستېرلىق ماقالىسى يېزىشىم بېكىتىلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا، تاكى مەن 2008-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا كەسپدىشىم راھىلە داۋۇت بىلەن بىر فاكۇلتېت ۋە بىر كافېدرادا بىللە ئىشلىدۇق. كۆپلىگەن تەتقىقات تېمىلىرىنى بىرلىكتە تۈگەتتۇق. ئۇيغۇر فولكلورى ۋە خەلق ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ماگېستېر ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىكتە تەربىيەلىدۇق. ئەپسۇسكى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا كەسپدىشىم راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەلقئاراغا مەلۇم بولدى.[6] شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 2023-يىلىنىڭ سېنتەبىرگىچە بولغان 6 يىلدەك جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى. پەقەت 2023-يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئالىقاچان قاماققا كېسىۋېتىلگەنلىكى، نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.[7] ھالبۇكى، 2023-يىل 21-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى «دۈيخۇا فوندى جەمئىيىتى» (Duihua/Dialogue Foundation) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، راھىلە داۋۇتنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.[8]  بۇ خەۋەر پۈتكۈل دۇنيا ئىلىم ساھەسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى. ئۆز ئۆزۈمگە سوئاللار قويدۇم، تالاي قېتىم «نېمە ئۈچۈن؟» دەپ خىتاپ قىلدىم. بىر ئۆمۈر ئېتنوگرافىيە ۋە فولكلور مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا مۇھەببەت باغلىغان راھىلە داۋۇتتەك بىر ئاكادېمىكنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى، ھېچ بىر ئىنساننىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇنى دېيەلەيمەنكى، كەسپدىشىم ۋە سۆيۈملۈك دوستۇم راھىلە داۋۇتنىڭ تەقدىرى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدىكى مۇقەررەر قىسمىتى ئىدى! مەن بۇ كىتابىمنىڭ يېزىلىشى ۋە يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن ئۆز دەۋرىدە ماڭا ئىلھام، مەدەت بەرگەن، شۇنداقلا چىن دىلىدىن قوللىغان ھۆرمەتلىك كەسپدىشىم راھىلە داۋۇتنىڭ نامىنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ياد ئېتىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى، خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا ئۇنىڭغا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە سەبىر-چىدام ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن!

بۇ يەردە يەنە بىر پىكىردىشىم ۋە ۋەتەندىشىم يالقۇن روزىنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. ئەگەردە بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىللار ئىلگىرى ئوبزورچى يالقۇن روزى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، بۇ كىتابنى نەشىر قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن بولسا؛ شۇ زامانلاردا نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتۈپ «نەشىر نومۇرى» ئالمىغان بولسا؛ بۇ ئەسەر ھەرگىزمۇ يورۇقلۇققا چىقمىغان بولاتتى. يالقۇن روزى بۇ كىتابىمدىن باشقا شۇ يىللاردا يەنە مېنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»[9]، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»[10] قاتارلىق كىتابلىرىمنىمۇ نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. مەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئامېرىكادا يۈز كۆرۈشتۈم. بۇ 2015-يىلىنىڭ كۈز كۈنلىرى ئىدى. شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق يۈز كۆرۈشۈش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، يالقۇن روزى 2016-يىلى 12-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىنچە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.[11] مەن بۇ يەردە خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئوت يۈرەك قەلەم ساھىبى يالقۇن روزىنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاللاھدىن ئۇنىڭغا كۈچ-قۇۋۋەت، ئۈمىد-ئىشەنچ ۋە ئەركىنلىك تىلەيمەن!

قىسقىسى، «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» ناملىق بۇ كىتابىم يېزىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى نەشىر قىلىنغۇچە بولغان جەرياندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە كۈچلۈك سىياسىي سېنزور ئاستىدىكى ئازابلىق جەريانلىرىغا شاھىت بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بىلىم ئادەملىرى ۋە سەرخىللىرى ئارىلاشتى، خالىسانە ياردەمدە بولدى. بۈگۈن ئاشۇ قەدىردان ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چەكمەكتە، ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىمەكتە. مەن بۇ كىتابىمنى ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ ۋىجدانى بولغان ئاشۇ سۆيۈملۈك ئىنسانلارغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.

ئاخىرىدا بۇ كىتابىمنى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇيغۇرچىدىن تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان، بۇ جەريداندىكى مۇشەققەتلىك ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەرجىمە-تەھرىرلىك ئىشلىرىنى ئەڭ سەمىمىي رەۋىشتە ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۈركىيە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ھۆرمەتلىك دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمغا چوڭقۇر تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن! بۇ كىتابىمنىڭ تۈركچە نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن سەمىمىي تەۋسىيەلەردە بولغان ھەم قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەرگەن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىگىمۇ سەمىمىي مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

 ئەسەت سۇلايمان

2021-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى يېزىلدى، 2023-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرىقى قېتىم تۈزىتىلدى.

ۋاشىڭگتون

كىتابنىڭ پ د ف نۇسخىسى: بىر كىتابنىڭ 30 يىللىق ھېكايىسى – «بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى» قانداق يورۇقلۇققا چىقتى؟

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] “Five Uyghur Professors from Xinjiang University Held in Political ‘Re-education Camps’”, Radio Free Asia, 2018-09-18 (https://www.rfa.org/english/news/uyghur/professors-09182018151339.html);  “Scholars Reflect on Legacy of Uyghur Folklore Research Founder, Now in Detention”, Radio Free Asia, 2018-10-25, https://www.rfa.org/english/news/uyghur/AbdukerimRahman-10252018154407.html

[2] Amy Anderson, “How is Abdukerim Rahman surviving without his books?”, Art of Life in Chinese Central Asia, October, 02, 2018 (https://livingotherwise.com/2018/10/02/abdukerim-rahman-surviving-without-books/)

[3] “Tonulghan folklorshunas, peshqedem ustaz Abdukerim Rahman Ürümchide wapat boldi” Radio Free Asia Uyghur Service, 2020-08-18 (https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/abdukerim-rahman-08182020154039.html)

[4] “Uyghur Former Xinjiang University Vice President Detained For ‘Two-Faced’ Tendencies”, Radio Free Asia, 2018-09-24 (https://www.rfa.org/english/news/uyghur/professor-09242018164800.html)

[5] “Three Literature Professors and A Language Professor From Xinjiang University Sent To Re-Education Camp”, Committee of Concerned Scientist, Jan 15, 2019 (https://concernedscientists.org/tag/arslan-abdulla/)

[6] “Star Scholar Disappears as Crackdown Engulfs Western China”, The New York Times, 2018-08-10 (https://www.nytimes.com/2018/08/10/world/asia/china-xinjiang-rahile-dawut.html);  “China Targets Prominent Uighur Intellectuals to Erase an Ethnic Identity”, The New York Times, 2019-01-05 (https://www.nytimes.com/2019/01/05/world/asia/china-xinjiang-uighur-intellectuals.html);  Ruth Ingram, “Where Is Uyghur Folklore Expert Rahile Dawut?”, The Diplomat, November 23, 2020 (https://thediplomat.com/2020/11/where-is-uyghur-folklore-expert-rahile-dawut/)

[7] “Noted Uyghur Folklore Professor Serving Prison Term in China’s Xinjiang” Radio Free Asia, 2021-07-13 (https://www.rfa.org/english/news/uyghur/rahile-dawut-07132021175559.html)

[8] “Life Sentence for Professor Rahile Dawut Confirmed”, The Duihua Foundation, September 21, 2013 [https://duihua.org/life-sentence-for-professor-rahile-dawut-confirmed/]

[9] Eset Sulayman, Teklimakan’gha Dümlen’gen Roh [ ], Ürümçi: Şincan Halk Neşriyati, 2000

[10] Eset Sulayman, Tarim Qowuqi Çekilgende [ ], Ürümçi: Şincan Halk Neşriyati, 2002

[11] “China’s Sentencing of High-Level Uyghur Officials to Death Stuns Critics, Who Demand Evidence”, Radio Free Asia, 2021-04-09 (https://www.rfa.org/english/news/uyghur/sentencing-04092021165151.html)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top