You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئامېرىكا، ياپۇنىيە ۋە تۈركىيەدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىدە ئۇچرۇشۇپ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى

ئامېرىكا، ياپۇنىيە ۋە تۈركىيەدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىدە ئۇچرۇشۇپ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى

9- ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىشخانىسىدا ئامېرىكا، ياپۇنىيە ۋە تۈركىيەدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچرۇشۇپ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2023- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركىيەگە يىغىپ، ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت ۋە لىدېرلىق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى. ئالدىنقى يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئەنقەرەدە 2 ھەپتىلىك ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم بۇ كۇرسنىڭ ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت ۋە لىدېرلىق بويىچە تەربىيەلەش تۈرى ئىستانبۇلدا ئوخشاشلا ئىيۇل ئېيىدا 10 كۈن داۋاملاشتى.

گەرچە كۇرس ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىسىنىڭ ئۈزەلمەسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەكتە ئىدى. ئاۋغۇست ئېيىدا ئالدىنقى يىلنىڭ كۇرسانتلىرىدىن بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم كونا ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 9-ئاۋغۇست جۈمە كەچ ئۇلارنى ئاكادېمىيە ئىشخانىسىدا زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى.

ئۇچرۇشۇشقا ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن كېلىپ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئالدىنقى ۋە بۇ يىلىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان تۈركىيەدىكى ياشلار ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئۇچرۇشۇشتا ئاكادېمىيە ھەققىدە سۆز قىلىنغاندىن كېيىن ياشلار ئۆزئارا تونۇشتى ۋە ئالدىنقى يىلى ۋە بۇ يىلدىكى كۇرس ھەققىدە تەسىراتلىرىنى شۇنداقلا، بۇ كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرى بىلەن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بەزى ساۋاقداشلار يىغىندا يەنە يېڭى نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭى پىلانلارنى تۈزۈشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئېچىلغان تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ۋەتەن سىرتىدا توغۇلۇپ چوڭ بولغاچقا، ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بىرگە ئانا تىل ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دەرس ئېلىش پۇرسىتىگە تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ تۈر تەربىيەلەش كۇرسىلىرىغا ئىزچىل قاتنىشىشى بۇ ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتلىنىشىدا تۇنجى قەدەم بولۇپ قالغانلىقىنى ياشلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاش بىزلەرگە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بەرمەكتە.

ئۇچرۇشۇشتا ئاكادېمىيە ئۈچۈن ياشلارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىنىپ، بۇندىن كېيىن ياشلارنىڭ ئاكادېمىيەدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشى، ئاكادېمىيەنى ئۆزىنىڭ يېرىدەك بىلىپ كۆپرەك ئۇچرۇشۇپ تۇرۇشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top