You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 2-قارارى تاماملاندى

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 2-قارارى تاماملاندى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە پىلانلانغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 2- قارار لېكسىيەلىرى 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 2- ۋە 3- كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆي ئىشخانىسىدا تەشكىللەندى. ئىككى كۈنلۈك لېكسىيەدە تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارغا ۋە ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلار ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلىدى. تەربىيەلەش كۇرسىغا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 19 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.

بۇ قارارلىق تەربىيەلەش، دوتسېنت دوكتور راھىلە كاشىغەرى خانىمنىڭ «بىر مىللەتنىڭ قۇتۇلىشىدا ئەدەبىياتنىڭ رولى – ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مىللىي روھ» تېمىسىدىكى لېكسىيەسى بىلەن باشلىدى. دوتسېنت راھىلە كاشىغەرى خانىم لېكسىيەسىدە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قاچان ۋە قايسى جايلاردا بارلىققا كەلگەن؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قانداق ژانېرلار بار؟ ۋەكىللىرى كىملەر؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مىللىي روھنى ئويغىتىشتا قانداق رولى بار؟ قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە نوقتىلىق توختالدى.

ئۇ لېكسىيەسىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى كۆپ بۇرۇن بولسىمۇ، يېزىق ئەدەبىياتى 7- ئەسىرلەردە باشلىنىدۇ. شۇ دەۋردە يېزىلغان مەڭگۈ تاشلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇ زاماندىلا پاساھەتلىك ۋە كۈچلۈك بىر تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كىرىشى بىلەن، قاراخانىيلار ۋە چاغاتاي خانلىقلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى ۋە پۈتۈن تۈركىستان خەلقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاغاتاي ئەدەبىياتى بەش ئەسىر بويىچە ئورتاق ئۇيغۇر – تۈرك ئەدەبىياتى شەكلىدە داۋام قىلدى.»

Bir 8 kişi ve yazı görseli olabilir

«19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، سوۋېت ۋە خىتاي ئىشغالىيىتى ۋە چېگرالارنىڭ ئايرىلىشى قاتارلىقلار سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دېگەندەك ئىككى جۇغراپىيەگە ئايرىلىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. 20- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىچە مائارىپ جەدىتچىلىك ھەرىكىتى باشلاندى ۋە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ ھەرىكەت خىتاي ۋە يەرلىك فىئودال ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ پىداكارلارچە كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە يېڭى زامان مائارىپى ۋە يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.»

Bir 7 kişi ve ders çalışan insanlar görseli olabilir

«ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىستىقلالىيەتكە تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ھەم قەلەمدە ھەم ئەلەمدە مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋام قىلدۇرغان. خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن بولسا، ئۇيغۇر خەلقى ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ھەم پەرقلىق شەكىللەردە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. خىتاي ئاسمىلياتسىيەسىگە قارشى ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى قالقان قىلىپ ھېلىھەم مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى داۋام قىلىدۇرماقتا.»

Bir ‎1 kişi ve ‎şunu diyen bir yazı '‎iferent dried herbs, making nalized medicines according prescription. UygurAkademisi Uygur Akademisi Vakfi উু UyghurAcademy Uyghur Academy تاکادبمیسی تایغور_تاكابسيی لأيغور Foundation ؤمخبى‎'‎‎ görseli olabilir

بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 2- لېكىسيەسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئىستانبۇل ساغلاملىق بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور مەغپىرەت ئابدۇۋەلى بوزلار خانىم «ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات» تېمىسىدا دوكلات بەردى. مەغپىرەت خانىم، لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ 3 مىڭ يىللىق تارىخىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تىبابەت ئالىملىرىنى قىسقا تونۇشتۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ بويىچە تىبابەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيەتلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقتى.

Bir 10 kişi ve yazı görseli olabilir

مەغپىرەت خانىم لېكىسيەسىدە ئۇيغۇر تىبابتىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تەكىتلەپ، «ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ باشقا تىبابەتلەردىن پەرقى ئۈچ مىڭ يىلدىن بۇيان توختاۋسىز، زامانغا ماسلاشقان ھالەتتە داۋام قېلىشىدۇر. سېھرى كۈچكە تولغان ئۇيغۇر تىبابىتى – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بۇلۇش سۈپىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قۇشۇپ كەلمەكتە. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى كىسەللىك بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا توپلاپ رەتلەنگەن تىبابەت تەجرىبىللىرىنىڭ جەۋھىرى بۇلۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مىراسى ۋە مەدىنى بايلىقىدۇر،» دېدى.

Bir 11 kişi, ders çalışan insanlar ve yazı görseli olabilir

دوتسېنت مەغپىرەت ئابدۇۋەلى بوزلار خانىم يەنە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ تەكىتلىدى: «رېشىت رەخمەت ئارات ئىسىملىك تۈرك ئالىم تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىبابىتى توغرىسىدا كىتاپ يېزىلغان. يىڭنە سانجىپ داۋالاش تېخنىكىسى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنياغا ھەدىيە قىلىنغان بىر ئۇسۇل. ھازىر خىتايلار بۇ تېخنىكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سالماقتا. ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا تىبابەتتە شۇنداق تەرەققىي قىلغانكى، جەسەتلەرنىڭ چىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈنمۇ ئىزدەنگەن، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە تەكلىماكان ۋە كرورەندە تېپىلغان مۇميالارنىڭ ھەسەل ۋە كەرەپشە قاتارلىق ماتىرىياللار بىلەن ياسالغانلىقىدۇر. تەكلىماكان قۇملىقىدىن تېپىلغان ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇن مېڭە ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان. باشقا تىبابەتلەردىن كۆرۈنەرلىك بىر پەرق شۇكى، ئۈسۈملۈك بىلەن داۋالاشنى ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆرەلەيمىز.»

«نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت ماتېرىياللار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتايلار ئۇيغۇر تىبابىتىنى خىتاي تىبابىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسەتمەكتە. بىز بۇنىڭغا قارشى ئوقۇشتا ئەلاچى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئوقۇتۇپ، بۇ مىللىي مىراسىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز ۋە دۇنياغا تونۇتۇشىمىز ناھايىتى زۆرۈر.»

Bir 1 kişi, sakal, ders çalışıyor ve yazı görseli olabilir

كۇرسنىڭ 3-لېكىسيەسىدە، ئىستانبۇل گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر ئەپەندى «نوتۇق ۋە خىتاب ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات» تېمىسىدا دوكىلات بەردى. ئۇ لېكسىيەسىدە، نوتۇقنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، نوتۇقنىڭ ھەربىي، ھوقۇقىي، دىنىي، سىياسي ۋە ئىلمىي دەپ بەش تۈرگە ئايرىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

Bir 8 kişi ve yazı görseli olabilir

ئۇ ئىلمىي نوتۇق سۆزلەش ھەققىدە توختولۇپ، تەسىرلىك راۋان سۆزلەش، ئاڭلاش ۋە مۇھىم نوقتىلارنى تەكىتلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى. نۇتۇقتا تەكىتلەش، ئاھاڭ ۋە ھېسسىياتنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ نوتۇق سۆزلىگەندە يادلىۋېلىپ ئەمەس كۆڭۈلدىن چىقىرىپ سۆزلەش، ئەينەككە قاراپ ئەمەس، يۈرەكتىن سۆزلەش قاتارلىق ئوخشىتىشلىرى بىلەن نۇتۇقدا سەمىمىيەتنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىترىتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى. نوتۇق سۆزلىگەندە ئىشلەتكەن ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى ۋە ئىشلىتىش يېرىنى بەك ياخشى بېلىشىمىز كېرەكلىكىنى، نوتۇق سۆزلىگەندە ئاۋاز چىقىرىش يوللىرى ۋە بەدەن تىلىنى توغرا ئىشلىتىش توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللار بەردى.

Bir 9 kişi, ders çalışan insanlar, masa ve yazı görseli olabilir

ئۇ لېكىيسەسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى ئىكەنلىكىنى، تەپەككۇرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەلۇمات يوقسۇللىقىمىزغا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر مۇئەللىمنىڭ بۇ دەرسى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئەڭ قىزىققان ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق بىر دەرس بولۇپ قالدى، ياشلىرىمىز دوكتور مەمتىمىن بەكتىمۇر مۇئەللىمنىڭ يەنە داۋاملىق بۇ ھەقتە دەرس بېرىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشتى.

Bir 7 kişi, ders çalışan insanlar ve yazı görseli olabilir

بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش پائالىيىتىنىڭ 4-لېكىسيەسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى مائارىپ بۆلۈمى مۇدىرى ۋە سەرخىللار مائارىپى قۇرغۇچىسى دوكتۇر مەھمۇتجان ئۆزئۇيغۇر ئەپەندى « بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا پەن-تېخنىكىنىڭ رولى – سانلىق مەلۇمات ۋە سۇنئىي ئەقىل» تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

Bir 11 kişi, ders çalışan insanlar, masa ve yazı görseli olabilir

دوكتۇر مەھمۇتجان ئۆزئۇيغۇر لىكسىيەسىدە، مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا پەن تېخنىكىنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئۇ لىكسىيەسىدە سۈننىي ئەقىل، يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىلمىي ئەخلاق توغرىسىدا توختولۇپ، كۈنىمىزدە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم، كومپىيوتېر پروگرامما تۈزۈشنىڭ سىستېمىسىلىق ئاساسىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى دەپ، ئادەتتىكى پروگىرامما ئۆگىنىش بىلەن چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشنىڭ تېخنىكا ۋە فورمۇلا جەھەتتىكى مېخانىزىمىنى چۇشەندۇردى. ئۇ يەنە نېرۋا تورى بىلەن سۈنئىي نېرۋا تورىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەققىدە نېرۋا خاراكتېرلىك چۈشەندۈرۈش مىساللىرىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئىنسانلار سۈنئىي ئەقىلگە چەك قويمىسا، سۈنئىي ئەقىل ئىنسانلارغا تەھدىت بولىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

Bir 9 kişi ve ders çalışan insanlar görseli olabilir

ئۇ لىكسىيەسىدە، توردا پايدىلىق بىلىم ئېلىش، توغرا ۋە خاتا ئۈچۈرنى قانداق ئايرىش توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۇئال-جاۋاب شەكلىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن كەلگۇسىمىزنى قانداق شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ جەرياندا يۇقىرى تېخنىكىنى قانداق ئېشلىتىش كرەكلىكى ھەققىدە ئەمەلىي مىساللارنى بەردى.
دوكتور مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر لىكسىيەسىدە، بىز پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خىتايلارنىڭ مىللىتىمىزنى ئاسىمىلياتسىيە قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىمىزنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چەتئەللىكلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرساق خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارشىى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانىدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدى.

Bir 1 kişi, ders çalışıyor ve yazı görseli olabilir

تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 5-لېكىسيەسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى دوكتورانتى مېھىرىئاي شىرئەلى خانىم « ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مىللىي ئويغىنىشتىكى رولى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى. ئۇ، شېئىرلاردا ھېسىياتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بەزى «ئىنسانلار ۋەتىنى ئۈچۈن، بەزىلىرى ئاللاھ ئۈچۈن يەنە بەزىلىرى بىر ئىنسانغا بولغان ئاشقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شېئىرلارنى يازىدۇ،» دېدى ۋە باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن ھەققىدە شېئىرلار بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شېئىرلارنىڭ تۈرلىرى، تېمىلىرى ۋە شېئىرى مىسرالار ھەققىدە مەشھۇر ئۇيغۇر شائېرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدا بېرىلگەن ھېسىياتلار بىلەن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

Bir 10 kişi, ders çalışan insanlar ve masa görseli olabilir

مىھرىئاي خانىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى مىسالغا ئېلىپ شېئىرلارغا يۇشۇرۇنغان كۈچلۈك ھىسىيات ۋە ئۆتكۈر ئىدىيەلەرنى چۈشەندۈردى. ئۇ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىن يۈرەك سۆزىنى، دۇنيا كۆز قارىشى ۋە تارىخى پاكىتلارنى يازغان ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىنى كۇرسقا قاتناشقان ياشلارغا قىسقىچە تونۇشتۇردى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىشتىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

Bir 10 kişi ve masa görseli olabilir

ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئىككىنچى قارارلىق ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش پروگىراممىسى باشتىن-ئاخىرى ياشلارنىڭ لېكسىيەلەرگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى ۋە لېكسىيەلەردىن كېيىنكى سۇئال-جاۋاب ھەم مۇنازىرىلەر بىلەن قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە داۋام قىلدى. بۇ تەربىيەلەش كۇرسلىرى ھەر ئايدا 2 كۈندىن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىدۇ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top